+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-5 10:52 3601 قېتىم كۆرۈلدى 46 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى ئايدا سامسۇڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفون S8 ۋە S8+ نى ئېلان قىلغان.
ئىچكى ساقلىغۇچى 4GB لىق سامسۇڭ S8 نىڭ باھاسى 5688 يۈەن، 6GB+128GB لىق S8+ نىڭ باھاسى 6988 يۈەن. بۇ ئىككىلىسىنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئوخشاشلا Exynos 8895 ؛ تۆۋەندىكىسى بۇ يانفونلارنىڭ ئاساسى سەپلىمىسى:

Galaxy S8+: Exynos 8895、6GB RAM+128GB(UFS 2.1)
Galaxy S8: Exynos 8895、4GB RAM+64GB(UFS 2.1)

ئالدىنقى كۈنى دۇنيادىكى تۇنجى 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن  nubia Z17 ئېلان قىلىندى.
دېمەك يانفون كارخانىلىرى بەس-بەستە يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ (RAM) نى چوڭايتىۋاتىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ چوڭايغانسىرى باھاسىمۇ قىممەتلەۋاتىدۇ. كومپىيۇتېرنىڭمۇ 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەنلىرى خېلى ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. ئۇنداقتا يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنى شۇنچىۋالا چوڭ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئۇنىڭ يانفوننىڭ تېزلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

نەزىرىيەدىن ئەمەلىيەت ئەۋزەل؛ باشقا سەپلىمىسى ئوخشاش ئىچكى ساقلىغۇچى 2GB پەرق قىلدىغان يۇقارقى ئىككى يانفوننىڭ تېزلىكىنى چەتئەلدىكى بىرەيلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان.
نەتىجىدە ئويۇننىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىدە  S8+ ئىككى سېكۇنت تېز؛ باشقا ئەپلەرنىڭ سۈرئىتىمۇ S8 تىن كۆرىنەرلىك تېز بولغان.
تۆۋەندىكى سىندىن تەپسىلاتنى كۆرۈڭ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

46ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
oylan2315 ۋاقتى: 2017-6-5 14:48:13
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 13:35
مېنىڭچە ئىچكى ساقلىغۇچ قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى ، م ...

سىز نىمىشقا نۇرغۇن ئەپلەرنى قاچىلۋالسىز ،شۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگە زۆرۈر لازىممۇ،نىمىشقا ئارقا سۇپىدا نۇرغۇن ئەپنى ئىجرا قىلىپ قويسىز ياكى ئارقا سۇپىدىمۇ ئاشۇ ئەپلەرنى ئىشلىتىدىغان باشقا ئادەم بارمىتى ،سىزنىڭ تېلفۇنغا بولغان ئېھتىياجىڭىز ئادەتتىكىچە ئەمما ئىقتىسادىڭىز بار ،شوڭا تەلەپ يۇقۇرى ،تېلفۇن ئىشلىتىشتىكى مەخسەت توغرا ئەمما ھەركەت خاتا ،نەتىنجە قانداق بولماقچىتى
گىلەم
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-6-5 11:14:52
ھازىر ئىچكى ساقلىغۇچى 2G بولغان تىلفۇنلا ئىھتىياجتىن چىقالمايدىكەن .  مەنمۇ بىرمۇنچە لازىملىق ئەپلەرنى قاچىلياممىدىم ، بۇنىڭدىن كېيىن 4Gغا يۈرۈش قىلىمىز ئەمدى .
ئورۇندۇق
nakix ۋاقتى: 2017-6-5 11:34:26
ئۇنىڭدىن باشقا مىنىڭچە ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن سىستىمىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن
5-قەۋەت
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-6-5 12:12:45
شۇنداق ھازىرقى يانفۇنلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 3G دىن يۇقىرى بولسا ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقىدۇ .
6-قەۋەت
mingyil2013 ۋاقتى: 2017-6-5 12:23:46
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ سامسۇڭمۇ تاكىراڭ بىر تېلېفۇنكەن. ئالما 6س نى سىتىپ ئالغانغا ساقلا تويغۇزدىغۇ ئادەمنى يەنىلا كونا بولسىمۇ ئالما يانفۇندىن بىرنى ئىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن. تىللاپ كەتمەڭلا يەنە مىنىڭ كەسپىم يانفۇنغا مۇناسىۋەتلىك بىر خاتىرە قالدۇراي سەنشىڭ س 8 كە مۇناسىۋەتلىك.
تېلېفۇننى تاپشۇرپ ئالدىم. ئۈندىدار، چ چ، جەمئىي 8 تال ئەپ قاچىلىدىم. ئويۇن ئويناپ كەتمەيمەن تېخى. ئەمما 3 كۈنىدىن باشلاپ ئۈندىداردىكى پاراڭلىشىش خاتىرسى كۆپەيگەندىن باشلاپ تېلېفۇن قىتىۋىلىشقا باشلىدى. چىداپ يەنە 2 كۈن ئىشلەتتىم. ئەھۋال بارغانسىرى يامانلاشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بازارغا ئاچىقىپ ئىلىشىغا سىتىپ يەنە ئالما 6س تىن بىرنى ئىلىپ ئىشلەتتىم. باشتىكى ئالما يانفۇنىمنى 2 يىل ئىشلەتكەن بىر قىتىم ئاستىلاپ قالغىنىنى بىلمەيتىم. ماۋۇ سەت تېلېفۇننى ئىلىپ 3 كۈندىلا بىر تەرەپ بولۇپ بولدۇم. رەسىمگە تارتىش ۋە كۆز -كۆز قىلىشقا ئىشلەتسىلا بولغىدەك بەزىدە يانچۇقۇمدىن ئىلىپ رەسىمگە تارتاي دىسەم 3-4 سىكۇنىتقىچە كامىرا ئىچىلىپ بولالماي مۇھىم كۆرۈنۈشلەر ئۆتۈپ كەتكەن يەرلىرىمۇ بولدى. ئەمدى بالامغا نەسىھەت قىلاي ئاندىروئىت يانفۇن قەتئىي ئالما بالام (قەبىي ھومايغا چىراي ئىپادىسى)
7-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 2017-6-5 13:28:32
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 12:23
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ سامسۇڭمۇ تاكىراڭ بىر تېلېفۇنكەن. ئالم ...

