+تېما يوللاش
(تەنھا) يوللانغان ۋاقتى:2016-5-22 23:41 3142 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈندىدارنى كۈندە ئىشلىتىدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى تېخنىكىلارنى بىلىپ كېتىشى ناتايىن!
1. ئوقۇلمىغان ئۇچۇرلارنى قوش چېكىپ تېز سۈرئەتتە ئېچىپ كۆرۈش
ئۈندىداردىكى ئۇچۇرلىرى كۆپ بولغان ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ھەر قېتىم پاراڭلىشىش خاتىرىسى تىزىملىكىدىن ئوقۇلمىغان ئۇچۇرنى ئىزدەپ تېپىش ۋاقىت ئىسراپ بولىدىغان بىر مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قولىدا مەشغۇلات قىلىدىغان iPhone ئىشلەتكۈچىلەر نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىت باش بارماق بىلەن ئېكراننى سىيرىپ ئۇچۇر ئىزدىگەندە قول بارماقلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە پاراڭلىشىش خاتىرىسى تىزىملىكى ئاستىدىكى «ئۈندىدار» دېگەن خەتنى قوش چېكىپ، ئوقۇلمىغان ئۇچۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ.
2. گەپنىڭ يېرىمىنى سۆزلەپ بولغاندا قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتكەندە خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ بولۇپ ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە خاتا سۆزلەپ قويسىڭىز، بارمىقىڭىزنى قويۇۋەتمەي ئۈستى تەرەپكە سىيرىسىڭىز ئاۋازلىق ئۇچۇرىڭىز بىكار قىلىنىدۇ،
3. خەت ئۇرۇپ ھېرىپ كېتەمسىز؟ ئۈندىدار سىز ئۈچۈن ئۇرۇپ بېرىدۇ!
بىر قىسىم ئەھۋالدا، دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئاۋازللىق پاراڭلىشىش قارشى تەرەپكە قولايسىز بولۇپ قالىدۇ، ئەمما سىز خەتچ ئۇرۇشنى ياقتۇرمايسىز، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۈندىدارنىڭ ئاۋازلىق خەت كىرگۇزگۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. 
4. ئۈندىدار توپىدىكى دوستلارنى تېز سۈرئەتتە ئىزدەش
ئۈندىدار توپىدىكى دوستلىرىڭىز كۆپ بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقتىت سەرپ قىلىپ مەلۇم بىر دوستىڭىزنى ئىزدىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە توپتىكى سىز ئىزدىمەكچى بولغان دوستىڭىزنىڭ باش سۈرىتىنى بېسىپ تۇرسىڭىزلا ئۇنىڭغا بىۋاستە خەت يازالايسىز. 
5. ئۇچۇر كەلگەندە دەخلى قىلمايدىغان قىلىپ توغرىلاش
دوستلىرىڭىز كېچىچە پاراڭلىشامدۇ؟ ئۇچۇرلارنى چەكلىۋېتىشنى ياكى يانفوننى تىترەش ھالىتىگە توغرىلاپ قويۇشنى خالىمامسىز؟ ئۇنداقتا سىز «تەڭشەك(设置)»__«يېڭى ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى新信息通知»__«ئۇچۇر كەلگەندە دەخلى قىلمايدىغان قىلىپ توغرىلاش ئىقتىدارى功能信息免打扰»__«پەقەت كېچىدە ئېچىپ قويۇش (只在夜间开启)» دېگەن تۈرنى ئېچىپ قويسىڭىز كېچىدە ئۇچۇر كەلگەندە سىزگە دەخلى قىلمايدۇ. 
6. ئۈندىداردىمۇ «ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇش» ھالىتىگە توغرىلاپ قويغىلى بولىدۇ
ئۇچۇر كەلسە ئەڭ بۇرۇن كۆرۈشىڭىز زۆرۈر بولغان دوستلىرىڭىز بار بولسا، ئۇنىڭ باش سۈرىتىنى چېكىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى [...] بەلگىسىنى بېسىپ، «يۇلتۇز بەلگىلىك دوست قىلىپ توغرىلاش 设为星标好友» دېگەن ئىقتىدارنى ئېچىپ قويسىڭىز، بۇ دوستىڭىز ئۈندىداردىكى ئالاقە خاتېىرىسى تىزىملىكىدە ئەڭ ئۈستىدىكى ئورۇنغا تىزىلىدۇ. 
7. توپ ئۇچۇرىنى چوققىلاش
ئۈندىدارىڭىزدىكى توپلار كۆپ بولسا، ئەگەر مۇھىم توپلار بار بولسا، سىز توپنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بەلگىنى بېسىپ، توپ تەڭشىكى كىرىپ،«پاراڭلىشىشنى چوققىلاش 置顶聊天»نى ئېچىپ قويسىڭىز، بۇ  توپ ھەر ۋاقىت پاراڭلىشىش خاتىرىسى تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ
8. تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ ئۈندىدار پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى چىقىرىۋېلىش
ئۈندىداردا خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار مۇھىم پاراڭلىشىش خاتىرىلىرىنى كومپيۇتېرغا نۇسخىلاپ چىقىرىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۈنداقتا قانداق قىلغاندا تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى چىقىرىۋېلىشقا بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە پەقەت iPhone/iPad لەرنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ، ئالما ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇستىسى (苹果恢复大师) نى ئېچىپ، چىقىرىۋالماقچى بولغان پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ. )
ئۇستازلارنىڭ تەستىقلاپ قۇيشىنى ئۇمىت قىلمەن مۇشۇ تۇنجى تىمام رەسىملەرنى ئارلىققا كىرگۇزەلمىدىم مۇشنى رەتلەپ تەستىقلاپ قويساڭلار  
مەنبە:نۇر تورى   http://m.nur.cn/news/2016/05/295992.shtml







ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Abidjon ۋاقتى: 2016-5-23 07:58:00
ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنىڭ تولۇق ،نورمال چىقماسلىق مەسلىسى قاچانمۇ ھەل قىلىنار؟
گىلەم
司令 ۋاقتى: 2016-5-23 09:43:30
رەھمەت  بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ياخشى تىما  بوپتۇ قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم
ئورۇندۇق
arjun ۋاقتى: 2016-5-23 12:28:45
Abidjon يوللىغان ۋاقتى  2016-5-23 07:58
ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنىڭ تولۇق  ...

بۇ سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنىڭ فونىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈندىدارنىڭ ئەمەس.
5-قەۋەت
joda ۋاقتى: 2016-5-23 14:59:54
arjun يوللىغان ۋاقتى  2016-5-23 12:28
بۇ سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنىڭ فونىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈ ...

مىنىڭمۇ شۇنداق ..بۇرۇنقى نەشرىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى ..ھەرخىل فونىتلارنى قاچىلاپ باقتىم يەنە ئوخشاش ..چەمبىرەكتىكى خەتنىڭ يىرىمى كۆرۈنمەيدۇ
6-قەۋەت
15199087891 ۋاقتى: 2016-5-23 15:06:41
مېنڭمۇ شۇنداق
7-قەۋەت
chilek175 ۋاقتى: 2016-5-23 17:20:13
كەچۈرۈڭلار    ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى تور بەت بولسا ئادىرسىنى يىزىپ قويغان بولساڭلا
8-قەۋەت
(تەنھا) ۋاقتى: 2016-5-23 17:25:35
كەچرۇڭ مەن بىلمەيدىكەنمەن
9-قەۋەت
Abidjon ۋاقتى: 2016-5-23 17:51:13
arjun يوللىغان ۋاقتى  2016-5-23 12:28
بۇ سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنىڭ فونىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈ ...

بۇرۇن نورمال ئىدى، تېلفونمۇ شۇ تېلفون. نەچچە قېتىم ئۈندىدار نەشرىنى يېڭىلاپ بۇ مەسلە كۆرۈلدى. باشقا سالونلاردا بالىلار بۇنىڭ تېڭشۈننىڭ مەسلىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىپتىكەن
10-قەۋەت
(تەنھا) ۋاقتى: 2016-5-24 02:41:35
ھى ھى ھى
11-قەۋەت
Uyhackerjan ۋاقتى: 2016-5-27 21:16:40
ئۈندىدار دىكى ئىقتىدارلارنى راسا ھەزىم قىلىۋالىدىغان بولدىدە بىلمەيدىغانلار؛ياخشى
12-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2016-5-28 01:44:57
دوسلار چەمبىرىكىگە بۇرۇن يوللىغان مەزمۇنلارنى توپ ھالدا ئۆچۇرىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟
13-قەۋەت
(تەنھا) ۋاقتى: 2016-5-28 07:11:51
uqkun77 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-28 01:44
دوسلار چەمبىرىكىگە بۇرۇن يوللىغان مەزمۇنلارنى توپ ھال ...

ياق ئۇنداق قىلغىنى بولمايدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部