+تېما يوللاش
فەخرىي يوللانغان ۋاقتى:2017-5-13 16:16 2204 قېتىم كۆرۈلدى 20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-13 16:28  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار ، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەقلىي تېلىفۇنلار ئومۇملاشقانسىرى كۆپىنچىمىز كومپيۇتېردىن بارا بار يىراقلىشىۋاتىمىز ، ئەمما شۇ ئەقلىي تېلىفۇنلار ئاخىرىدا يەنىلا كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدۇ ، دېمەك بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز يەنىلا كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدۇ . ئۈندىدار سالونىدىكى شۇ بىر بىرىدىن كۆچۈرۈلگەن تەكرار تېمىلار ، بىزگە ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان تايىنى يوق ئەخلەت مەزمۇنلار ۋاقتىمىزنى ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ ( ئەمما يەنىلا بىر قىسىم ئىجادىي مەزمۇنلۇق ياخشى سالونلارمۇ بار  ) ، شۇ يانفۇن بىزنى ئەتراپىمىزدىكى مېھىر مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىلدى ، تور بەت ، مۇنبەرلەر قاقاسلىشىپ كەتتى ، مەن بۇرۇنقى ئەقلىيفون يوق ، توربەت ، مۇنبەرلەر قايناق شۇ دەۋىرنى تولىمۇ سېغىندىم ...
ئاساسلىق مەقسەتكە كېلەي ..  ئۆزۈم بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىككى تال كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
( بۇ دېتالنى بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلار ياكى بىلىدىغانلار ئازراق سەۋىر قىلىپ ، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپ سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئىنكاس يازمىغايسىزلەر ، شۇ بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن ، پايدىلانسۇن دەپلا يازدىم )
ئەسكەرتىش : بۇ دېتاللار تېڭشۈننىڭ تور دېسكىسىغا يوللاندى. ھەمبەھىرلەش ئادرىسى ئاران يەتتە كۈن نورمال ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋالغايسىزلەر ، ۋاقتىم يېتەرلىك بولمىغاچ ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغان ئامالنى ئىزدەپ بولالمىدىم ، بىلىدىغانلار ئوڭشاپ قويارسىلەر رەھمەت.

1.Uninstall_Tool



مەزكۇر يۇمشاق دېتال يىشىۋېتىلگەن بولۇپ قاچىلاش ھاجەتسىز ، پىرىستىن يېشىپلا قوش چىكىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
بۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقى : سىغىمى كىچىك ، قاچىلاش ھاجەتسىز ، ئېلانسىز ، تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەيدىغان بولۇپ ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھەرقانداق دېتالنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ، يۇمشاق دېتال قاچىلاش جەريانىدا 注册表 غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى ياكى قوشۇپ قويىشى مۇمكىن، ئادەتتە سىز 控制面板 — 卸载程序  دىن ئۆچۈرسىڭىز قوشۇلۇپ قالغان ياكى ئۆزگەرگەن 注册表 شۇ پېتى قالىدۇ . ئەمما بۇ دېتالدا ئۆچۈرسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزغا شۇ سىز ئۆچۈرگەن دېتالنى بۇرۇن قاچىلاپ باقمىغاندەكلا پاكپاكىز ئۆچىرىدۇ ، ھېچقانداق قالدۇق ئەخلەتلىرىنى قالدۇرۇپ قويمايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
مەزكۇر دېتالنى قوزغىتىپ كومپيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرمەكچى بولغان دېتالنى تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى 卸载 دېگەن تاللاشنى بېسىڭ. ( 360 بىخەتەرلىك چوماقچىسىنى ئۆچۈرگەندىكى سىناق )


بۇ ۋاقىتتا ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان يۇمشاق دېتال نورمال تەرتىپتە ئۆچۈرۈلۈشنى باشلايدۇ ، كىيىنكى قەدەم ، ئۇ بۇ تاللاشلارنى ئۆزىڭىز بېسىپ بېرىسىز جۇمۇ ، نورمال تەرتىپتە ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ


مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋېتىڭ . شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر دېتال ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان دېتالنىڭ قالدۇق ئەخلەتلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي ئۆچۈرۈشكە باشلايدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


ۋۇي تېخى ، بۇ قېلىن دېتالنىڭ يەنىلا قالدۇق ئەخلەتلىرى بار ئىكەن ، 完成 نى بېسىپ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرىتىۋېتىڭ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


شۇنىڭ بىلەن ئۆچۈرۈلمەكچى بولغان دېتالنىڭ يەتتە ئەۋلاد جەددى جەمەتى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىلدى . ئەمما بەزى بىر يۈزى قېلىن جاھىل دېتاللار ( ئاساسەن ۋىروسخور يۇمشاق دېتاللار ئاسان يۇيۇلمايدۇ )كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغاتمىغۇچە كومپيۇتېرىڭىزدىن چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمايدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋەتسىڭىزلا كومپيۇتېرىڭىزنى كېيىنكى قېتىم قايتا قوزغاتسىڭىز تۈپ يىلتىزىدىن يوقايدۇ. بۇ دېتالنىڭ يەنە كومپيۇتېر بىلەن بىللە قوزغىلىدىغان دېتاللارنى چەكلەش ئىقتىدارىمۇ بار ، مەزكۇر دېتالنى قوزغىتىپ 自启动项 نى چىكىپ ئوڭ تەرەپتىن بىللە قوزغىلىشنى چەكلىمەكچى بولغان دېتالنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. رەسىمدىكىدەك


يىنىك بېسىپ چۈشۈرۈڭ

2.Unlocker

مەزكۇر دېتالمۇ سىغىمى كىچىك ، ئۆزى يىنىك ئېلانسىز ، تورسىز مۇھىتتىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان دېتال بولۇپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە .
بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى : نورمال تەرتىپتە كومپيۇتېرىڭىزدىن ئۆچۈرەلمىگەن ، ئۆچۈرگەندە ھوقۇق تەلەپ قىلىدىغان ھەرقانداق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : مەزكۇر دېتالنى نورمال تەرتىپتە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، سىز ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ Unlocker دېگەن تاللاشنى چىكىڭ . ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن سول تەرەپتىن 删除 نى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇشنى بېسىۋەتسىڭىز سىز يۇيماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يۇيۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدك


بەزىدە سىز يۇيماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى بىرەر  ئۇرۇق تۇغقىنى ئارقا سەھنىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بولسا ئاۋۋال شۇنى ۋەزىپىدىن توختىتىڭ، يەنى سول تەرەپتىن 删除 نى تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى 解锁 ياكى 全部解锁 نى تاللاپ يۇيۇڭ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


يىنىك بېسىپ چۈشۈرۈڭ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
/uyghurbag + 20

