+تېما يوللاش
چوغ يوللانغان ۋاقتى:2017-5-22 19:47 2617 قېتىم كۆرۈلدى 21 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
16-قەۋەت
alijan110 ۋاقتى: 2017-5-24 15:00:03
pinhan يوللىغان ۋاقتى  2017-5-24 12:18
بەگمۇرادنىڭ ئېيتقىنى توغرا خاككىر دەپ ئايرىم كەسىپ يو ...

ئىسىل ئىنكاس، ئىنكاس دېگەن مۇشۇنىڭدەك مېغىزلىق بولمامدۇ دەيمەن!
17-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-5-24 16:26:52
ئىنكاسىنىڭ داۋامىنى يازساق
شۇنداق قىلىپ .... خاككىرلار خىيالىڭلارچە ھىچقانداق ئوچۇق ئېغىز ياكى يوچۇق يوق پىروگىراممىغا سىرتتىن ئۈشكە ئەكىلىپ تىشىپ كىرمەيدۇ ياكى شۇ كومپىيۇتېر كونىراپ قېلىپ بىر يەرلىرى شالاقشىپ ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ قالمايدۇ ، بەلكى شۇ  كومپىيۇتېردا بەزى ئېغىزلار بەزى ئېھتىياجلار سەۋەبلىك ئوچۇق قالدۇرۇلدۇ . شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇسلار شۇ كومپىيۇتېردىكى ئوچۇق تۇرۇشقا تىگىشلىك ئېغىزدىكى كىرىپ چىقىش كىلىشىمىدىن پايدىلىنىپ كۆز بوياپ كېرىۋالىدۇ . مەسلەن بۇ قېتىقى ۋىرۇسمۇ 445 ئېغىزىدىن كىرىدىكەن ، بۇ ئېغىز نىمە ئېغىزكىن دېمەڭ ، ئەگەر سىلەرنىڭ ئىدارىدە بىرلا پىرىنتىر بولۇپ ، بۇ پىرىنتىر سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزغا ئۇلانغان بولسا ، باشقا خىزمەتداشلار بۇ پىرىنتىردىن پايدىلىنىش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ پىرىنتىرىڭىزنى يەرلىك توردىكى خىزمەتداشلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەپ بەرمەكچى بېرىسىز ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتداشلىرىڭىز ھەمبەھىرلەنگەن بۇ پىرىنتىر ئارقىلىق ماتىرياللىرىنى تاراسلىتىپ بېسىپ چىقىرىدۇ . دەل مۇشۇ پىرنتىرنى ھەمبەھىرلەش جەريانىدا سىز 445 ئېغىزىنى ئېچىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئىشىكىڭىزنى ئاچماي تۇرۇپ ئۆيگە مىھمان باشلايدىغان لاۋزىدىن پەرقىڭىز بولمايدۇ . ئەلۋەتتە مىھمان كەلسە ئىشىكنى ھاڭغىرقاي ئېچىپ زورىغا بولسىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان گەپ . دېمەك مۇشۇ چاغدا مېھمانلارنىڭ ئارسىغا ھىيلىگەر ۋىرۇستىن بىرسى كەپكىنى كۆزىگىچە كىيىپ كىرىپ كېتىۋېرىدۇ ، سىز بۇ چاغدا ئانچە دىققەتمۇ قىلىپ كەتمەيسىز . بىر كەم بولغاندا قارسىڭىز كەپكىلىك مىھمان "ھەي چىمەنزار" دەپ ناخشا تۋلىغىنىچە سەكرەپ چۈشۈپ تارتما ئىشكاپلىرىڭىزغا ھەتتا ھوجرا ئۆيىڭىزگىچە قۇلۇپ سېلىۋالىدۇ . مىھماننى ھەيدەپ چىقىرۋەتسىڭىزمۇ ئاچقۇچ سىزنىڭ قولىڭىزدا بولمىغاچ ماتىرياللىرىڭىزنى ئىشلىتەلمەيسىز ، بۇ چاغدا پەسكە چۈشۈپ بولغان مىھمان تېلفۇن ئۇرۇپ ماتىريال لازىم بولسا ، پايپاققا پۇل قاچىلاپ پەسكە تاشلا ، ئاچقۇچنى ئېتىپ بېرىمەن دەيدۇ . بۇ چاغدا قانداق ھەل قىلىشنى ئۆزىڭىزنى تاللايسىز .
