+تېما يوللاش
Smoker يوللانغان ۋاقتى:2017-2-6 22:26 3914 قېتىم كۆرۈلدى 59 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
پېقىر ئالما بىلەن ھەپلىشىۋاتقىلى ئازكەن 10 يىل بوپتۇ يىڭى تېلفۇن ئېلان قىلىنىپ دەسلەپكى ئېيىدىلا قۇلۇمغا ئېلىپ بۇلىمەن ئايفۇننىڭ سىستىمىسىنىڭ راۋانلىقىدىن كومپىيوتېرنىمۇ ئالمىنىڭ كومپىيوتېرىغا ئالماشتۇرۋەتكىلى ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ ،ئايپەدنىڭ پىروسى چىققاندا قىزىقىپ بىرنى ئاپتىكەنمەن بىراق ئوينىغىلى ۋاقىت چىقماي بىكار تۇرىدۇ.
بۇرۇن ھەۋەسكار ۋاقىتتا قېچىپ قۇياتتۇق سىستىمىغا بولغان تۇنۇش كۆپەيگەنسىرى ھازىر پۇل بەرسىمۇ قاچمايمەن ، سەۋەبى ئانا سىستىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بۇزۇش بەدىلىگە ئالمىنى ئەنجۈرگە ئايلاندۇرۇشنى خالىمايمەن .
ھەم مىنىڭ نەزرىمدە ئايفۇن بىر تېلفۇن ياكى ئۇيۇنچۇقلام ئەمەس قارىسام بانكا كارتام بىلەن باغلانغان ئەپلەر 15 تىن ئاشىدۇ كۆپىنچە سودىنى تېلفۇن بىلەنلا قىلىمەن ئايروپىلان بىلىتىدىن تارتىپ تاماق بۇيرۇتىشقىچەتېلفۇن بىلەن ھېساۋات قىلىمەن بانكىغىمۇ كارتا كۆتىرەپ بارمايمەن تېلفۇن بىلەنلا مەشغۇلات قىلىمەن  گاز ،توك،تېلفۇن ھەققى تاپشۇرىمەن ئىشقىلىپ مىنىڭ كۆپىنىچە سىرلىرىمنى تېلفۇن بىلەن باغلاقلىق .
شۇڭا سىستىمىنىڭ مۇقىملىقى ماڭا بىردىغان بىخەتەرلىك تەسرى مەن ئۈچۈن مۇھىم .
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان تېلفۇنلارغا ئازراق ئەركىنلىك بىرىلگىنى بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش سىستىمىنىڭ ئەسلى كودىغا باشقىلارنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھۇقۇقى بىرىلگەچكە بىخەتەرلىكى ئېغىر دەرجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ .
تۈرمىدىن قاچۇرۇش يامان نىيەتلىك پىروگراممىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرىش يولىنىمۇ بىرگە ئېچىپ قويغاچقا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى تېلفۇندا قىلىدىغانلار ئامال بار قاچۇرماي ئىشلەتكىنى تۈزۈك بولمىسا .
تۈرمىدىن قاچۇرۇپ شۇسەۋەپلىك تېلفۇن ۋىروسلىنىپ بىرەر پىشكەنلىك چىقىپ قالسا بۇنىڭغا ئالما شىركىتىمۇ ئىگە بولمايدۇ .
بولسا ئەپ قاچىلىغاندا ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلىماي ئالمىنىڭ ئۈزىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىن ئەپ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بۇلۇپمۇ پۇل مۇئامىلە قىلىدىغان ئەپلەرنى سەۋەبى ئالما شىركىتى ئەپ دۇكىنىغا چىقارغان ئەپلەر ئالمىنىڭ پىراگراممىرلىرىنىڭ تەكشۇرشىدىن ئۆتكەن بۇلىدۇ نىسبەتەن بىخەتەر .
ئالما شىركىتى مىنىڭچە قەستەنگە iOSنى يېپىق كودلۇق قىلمىغان ئىلمىي ئويلانساڭلار بۇنىڭدا بىزنىڭ ھەم ئالمىنىڭ ھەق مەنپەئەتى ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرىدۇ ،سىستىما يېپىق كودلۇق بولغاچقا ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئوغۇرلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان شۇنداق بولغاچقا ھازىرقىدەك ياخشى ئەپلەر مەيدانغا كەلگەن .
sydiaدىن قىستۇرما چۈشۈرگەندە بەكراق دىققەت قىلىڭلا قىستۇرما iOSنىڭ ئىچكى يادروسىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش قىلغاچقا ئەپتىن بەكرەك خەتەر يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ.
