+تېما يوللاش
uyghur-svip يوللانغان ۋاقتى:2015-11-14 10:33 1358 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-14 12:05  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
مەن ئادەتتە يۇمشاق دىتال بىلەن ھەپىلىشىمەن، ھەم تور بىكەت بىلەنمۇ ھەپىلىشىمەن.  Html + Css مىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا ئوينايدىغان «ئەرمىكىم». بىراق مىنىڭ رەڭ سەزگۈرۈم تازا ياخشى ئەمەسمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بامۇ ئىشىلىپ رەڭلەرنى تازا ماسلاشتۇرالمايمەن. مۇشۇنداق بولمىسىمۇ بىراق تەييار لاھىيەنى بەرسە ھەممە توركۆرگۈلەرگە ماسلاشتۇرۇپ لاھىيەدىكىدەك يېزىشتا قىسىلىشىم ئاساسەن يوق، بىراق كودنى ھەر ۋاقىت قولدا يېزىپ بولغىلى بولمايدۇدە(يا ئۇيغۇرچە بولمىغاندىكىن ئۇ كود). مەن پەقەت بىر تور كۆرگۈچكە ماسلاشتۇرۇپ يازسام، بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ باشقا توركۆرگۈچلەرگە ماسلاشتۇرالىسام دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم.  ئەگەر مەن
body {
    animation:abduwaris;
}

دەپ يازسام، ئۇ ماڭا
body {
    -moz-animation: abduwaris;
    -o-animation: abduwaris;
    -webkit-animation: abduwaris;
    animation: abduwaris;
}

بۇنداق ئۆزگەرتىپ بىرىشى كىرەك. ھەم گاھىدا 3- تەرەپ UI رامكىلىرىنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ تۇلىسىنىڭ يۈلىنىشى ئەرەب يېزىقىنىڭ يۈلىنىشى بىلەن قارشى بولغاچقا ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ، لېكىن كود يازغاندىن ئۆزگەرتمەك قىيىن بولغاچقا مۇشۇ رامكىلارنى بىر قۇرال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسام دەپ ئويلايتتىم، كىيىن Visual Studio نىڭ قىستۇرمىسىنى ئىشلەتكەنمۇ بولدىم، بىراق بۇ Visual Studio قوزغالمىسا ئىشلىمەيدۇ، مۇشۇ بىرقۇز ئىشنى قىلىش ئۈچۈن Visual Studio نى قوزغىتامدىم؟ ياق، ئۇنداق قىلمايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇزۇندىن بىرى CSS نى .Net ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ ئۇشبۇ قۇرالنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم، مەن Css نى ئانالىز قىلىشنى Html غا قارىغاندا ئاددى دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئۇنداق ئەمەسكەن، مەن ئۈچۈن Html نى ئانالىز قىلىشتىن بەك تەس تۇيۇلدى، قول سېلىپ بىر يەرلەرگە باردىم، ئىلگىرلەش بار بىراق ھىسابلاپ 20000 قۇر ئەتراپىدا كود يازىدىكەنمەن. خىزمەتتىن سىرت ۋاقتىم قىس بولغاچقا تەييار بولغان CSS ئانالىز قىلىش تۈرىنى ئىشلىتىپ ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ قۇرالنى يېزىپ چىقتىم. بۇنىڭدا تېخى ئىچىش ۋە ئىزدىنىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان تېخى ۋۇجۇتقا چىقمىغان يەرلىرى بار، بۇنى ۋاقتىنچە چەكلەپ تۇردۇم.
بۇ قۇرالدا ئەمەلگە ئاشماقچى بولغان ئىقتىدارلار:
1. Css نى  ئانالىز قىلىش.
2. Css نى سىقىش.
3. Css نى ھازىرقى ئاۋات تور كۆرگۈچلەرگە ماسلاشتۇرۇش.
4. Css يۈلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ۋە تاللاپ ئۆزگەرتىش.
4. خەت نۇسقىسى قۇشۇشقا بۇلىدىغاان يەرلىرىگە بىر كۇنۇپكا بىلەن خەت نۇسقىسى قۇشۇش.
5. تەھرىرلەش.
6. Html بىلەن بىرلەشتۈرۈپ Html خەتكۈچلىرى ئىچىدىكى Css خاسلىقلىرىغا ئىنىقلىما بىرىش ۋە ئىھتىياجقا ئاساسەن ئۆزگەرتىش؛

ھازىر ئەمەلگە ئېشىپ بولغانلىرى:
1. Css نى ئانالىز قىلىش.
2. بىر كۇنۇپكا بىلەن CSS نىڭ يۈلىنىشىنى ئۆزگەرتىش.

ئەگەر سىزنىڭ يەنە ئويلىغانلىرىڭىز بولسا مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بۇلىدۇ. كىيىنكى نەشرىلىرىدە چۇقۇم تۇلۇقلاشقا تىرىشىمەن.
Css نى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ExCss تۈر ھۆججىتىنىڭ ئەسلى كودى ئىشلىتىلدى ۋە ئىھتىياجىمغا ئاساسەن بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆزگەرتتىم. ئەسلى كودتىن كۈرۈۋالغايسىلەر. مىنىڭ قىلغىنىم ExCss ئانالىز قىلىپ بەرگەن ھۆججەتنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئانالىز قىلدىم ۋە يۈلىنىش ئۆزگەرتىش ئىقتىدارلىرىنى يېزىپ چىقتىم.
يۈلىنىش ئۆزگەرتىش ئىقتىدارلىرى:
مەسلەن:
float: left;
    right: 10px;
    left: 20px;
    margin: 10px 3px 5px 0;
    padding:10px 20px 30px 40px;
    padding-right:50px;
    background: no-repeat right;
    border-color: #111 #222 #333 #444;
    border-radius:3px 4px 5px 6px;
    border-bottom-left-radius:5px;