پىروگىراممىمۇ شۇ ، ھەرقانداق پىروگىراممىنى يازغان چاغدا ئېنىقكى مەلۇم يوچۇق ساقلانغان بولىدۇ ، بۇنى باگ(Bug) دەپ قويىمىز ( بۇنىڭ ئېنگىلىزچە مەنىسى پىت دېگەنلىك بولىدىكەن، بۇ ئاتالغۇنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە بەيدۇدىن ماتىريال ئىزدەپ بېقىڭ، بۇنىمۇ دەپ بېرىدىغان ۋاقتىم يوق) . ھە شۇ يوچۇق ھەر خىل بولىدۇ . بەزىلىرىدە تىزىملىتىدىغان بەت يۈزىدكى مەلۇم تېكىست رامكىسىغا ئەسكىيۇل جۈملىىسى يازسىڭىز ئىجرا بولۇپ كېتىدۇ ، بەزىلىردە قۇشۇمچە ھۆججەت يوللاش بېتىدىن تىرويا يوللىسىڭىز يوللىنىپ كېتىدۇ ۋە مۇلازىتىمىرغا كىرىپ ئىجىرا بولۇپ ئېغىناپ ئويناپ سىز لازىم قىلماقچى بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى سىز بىكتىپ قويغان نىشانغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سىز شۇ ھوقوق بېرىلگەن ئۇچۇرلار بىلەن تور بىكەتنى قالايمىقان قىلىسىز . ياكى تاقاپ قويسىز، ئىچىڭىز قوتۇرراق بولسا ماتىرياللارنى .ئۆچۈرۈپ تاشلايسىز . شۇڭا ھازىر بارلىق تور بىكەت ئىگىلىرى قەرەللىك ھالدا بىكەتنى زاپاسلاپ تۇرىدۇ ۋە بىكەت سېستىمىسىدا سانداننى ھەر ۋاقت زاپاسلاپ تۇرۇشمۇ مۇھىم ئىقتىدار قاتارىدىن سانىلىدۇ .
شۇنداق ھەر قانداق بىر پىروگىراممىدا ئۇنداق بۇنداق يوچۇقلار بولۇپ تۇرىدۇ ، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئادەتتە قەرەلىلك ھالدا شۇ پىروگىراممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان مۇنتىزىم گۇرۇپپىسى بولىدۇ ، ئۇلار ھەر تەرەپلىمە شەكىل بويىچە تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىدۇ ۋە تەكشۈرۈش دوكىلاتى يېزىپ تاپشۇرىدۇ . بۇ دوكىلات پىروگىراممىلار گۇرۇپپىسىغا كەلگەندىن كىيىن پىروگىراممىلار بۇ يوچۇقلارنى ئېتىدۇ ياكى ئەلالاشتۇرىدۇ . يوچۇقلار يەنە بايقالسا يەنە شۇ تەرتىپ بويىچە ياماپ ماڭىدۇ . شۇڭا كۆپلىگەن پىروگىراممىلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يېڭىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا يېڭىچە ئىقتىدارلارنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشتىن باشقا يەنە بايقالغان يوچۇقلارنى ئېتىدىغان ياماقلارنىمۇ قۇشۇپ يېڭىلايدىغان گەپ .  مەسلەن ئايفوننىڭ نەشىرى قانچە كۆتىرىلگەنسىرى تۈرمىدىن قاچۇرماق شۇنچە تەسلىشىپ ، مەخسۇس تۈرمىدىن قاچۇردىغان پىروگىراممىلارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى ئېلان قىلىنىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنگە ئوخشاش .
18-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-5-24 16:37:25
خەق ياساپ قويغان قورال بىلەن ئانچە مۇنچە كيۇكيۇ ئوغىرلاپ باققان (كىم بىلىدۇ تالاغا ئاچىقىپ مالاچۈەر ئەپ بېرىپ كيۇكيۇنىڭ پارولىنى سوراپ بىلىۋالدىمۇ تېخى) ، ياكى خەق ياساپ قويغان تىرويانى ئىشلىتىپ خەقنىڭ كومپىيۇتېرىنى يىراقتىن كونتىرول قىلىپ قويغان بولسا ئاھ پاھ خاككىر ئاكام مەيەردىكەن دەپ داستىخان سلېىپ مىھمان قىلىپ كەتمەڭ . بۇلارمۇ سىزگە ئوپئوخشاش ھېچنىمە بىلمەيدۇ . بىر نەرسە بىلگەن ئادەم بۇنداق ئۇششاق ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرمەيدۇ . ئۇ ئاتالمىش «خاككىر» پەقەت سىز ئۇچراتمىغان قورالدىن بىرنى ئۇچرىتىپ قالغان بىرسى بولۇشى مۇمكىن .
