+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-5-15 20:52 2118 قېتىم كۆرۈلدى 40 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەلى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتنىشىپ تاراتقۇ ئارقىلىق تورداشلار بىلەن پىكىرلەشتى. بىۋاسىتە ئاڭلىتىش داۋامىدا، ما يۈن «بىر بەلباغ ، بىر يول»، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى، شىركەت تەرەققىياتى، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىقلارغا قارىتا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ما يۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بەزىلەر بىل گەيتىس بىلەن ياڭ جىيۈەن ئالىي مەكتەپنى تۇلۇق ئوقۇمىغان دېيىشىدۇ، جاھاندا بىرلا بېل گەيتىس ۋە ياڭ جىيۈەن بار، مېنىڭچە بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ئۆگىنىشكە بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقىماي ئىگىلىك تىكلىسىڭىز ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىسىز ھەم بەدەل تۆلەيسىز.»
ما يۈن مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ سىزگە پايدىلىق بولۇشى ناتايىن، ياكى ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق ئالىي مەكتەپتىكى سىستېمىلىق ئۆگىنىشنىڭ سىزگە نىسبەتەن پايدىسى بار. مەن نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنى كۆرگەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۈمىدۋار، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلاردىن ئاغرىنمايدۇ.»
ما يۈن يەنە: بىز ھەممىمىز ئىچكى توردا پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ، شىركەتتە مېنى تەنقىد قىلىدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ، ھەممىسى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تەنقىد قىلىدۇ.
«بىزنىڭ تۈزۈم-سىياسەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق كەلگەن، بىز تەنقىدلەشنى ئوڭاي دەپ قارايمىز، لېكىن تەنقىدكە چوقۇم ئىجابىي تەكلىپ قوشۇلۇشى كېرەك. ئەلى بابانىڭ مەدەنىيىتى شۇكى، تەنقىد قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئىجادىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىز كېرەك، ئادەم تىللاشنى كىم بىلمەيدۇ، ئاغرىنسىڭىز مەيلى، لېكىن كۈندە ئاغرىنىۋەرسىڭىز، خوجايىنىڭىز سىزدىن چوقۇم ساڭا نېمە بولدى دەپ سورايدۇ. ئاغرىنىشلاردىمۇ ئاكتىپ ئېنېرگىيە بولىدۇ، سىز چوقۇم تەكلىپ بېرىشىڭىز كېرەك، قارىغۇلارچە بۇ بولمايدۇ، ئۇ بولمايدۇ دەپ ئاغرىنىۋەرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ شىركەتدىن ئايرىلىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.»
چوقۇنۇش ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: مەن مەبۇد ئەمەس، ھەرقانداق بىر ئادەم قارىماققا يامان ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن چۈشەنسىڭىز نۇرغۇن كەمچىللىكى بولىدۇ؛ «ما يۈن باشقىلار ئېيتقاندەك ئۇنداقمۇ ياخشى ئەمەس، ھەم چوقۇم باشقىلار ئېيتقاندەك ئۇنداقمۇ ئەسكى ئەمەس، باشقىلارنىڭ كاللىسىدىكى ما يۈن مەن ئەمەس، بەزىلەر مېنى تىللىشىدۇ، ئۇ مەن ئەمەس، بەزىلەر مېنى مەبۇد دەپ ماختىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، مەن يەنىلا مەن.»
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

40ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-5-16 03:03:54
مۇنداق بىر گەپ بار :  ئۇتۇق قازانسىڭىز سىزنىڭ ھەربىر سۆزىڭىز  قائىدىگە ئايلىنىدۇ ھالبۇكى ئۇتۇق قازىنالمىسىڭىز   توغرا بولغان گەپ سۆز قائىدىلىرىڭىزمۇ ئۇسۇرۇق قا ئايلىنىدۇ  .  دەپ ..
تەۋسىيىلەش
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-5-16 14:32:19
نىمە ئىش قىلسىڭىز (پەقەت ئەخلاققا مۇخالىپ بولمىسىلا) ھەقدادىغا يەتكۇزۇپ قىلالىسىڭىز سىز نوچى ،مانا بۇ بىزنىڭ مۇئەللىملەر دىگەن گەپ .ئويلاپ باقسام بۇ گەپ بەك توغرا.يەنە بىرى «كۆز ئىچىدىكى كۆز ،سۆز ئىچىدىكى سۆز» دىگەن كىتاپتا ئىيتلغاندەك «ئەگەر بىر كىشى ياكى بىر قەۋم تەرەققىي قىلىپ ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭسا ،ئۇنىڭ ئۇسرىقى باشقلارغا ئىپار پۇرايدۇ…» دىمەك باشقىلار قانداق قىلغان بولسا ئۇزىگە توغرا ،بىزلەر پەقەت ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن ئىبرەت ئېلىپ ئۇزىمىزنى ياخشىلىساق ،مانا بۇ غەلبە .(بۇ مىنىڭ شەخسىي قارىشىم )
تۆر
don-2 ۋاقتى: 2017-5-15 20:56:19
مايۈندەك بۇلغىلى بىزگە خىلى با جۈما
گىلەم
kanhor ۋاقتى: 2017-5-15 21:07:33
ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن ئەقلى ھەقىقەتەن چوڭ جۇما ……………جۇما بۇ مايۈننىڭ……
ئورۇندۇق
كۆلەڭگە8 ۋاقتى: 2017-5-15 21:16:39
ئەلى بابا مۇ  ياكى ئالى بابا مۇ
5-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-5-15 21:33:50
نىمدا ئويغا سالدۇ بۇ تىما  ئادەمنى
6-قەۋەت
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-16 00:29:30
نامى چىققانلار نېمىلا دېسە توغرا ؟ ھەم ھىكمەت بوپقالىدۇ ! باشلانغۇچنىمۇ ئوقۇماي تۇرۇپ نىنىي ئىگلىك تىكلىگەنلەرنى كۆرگەن مەن . . .
7-قەۋەت
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-16 00:32:10
ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ گىپىنى پەقەت ئاڭلاپ قويسىلا بولىدۇ لېكىن بەك چوڭقۇر ئويلۇنۇپ كىتىشكە بولمايدۇ !
8-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-5-16 01:12:21
Boy卍HEr〇 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-16 00:29
نامى چىققانلار نېمىلا دېسە توغرا ؟ ھەم ھىكمەت بوپقالىد ...

