+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-5 19:00 1601 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كىندىل Kindle دەپ ئامازوننىڭ بىر ئېلېكترونلۇق كىتاپ ئوقۇغۇچ ئۈسكۈنىسى بار. تاختا كومپىيۇتېرغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئېكرانى سىياھ ئېكران. رەڭسىز. سىرتقا نۇر چىقارمايدۇ. كۆزگە ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق. خۇددى قەغەزدىكى خەتنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيسىز. سىياھ ئېكراننىڭ توك سەرپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن، مەزمۇن كۆرۈنۈپ بولغاندىن كېيىن توك سەرپ بولمايدۇ. شۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئامازون كىندىل ياخشى بازار تېپىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالغان.



رۇسىيە شۇ كىندىلدىن ئىلھام ئېلىپ قوش ئېكرانلىق yotaphone يانفوننى ياساپ چىققان. بۇ يانفوننىڭ ئىككى ئېكرانى بار. ئالدى تەرىپى باشقا يانفونغا ئوخشاش رەڭلىك ئېكران. ئارقا تەرىپىدە سىياھ ئېكران بار. يېقىندا yotaphone3 نىڭ سەپلىمىلىرى ئېلان قىلىندى. 9-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنماقچى.


بۇ يازمىدا دېمەكچى بولغىنىمىز ئايفوننىڭ گېپى.  iPhone 7/7 Plus كە ماس ياسالغان  InkCase i7 يانفون قېپى ئېلان قىلىندى. بۇ قاپ يانفوننى قوغداشتىن باشقا يەنە سىياھ ئېكرانى بار. Carta 1.2 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىپ ئايفون بىلەن كۆكچىش ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ. ئايرىم باتارىيەسى بار. سىياھ ئېكراننىڭ 4.3 دىيۇملۇق ۋە 5.2 دىيۇملۇق ئىككى خىلى بار. بۇ قاپنىڭ قېلىنلىقى 4.5mm ؛ سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.





بۇ قاپتىكى ئېكراندا ئېلېكترونلۇق كىتاپ كۆرگەندىن باشقا يەنە يانفوننىڭ كەينى تەرىپىدىكى كامېرادا ئۆزىنى رەسىمگە تارتقاندا تەقلىدىي كۆرسىتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا يانفوننىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كامېراغا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ.





InkCase i7 قاپنىڭ باھاسى 50 دوللار (338 يۈەن) ۋە 89 دوللار (602 يۈەن)
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-7-5 21:23:42
ۋاھ … نىمدا پەيزى ، ئاندىرويىد نىڭ قاچان چىقا
گىلەم
alfa215 ۋاقتى: 2017-7-6 02:46:21
بۇمۇ  بولىدىغاندەك قىلىدۇ. باھاسىمۇ مۇۋاپىقكەن
ئورۇندۇق
begmurad ۋاقتى: 2017-7-6 09:20:30
بۇلىدىغان نەرسىكەن، ئاندىرويىدنىڭكىنىمۇ ياساپ  شاپاق نەرقىدە بازارغا سالسا بولمامدۇ دەيمە،،،،
5-قەۋەت
komsar ۋاقتى: 2017-7-6 10:40:39
ئايفون8  دە  ئېكراننىڭ ئاستى قىسمىنى ئىنتايىن كىچىكلىتىش ئۈچۈن home كونوپكىسىنى ئېلىۋېتىپتىكەنتۇق، بۇ  ئارقىلىق ئىران چوڭىيىپ بىرخىل پەيزى بوپقاپتىكەن ،  لىكىن ئېكراننىڭ ئۈستى تەرىپىنىمۇ  شۇنداق گىرۋەككە ئەكىلىپ كىچىكلىتىش ئۈچۈن قۇلاق لاباسى، ئالدى تىلكامىرا ۋە يۇرۇقلۇق سەزگۈچى سىنزور تاقىشاتتى ،  بۇ تېخنىكا كىيىنچە قاپ ئورنىدا ئەمەس ئەمەلىي تېلفۇننىڭ كەينىگە ئىشلىتىلسە تېلفۇننىڭ ئالدى تىلكامىراسى تەبىيلا ئىشلىتىشتىن قالىدۇ، يۇرۇقلۇق سەزگۈچى سىنزورغىمۇ ئامال كۆپ ،  پەقەت شۇ  قۇلاق لاباسىنىلا  ياخشى ئورۇنلاشتۇرسا   ئىككى  ئۈچ يىل ئىچىدە قوش ئېكرانلىق ۋە  تۇلۇق ئېكرانلىق تېلفۇن  مەيدانغا  كىلىشى  مۇمكىن
6-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-9 00:29:36
komsar يوللىغان ۋاقتى  2017-7-6 10:40
ئايفون8  دە  ئېكراننىڭ ئاستى قىسمىنى ئىنتايىن كىچىكلىت ...

ئەگەشتىم
7-قەۋەت
قەيىيۇم ۋاقتى: 2017-7-9 08:44:27
قانداق چۇشۇرمىز چۇشۇرۇش ئادىرىسى يۇققۇ
8-قەۋەت
alimahat ۋاقتى: 2017-7-16 15:34:38
بۇنى مەن ئېلىپ ئىشلىتىپ باقتىم.ئىقتىدارى ھەققەتەن بولىدكەن بىراق PDFكىتاپلارنى بىۋاستە قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部