+تېما يوللاش
uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى:2017-8-27 21:56 1865 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

يېقىندا بىر قىسىم تورداشلار بۇرۇن ئاكتىپلاپ ئىشلىتىۋاتقان  Windwos10 نىڭ ئاكتىپلاڭ، ئاكتىپ ھالىتىنىڭ ۋاقتى توشتى دېگەندەك ئۇچۇرلار چىقىۋېلىپ، سىستېمىنى نورمال ئىشلىتەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشتى.
مۇنداق ئويلاپ باقسام ھە قاچان شۇنداق مەسىلىگە يولۇققانلارنىڭ جىقلىرى سىستېمىنى پۇلغا سېتىۋالماي ئۈچىنچى تەرەپ ئاكتىپلاش دېتاللىرىدا ئاكتىپلىغانغۇ دەيمەن. شۇ ئاماللىرىڭلارنى مىكروسوفت سېزىپ قېلىپ ئاكتىپلاش نومۇرىڭلارنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتكەچكە مۇشۇنداق مەسىلە چىقىدۇ.
ھەممىڭلار مەن ئىشلىتىۋاتقان سىستېما ئاكتىپلانغانمىدۇ، ئاكتىپلاش نومۇرىنىڭ ۋاقتى توشتى دەپ چىقىۋالارمۇ دەپ ئويلىدىڭلار ھە قاچان. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىستېماڭلار ئاكتىپلانغانمۇ يوق بىلمەكچى بولساڭلار
بۇ كومپيۇتېر (此电脑) نىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن خاسلىق (属性) نى تاللاپ چىققان كۆزنەككە قارىساڭلار سىستېمىنىڭ ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر.

Windwos 10 سىستېمىڭىزنىڭ قايسى ئۇسۇلدا ئاكتىپلانغانلىقىنى بىلمىسىڭىز
تەڭشەك  - يېڭىلاش ۋە بىخەتەرلىك  - ئاكتىپلاش (设置-更新和安全-激活) غا كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىڭىزنىڭ نەشرى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى بۇ تەڭشەككە كىرىشتە ئازراق ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن.

ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزغا Windwos10 نىڭ قانداق قاچىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلمىسىڭىز (ئۆزىڭىز قاچىلىمىغان ياكى كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدىن چىققان )، يەنە بۇ يەردە « رەقەملىك ئىجازەتنامىدە ئاكتىپلىدى » (数字许可证激活) دەپ چىققان بولسا يازمىغا رەسمىي دىققەت قىلىڭ ئەمىسە.
سىستېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاكتىپلانغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق.
كومپيۇتېرىڭىزدىكى winodws كۇنۇپكىسى (سول تەرەپ بۇلۇڭدىكى ctrl بىلەن alt كۇنۇپكىسىنىڭ ئارىسىدىكى، windwos نىڭ بەلگىسى بار كۇنۇپكا) R كۇنۇپكىسىنى بىللە باسسىڭىز Win + R ئىجرا قىلىش كۆزنىكى چىقىدۇ. (باشلاش تىزىملىكىدىن ئاچسىڭىزمۇ مەيلى).
شۇ يەرگە
slmgr.vbs -xpr
نى يېزىپ، Enter كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئاكتىپلانغان ھالەتنى كۆرسىتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردە ئۈستىدىكى قۇردا سىستېما نەشر ئۇچۇرى، ئاستىدىكى قۇردا ئاكتىپ ھالىتى چىقىدۇ.
بۇنىڭدا كومپيۇتېرىڭىز مەڭگۈلۈك ئاكتىپلانغان (计算机已永久激活) دەپ چىقسا خاتىرجەم ئىشلىتىۋېرىڭ.

ماۋۇ مېنىڭكىدەك مەلۇم ۋاقىتتا ئاكتىپ ۋاقتى توشىدۇ دېسە شۇ چاغقىچە چىداپ ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

بۇ KMS دېگەندەك ئاكتىپلاش دېتاللىرىدا ياكى سىناق ھېسابات نومۇرىدا ۋاقىتلىق ئاكتىپلىغان Windwos10 سىستېمىسىدۇر. ئاكتىپ ۋاقتى توشسا قايتا ئاكتىپلايسىز.
تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرمەكچى بولسىڭىز بايا ئاچقان ئىجرا قىلىش رامكىسىغا
slmgr.vbs -dlv
نىر كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ. سىستېمىنىڭ ھەممە ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەردە ئاكتىپ ۋاقتى ۋە ئاكتىپلىغان ئۇسۇلغا تەپسىلىي قارىسىڭىز ھەممىنى بىلەلەيسىز.

