+تېما يوللاش
ۋېلى زىرەككەك يوللانغان ۋاقتى:2016-1-13 11:19 7459 قېتىم كۆرۈلدى 34 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(Androidنۇسخىسى) ئېلان قىلغاندىن كېيىن،يەنە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(IOSنۇسخىسى) ئېلان قىلدى.
  چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ لىڭيۈن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ يۇمشاق دېتالغا خەنزۇچە پۈتۈن جۈملىنى پىنيىن بىلەن كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى كونۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش، سانلارنى كىرگۈزۈش، تىنىش بەلگىلىرى ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەشغۇلاتى ئاددىي، قوللىنىشچان، تېز ۋە قولاي.
  ھازىر بۇ دېتال رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەقسىز تەمىنلەندى (چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp)، يانفونغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دېتالنى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتۇق، ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك ياخشى باھا بەردى. ئاساسىي قاتلامدىكى خەنزۇ كادىرلار: «يانفونغا يۇمشاق دېتالنى قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ بىلەن خەنزۇچىنىمۇ، ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزگىلى بولىدىكەن، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىز ئۆستى، قىزغىنلىقىمىز ئاشتى» دېيىشتى. بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار بەس-بەستە:«بۇ دېتال ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىغا ئالاقە كۆۋرۈكى سالدى» دېيىشتى. بۇ دېتال يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدىن مېھرىگۈل خېلىل تەرجىمىسى )
  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
   بۇ دىتالدا قانداق خاتالىق بايقىساڭلار سۈرىتى بىلەن قوشۇپ يوللاپ قويۇڭلار !ياردەم بىرىمەن !(ئابدۇۋەلى كاشكارى)
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش10 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

34ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
AHMAT0997 ۋاقتى: 2016-1-13 11:47:06
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 11:57  

كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۆرۈمسىز ياساپ قۇيۇپتۇ بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ.
بۇ نەشىرى مىنىڭ يانفۇنۇمغا نورمال قاچىلانمىدى

Screenshot_2016-01-13-09-46-10-425.png (29.63 KB, چۈشۈرۈش سانى: 41)

Screenshot_2016-01-13-09-46-10-425.png
گىلەم
AHMAT0997 ۋاقتى: 2016-1-13 12:05:28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 12:12  

يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xjuit.biz/cn/down.asp?id=73

Screenshot_2016-01-13-09-59-14-115.png (65.03 KB, چۈشۈرۈش سانى: 44)

Screenshot_2016-01-13-09-59-14-115.png
ئورۇندۇق
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-1-13 12:09:05
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 09:47
كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۆرۈمسىز ياساپ قۇيۇپتۇ بۇ كىرگۈ ...

ئاندىرويىتى نەچچە ؟تىلفۇن تىپىچۇ ؟
5-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-1-13 12:10:08
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 09:47
كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۆرۈمسىز ياساپ قۇيۇپتۇ بۇ كىرگۈ ...

كونۇپكا تاختىسىنى يوللاڭ باشقىلارمۇ باھالاپ باقسۇن
6-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-1-13 12:12:36
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 10:05
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xj ...

ئۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىچىلمايدىكەنغۇ ؟
7-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2016-1-13 12:13:33
ئىقتىدارى تونۇشتۇرۇشلىرىغا قارىغاندا ئاندىرويىد نۇسقىسىدىنمۇ نوچى ياسىۋەتتىمۇ نىمە
8-قەۋەت
AHMAT0997 ۋاقتى: 2016-1-13 12:15:10
ئۇيغۇرچە تور ئېچىلمايدۇ خەنزۇچە تور ئادىرىستا تۇرۇپ چۈشۈرسىلە
9-قەۋەت
AHMAT0997 ۋاقتى: 2016-1-13 12:17:00
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 12:19  
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 12:12
ئۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىچىلمايدىكەنغۇ ؟


مانا يوللاپ قويدۇم.بۇ خەتلەرنى ھازىر بۇ خەتلەرنى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ياسىغان ئاۋازلىق كىرگۈزۈچتە ئاۋازلىق، يېزىۋاتىمەن سىزگە.

Screenshot_2016-01-13-09-59-14-115.png (65.03 KB, چۈشۈرۈش سانى: 32)

Screenshot_2016-01-13-09-59-14-115.png
10-قەۋەت
سال ۋاقتى: 2016-1-13 13:36:04
AHMAT0997يوللاش2سائەت ئىلگىرىبۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AHMAT099
مەندىمۇ بارتى بۇ كىرگۈزگۈچ،دەسلەپتە نورمالتى،كىيىن  ئىنتىرىنىتقا ئۇلىنالمىدى دەپ چىقىۋىلىپ  پەقەت ئىشلىتەلمىدىم،سىزنىڭكىدە نورمالمۇ؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
11-قەۋەت
ئالبىنى ۋاقتى: 2016-1-13 13:52:36
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 12:05
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xj ...

سىزنىڭنىكىنى نەدىن چۈشۈرمىز ئەۋەتىپ بىرىڭە
12-قەۋەت
سودىگەر1 ۋاقتى: 2016-1-13 17:12:45
ۋاباتىكەنما ئىقتىدارى ياخشىكەنمانىڭ ئاۋازى تونۇشى خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋاز ئارقىلىق يېزىۋاتىمەن ھازىر
13-قەۋەت
ئەركە1 ۋاقتى: 2016-1-13 17:24:36
AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 12:05
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xj ...

بۇنىڭدا خ ھەرپى چىقمايدىكەن ئەمەسمۇ
14-قەۋەت
asrar729 ۋاقتى: 2016-1-13 17:33:09
بۇنىڭ ئاۋاز ئارقىلىق كىرگۇزدىغان يىرى يوقمۇ قاندا ، يا مەن تاپامىدىممۇ。。。。。。。。
15-قەۋەت
مەھمۇد ۋاقتى: 2016-1-13 18:41:51
ئەپستور دىن چۈشۈرگىلى بولامدۇ ؟
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部