19-قەۋەت
selqut ۋاقتى: 2017-5-24 16:51:19
پىنخاننىڭ يۇمۇرلۇق ئىنكاسى ياخشى چىقىۋاتىدۇ.
20-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-5-24 17:28:20
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2017-5-24 01:21
يوچۇق ئىزدەپ جان باقىدىغان كەسىپكارلارنى خاككىرلار د ...

زىرىكىپلا تۇرىدىغان زىرىككەك تورداش ، بۇ يوچۇق ئىزدەيدىغانلار نىمە يوچۇق ئىزدەيدۇ ؟ بۇ كەسىپكارلارنىڭ كەسپى يوچۇق ئىزدەشمۇ ياكى نىمە ؟
قارىماققا بەك تەمكىن ئېنىقلىما بېرىۋەتكەندەك قىلىسىز .
21-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2017-6-1 11:36:45
pinhan يوللىغان ۋاقتى  2017-5-24 15:28
زىرىكىپلا تۇرىدىغان زىرىككەك تورداش ، بۇ يوچۇق ئىزدە ...

ۋاقتىدا توغا قاراپ بولالماپتىمەن كەچۈرۈڭ !
بۇ يوچۇقلار مەنچە تۆۋەندىكى يولار ئارقىلىق تىپىلىدۇ .
ئىغىر ھالەتتىكى يوچۇقلار (گەرچە ياسىغان دېتال كەم كۈتىسىز بولسىمۇ بۇ يوچۇقلار يەنىلا ئىغىر خەتە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .) :
1.ئالما ،مىكروسوفىت ۋە گوگىل قاتارلىقلار قەستەن ياكى سەۋەنلىكدىن قالدۇرۇپ قويغان ھەمدە باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان سىستىما يوچۇقلىرى .
2.قاتتىق دىتال بىلەن سىستېما ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈكلۈك يول رول ئوينايدىغان قوزغاتقۇچ دىتاللاردىكى نوقسان يوچۇق ياكى قاتتىق دىتاللارنى پەم بىلەن ئۆزگەرتىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاسىلىۋىي يوچۇق .
3.دىتال ئاچقان تېلدا ئەسلىدىلا بار بولغان لوگىكىلىق بۇيرۇقتىكى يوچۇق bug،ياكى ئادوبى فىلەش قويغۇچ تور كۆرگۈچ قاتارلىقلاردىكى لوگىكىلىق يوچۇق .
يىنىك ھالەتتىكى يوچۇقلار (بۇ شۇ دېتالنىڭ ئۆزىدىكى يوچۇقنى كۆرسىتىدۇ .)
1.ياسىغان يۇمشاق دىتالدىكى يىزىلغان كودتىن پەيدا بولغان يوچۇق .
2.كودتىكى لوگىكىلىق بۇيرۇقلارنىڭ يىتەرسىز بولۇش سەۋەپلىك قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدىغان bug تىپىدىكى يوچۇق .
3.قاتتىق دىتاللار بىلەن ماسلاشتۇرۇش جەريانىدىكى بۇيرۇق كودلارنىڭ كەمتۈك بولۇپ قىلىش سەۋەپلىك كىلىپ چىققان يوچۇق .
4.دىتالنى شىفىرلاش تىخنىكىسىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قىلىشى سەۋەپلىك ئۇچۇرلار ئاشكارە بوپ كىتىشتەك خەتەرلىك يوچۇق .
خاككىرلار ئاساسلىقى مۇشۇ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن .ھەقىقىي خاككىرلار ھەرقانچە نوچى بولسىمۇ پىروگىراممىر بولۇشى ناتايىن ،ياخشى خاككىر يامان خاككىر دەيدىغان گەپ لوگىكىدا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس .ئەگەر سىز مەلۇم بىر كوللىكتىپ ئۈچۈن خاككىرلىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز سىز شۇ كوللىكتىپ ئۈچۈن ياخشى خاككىر باشقىلىرى ئۈچۈن ياخشى بولمىغان خاككىر بولىسىز .
22-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2017-6-1 11:38:09
pinhan يوللىغان ۋاقتى  2017-5-24 14:37
خەق ياساپ قويغان قورال بىلەن ئانچە مۇنچە كيۇكيۇ ئوغىرل ...

ئۇنى خاككىر دىمەيمىز خاككىرنىڭ چاپانچىسى دەيمىز ،ئۇنداق دىسەم ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەلمىسۇن .ھىچنىمە بىلمەي يۈرگەندىن خاككىرنىڭ چاپانچىسى بولغانمۇ ئەۋزەل .
12
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部