مۇشۇنداق ئاكتىپلاش دېتاللىرىدا ئاكتىپلىغان سىستېمىلار ئاكتىپ ۋاقتى توشقاندا قايتا ئاكتىپلىغىلى سالىدۇ.
شۇڭا ئىشلىتىۋاتقان Windows10 سىستېمىڭىزنىڭ بىر كۈنلەردە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىڭ. ئاددىي ئۇسۇلى windows 7 /8 لەرنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى تېپىپ Winodws 10 نى ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ياكى مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ يولغا قويغان ئالاھىدە ئاكتىپلاش ئۇسۇلى (مەسىلەن دۆلىتىمىزدە تىڭشۈن، 360 دېگەنلەرنىڭ بىر قىسىم دېتاللىرىدا winodws10 غا ھەقسىز ئاكتىپلاش مۇلازىمىتى بار) دا ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ياكى مىكروسوفت ئۆزى تەمىنلىگەن ئادرېسقا كىرىپ
https://www.microsoft.com/zh-cn/accessibility/windows10upgrade
يېڭىلاش دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، سىستېمىنى يېڭىلاپ، مىكروسوفت ھېساباتىڭىزدا كىرسىڭىز سىستېما ئاكتىپلاندى دەپ چىقىدۇ، يەنە كېلىپ مەڭگۈلۈك ئاكتىپلانغان ھالەتتە. لېكىن بۇ ئامالنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، سىز تىزىملاپ كىرگەن بۇ ھېساباتنى مىكروسوفت مېيىپلار ھېساباتى دەپ خاتىرىلىۋالىدۇ. شۇڭا پات پات غېرىب - غۇرۋالارنىڭ « بېشىنى سىيلاپ » قويىدىغان ئەھۋال يوق دېگىلى بولمايدۇ.
ئەمدى ھەقسىز ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا مېيىپ دېسىمۇ چىداپ ئىشلىتىپ تۇرمايمىزمۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش13 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ibra ۋاقتى: 2017-8-27 23:00:48
ئۇ ھەقىقىي پايدىلىنىش قىممىتى بار تېمى ىكەن ئىنكاسىم بىلەن ساقلاپ قوياي.
گىلەم
qeqnus ۋاقتى: 2017-8-28 11:16:38
ئورۇندۇق
ゞFαんЯι ۋاقتى: 2017-8-28 15:33:29
رەھمەت ئىسىل  تىمىكەن
5-قەۋەت
ゞFαんЯι ۋاقتى: 2017-8-28 15:35:30
مەندە samsung  110s1jكومپىيۇتىرى بارسىستىما يازسام كۆك چىش ئىزدەش  ئىقتىدارى يوق بولدى  چۆگلەپلام تۇردۇ ئىزدەپ  تاپمايدۇ  بۇنىڭ ئامالى بامۇ
6-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2017-8-28 23:27:47
ゞFαんЯι يوللىغان ۋاقتى  2017-8-28 15:35
مەندە samsung  110s1jكومپىيۇ ...

قوزغاتقۇچ قاچىلاڭ
7-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-29 00:33:15

تېڭشۈن يا 360 نىڭ قايسى دېتاللىرىدا بار ئاكتىپلاش مۇلازىمىتى؟
8-قەۋەت
ゞFαんЯι ۋاقتى: 2017-8-29 13:57:52
uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى  2017-8-28 23:27
قوزغاتقۇچ قاچىلاڭ

قوزغاتقۇش دىگىنىڭىز ؟  
9-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2017-8-29 23:20:36

驱动
ئادەتتە ئاۋاز، تور، كۆك چىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوزغاتقۇچ ھۆججىتى بولىدۇ
10-قەۋەت
Umudwarghu ۋاقتى: 2017-8-29 23:20:51
ゞFαんЯι يوللىغان ۋاقتى  2017-8-29 13:57
قوزغاتقۇش دىگىن ...

قوزغاتقۇچ←(驱动器چۈدوڭچى)
11-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-30 01:38:35
ۋىن 7 يا 8 نىڭ ھەقىقى تەرتىپ نومۇرىنى نەدىن تاپقىلى بولار؟
kms تىن راستلا زېرىكتىم
12-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-30 01:42:13
مەن توردا دىيىلگەن ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ راستلا ئاكتىپلىيالمىدىم،cmdغا بۇيرۇق يېزىش،kms ۋە 暴风  ئاكتىپلىغۇچ ئىشلىتىش،توردىكى تەرتىپ نومۇرلىرىنى يېزىپ بېقىش، ھەممىسى بىر ئىككى ئايلىق ئاكتىپلىدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部