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش11 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
0996faruk ۋاقتى: 2017-5-13 17:37:24
رەھمەت  مەن ئىزدەۋاتقان   دېتاللاركە    ئىشلىتىپ   كۆرۇپ باقاي ،
گىلەم
艾麦尔 ۋاقتى: 2017-5-13 17:44:38
رەھمەت سىزگە! ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن! مۇشۇنداق ياخشى دېتاللار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!
ئورۇندۇق
ئوغلان132 ۋاقتى: 2017-5-13 17:53:45
كۆپ رەھمەت جۇمۇ ،ئەسقاتقۇدەك ياخشى دىتاللاركەن
5-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2017-5-13 18:21:11
كۆپ رەھمەت ،ياخشى ئەپلەركەن، مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن يانفۇن قېتىۋېلىپ يانفۇندىكى مۇھىم دەپ قارىغان ماتىرياللارنى يۇۋەتتىم ئەسلىگە كەلتۇرۇش يۇمشاق دىتالى بارمىدۇ  ئالىپ تورىدا چىقىرىلغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتال ئەپلىرى كۆپ لېكىن بىرەسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولمىدى  بىرەسىڭلاردا يىشىلگەن ئەسلىگە كەلتۇرۇش دىتالى بولسا يوللاپ قويساڭلار سىلەردىن بەكمۇ خۇشال بولغان بۇلاتتىم ،
http://m.cloud.189.cn/t/IbyEFjQBnEZb
بۇنى چۈشۈردۈم لېكىن قاچىلانمىدى
تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ
6-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2017-5-13 18:25:09
http://m.cloud.189.cn/t/IbyEFjQBnEZb
بۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتالى قاچىلانمىدى
يانفوندا ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۈچۈرۈلگەن ماتىرياللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتالى بار مۇ جىددى ياردەم قىلساڭلار
ئەسلى پاخال  ئىنكاس يازغۇم قەتتى يوق ئىدى كەچۈرۋېتىڭلا قېرىنداشلار
7-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-5-13 19:23:45
ماڭا خەنزۇچە خەتكە كامىرانى توغۇرلىساق پىنيىنىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەپ لازىم.  قايسىڭلاردا بار
8-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-5-13 22:42:12
نىمىنداق ياخشى   دىتاللار بۇ    ، سىستىمىسىغا   زاۋۇتتىن قۇشۋەتكىدەك دىتاللار ئىكەن ،
9-قەۋەت
hakisa ۋاقتى: 2017-5-14 00:19:08
توغرا دەيسىز  ئاستا ئاستا تاقىلىپ قېلىۋاتقان ئىسىل مۇنبەرلەر  ئادەمنى راسلا بىئارام قىلىدۇ   شۇڭا  بىرە تىمىغا كىرىپ  كۈرۈپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتمەي  تىما ئىگىسىگە رەھمەت دىگەندىن باشقا مەزمۇنى ساغلام    كۈڭلۈڭلاردا ئويلىغان ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ قويساق
10-قەۋەت
kul1 ۋاقتى: 2017-5-14 00:24:55
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم قوزغالماي ئىككىلىك كوتنىڭ رەسىمى چىقىۋېلىپ ئۇنى ئوڭشىيالماي پىلاستىنكىدا سىستىما قاچىلىسام قاچىلىنىپ بۇلۇپ كومپىيۇتىر نى قايتا قوزغاتسام خاتالىق  چىقىپ تۇرىۋالدى  بۇرۇنقى سىستىمىسى win10ئىدى ھازىر لوبو سەينى قاچىلىغان
11-قەۋەت
UdUnOhLi ۋاقتى: 2017-5-14 02:54:00
kul1 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-14 00:24
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم قوزغالماي ئىككىلىك كوتنىڭ رەسىمى چ ...

لوبو سەي دىگەن قانداق سېستىما ئەمدى؟؟؟؟؟
12-قەۋەت
dostak ۋاقتى: 2017-5-14 16:18:50
ۋوي باركەنسىز ھە  ئۇزۇن بوپتۇ سېزنىڭ يازمىلىرىڭىز ياكى ئېنكاسلىڭىزنى كۆرمۈدۈم، بۈگۈنكى تىمىڭىزنى كۆرۈپ راسلا خۇش بولدۇم.
ئويمۇچىلىق ئېشلىرڭىز قانداقراق؟
13-قەۋەت
MASSI ۋاقتى: 2017-5-14 19:09:05
ھىلىقى شىرنىڭ سۈرىتى با ۋىرۇس تازلىغۇچننىمۇ ئۆچۈرۋەتتى     360  تىڭشۈن جىنشەن قاتارلىق ۋىرۇس تازلىغۇچلا ئۆچىرەلمىگەن      ياخشى نەرسىلەرنى بالدۇراق يۇللىساڭلا   بۇلاتتىكىەن   
14-قەۋەت
0903XAX ۋاقتى: 2017-5-14 22:01:48
ياخشى  دىتالكەن
15-قەۋەت
bahtimsanmu ۋاقتى: 2017-5-15 15:17:02
كومپىيۇتېردىكى يۇيۇلغان  ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى
بولامدۇ   ئۈندىدار 2973827288
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部