+تېما يوللاش
بودەكباي يوللانغان ۋاقتى:2017-6-4 23:15 1475 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1. ئورگان تەرەپ ئالماشتۇرغان نۇسخىسى (官换机)
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سىز بىر يېڭى يانفون سېتىۋالدىڭىز، ئاندىن مەسىلە چىققاندىن كېيىن ئالمىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپاردىڭىز، ئادەتتە ئالما ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، رېمونت قىلمايدۇ (ئادەم ئامىلىدا بۇزۇلمىغان ھەمدە قاتتىق دېتالى چوڭ دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتمىگەن بولسا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)، سىزگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن يانفون دەل ئورگان تەرەپ ئالماشتۇرغان نۇسخىدىكى iphoneدىن ئىبارەت، بۇ يانفوندىمۇ يېڭى يانفوندا بار بولغان بارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئورگان تەرەپ ئالماشتۇرغان يانفوننىڭ تىپى يۈز پىرسەنت Nدىن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە زاپچاسلىرى بازارلاردا سېتىلىۋاتقان تەقلىدىي زاپچاسلاردىن ئىبارەت.
ئورگان تەرەپ ئالماشتۇرغان يانفون ئادەتتە يېڭى يانفون، رېمونت قىلىنغان يانفون ئەمەس. ئادەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئورگان تەرەپ ئالماشتۇرغان نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ ھەممىسى يولى بار سودىگەرلەر سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىدىن ئالماشتۇرغان يانفونلار. شۇڭا خېرىدارلارنىڭ قولىغا تەگكەن يانفون شۇ كۈنى قوزغىتىلغان ئەمەس، رېمونت كاپالەت ۋاقتىمۇ 365 كۈن ئەمەس. زاپچاسلىرىنىڭ ئەسلى زاپچاس ئەمەسلىكىگە كەلسەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرغاندا پەقەت يانفوننىلا ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ساتقۇچى تەرەپ سىزگە 50 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يۈرۈش تەقلىدىي زاپچاسنى بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئەسلىدىكى ئەسلى زاۋۇت زاپچاسلىرى قەيەرگە كېتىدۇ؟ بۇنىڭ تەرتىپى مۇنداق، مەن بۇلتۇر رېمونت كاپالەت ۋاقتى توشىمىغان بىر iphone5s يانفوننى سودىگەرگە سېتىپ بەردىم (زاپچاسلىرىنى بەرمىدىم)، ئاندىن سودىگەر بۇ يانفوننى ئالمىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىپ بىر يېڭى يانفونغا ئالماشتۇرۇپ كېلىدۇ، ئالماشتۇرۇپ كەلگەن يانفوننىڭ زاپچاسلىرى بولمايدۇ، پەقەت يانفونلا بار، مانا بۇ ئورگان تەرەپ ئالماشتۇرغان يانفون (官换机)دىن ئىبارەت. ئادەتتە سودىگەرلەر بۇ خىل يانفوننى يېڭى يانفوننىڭ باھاسىدا سېتىپ چىقىرىدۇ.

2. ئورگان تەرەپ يېڭىلانغان نۇسخىسى (官翻机)
ئىسمىدىنلا ئورگان تەرەپ رېمونت قىلىپ يېڭىلىغان يانفون ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل يانفوننى ئالما بازىرىدا سېتىلىدىغان يانفون دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ، app storeدىمۇ ساتقىلى بولمايدۇ، ئەمما غەلىتە يېرى بۇ خىل يانفون بازاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. تېخىمۇ غەلىتە يېرى بۇ خىل يانفوندىمۇ ئالمىنىڭ رېمونت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رېمونت كاپالەت ۋاقتى يېڭى يانفونغا ئوپمۇ ئوخشاش، زاپچاسلىرىمۇ ئەسلى زاۋۇت زاپچاسلار.
بۇ خىل يانفونلارنىڭ تىپ نومۇرى ئادەتتە N ياكى Fتىن باشلىنىدۇ.

