+تېما يوللاش
611 يوللانغان ۋاقتى:2017-7-15 10:27 1513 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىر كارات ئالماس زادى نەچچە پۇل؟ بۇ ئۈنچە  مەرۋايىتقا قىزىققۇچىلار دائىم سورايدىغان سۇئال، يەنە شۇنداقلا ئۈنچە مەرۋايىت سودىگەرلىرى قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە بېشى ئەڭ قاتىدىغان مەسىلە. كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە بىرىليانتقا نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگىلەرگە ئېنىقكى، بىرىليانتنىڭ باھاسى رەڭگى، سۈزۈكلۈكى، كېسىلىشى، ئېغىرلىقى (كارات سانى) قاتارلىق تۆت تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ تۆت جەھەتتىكى پەرق ۋە ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن ئوخشاش بولغان ئىككى تال ئالماسنىڭ باھاسىدىمۇ زور پەرىقلەر كۆرۈلىدۇ.


ئۇنداقتا، بىركارات ئالماسنىڭ باھاسى زادى نەچچە؟؟؟
  يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئېغىرلىقى ئوخشاش بولغان ئىككى تال بىركاراتلىق ئالماسنىڭ رەڭگى، سۈزۈكلۈكى ياكى كېسىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن باھاسىدىمۇ زور پەرقلەر كۆرۈلىدۇ. دېمەك، بىر كاراتلىق بىر تال ئالماسنىڭ باھاسىنى بەلگىلەشتە ئېغىرلىقىدىن باشقا، رەڭگى، سۈزۈكلۈكى، كېسىلىشى قاتارلىقلارمۇناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ



كارات carat ئالماس ئېغىرلىقىنىڭ ئورتاق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، قىسقارتىلىپ ct دەپ ئېلىنىدۇ.
ھازىرقى ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا:
بىر كارات =200 مىللىگىرام=0.2گىرام.
ئادەتتە ئېغىرلىقى بىر كاراتتىن تۆۋەن ئالماسلار پوئېنىت (point) بويىچە ئۆلچىنىدۇ. قىسقارتىلىپ  pt دەپ ئېلىنىدۇ. (1كارات=100 پوئېنىت).


رەڭگى:
ئالماس رەڭ جەھەتتىن رەڭلىك ئالماسلار ۋە رەڭسىز ئالماسلار، دەپ چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. رەڭلىك ئالماس تۈرلىرىدىن سېرىق، كۈلرەڭ، ھال رەڭ ۋە قارا رەڭلەر بار. ئالماسنىڭ رەڭ ئايرىمىسىنى ئامېرىكا گۆھەر ئىنستىتۇتى GIA ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، D دىن Zغىچە ئايرىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ رەڭ ئايرىمىسىنى بىز پەقەت رەڭسىزئالماسلارغىلا ئىشلىتىمىز.
D,E,F لار ئالاھىدە روشەن سۈزۈكلۈكنى، G~J غىچە بولغانلىرى ئادەتتىكى سۈزۈك ئالماسلارنىبىلدۈرىدۇ،K دىن تۆۋەنلىرى سۇس سېرىققا مايىللاشقان بولۇپ، كەسىپ ئەھلى بولمىسىمۇ سەللا دىققەت قىلساپەرق ئەتكىلى بولىدۇ.
كېسىلىشى:
كېسىپ پارچىلىنىشى ئالماس يالقۇن رەڭگىنىڭ چاقناش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. پارچىلاش جەريانىدىكى يۇمىلاقلىق، چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆلچەملەر ئالماسنىڭ نۇر قايتۇرۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ.
EX كۆڭۈلدىكىدەك پارچىلاش تېخنىكىسى، بۇنىڭغا پەقەت %3 يۇقىرى سۈپەتلىك ئالماسلارلا  يېتەلەيدۇ.
VG ئالاھىدە ياخشى پارچىلاش تېخنىكىسى، تەخمىنەن  ئالماس بۇ دەرىجىگە يېتەلەيدۇ.
G ياخشى بولغان پارچىلاش تېخنىكىسى، تەخمىنەن % ئالماس بۇ ئۆلچەمگە چۈشىدۇ.
ئادەتتىكى پارچىلاش تېخنىكىسى، تەخمىنەن 5 ئالماسقا بۇ تېخنىكىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە سۈپىتى ئەلا بولۇشى كېرەك، ئەمما نۇر قايتۇرۇش جەھەتتە G غىمۇ يەتمەيدۇ.