بولسا تۈرمىدىن قېچىشتىكى باھانەڭلىنى بىربىرلەپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقساڭلا قاچماسلىقتىكى سەۋەپنىمۇ ئىلمىي ئوتتۇرغا قويۇپ چىقساق ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇپ تۇرساق .
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

59ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
umut吧 ۋاقتى: 2017-2-6 22:47:03
ناھايتى ياخشى پىكىرىنى بېرىپسىز  مەنمۇ  مۇشۇ  تۇنۇشتا  
گىلەم
Kapitan01 ۋاقتى: 2017-2-6 22:47:55
مېنىڭچە بەك زۆرۈر بولمىسا ئامال بار قاچۇرمىغان ياخشى
ئورۇندۇق
qeqnus ۋاقتى: 2017-2-6 23:03:29
مەن مۇشۇ كەمگىچە قېچىشنى خىيال قىلىپمۇ باقمىدىم . ھەم قاچمايمەن .
خېرومې تور كۆرگۈچىدە ئۇيغۇرچە تور بەتلەر دىكى خەتلەر مۇشۇ ئالپنىڭ خېتىدەكلا ئۇز كۆرۈنىدۇ . مۇشۇ يېتەرلىك ....
مېيزۇدىن ئۈچنى ئىشلىتىپ ئاخىرى  مۇشۇ ئالمىدا توختاپتىمەن . ئىشقىلىپ مەن ئالمىدىن ، IOS تىن ھەقىقەتەن رازى .
5-قەۋەت
25yax ۋاقتى: 2017-2-6 23:34:52
ھەي، مۇشۇ  پۇچۇق ئالما تولا نەشىر يېڭلاپ كەتتى، قايسىنى ئېلىپ، قايسىنى قۇيۇشنى بىلمەي قالىدۇ كىشى
6-قەۋەت
12150439017 ۋاقتى: 2017-2-6 23:40:50
مۇشۇ ئالما 6پىلاس قانداقراق چىقا؟  توكى تور ئوينىسا بىر كۈن يىتەرمۇ؟
7-قەۋەت
alim0908 ۋاقتى: 2017-2-7 00:11:38
باشقىلار ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ،ئۆزىنىڭ
ويلىغانلىرىنى،ياخشى تەجىربىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقاننىڭ نەرى يامان…باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى قېرىنداشلار!
8-قەۋەت
Acula ۋاقتى: 2017-2-7 00:44:52
تېلېفوننى ئويۇنچۇق دەپ بىلىدىغان بولسىڭىز تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ، تېلېفوننى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت قورالى دەپ بىلىدىغان بولسىڭىز، سىستېمىسى پېچىتى بىلەن تۇرسۇن
9-قەۋەت
umak003 ۋاقتى: 2017-2-7 01:12:34
ھاھاھاھا تېمىڭىزغۇ ياخشىكەن .لىكىن باشقىچە تەسىرمۇ بىرىپ قۇيدىكەن ئەمدى،ھەي سىزمۇ ئىنسان ئەمەسمۇ...........(گەرچە ئەنجۈر ئىشلەتسەممۇ ئالمىدەك يېپىق كودلۇقراق سۆزلەي).تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئالمىنى ئەنجۈر قىلغۇم يوق دەپسز.ئەنجۈرمۇ ئۇنداق ناچاردىن ئەمەستى...........ھەي بولدىلا...........
