+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2016-9-2 14:31 2358 قېتىم كۆرۈلدى 32 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
        ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى تورداشلار چۈشلۈكۈڭلار خەيرىلىك بولسۇن. چۈشلۈك ئارام ئېلىش بولغاچ ئازراق بېكار بولۇپ قېلىپ تۈنۈگۈن ئاخشام بىر دوستۇم بىلەن بولغان پاراڭلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم، مەن كىمنىڭ پىكرىنىڭ توغرا كىمنىڭ پىكرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ھۈكۈم قىلماقچى ئەمەس، پەقەتلا قاراشلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن، ئۇقۇغۇنۇڭلارغا رەھمەت.
        ئالدى بىلەن ئۆزۈم توغرىسىدا قىسقىغىنە توختالسام، مەن ئۆزۈم كومپيۇتېر ئۇچۇر كەسپىدىن بۇيىل ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى، ئاساسلىق قىلىدىغان خىزمىتىم سان-سېفىر ئانالىز قىلىش، ھازىر ئىشكىرىدىكى بىر شىركەتتە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن، ئادەتتە ++C پىروگراممىسى يازىمەن، ئەلۋەتتە java php لارنىمۇ ئۆزۈم ماتىرىيال كۆرۈپ ئانچە مۇنچە ئۆگىنىۋالغان، يېقىندىن بېرى android ئەپ تۈزۈشنى بېكار ۋاقىتلىرىمدا كۆرۈپ قۇيىۋاتىمەن. لىكىن دوستلىرىمنىڭ كۆزىدە مەن "ھېلىقى كومپيۇتېرچى ئاغىنەم" دىگەن نام بىلەن ئاتىلىمەن، مەيلى كومپيۇتېرى بۇزۇلۇپ قالسۇن، ياكى كومپيۇتېر ئالسۇن، يانفۇنى ئاستىلاپ قالسۇن، ھەتتا ئۆيىدىكى تېلىۋېزۇرى چىقماي قالسىمۇ دەرھال مىنى ئىزدىشىدۇ، ئەلۋەتتە مەن كومپيۇتېر رېمۇنتچىسى ئەمەس، كومپيۇتېر چۇۋۇپ، رېمۇنت قىلىشقا كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ناھايىتى قىزىقاتتىم بىراق ھازىر قەتتىي خوشام قالمىدى، كومپيۇتېرىمنىڭ سېستىمىسىنى ئالدىنقى قېتىم قاچان ئالماشتۇرغىنىممۇ ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەمما دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ "بىلمەيمەن" دىگەن گەپنى قىلىشتىن يالتىيىمەن، شۇنىڭ بىلەن قۇلۇمدىكى ئىشلىرىمنى تاشلاپ ئۇ توردىن بۇ توردىن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ ئاران تەستە ھەل قىلىپ بېرىمەن، مەسىلە ھەل بولسا سەن كومپيۇتېرغا ئۇستا جۇمۇ دىيىشىپ قۇيىدۇ، مەسىلە ھەل بولمىسا سەن كۈندە كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرىدىغان كومپيۇتېرچىغۇ مۇنىمۇ قىلالمامسەن دەپ ئاغرىنىشىدۇ، پالانىنىڭ ۋاڭباچى ئۇكىسى قىلالايدىكەنتۇق ، سەن كومپيۇتېرنى نەچچە يىل ئۆگۈنۈپمۇ قىلالمايدىكەنسەن ھە .. دەيىشىدۇ ، ماڭا قېلىپ قالغىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشىنىڭ ئەتىگە قېلىشى بولۇپ قالىدۇ.
