+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-5 19:05 1948 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي جۇڭگو يانفونلىرى ئىچىدە سېتىلىشى جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ئالما ۋە سامسۇڭ يانفونلىرىغا ئىزچىل بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە. خۇاۋېي يانفونلىرىغا ئىشلىتىلىشچان بەزى ئىقتىدارلار يوشۇرۇنغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇزۇندىن بېرى خۇاۋېي ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ تېخىچە بىلمەسلىكى مۇمكىن.



1. ئەقلىي ئىقتىدارلىق چاقىرىش: ئېكران ئۆچۈك ھالەتتە ئاۋاز مىقدارى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئالاقە خاتىرسىدىكى ساقلاپ قويغان ئادەمنىڭ ئىسمنى ئاۋازلىق چاقىرسىڭىز شۇ كىشىگە تېلېفون ئۇرۇلىدۇ.
2. تېز رەسىمگە تارتىش: ئېكران ئۆچۈك ھالەتتە ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسىنى تېز سۈرئەتتە ئىككى قېتىم باسسا رەسىم تارتىش ئېچىلىدۇ.
3. ئەپ ئىزدەش: ئېكراننىڭ ئوتتۇرسىدىن تۆۋەنگە سىيىرىسە بىۋاستە ئەپ ئىزدەش ھالىتىگە كىرىدۇ.
4. تېزلىكتە ئېكراندىن رەسىم كېسىش: ئاۋاز مىقدارى كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى ئىككى سېكۇنت بېسىپ تۇرسىڭىز ئېكراندىن رەسىم كېسىدۇ.
5. ئاپتوماتىك ئۆز تارتىم: ئۆز تارتىم (زىپەي) ھالىتىدە ئېكراننى چېكىپ قويسا ئۈچ سېكۇنتتىن كېيىن ئاپتوماتىك سىنغا ئالىدۇ.
6. رەسىمگە تارتقاندا پۈتۈن فوكۇس ھالىتىدە ئاۋال رەسىمگە تارتىپ ئاندىن فوكۇس توغرىلاشقا بولىدۇ. (بۇ گەپ سەل بىر قانداق تۇرامدۇ-ھە؟ ئاۋال فوكۇس توغرىلاپ ئاندىن رەسىمگە تارتاتتۇق)
7. رەسىم ئامبىرىدا تۆۋەنگە تارتىش ئارقىلىق رەسىم تارتىش ئىقتىدارنى ئېچىشقا بولىدۇ.
8. ئەينەك ئىقتىدارىدا يانفوننىڭ گەپ قىلىدىغان يېرىگە پۈۋلىسە ئېكراندا تۇمان پەيدا بولىدۇ، يەنە پۈۋلىسە يۇقايدۇ.
9. ئۈزچات ئىستوندىكى سىنبەلگىنى ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەك رايونىغا كىرىدۇ.
10. رەسىمگە تارتىدىغان كامېراسى ئىككىلىك كود ۋە تاياقچە كودنى ئاپتۇماتىك ئىزدەيدۇ. يەنى كامېرانى قوزغىتىپ ئىككىلىك كود ياكى تاياقچە كودقا توغرلىسىڭىز ئۇ كودنى تونۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ ياكى ئېچىلىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +6 يىغىش سەۋەبى
jastar + 6 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

10ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
520艾热提 ۋاقتى: 2017-8-5 20:42:07
ۋاھ نىم دا ياخشى
گىلەم
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-5 22:03:31
بىلىۋىلقشقا تىگىشلىك ئىشكەن
ئورۇندۇق
رۇھ ۋاقتى: 2017-8-5 22:08:49
يۇشۇرۇن ئىقتىدارى دىگۈدەكمۇ ئەمەسقۇ مەنچە مېيزۇدا بار شۇنداق يۇشۇرۇن ئىقتىدار. مەن مېيزۇ تېلفۇن ئىشلىتىمەن بەزى ئىقدىدارى مىنى راستىنلا ھەيران قالدۈردۇ
5-قەۋەت
لەغمەن ۋاقتى: 2017-8-6 00:05:46
رەھمەت بۇ ئىقتىدارلار شياۋمى لاردىمۇ ئاساسەن بار
6-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-8-6 14:53:00
رەخمەت   مەن بىلىۋالدى بەزى ئىختىدارلېرىنى بىلەلمەپتىكەنمەن قولايلىق يەرلېرىمۇ باركەن   بولسا خۇاۋېي توغۇرلۇق تېمىلار بولسا يوللاپ تۇراسىز  
7-قەۋەت
1357104490 ۋاقتى: 2017-8-6 22:33:45
رۇھ يوللىغان ۋاقتى  2017-8-5 22:08
يۇشۇرۇن ئىقتىدارى دىگۈدەكمۇ ئەمەسقۇ مەنچە مېيزۇدا بار ...

سىز بايقىغان ئىقتىدارلارنى  دەپ  باقمامسىز   
8-قەۋەت
زومىگەر ۋاقتى: 2017-8-7 00:03:59
ئەينەك ئىقتىدارى يوقيا شىئاۋمىدا يا مەن بايقىمىدىممۇ
9-قەۋەت
nurjan123 ۋاقتى: 2017-8-7 08:31:51
خۇڭ مي  يانفۇنىدا ئۈچ بارماقني  تۆپىدىن پەسكە سىيرىسا ئىكىراني رەسمىگە تارتىدىكەن
10-قەۋەت
getlir124 ۋاقتى: 2017-8-11 00:46:57
ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتدارلىرى بولىدۇ ، ئۈزۈڭلار يازمايسىلەر يازغاننى ياراتمايسىلەر ؟
بىلدىغانلار بىر يېزىپ باقساڭلار ، ئەمما ئىقتدار دەيمىز ھېچقايسى نۇبىيا يانفۇنلىرىغا يەتمەيدۇ جۇمۇ
11-قەۋەت
18099739620 ۋاقتى: 2017-8-11 16:21:10
getlir124 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-11 00:46
ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتدارلىرى بولىدۇ ، ئۈزۈڭل ...

نۇبىيا يانفونلىرى خېلى يامان ئەمەس ئىكەن ،لىكىن نۇمۇرنى  كۆپ  ساقلىمايدىكەن  ئشلەتكىنىم  z11mini بۇنىڭغا ئامال بارمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部