10-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-2-7 01:58:44
مەن   ئۇيغۇرچە تىل بولاق قۇشۇشنى دىمىسەم  ھەرگىز قاچۇرمايتتىم ،
11-قەۋەت
Www.uyghurQQ.Cn ۋاقتى: 2017-2-7 02:01:17
ئالما شىركىتىگە شۇنچە ئىشىندىكەنسىز يۇ ئالمىنى تۇرمىدىن قاچۇرغاندا چىقىدىغان  سىيدىئاغا ھەجەپ ئىشەنمەيدىكەنسىز خاككىر دىسسە كۆپۈنچە ئادەمنىڭ كاللىسدا بىرلا ئۇقۇم ئەسكى دەيدىغان قارسام سىزمۇ شۇ،قاراشتىكەنسىز تۈرمىدىم قاچۇرۇپ قىستۇرما قاچلاپ ئۇنى بۇنى قىلىشنى بىلدىكەنسىزيۇ،قايسىنى قاچلاش قايسىنى قاچىلماسىقنى تازا بىلەلمەپسىز ۋېيفىڭ مەنبەسى لېيفىڭ مەنبەسى  178 ئايبىلگە ماۋۇلارغا سىز ئاۋۇ ئالمىغا ئىشەنگەندەك ئىشنىپ قىستۇرمىسىنى قاچلاۋىرىڭ مۇشۇلارنىڭ قىستۇرمىسنى قاچىلسىڭىز چاتاق چىقمايدۇ ماۋۇمۇ دوستانە تەكلىپ
12-قەۋەت
Www.uyghurQQ.Cn ۋاقتى: 2017-2-7 02:08:09
http://m.nur.cn/news/2017/01/359685.shtml
نۇر توردىكى ماۋۇ تىمنى كۆرۈپ بېقىڭ قانداق بولسىزكىن
13-قەۋەت
Www.uyghurQQ.Cn ۋاقتى: 2017-2-7 02:12:33
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Www.uyghurQQ.Cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-7 02:15  
بۆرە216 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-7 02:00
ئىسىم بىلەن كىملىك نۇمۇرىنى تاپقىلى بولماس   سەل ئاشۇ ...


بۇ يەردە،مانداق تاپىمىز دەپ يۈرمەي لىكىن مىنىڭ تېپىشقا 90% كۆزۈم يىتىدۇ ، ئۇنداق دىسەم مىنى ساقچى ئوخشايدۇ بۇ بالا دەپ،قالماڭ مەن ساقچى ئەمەس جۇمۇ
14-قەۋەت
ali8983 ۋاقتى: 2017-2-7 09:09:24
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ تەكلىپلىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
لىكىن بىرقىسىم ئىشلارنى يۈزەكىرەك ئويلىغاندەك قىلىسىز قېرىندىشىم، سىز دىگەن بىخەتەرلىك نىمىنى كۆرسىتىدۇ بىلمىدىم، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بارلىق دۆلەتلەر ئالمىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز بازىرىدىن بىخەتەر ئەمەس دەپ سىقىپ چىقىرىشنى باشلىغان مەزگىلدە.
سىزنىڭ شەخس مەخپىيەتلىكىڭىز سىز ئۈچۈن مۇھىم، لىكىن بۇ ساھەدىكى ئۇچۇر ئوغلىرىغا قارىتا سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنىڭ قانچىلىك قىممىتى بار بۇنىسى نامەلۇم.
يەنە بىرسى ئالما سىز دىگەندەك بىخەتەر، مۇكەممەل بولىدىغان بولسا، ئۆز دۆلىتىدە ئالقىشقا ئىرىشىپ، باشقا ئەللەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئېرىشمەيتتى.
سىزگە بىر ئۇچۇرنى بىرەي، ئالمىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئىشلىتىلىش نىسبىتى 13 پىسەنت ئەتراپىدا، قارا بۆلجۈرگەن5، باشقا يانفۇنلار 3، قالغاننىڭ ھەممېسى سامسۇڭ.
بەلكىم سىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىڭىزدەك، شۇ كىشىلەرنىڭمۇ مەخپىيەتلىكى باردەپ ئويلىدىم. پىكرىڭىزدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لىكىن مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۆز قارىشىڭىز بويىچە بىرتەرەپلىمە پىكىر يۈرگۈزمەڭ، ئالمىنىڭ سىستېمىسى خېلىلا مۇكەممەل، لىكىن بىخەتەرلىكى سىز ئىشەنگەندەك بولىشى ناتايىن.
كۆپ سۆزلەپ قويدۇم، ئەپۇ قىلىڭ
15-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-2-7 09:16:45
ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئەنجۈر قىلغۇم يوق دەپسىز لىكىن ئەنجۈر سىز دىگەندەك ناچار بولىدىغان بوسا تىلفۇن بازىرىنىڭ %85نى ئىگەللىيەممەيتى ئالمىمۇ ئۇنچىۋالا بىخەتەر ئەمەس بەزى يەگە قارىغاندا ئاندىرويىد ئۇنىڭدىن مىڭ بىخەتەر ئايدى ئاغاندىكىن سىزنىڭ تىلفۇندىكى ھەربىر مەشغۇلاتىڭىزنى كۆزىتىپ تۇرالايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部