        تۈنۈگۈن ئاخشام يېرىپ كېچىدە ئىشتىن چۈشۈپ ياتاقنى ئاران تېپىپ كېلىپ ئۇخلاي دەپ تۇرسام يانفۇنۇم سايرىدى، قارىسام ئۈرۈمچىدىكى بىر دوستۇم ئۈندىداردا خەت يىزىپتۇ، بەك جىددىي ئىش ، بولساڭ دەرھال گەپ قايتۇر! دەپ قۇشۇپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن نىمە ئىش بولۇپ كەتكەندۇ دەپ دەرھال مەن بار دىدىم.
دوستۇم: كومپيۇتېرىم بۇزۇلۇپ قالدى، تۈززەپ بېرە، قوشنا ياتاقتا بىر ئۇستا بالا بار ئىدى ئوڭشىيالمىدى، سەن ئۇستا بولغاندىن كىيىن سىنى ئىزدىدىم؛
بۇ گەپنى ئاڭلاپ راسلا ئىچىم بەك پۇشتى، بىر كۈن كەچكىچە پىروگرامما يىزىپتىمەن ، كەچ بولغاندا بولسىمۇ بىر ئارام ئالاي دىسەم بۇ دۇستۇمنىڭ پەيدا بولغىنىدىن ئىچىم پۇشتى؛
مەن: بىزنىڭ بۇيەردە 12 بولۇپ كەتتى ، مەن ئۇخلاي دىگەن ، ئەتە ئەتىگەندە تۈززەپ بەرسەم قانداق دىدىم؛
دوستۇم: مەن ئەتە ماقالە يازاتتىم بۈگۈن كەچتە تۈززەلمىسە بولمايتى، ئەمدى 10 بولدىغۇ بۇندا بالدۇر ئۇخلاپمۇ كەتمەسسە؟! دىدى(مەن مۇشۇ گەپنى قىلىپ قالمىسۇن دەپ ، بىزنىڭ بۇ يەردە 12 بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەنتىم)
مەن: ھە بولاپتۇ ، قانداق بۇزۇلۇپ قالدى ؟ دەپ سورىدىم؛
دوستۇم: كومپيۇتېر قەتتىي تورغا چىقماي ۋاتىدۇ ، شۇنى ئوڭشاپ بېرە؛
مەن: مەكتەپنىڭ تورىغا ئۇلىغانمۇ ياكى سىمسىز روتىرغىمۇ ياكى كەڭ بەلۋاغ تورىمىتى كۆرۈلگەن مەسىلىنى ئېنىقراق دەپ باقە؟
دوستۇم: دىدىمغۇ شۇ تورغا چىقمايۋاتىدۇ، تورغا چىقىدىغان قىلىپلا بەرسەڭ بولدى، بۇ ئىش ئاساندۇ؟
شۇنداق قىلىپ بۇ دوستۇمدىن ئۇنى سورىسام بۇنى ، بۇنى سورىسام ئۇنى دەپ، يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى ، بىردەم سىمسىز تورتى دېدى بىردەم سىمىلق تورتى دىدى ، باشلىرىم ئاغرىپلا كەتتى، شۇنىڭ بىلەن
مەن: ئاداش چىقىپ ھېلىقى ياندىكى ياتاقتىكى كومپيۇتېرچى بالىغا تېلىفۇننى بېرە، مەن ئۇنىڭدىن سوراپ باقاي دىدىم؛
ئۇ بالا تېلىفۇننى ئالغاندىن كېيىن مەن نىمە ئىشلىقىنى سورىدىم، ئۇ: كەڭ بەلۋاغ تورىكەنتۇق، ھەر قېتىم ئۇلىساق691خاتالىقى چىقىۋالدى دىدى، مەن توردىن ئىزدەپ كۆرسەم ئادەتتە مەخپىي نومۇر خاتا بولۇپ قالسا ياكى مەخپىي نۇمۇرنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كەتسە مۇشۇنداق خاتالىق چىقىدىكەن.