ئەڭ ئاددييسى ئۇ چاغدا مەدەنىيەت سەۋىيسىنى ئانچە سۈرۈشتۈرمەيتى ، بۇنىمۇ ئويلىشىشىڭىز كىرەك ،
9-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2017-5-16 01:18:57
Boy卍HEr〇 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-16 00:32
ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ گىپىنى پەقەت ئاڭلاپ قويسىلا بولى ...

ھېچبىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتمىغان ياكى بىرەر نەتىجىسى يوق ئادەمنىڭ گىپىگە ھە دەپلا قويىمىز. مايۈندەكلەنىڭ گېپىگە خېلى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ
11-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-5-16 03:11:38
مەكتەپتە ئۇقۇغاننىڭ زىينى يوق ، ھەممە جەھەتتىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا ئاندىن ھەممىنى چۈشۈنۈپ ( ئاددىيسى تۇرمۇش  ،  باشقىلا بىلەن بولغان ئالاقە دىگەندەك )  ئىگىلىك تىكلەشكە بولمىسۇن ۋەياكى باشقا ئىشلادا بولمىسۇن كۆپ پايدىسى با .  

ئۇقۇغان ئادەم بىلەن ئۇقۇمىغان ئادەمنى سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ .   
بىرتۈركۈم قارا قۇرساق ئادەملەنىڭ ئۈلۈمىدىن ، بىر بىلىملىك دىيانەتلىك ئادەمنىڭ ئۈلۈمى ئېچىنىشلىق ..
12-قەۋەت
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-16 03:13:09
akbulut يوللىغان ۋاقتى  2017-5-16 01:18
ھېچبىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتمىغان ياكى بىرەر نەتىجىسى يو ...

دېمەكچى بولغىنىم بەك ئىچكىرلەپ كەتسە ئادەم ئۆزىدىكى ئىجاتجانلىقنى يوقىتىپ ئوخشىتىش ياكى ئۈلگە ئېلىشنى ئاساقىلىپ ئىش قىلدىغان مايمۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ !  
مەسلەن مانداق ئىشنى قىلسىڭىز مانداق جاپانى تارتىپ كىتىسىز دىسە شۇ سۆزنىڭ تەسىردە شۇ ئىشنى قىلىپ باقماي ئايلىنىپ ئۆتۈشمۈ بەك ئاقىلانىلىك ئەمەس چۈنكى ئادەم تامغا ئۈسكەندىن كېيىن ئاندىن يېڭى ئەقىل تاپىدۇ !
13-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2017-5-16 08:04:52
Boy卍HEr〇 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-16 03:13
دېمەكچى بولغىنىم بەك ئىچكىرلەپ كەتسە ئادەم ئۆزىدىكى  ...

توغرا دىدىڭىز. چوقۇم مايۈندەك ۋەياكى باشقا ئۈلگىلىك كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، شۇلارنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن ئىلھام ياكى ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك. ئۇلارغا چۇقۇنۇش توغرا ئەمەس
14-قەۋەت
؟؟؟؟ ۋاقتى: 2017-5-16 09:55:08
قايسى بىرەيلەن مۇنداق دەپتىكەن.ئۇتۇق قازانغۇچىلار ئۆزلىرى مۇۋاپىقيەتكە ئىرشىپ بولغاندىن كىيىن يۇقىرغا چىقشىغا ياردەم بەرگەن شوتىنىڭ ھەر بىر ۋاخنىسنى سۇندۇرۋىتىپ ئاندىن پەستكلەرگە قاراپ مەن بۇ يەرگە ئۇچۇپ چىققان ،سەنمۇ تىرشىپ ئۇچۇپ چىق .دەپ توۋلايدىكەن.

قايسى كىتاپتا كۆرگىنم تازا ئىسىمدە يوق.
15-قەۋەت
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-16 11:18:20
؟؟؟؟ يوللىغان ۋاقتى  2017-5-16 09:55
قايسى بىرەيلەن مۇنداق دەپتىكەن.ئۇتۇق قازانغۇچىلار ئۆز ...

نۇر ئەلى ئابلىزنىڭ ‹بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت› دېگەن كىتابىدا چىقىدۇ ! لېكىن ئۇكىتاپتا بۇ جۈملە سۆزنى پالانى كىتاپتا دېيىلگەن دەپ چىقاتتى ئەسلى كىتاپنى بىلمەيدىكەنمەن .
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部