ساختىسىنى ئېلىپ قالدىڭىزمۇ ھە ؟
8-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 2017-6-5 13:35:44
مېنىڭچە ئىچكى ساقلىغۇچ قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى ، مېنىڭ بۇرۇنقى يانفۇنۇمنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى3GB ئىدى ، نۇرغۇن ئەپلەرنى قاچىلايتتىم ، لىكىن ئارقا سۇپىدا نۇرغۇن ئەپلەرنى ئىجرا قىلىپ قويسام  ئىچكى ساقلىغۇچ تۇشۇپ قېلىپ بەزى ئەپلەرنى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا يۇيىۋېتەتتىم ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يانفۇنۇمنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى6GB  ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەپلەرنى خالىغانچە قاچىلايمەن ، ئىچكى ساقلىغۇچ تۇشۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيمەن ، ئارقا سۇپىدا نۇرغۇن ئەپلەرنى ئىجرا قىلىپ قويساممۇ قېتىۋېلىش ياكى ئاستىلاپ قېلىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرمەيد.  
9-قەۋەت
uduntori ۋاقتى: 2017-6-5 13:40:47
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 12:23
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ سامسۇڭمۇ تاكىراڭ بىر تېلېفۇنكەن. ئالم ...

سىز ئالما 6s بىلەن سېلىشتۇرۇۋاتامسىز، بۇ تېلفۇن ئالما يەتتە بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئىپادىسى ياخشى چىققان، ياكى ئالغىنىڭىز ساقتا ۋە ياكى يارلانغان تېلفۇن ئوخشايدۇ