3. يېپيېڭى يانفون (全新机)
بازاردا مۇنتىزىم يوللاردا سېتىلىۋاتقان يانفونلار مەيلى يانفون بولسۇن ياكى زاپچاس ۋە قاپلىرى بولسۇن مۇنتىزىم زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېڭى يانفونمۇ قېپى ئېچىلمىغان يېڭى يانفون ۋە قوزغىتىلمىغان يېڭى يانفون دەپ ئايرىلىدۇ، قېپى ئېچىلمىغان يېڭى يانفون قاپلىرىنىڭ پېچەتلىرى ئەسلى زاۋۇت ھالىتىدىكى يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ، قوزغىتىلمىغان يېڭى يانفون بولسا قېپى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېچىلغان، ئەمما يانفون ئېچىلىپ باقمىغان تۈردىكى يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ (بۇ ئىككى خىل يانفونلارنىڭ باھاسىمۇ پەرقلىنىدۇ).
ھازىر بەزى سودىگەرلەر قېپى ئېچىلغان يانفوننى قايتىدىن پېچەتلەپ ئوراپ چىقىدۇ، مانا بۇ ئاتالمىش كېيىن ئوراپ پېچەتلەنگەن يانفون، تەپسىلىي قارىمىسا پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر كۆپچىلىك سېتىۋالغان يېڭى ئەسلى زاۋۇت يانفونىنىڭ ئورالما سۇلياۋ بار بولسا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ، بۇ خىل سۇلياۋنى كۈچلۈك نۇرغا تۇتقاندا رەت-رەت تىزىلغان ھاۋا تۆشۈكچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تۆشۈكچىلەر ئىنتايىن رەتلىك، ئەمما كېيىن پېچەتلەنگەنلىرىدە بۇ خىل ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولمايدۇ. يېڭى يانفوننىڭ تىپ نومۇرى چوقۇم Mدىن باشلىنىدۇ، 5sنىڭ MFتىن، 6نىڭ MGدىن، 6sنىڭ بولسا MKدىن باشلىنىدۇ.
مەنبە:نۇر تورى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
dostak ۋاقتى: 2017-6-5 00:16:41
ئاڭلىمىغان گەپكەن ماۋۇ ، ئاندىن تىمىدىىكى زاپچاسلار نىمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ؟
گىلەم
kadrla ۋاقتى: 2017-6-5 00:43:57
رەھمەت سىزگە ، تېما ئىگىسى ، بۇ ئىشلارنىمۇ بىلىۋالساق بولغۇدەك.
ئورۇندۇق
بودەكباي ۋاقتى: 2017-6-5 01:00:24
توك قاچلىغۇچ ،يىڭنە ،تىڭشىغۇچ،چۈشەندۈرۈش دەپتىرى دىگەندەك
5-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-5 01:22:13
ناھايتى ياخشى چۈشەنچە بىرىپسىز   سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتتە  ئالمىنىڭ ئەڭ ياخشى  باشقا يانفۇن شىركەتلىرى تىخى بۇنداق قىپ بولالمىدى,ئادەتتە شىنجاڭ ئىچىدە سىتىلۋاتقان ئالما يانفۇنلىرىنىڭ يۈزدە سەكسەن پىرسەنتى فەنشىن چىقىدۇ  خەخلەر ياخشىنى تىپىپ ئالالماي ئالمىدىن  قاخشايدۇ,بولۇپمۇ جوڭسەندە تونۇشىڭىز بولمىسا يۈزدە يۈز  فەنشىن تىلفۇن ئالىسىز,خەخنىڭ مەخسۇس سىتىش دۇكىنىدىن ئالدۇق دىگىنى قۇرۇق گەپ,
ئالمىنىڭ مەخسۇس سىتىش دۇكىنى  جۇڭگودا پەقەت ئىككىلا جايدا بار,ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سىتىش دۇكىنى يوق,ئالما مەخسۇس سىتىش دۇكىنى دىگەن ۋىۋىسكا ئىسۋالغانلار ھەممىسى يالغان
6-قەۋەت
زومىگەر ۋاقتى: 2017-6-5 02:46:19
تاۋباۋدىن ئاندىروئىد ياناۇن سېتۋالغاندا بەزىدە يېڭى بولسىمۇبىر ئاز ئىشلەتكەن يانفۇندەك تەسىر بىردىكەن يېڭى ئورگان تەرەپتىن سېتۋالدىغان تور ئادىرسى بارمىدۇ مەسىلەن شىئاۋمىنىڭ تاۋباۋدا ياكى…
7-قەۋەت
ئىزلەپ ۋاقتى: 2017-6-5 07:57:22
زاپچاسلىرى دېگەن ، توك قاچىلىغۇچى ، تىڭشىغۇچ قاتارلىقلارمۇ
8-قەۋەت
tog_rak ۋاقتى: 2017-6-5 08:59:31
زومىگەر يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 02:46
تاۋباۋدىن ئاندىروئىد ياناۇن سېتۋالغاندا بەزىدە يېڭى ب ...