Css ھۆججىتىنىڭ مەزمۇنى يۇقىرقىدەك بولسا، ئۇنى تۈۋەندىكى كودقا ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بىرىدۇ.
body {
    float: right;
    left: 10px;
    right: 20px;
    margin: 10px 0 5px 3px;
    padding:10px 40px 30px 20px;
    padding-left:50px;
    background: no-repeat left;
    border-color: #111 #444 #333 #222;
    border-radius:4px 3px 6px 5px;
    border-bottom-right-radius:5px;
}

بۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا كۆپ ۋاقتنى تىجەيدۇ.
بۇ قېتىمدا يۈلىنىشنى ئۆزگەرتىشتە ئاساسلىق ئۈنۈمگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان Css خاسلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ شۇلارنى ئۆزگەرتتىم، يەنە نۇرغۇنلىغان خاسلىقلار مىنىڭ ئىزدىنىشىمگە ساقلاپ تۇرىدۇ.
تۈۋەندىكىسى بۇ قۇرال ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان Css خاسلىقلىرى:
right
left
float
margin
margin-right
margin-left
padding
padding-right
padding-left
border-width
border-style
border-color
border-right
border-right-width
border-right-style
border-right-color
border-left
border-left-width
border-left-style
border-left-color
border-image-width
border-image-outset
border-image-slice
border-radius
border-top-left-radius
border-top-right-radius
border-bottom-right-radius
border-bottom-left-radius
background
background-position
text-align
direction
nav-right
nav-left


ئەگەر يۇقىرقى خاسلىقلار ئىچىدە ئۆزگەرتىلمەي قالغان يەرلىرى بولسا مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ خاسلىقلار ئىچىگە كىرمگىنى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەگەر مۇھىم دەپ قارىغان، بۇلاردىن چۈشۈپ قالغان خاسلىقلار بولسا ئىنكاس قىلساڭلار تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمەن. بۇ قۇرال ئىنتايىن كىچىك، پەقەت 250kb ئەتراپىدا.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
دىتالنىڭ كۈرۈنمە يۈزى تۈۋەندىكىدەك:




Css ھۆججىتىنى تاللىغاندىن كىيىن «يۈلىنىشى ئۆزگەرتىلسۇن» تاللىغاندىن كىيىن باشلاش كۇنۇپكىسى بېسىپ ساقلايسىز، ئەگەر يۈلىنىش ئۆزگەرتىش تاللانمىسا ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قايتا فورماتلاپ ساقلاپ بىرىدۇ، ھەم ئەسلىدىكى ھۆججەت نامىنىڭ كەينىگە rtl قۇشۇمچىسىنى قۇشۇپ ساڭلايدۇ: يەنى ئەسلى ھۆججەت نامى تۈۋەندىكىدەك بولسا:
bootstrap.min.css

بۇنى
bootstrap.min.rtl.css

گە ئۆزگەرتىپ ساڭلاپ بىرىدۇ. قالدىسىنى يېزىپ يۈرمەي، يېزىلىش جەريانىمنى ئەسلى كودنى كۈرۈپ باھا بەرگەيسىلەر، يەنە قۇشىلىدىغان ئىقتىدارلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرغايسىلەر.

كىيىنكى نەشرىدە  ئۆزگەرتىلىدىغان ۋە قۇشۇلىدىغان ئىقتىدارلار:
1. ئارا يۈزى ئۆزگەرتىلىپ ئالاھىدە چىرايلىق ھەم يېقىشلىق بۇلىدۇ.
2. Css ھۆججىتنى سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى قۇشىلىدۇ.
3. يۈلىنىشى ئۆزگەرتىدىغان ئىلمىنىتلار كۈپەيتىلىدۇ، ۋە ئانالىز ئىقتىدارى قۇشىلىدۇ.
3. خەت نۇسقىسى بىر كۇنۇپكا بىلەن تاللاپ قۇشۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
4. 5 چوڭ تور كۆرگۈچكا ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى قۇشىلىدۇ.

ئىجرا مۇھىتى: .Net Framework 4.5 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرى.

بۇ قۇرالنى چۈشۈرۈش: CssAgilityPack_V1.0.1.zip (246.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 86)

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-11-14 11:36):


چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاخىردىكى zipنى exeغا ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئىشىلتىڭلار [/s...





تولۇقلىما مەزمۇن (2015-11-14 14:23):


مەنبە :نۇرقۇت تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
بونجۇق + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
پەرھات ئەلى Androidھەۋەسكارى

5ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
于于于于于 ۋاقتى: 2015-11-14 11:28:30
گىلەم
alipalim ۋاقتى: 2015-11-14 12:01:28
رەھمەت  سىزگە   قېنى  بىر  چۈشۈرۈپ    باقاي
ئورۇندۇق
sburkut ۋاقتى: 2015-11-14 14:08:40
تېما ئەسكەرتىلمىگەن ،مەزكۇر تېما نۇرقۇت تورىغا تەۋە ،تېما ئەسكەرتىلسۇن!
5-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2015-11-15 10:49:51
بۇ ئىككى تېما نۇرقۇت تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ تېمىسى.
قائىدە بويىچە نۇرقۇتتىن باشقا تور بەتلەرگە يوللانماسلىقى كېرەكتى. تېما ئىگىسى بىلمەي يوللىغان بولسا كېرەك.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.
@alip
6-قەۋەت
yigana240 ۋاقتى: 2015-11-16 04:37:02
ئەگەر مۇمكىن بولسا كۆد يېزىش توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىپ ئوتسىڭىز بوپتىكەن قانداق يازىمىز قانداق ئىشلىتىمىز دىگەندەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部