باھا سۆز

بۇ سامسۇڭ ئالما 6س نىڭمۇ كەينىدە تۇرىدۇ سىلىشتۇرۇشنى كۆرۈپ بىقىڭ  ۋاقتى: 2017-6-5 19:48
10-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-6-5 14:04:59
مىنىڭ ئەڭ بېشىمنى قاتتۇرىدىغان مەسىلە ئىچكى ساقلىغۇچ ئەمەس سىغىم بوشلىقى بۇلىۋاتىدۇ،مەسىلەن ئاندرويد يانفۇنغا مەلۇم ئەپتىن بىرنى چۈشۈرۈرگەن ۋاقىتتا ئەپ چۈشكەن ئۇرۇندا بىر سىغىم ئىگەللەيدىكەن ،ئاندىن ئاپنى قاچىلىغاندا system/app نىڭ ئىچىدە بىر سىغىم ئىگەللەيدىكەن ،ئاندىن يانفۇننىڭ غول مۇندەرىجىسىگە ھۆججەت خالتىسىدىن بىرنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا بىرمۇنچە بىر نەرسىلەرنى قاچىلاپ قۇيىدىكەن،يەنە غول مۇندەرىجىدىكەAndroid/dataھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىگەcom.xxxxxxدەپ ھۆججەت خالتىسى قۇرۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە يەنە بىرمۇنچە ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ قۇيىدىكەن،يەنە غول مۇندەرىجىگە يۇشۇرۇن ھالەتتە قاچىلىغان ئەپنىڭ نامىدا بىر ھۆججەت خالتىسى قۇرۇپ يەنە بىر نەرسىلەرنى قاچىلاپ قۇيىدىكەن،يەنە كېڭەيتىلگەن نامى بولمىغان ياكى (0.)بولغان رەسىملەردىن بىرمۇنچە چۈشۈرۈپ قۇيىدىكەن،ئاۋۇ ئەپ چۈشكەن ئۇرۇندىنغۇ قاچىلاپ بۇلۇپلا يۇيۋەتسەك بۇلىدىكەن system/appنىڭ ئىچىگە قاچىلنىپ سىغىم ئىگەللىشىغۇ بەرھەق ئامبار ھۆججىتى ئىشلىتىدىغان لوغەتكە ئوخشاش ئەپلەرغۇ غولمۇندەرىجىگە ھۆججەت قۇرۇپ سىغىم ئىگەللىسۇن ،ئەمما قاچىلىغانلىكى ئەپنىڭ ھۆججەت قۇرۇپ بىرنىمىلەرنى يۇشۇرۇن ياكى ئاشكاراقاچىلاپ ھەتتا كېڭەيتىلگەن نامى بولمىغان رەسىملەرنى قاچىلاپ قۇيۇشلىرى ئادەمنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ.ئاندرويد يانفۇنلاردا ھۆججەت باشقۇرۇش قۇلاي بولغىنى بىلەن غۇل مۇندەرىجىنى ئاچسا ھۆججەت خالتىسىنىڭ تۇلىلىقىدىن لازىملىق نەرسىلەرنى تاپماق جېلىلاتەس.ئەڭ يامان بولغان بىرئىش كامىرا ئارقىلىق تارتقان رەسىملەرنى يۇشۇرۇن .thumbnailsھۆججەت خالتىسى ئىچىدە زاپاسلاپ قۇيىدۇ،سىزباشقىلار كۈرۈپ قېلىشنى خالىمايدىغان رەسىملەرنى يۇيۋەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا .thumbnailsھۆججەت خالتىسى ئىچىدە بىرنۇسخا ساقلىنىپ قالىدۇAndroid 6.0ئەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ  ئەپلەرنى سىغ بوشلىقىنى  ئىشلىتەلمەيدىغان قىلىپ قۇيسام قاچىلىنىپ بولغان ئەپلەرمۇ قۇزغالمايدىكەن،مەن سىزىمچان ئىكانلىق يانفۇن ئىشلەتكەندىن باشلاپ سامسۇڭ ئىشلىتىمەن ئەڭ دەسلىۋىدە سامسۇڭنىڭ badaسېستىمىلىق GT-8530تىپلىق يانفۇن ئىشلەتكەن ئىدىم ئۇيانفۇندا ئەپ قاچىلىسا قۇشۇمچە ھۆججەت ،يۇشۇرۇن ھۆججەت قاچىلىنىپ سىغىم بوشلىقىنى ئىگەللىۋالىدىغان ئىش يوقتى ،ماۋۇ ئاندىرئىد سېستىمىغا كۆچكەندىن بىرى سىغىم ئىگەللىۋالىدىغان ،كۆرگەن كىنو-سىن كۈرۈنۈشلەردىن رەسىمگە تارتىپ ساقلىۋالىدىغان ،بەزى شەخسىي مەخپىيەتىچىلىككە تاقىشىدىغان يۇقارقىدەك ئىشلارنى زادىلا ھەل قىلالمىدىم ،يۇقاردادەپ ئۆتكەن ئىشلارنى بەزى تۇرداشلا بايقىمىغان بۇلىشى مۇمكىن ئەمما ھەممىسى ئەمەلىيەت .دوسلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى بىلسە ئۇتتۇرغا قۇيىشىنى، بولمىسا سۇغۇق ئىنكاس قۇيتۇرماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!
11-قەۋەت
梁飞 ۋاقتى: 2017-6-5 14:11:08
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 12:23
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ سامسۇڭمۇ تاكىراڭ بىر تېلېفۇنكەن. ئالم ...