مەن: ئاداش سەن مەخپىي نۇمۇرنى خاتا كىرگۈزۈپ قويمىغانسەن ھە؟ دەپ سورىدىم؛
دوستۇم: خاتا ئەمەس! مۇشۇ مەخپىي نۇمۇر شۇ دەپ تۇرىۋالدى؛
مەن ئۇنىڭغا باشقا مەخپىي نۇمۇرلارنى سىناپ بېقىشنى ئېيتسام ، ئۇ زادى مۇشۇ مەخپىي نۇمۇر دەپ تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئىزدىنىپ بۇيان ئىزدىنىپ مەسىلە زادى ھەل بولمىدى، قارىسام سەھەر سائەت 2 بولۇپ كېتىپتۇ، دوستۇمغا،
مەن: ئاداش بەك كەچ بولۇپ كەتتى، مەن ئەتە ئەتىگەندە يەنە ئىشلەيمەن، بىز ئەتە يەنە ئوڭشاپ باقىلىمۇ يا؟ دىدىم؛
دوستۇم: ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا ھە بوپتۇ ئۇيقۇڭ كەلگەن بولسا ئۇخلا ئەمسە، ھەي سىنى  ياتاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا كومپيۇتېرغا بۇنداق ئۇستا مۇنداق ئۇستا دەپ ماختىۋېتىپكەممە مۇشىنىمۇ ئوڭشاپ بېرەلمىدىڭ ھە! دىدى؛
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىرىق گەز ئۇچتى! شۇنىڭ بىلەن،
مەن: ئاداش مەن پروگراممىر، ئادەتتە پروگرامما يىزىش بىلەنلا شۇغۇنلىنىمەن، كومپيۇتېر ئوڭشايدىغان ئىشلانى مەن ئانچە قىلىپ كەتمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھىچقاچان ئۈزەمنى بۇ ئىشلارغا ئۇستا دەپ باقمىدىم دىدىم؛
دوستۇم: كومپيۇتېر كەسپىدىكىلەر كومپيۇتېر ئوڭشىمىساڭلار نىمىش قىلىسىلەر دەپ سورىدى؛
مەن: سەن دوختۇرغۇ مەن سەندىن بىر ئىش سوراي ئەمسە ، ئۆتكەندە مىنىڭ چىشىپ ئاغرىپ قېلىپ قانداق قىلىمەن دىسەم بىلمەيمەن دىدىڭغۇ؟ دىدىم؛
دوستۇم: مەن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئائىت مەزمۇننى ئۆگىنىمەن ، چىشنىڭ ئىشىنى مەن نەدىن بىلەي، دوختۇر دىگەننىڭمۇ ھەرخىل تۈرى بولىدۇ... دەپ سۆزلەپلا كەتتى؛
مەن: ھەپبەللى! كومپيۇتېر كەسپىنىڭمۇ ھەر تۈرى بولىدۇ، مەخسۇس كومپيۇتېر ئوڭشايدىغان رىمۇتچىلار بولىدۇ، پىروگراممىرلار بولىدۇ، قاتتىق دىتال تەتقىق قىلىدىغانلار بولىدۇ، كومپيۇتېر نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بولىدۇ... ئىدىش  دىدىم؛
شۇنىڭ بىلەن بىرھازا تاكاللاشقاندىن كېيىن دوستۇم يەنىلا قايىل بولمىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن كومپيۇتېرىنى ئوڭشىيالمىغانلىقىمغا بانا-سەۋەپ ئىزدەۋاتاتتىم، ئاخىرىدا خوش دىيىشىپ ئۇخلاشتۇق.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دوستۇم ئۈندىداردا يەنە خەت يىزىپتۇ،
دوستۇم: ئەتىگەندە باشقا قەۋەتتىكى بەك ئۇستا بالىدىن بىرنى چاقىرىپ ئوڭشاتقاتىم، بىز بىرقانچە مەخپىي نومۇرنى سىناپ باققانتۇق ئوڭشالدى! دەپتۇ؛
مەن: ئاخشامقى مەخپىي نومۇرۇڭ خاتامىكەنتۇق؟
بەش مىنۇتتىن كىيىن
دوستۇم: ھەئە...