سۈزۈكلۈكى:
سۈزۈكلۈك ئالماسنىڭ تەبىئىيىتى. ھەر بىر ئالماس ئۆزىگە خاس تەبىئىي بەلگىلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ جۇلالىقلىقى تەبىئىي بەلگىلەرنىڭ مىقدارى، چوڭ - كىچىكلىكى، شەكىل -  ھالىتى، رەڭگى قاتارلىقلار ئالماسنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ھەمدە خاسلىقنى بەلگىلەيدۇ.
ئالماس سۈزۈكلۈك جەھەتتە، Fl ،lF دەرىجە، VVS2 ،VVS1 دەرىجە، VS2 ،VS1 دەرىجە ۋە Sll ،Sl2 قاتارلىق دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ.


خوش، ئۇنداقتا، بىر كاراتلىق ئالماسنىڭ باھاسى...
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالماسنىڭ باھاسىنى تۆت ئامىل بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، بىر كاراتلىق ئالماسنىڭ باھاسىنى قارىسىغىلا ئېيتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا باھا جەھەتتە، يۇقىرىقى تۆت ئۆلچەمگە قاراپ باھاسىنى بېكىتىمىز ھەم شۇنداقلا شۇ باھا بويىچە، بىرىليانت كۆزلۈك ئۈزۈك، ھالقىلارنى ياساپ چىقىمىز.
ھازىر دۇنيادا قىزىلىۋاتقان ئالماسلاردا 23 خىل رەڭ دەرىجىسى، 11 خىل سۈزۈكلۈك دەرىجىسى، 12 خىل كېسىپ پارچىلىنىش دەرىجىسى، 5 خىل چاقناش دەرىجىسى، شۇنداقلا يەنە باھالاپ بېكىتكەن ئورگاننىڭ كېنىشكە ئايرىمىلىرى بار.
يۇقىرىقى تەرەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ماتېماتىكىلىق ئوسۇلدا ھېسابلىغاندا، ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە ئىگە بولغان بىر كاراتلىق ئالماس 47 مىليون 437 مىڭ 500 خىلدىن ئارتۇق باھادا چىقىدۇ.(شۇڭا يەنىلا كونكرېت بىر تال ئالماسنىڭ دەرىجە ئايرىمىسىغا ئاساسەن باھاسىنى بېكىتىش ھەم ئالماسنىڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىرى بويىچە، باھاسىنى سوراش كېرەك).
(شىنجاڭ يىپەك يولى بەگە ئۈنچە مەرۋايىت چەكلىك شىركىتى تەييارلىدى)
بېرىليانت توغرىسىداسوئالىڭىز بولسا، بەگ ئۈنچە-مەرۋايىت چەكلىك شىركىتى خىزمەت ئۈندىدارىنى قوشۇۋېلىڭ.




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن
پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتكۈسى .

3ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-7-15 14:04:24
نىمىشقا 24 كاراتلىق ئالماس كۆپ ئۇچرايدىغاندۇ ؟ تىلىۋۇزۇر ، تورلاردىمۇ مۇشۇ
خىلنى كۆپ ئۇچرىتىدىكەنمىز
گىلەم
nafritim ۋاقتى: 2017-7-15 14:12:03
شۇنچە قىزىقسام ئاخىرىدا يەنىلا باھاسى يوقكەنيا
ئورۇندۇق
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-7-15 15:37:30
قاشتېشىنى قانداق پەرىقلەندۈرىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部