+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-9-6 17:28 2268 قېتىم كۆرۈلدى 19 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي شىركىتى سىستېما (rom) چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى توختىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق:
يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ قولايلىق قىلىش ئۈچۈن 2017-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىستېما يېڭىلاش ئۇسۇلى پەقەت سىستېمىنىڭ ئۆزىدىن يېڭىلاش ئۇسۇلىغا بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئايرىم SD كارتا ياكى كومپىيۇتېر ئارقىلىق قاچىلىندىغان سىستېما تەمىنلەنمەيدۇ. بارلىق روم بولىقى مۇلازىمىتىردىن ئېلىۋېتىلىپ، چۈشۈرۈش بېتى تاقىلىدۇ.

دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىن خۇاۋېي يانفونىغا كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئايرىم روم چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرغا چېتىپ ياكى يانفونغا كۆچۈرۈپ تۇرۇپ روم قاچىلاشقا بولمايدۇ. پەقەت سىستېما ئۆزى يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتسە شۇ يەرنى بېسىپ يانفوننىڭ ئۆزىدە يېڭىلاشقا بولىدۇ.
بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ CyanogenMod、LiGux、力卓、X-UI、点心、深度、新蜂、乐蛙、百度云,腾讯TencentOS قاتارلىق ئاندرويد سىستېمىلىرى بىر-بىرلەپ توختىدى. ئەمدى خۇاۋېي ئايرىم سىستېما تەمىنلەشنى توختاتتى. بۇ بەلكىم گوگۇلنىڭ ئاندرويد سىستېمىسنى زور دەرىجىدە كونترول قىلىشنى باشلىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.
ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونغا سىستېما قاچىلاشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار:
1.  OTA يېڭىلاش: يانفوننىڭ ئۆزىدىن «سىستېما يېڭىلاش» (系统更新) دېگەن يەرنى بېسىپ، ئىگە تەرەپتىن تارقاتقان يېڭلانما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ يېڭىلاش. بۇ خىل ئۇسۇل ئاددىي، خەتەرسىز. تور ۋە توك بولسىلا كىچىك بالىمۇ سىستېمىنى يېڭىلىيالايدۇ. خۇاۋېي بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت مۇشۇ شەكىلنى قوللانماقچى.
2. كومپىيۇتېرغا چېتىپ تۇرۇپ روم يېزىش: كومپىيۇتېردا ماس كېلىدىغان رومنى چۈشۈرۋېلىپ، Fastboot、Adb ئارقىلىق روم يېزىلىدۇ. قوزغالماي «كېسەك» بولغان يانفوننى ئوڭشاش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.

3. كارتا ئارقىلىق روم يېزىش: رومنى SD كارتىغا ياكى يانفوننىڭ سىغىمىغا كۆچۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن Recvoery ئارقىلىق روم قاچىلىنىدۇ. ئەگەر ئۈچۈنجى تەرەپنىڭ ROM نى قاچىلىماقچى بولسا، ئۈچۈنجى تەرەپ Recvoery نى قاچىلاپ ئاندىن روم قاچىلىنىدۇ.

خۇۋېينىڭ بۇ قېتىم پەقەت OTA يېڭىلاشنى قوللىنىپ، باشقا خىل روم قاچىلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلارنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

19ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
كىيىك ۋاقتى: 2017-9-6 17:36:26
ئوۋ ما ئىشنى كۆرۈڭ،ئۇنداقتا خۇاۋىي يانفۇننىڭ سىستىمسىنى شۇلار ئۆزى ئەۋەتمىگۈچە يېڭلاشقا بولمايدىكەندە،ئەگەر يانفۇن كىسەك ھالەتكە چۈشۈپ قالساق قانداق قىلغۇلۇق،بۇلارنى ئۇلار ئويلىمغانمىدۇ
گىلەم
yarsiz ۋاقتى: 2017-9-6 17:44:36
ئەسلى  بۇ ئۇسۇلنى  بۇرۇنلا قوللۇنۇپ   ئەمدى    ئۇچ خىل   روم قاچىلاش شەكىلنى قوللانسا  يېڭلىق بۇلۇركەنتۇق
ئورۇندۇق
UYQIN ۋاقتى: 2017-9-6 18:03:43
ئۈچ  يىل  بۇرۇن  تېلفۇنغا كۈندە نەچچە قېتىم روم ئالماشتۇرۇپ ،كېچىلەپ ئۇخلىماي بىر ئىشلارنى  قىلىپ كەتكەنتۇق ،ھازىر  ئۇ كۈنلەمۇ  كەلمەسكە  كەتتى   ،تېلفۇنغا فونت قاچىلاشمۇ خوشياقمايدۇ  ھازىر  ،بۇمۇ   تېلفۇنلارنىڭ  تەرەققىياتىدىن  بولسا  كېرەك .
5-قەۋەت
mingyil2013 ۋاقتى: 2017-9-6 18:12:24
ئەمدى قوزغالماس بولۇپ قالسا تاشلايدىكەنمىزدە ياكى سىمسىز توردا ئاپتۇماتىك سېستىما چۈشۈرۈپ يېزىشقا بولىدىغان ئۇسۇلنى تەمىنلەرمۇ يا
6-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2017-9-6 18:23:07
سېستىما قىسىمىدا ئۇشاق كاشىللارنى تۈگەتسە ئايرىم سېستىما قاچىلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى ،ئەمما ئۇنداق بولمايدۇ دە،بەزىدە sd كارتىدىن سېستىما قاچىلاشقىمۇ ئىھتىياج چۈشۈپ قالاتتى،كۆپىنچە سىملىق سېستىمىلارنى تاپماق سەل تەس ئىدى.............
7-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-9-6 18:32:52
ناھايتى بەلەن يۈزلىنىش بوپتۇ !
8-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-9-6 18:39:54
ئۇنداق بولسا  يانفۇن  بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئېچىلماس كېسەك بولسا  ئۇنى قانداق ئۇڭشاش كېرەك ئۇ چاغدا  تېلفۇننى تاشلاپ قويۇپ  يەنە بىرنى ئالدىغان ئىشما،  بۇ  بومماپتۇ،  ئالمىغا  ئوخشاتسىمۇ ئالمىدەك مۇكەممەل  بولسا  بۇلىدىغان ئىش  مۇ
9-قەۋەت
infinite ۋاقتى: 2017-9-6 21:30:25
ئەمسە خۇاۋېي تىلىفۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە روملىرى يوقايدىكەندە ،بۇنداق بولسا روت ئىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغىدەك ئادەم ،تىلىفۇن قۇلۇپى ياسايدىغانلارغا بايرام بولىدىكەندە ......
10-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2017-9-6 22:16:16
ھازىر نىمكەش تىلفۇنغا قارايدىغان ئادەم بولمىسا كىچىك بالىلارنىڭ قۇلىدىمۇ چەكمە ئېكرانلىق تىلفۇن، ئىككى ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرىشى بار تېخى. ھامىنى بىر كۈنى تىلفۇنمۇ كومپىيوتىرنىڭ كۈنىگە قالىدىغۇ.
11-قەۋەت
alijan110 ۋاقتى: 2017-9-6 22:41:20
سېستىما قىسىمىدا ئۇشاق كاشىللار تۈپەيلى سېستىما قوزغالماس بولۇپ قالسا  قانداق قىلغۇلۇق...
12-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-9-6 23:22:25
بۇلار قۇشۇلمىسا باشقا ماركا بارغۇ ، ئەنسىرمەي خاتىرجەم يۈرىۋىرىڭلا بولدى ،
13-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-9-7 00:23:27
بۇ يانفوننىڭ بىخەتىرلىكىنى ئويلاشقان ئاساستا چىقىرىلغان قاراردەك قىلامدۇ نىمە بەلكىم بۇندىن كېيىن سىستىما يېزىپ قۇلۇپ پارول ئايدى ئاچقۇزۇش دىگەنلە كەلمەسكە كەتكۈدەك
14-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-9-7 01:47:58
دىمەكچى بولغىنى ئۈچۈنچى تەرەپ روم لېرىنى دىگەندۇ   ئەگەر تىلفۇننىڭ سېستىمىسىدا چاتاق چىقسا ئۆزىنىڭ ئورگان رومىنى قاچىلغىلى بۇلۇر دەيمەن غۇ  
15-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-9-7 12:41:11
گۈللە يوللىغان ۋاقتى  2017-9-7 01:47
دىمەكچى بولغىنى  ...

دىمەكچى بولغىنى تېلىفونغا يېڭىلاش ئۇچۇرى كەممىگۈچە يېڭىلىياممايسىز  ئورگان روملىرى دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس دىمىكچى شۇنداق بولغان ئىكەن بۇنىڭدىن كېيىن يانفۇننى روتلىيامماسلىقىمىز مۇمكىن شۇڭلاچقا سىستىمىدىن قانداقمۇ چاتاق چىقسۇن دىمەك ھېچكىم روتلىياممىغاندىكىن سىستىما بۇزۇلماي تېلفۇن ئۇزاق يىتىدۇ مانا بۇ خۇاۋىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىشىدىكى نىشانى بولسا كىرەك
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部