       
       
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

32ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
nandar ۋاقتى: 2016-9-2 22:57:52
مەنچۇ ئاددى بىر دىھقان تۇرسام ئازراق تور تىلفۇن لار بىلەن ھەپلىشىپ قويغاچقا بىرەسىنىڭ تىلفۇننى تۇتۇپ قويسام توختاپ قالغان تىلفۇننى سەن پۇلۇمنى يۆتكىۋاپسە دەۋىردۇ يېڭىدىن زاپەر تىلفۇن سېتۋالغان بولسا ماڭا باھالىتىدۇ زاپەركەن دىسەم تۈگشىمە بۇ سەندە بولسا ئەڭ نوچىسى بۇلاتتى سەن ئالداپ ئېلۋالماقچى دەۋاتقان ئالىپ تورى دەپ سالسام ساختىپەز بۇلمە چۈنكى ئۇلار يىدۇڭ  لىيەنتۇڭ تىلگىراف دەپ ئۈچ تورنى ئاڭلاپتىكەن تور دىگەننى خەۋەرلىشىش شىركىتى دەپ قارايدۇ كەسكىن ۋەزيەتتە بىرسىنىڭ تىلفۇننى تۇتۇشتىنمۇ قورقىمەن بىر كۈنى قانۇنسىز مەزمۇننى سەن كۈچرۈپسە دەپ بوھتانغا قالارمەنمۇ دەپ شۇڭا ھازىر مىنى ھاكاۋۇر دەيدۇ چۈنكى ئاۋاز تاقلىپ قالغان تىلفۇننىمۇ ئوڭشاپ بەرمەيمەن  دۆتلىكمۇ  بىر بەختكەن
تۆر
x11 ۋاقتى: 2016-9-2 14:56:45
جاپا چىكىپسىز، بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرايدىغانلار خېلى بار، بۇ خاتا چۈشەنچە سەۋەبىدىن بولغان ئىشلار ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ؟ رەھمەت.
گىلەم
ئىزلەپ ۋاقتى: 2016-9-2 15:09:18
كومپيۇتېر بىلەن بىرە ئىش قىلۋاتقانلار ھەممىسى يۇلىقاۋاتقان ئىشلارغۇ بۇ
ئورۇندۇق
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2016-9-2 15:47:47
ئازراق بىر نەرسە بىلىدىغانلار داۋاملىق ئۇچرايدىغان ئىشلار.   ئادەتتە مىنىمۇ ئۇرۇق تۇققانلار ياكى دوسلۇرۇم تېلفۇنلىرى شۇنداق بىر نىمە بوپ بولغۇچە ئىزدەيدۇ. قاندا قىلىمىز جاپا تاتساقمۇ قىپ بېرىپ رەھمىتىنى ئېپ تۇرلى .  ساۋاپ بوپ قالا .  