جىڭدوڭدىن ئېلىڭ
9-قەۋەت
تەنھا530 ۋاقتى: 2017-6-5 12:33:48
تالىشىپ كەتكىننى بۇلارنىڭ ، مەن دەيمەن ، سىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدا قايسى يانفۇننىڭ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى بولسا شۇنى ئالغىنىڭىز ياخشىكەن ، مەن مېيزۇ 3s تىن بىرنى ئالغان ، قەشقەردە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى يوقكەن ، بۇ يانفۇنغا 7 ئاي بولغاندا ئېكرانغا رەڭ تارايدىغان ئىش پەيدا بولۋالدى ، يانفۇننى ساتقان بالا بىلەن ئالاقىلاشسام ، قەشقەردە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت يوق ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بىرىڭ ، مۇشۇ يەردە ئوڭشىتىپ بىرەي دەيدۇ ، رېمۇتچىدىن ئۇقسام بۇ ئېكراننىڭ ئىشىكەن ، ئېكراننى 120 ئەتراپىدا ئالغىلى بولىدىكەن ، ئەگەر يانفۇننى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتسەم بېرىپ كەلگۇچە 100 يۈەن كىرا كىتىدىكەن ۋاقتىمنى ئالغاندىن باشقا ، ئۇنۇڭدىن كۆرە ئۆزۈم ئېكران سېلىۋالاي دەپ ئويلىدىم ، مۇشۇ بىر قاتار مەسلە چىققاندىن كىيىن ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ تەۋەسىدە سېتىشتىش كىيىنكى مۇلازىمىتى بار يانفۇن ئالغان ياخشىكەن ،
10-قەۋەت
uduntori ۋاقتى: 2017-6-5 13:47:16
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 08:47
سىتىۋ جۇبىس ئالما تىلفۇنىنى ئادەملەر ئىشلەتسۇن دەپ چ ...

چۈشىنىپ سۆزلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، دۇنياۋى ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، جوڭگۇدا ئالما شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن ئىككىسىلا بار، مەخسۇس سېتىش دوكىنى دىگەننى چۈشىنىپ سۆزلىسىڭىزمۇ بولىدۇ
11-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-5 21:45:05
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atax520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-5 22:03  
uduntori يوللىغان ۋاقتى  2017-6-5 13:47
چۈشىنىپ سۆزلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، دۇنياۋى ئىشلارنى  ...


نادانغا   سۈكۈت    ھىچنىمىنى چۈشەنمەي  قارىسىغىلا  ئىنكاس  يازىدىغان  ھوشو  قوپقاقلا  كۆپكەن  بۇ  توردا
12-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2017-6-5 22:05:59
سىز خىلى چۈشىنىدىكەنسىز  ئالمىنى , bagmurad مۇنۇ  بالا  تولىمۇ  غەلىتە  ئىنكاس  يازىدىكەن   ھوشۇق دىسە پاقالچاق دىگەندەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部