ساختىسىنى ئىپ قاپسىز قىرىندىشىم ،مىنىڭ ئىشلىتۋاتقىتىم note3 كونا نۇسخىسى ،2013نىڭ ،كوۋالكوم800بىرتەرەپ قىلغۇچ ،رام 3gb، يىلدا بىرەر قىتىم تازلاپ قويىمەن ئۈندىدار qqلاردا قىتىپ باققىنى يوق ،كامىرا تور دىگەنلەر iphone5 تىن تىز ،ئەلۋەتتە بۇ يالغۇز مىنىڭ باھايىم ئەمەس ئەتراپىمدىكىبىرقانچەيلەن  ۋە شۇ iphoneئىگىسىنىڭ بەرگەن باھاسى ،ئىلگىرى vivoئىشلىتەتتىم،ھازىر سامسۇڭغا كۆچتۈم ،ئەپ ياساش دىگەنلەردە ھاجىتىمدىن چىقىپ بولالماي ،مىنىڭچە سامسۇڭ بوپ قويدىكەن

باھا سۆز

ساختىسى ئەمەستى قاراپ تۇرۇپ 7000 مىڭغا ساختىسىنى ساتماس خەقمۇ 5000 غا ساتتىم  ۋاقتى: 2017-6-5 19:37
12-قەۋەت
/uyghurbag ۋاقتى: 2017-6-5 14:22:02
ماۋۇ بالىلار قانداق يانفوننى قانداق ئىشلىتىدىكىن تاڭ ھازىر 2جى راملىق يانفونلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ   بۇنداق يانفونلارغا چوڭ تىپتىكى تور ئويۇنىنى ئۈزمەي ئىككى -ئۈچ سائەت ئوينايدىغان ئويۇنچى بولمىسىڭىزلا ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقىدۇ . مانا مەنمۇ 2012 نىڭ سەنشىڭ ئېس ئۈچ يانفونىنى مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلى ئىشلىتىۋاتىمەن  بولمىسا 4 جى راملىق يانفونلار بىزدىمۇ بار   ئاۋۇ ئىس ئۈچنى ھازىر ھېچكىم ياراتمايدۇ ئەمما مان تور ئويۇنىدىن ئۈچنى  ئۇندىن  باشقا ئۈندىدار  چىچى  تاۋباۋ  .........  قاتارلىق  ئاساسلىق دېتاللار ھەممىسى بار   ئويۇنغا كىرگەندە سەل ئاستا ئەمما باشقا تورغا چىقىش   ئالاقە   سۈرەتكە تارتىش  ئىشلىرى راۋان كېتىپ بارىدۇ ...     سىلەرگە يەنە قانداق ئىشلەپبەرسە بولىدىكىن تاڭ
13-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-6-5 14:34:48
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 12:23
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ سامسۇڭمۇ تاكىراڭ بىر تېلېفۇنكەن. ئالم ...

سىز تىلفونىڭ ساختىسنى ئىپ قاپسىز  5 كۇن بولغاندىكنى نىمىشقا مەخسۇس  سىتىش  دۇكگىنىغا  ئاپارمىدىڭىز  ياكى ساتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلاشمىدىڭىز  قاندق ئادام تىلفونى ئىلىپ ھەپتە بولماي ناچار چىقىپ  قالسا ئىلىشىغا ساتىدۇ، بەش ئالتە مىڭيۈنلىك تىلفوننى ئىلىشىغا ساتسىىز ئىككىنجى قول بازاردا قانچىلىك ئالماقچى، تاۋباۋا كۆپ ئۇ تىلفونىڭ ساختىسى  بازارغا سالماي تۇرۇپلام تاۋباۋدا سىتىلىشقا باشلىغان .
14-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-6-5 14:37:08
ھەر كىمنىڭ ئېھتىياجى ئوخشاش ئەمەس مەنمۇ شىياۋمى تۆت ئىشلىتۋاتىمە ئىچكى ساقلىغۇچ ئىككى جى ھاجىتىمدىن تۇلۇق چىقۋاتىدۇ ،سىغىم چوڭنى ئېلىپ تور دۇنياسىدىكى بارلىق ئەپنى قاچىلۋېلىشنىڭ ئورنى يوق ئاساسەن ئىشلەتمەيدىغان ئەپنى قاچىلۋېلىپ ئارقا سۇپىدىما ماڭدۇرۇپ قۇيۇپ تىلفۇننى قىيناپ يەنە لەقەم قويغانچىلىك ئىش بارمۇ،ئىككى جىدىن تۆۋەن سىغىمدىكى تىلفون ئىشلىتۋاتقانلامۇ نۇرغۇن ھەر كىم ئىھتىياجغا يانچۇققا قاراپ ئىش تۇتۇدۇ
15-قەۋەت
Acula ۋاقتى: 2017-6-5 14:53:28
mingyil2013 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 12:23
گەپنىڭ مۇھىمى بۇ سامسۇڭمۇ تاكىراڭ بىر تېلېفۇنكەن. ئالم ...

سەنشىڭ تېلېفون ئەمەس، تاكىراڭ تېلېفون ئېلىپ قاپسىز. ماۋۇ يېڭى چىققان ئېس 8 ئەمەس، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئالغان A7100 تېلېفونۇممۇ سىز كۆرگەندەك خۇيىنى تېخى كۆرسىتىپ باققىنى يوق، KNOX ئارقىلىق ئىككى ئۈندىدار نومۇرىنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部