5-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-9-2 16:13:46
بەزى باللىغا ئامال يوق،
مىنىڭمۇ كىچىكىمدىن باشلاپ بىللە چوڭ بولغان بىر دوستۇم بار،
ئىشقىلىپ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى ئاجايىپ، ھەم چاتاق يىرى سەل قۇيمىچى،
ئەمدى كۆڭلىنى دەپ بەزىدە قۇيۇلساقمۇ، بەزىدە ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلساقمۇ ئۇنىڭدىن يانىمسا باشقىلاردىن يانا دەپ قىلىپ بىردىكەنمىز،
ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خوشۇم يوق ئىش يېڭى تېلېفون ئالغاندا ۋىيشىندا ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇياممىدىم، ئوڭشاپ بە دىيىشى…
ئۆيىمىز يىزىدا بولغاچقا يىزا بازىرىدا تورخانا دىگەندەك نەرسىلەر يوق،
نەدە ئالدىراش ۋاقىتتا، قولۇمدىكى تۈرنى جىددىي تۈگەتمىسەم بولمايدۇ دەۋاتسام ئۆيۈمگە كىلىپ سەن بىلەن پاراڭلىشىمەن، ياكى بولمىسا كومپىيۇتېرىڭدا خوڭجىڭ ئوينايمەن دەپ تۇرۋىلىشى…
بىرەر يەردە خىزمەت قىلسام تېلېفون قىلىپ ماڭا ئىش تەپ بەر دەپ ئىسىلىۋىلىشى، پروگرامما يىزىش ئەمەس office ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىشلىتىشنى ئۇقامسەن دىسە ئويۇندىن باشقىنى ئۇقمىغان…
ئانداق يەي، مانداق يەي،  ئەسلى "پىڭگو لىيۇدەي" ئالاي دىگەن باللا "سەنشىڭ" ياخشى دەپتى شۇڭا مانى ئالدىم كۆرەپ باقە…
ئىغىرلىشىۋالدى ئوڭشاپ بە…
6-قەۋەت
bayawat ۋاقتى: 2016-9-2 16:47:59
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 16:13
بەزى باللىغا ئامال يوق،
مىنىڭمۇ كىچىكىمدىن باشلاپ بىل ...

چۈنكى ئۇلار  يانفۇننىڭ ئىچكى سىتىما ئىشلىرنى ئەڭ مۇرۇككەپ بىر ساھە دەپ قارۋالىدۇ…… شۇنىڭ  بىلەن  يانفۇننڭ ئۇ يەر بۇيەرلىرنى تۈزەپ ئوينايدىغانلارنى  توغما يانفۇن《 رىمنۇتچىسى《》 دەپ قاراپ قالىدۇ
7-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2016-9-2 17:00:00
ئۇنداقتا مەنمۇ دەردىمنى بىر تۆكەي
ئادەتتە مىنى تۇنۇيدىغانلاردىن تارتىپ  ئۇرۇق تۇققانلارغىچە تېلفۇنىغا فونت قاچىلاشتىن تارتىپ ئۈندىدارىنى قوزغىتىشقىچە مىنى ئىزدىشىدۇ     سەن رېمونتچى ئۇستا دەۋالىدۇ ئەمەلىيەتتە  مەن بىرتال مىخنىمۇ تېلفوندىن بوشىتىپ باقمىغان پەقەت مۇشۇنداق توردىن بەيدۇدىن ماتېرىيال ئىزدەپ ئويلىنىپ ھەل قىلىش چارىلىرىنى تاپىمەن بەزىدە ھەل قىلىپ بەرسەم رەھمىتىمۇ يوق قىلاماي قالسام   ئاشۇنىمۇ قىلامامسە سەن دېگەن ئۇستا رېمونتچى تۇساڭ دېيشىدۇ    ئۆزى ئۈندىدارىنىڭ مەخپى نۇمرىنىمۇ ئۇقمايدۇ، قوزغىتالمىدىم   ئىتىتى پېتىتى يەي دەپ نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشىدۇ  
8-قەۋەت
xiraliuyghur ۋاقتى: 2016-9-2 17:07:55
ۋاھ  ۋاھ  بۇندا  ئىشلاغا مەنلام يۇلۇقىدىغان ئوخشايمەن دىسەم ، بۇنداقلار جېقكەنغۇ
9-قەۋەت
yigana240 ۋاقتى: 2016-9-2 17:42:15
باللا  مىنىڭ بېشىمدىن ئوتكەننى دەپ بوپتۇ مىنىڭ سوزلىشىمنىڭ ھاجىتى قامماپتۇ  بىلىمە دەپقۇيۇپ ئون قېتىم ئىشىنى قىپبىرىپ بىر قېتىم قىلالمىسا ئاغرىنىپ قارىمايدىغان ئىشلېرى باكەن ئايلاپ ئىزدەشمەي ئىشى چىقىپ قىپىرەممىسە ئاغرىنىپ يۇرۇشلېرى ئاداش مەن رىموتچىلىقتا ئۇقۇمىغان يا بىر ئانامنىڭ قۇسقىدىن تېلپۇننى بىلىپ چۇشمىگەن ئۈزۈڭ تىرىشىپ قىپباققىن قىلالمىساڭ ئاندىن قىپىرەي دىسە شۇنچە ئاددى ئىشلاغىمۇ ئادەم ئاۋارە قىلىپ ئىشى يوق بىكا تەلەت كۈرۈپ قالامدىكى ئىشقىلىپ تېخى دوستلۇرۇم ئۈزىنىڭ دوسلېرىنىڭ ئىشىنىمۇ مىنى قىلغۇزاتتى شۇڭا  ئۇزۇن بولدى مەنمۇ باشقىلانىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئولتاماي بىلمەيمە دەپ تۇرۋالدىغان بوپقالدىم دەسلىپىدە بىرە قېتىم ئاغرىنىدىكەن كىيىن بىلمەيدۇ دەپ ئىزدىمەيدىغان بولدى
10-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-9-2 18:09:57
مەنلا تەلەيلىككەنمەن ،مەن ھازىرغىچە بىرەرسىنى نارازى قىلىپ بەرمەي قانداق ئىش بولسا قىپ بىرىپتىمەن .
11-قەۋەت
ئابدۇللا ۋاقتى: 2016-9-2 19:06:14
ھەييي بۇ خاپىلىق ئ‍الپقا ئ‍ەزا بولغانلارنىڭ ھەممىسدە بار ئوخشىمامدۇ؟
12-قەۋەت
2124644733 ۋاقتى: 2016-9-2 19:19:52
شۇنداق مەن مۇشۇنداق  ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپتۇرغۇچى
13-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2016-9-2 19:24:28
ۋاي تۆۋە ...............
مەنمۇ بۇگۇن دەردىمنى ئازراق بولسىمۇ ئىيتىۋالاي: بىزنىڭ ئۆيدە ئايالىم ناھايتى جىددىي ئىدى بۇنى قىپ بىرىڭ ، ئۇنى قىپ بىرىڭ دەپ بىرنەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ، نەدە  شۇنداق ئاسان ئىش بار، ھايىت دەپ بولغۇچە بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئالەمنى مالەم قىلىۋىتىدىغان
بىر قانچە سائەت ئىيتىشىپ يامان تەستە ئىشنى پۇتتۇرسە نىمەدەيدۇ
شۇنچىلىك ئىشنىمۇ شۇنداق ئۇزۇندا قىلغان بارمۇ؟
مىنى ئۇگىنىۋالمىسۇن دەپ ھىلى ئۇيەرنى چىكىسىز، ھىلى بۇيەرنى......................:'(:'(:'(:'(
بۇ ئىشلارغا نىمەدىگۇلۇك
14-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2016-9-2 19:33:08
بۇنداقلارغا مەن ھېچنىمىنى بىلمەيمەن،بىلدىغانلارنى ئىزدىگىن دەپلا يوتقانغا كىرىپ ئۇخلىماقتىن باشقا ئامال يوق،چۈنكى سىز كۆڭلىنى ئايىغانلا سىزنىڭكىنى ئايمايدۇ،سىز 100قېتىم مەسىلىسىنى ھەل قىپ بىرىپ بىر قېتىم ھەل قىلىپ بەرمىسىڭز سەنمۇ شۇنچىلىككەنسەنغۇ دەيدۇ..........
15-قەۋەت
arwahjan ۋاقتى: 2016-9-2 19:34:27
ۋاي،،،دەل ماڭا ئوخشاش بالىكەنسىلە  مىنىمۇ تۇنۇش بىلىشلەنىڭ ھەممىسى رىمنۇتچى دەپ قارامدىكىن دەيمەن
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部