+تېما يوللاش
begmurad يوللانغان ۋاقتى:2016-1-12 00:46 2748 قېتىم كۆرۈلدى 39 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئ‍ەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئ‍الىپ ئ‍ەھلى ھەممىڭلارغائ‍الىي سالىمىمنى يوللايمەن!!!
  بىر نەچچە ئ‍ايدىن بۇيان تاختا كومپىيوتىرغا يەنى ۋىندوۋس سستېمىلىق پەدكە بەك قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى توردىكى ئ‍ۇچۇرلارغا قارىغاندا مىكروسوفىتنىڭ surface pro 4 نىڭ سىتىلىشى ئ‍ىنتايىن ياخشى بۇلۇپ جۇڭگو رايونىدا بۇ مەھسۇلاتنى يىتىشمەيۋىتىپدەك … بۇ نەرسە بەك ئ‍ەرزانمۇ دەپ قالماڭ يۇقىرى سەپلىمىلكى 13368 يۈەن خەلق پۇلى يەنى ئ‍ايفۇن 6 دىنمۇ قىممەت .
شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا مەن ئ‍ىكىسپى سەپلىمىلىlenovoخاتىرە كومپىيوتىرىمنى سېتىۋەتكىلى يېرىم يىل بۇلۇپ قالدى، ئ‍ۈستەل كومپىيوتىرىمنىغۇ سىتىۋەتكىلى نەچچى يىل بولدى، قىسقىسى مۇشۇنداق ئ‍ۇچۇر دەۋرىدە گەرچە ئ‍ەقلىي ئ‍ەقتىدارلىق يانفۇن بىلەن خىلى ئ‍ىشلارنى قىلغىلى بولسىمۇ يەنىلا بەزىدە كومپىيوتىر لازىم بۇلۇپ قالىدىكەن . ئ‍ەسلىدە ئ‍ۈستەل كومپىيۇتىردىن بىرنى خاتىرە كومپىيوتىردىن بىرنى ئ‍الاي دىگەن ئ‍ەمما ھازىرچە خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ ئ‍ورنىدا ۋىندوۋس پەد ئ‍الاي دەپ ئ‍ويلاپ قالدىم.
ۋىن پەدە  نى تاللىشىمدىكى سەۋەپ( نەزەرىيە جەھەتتىن) مەن تېخى ئ‍ۇنى ئ‍ىشلىتىپ باقمىدىم بىرىنچىدىن ؛ يىنىك، ئ‍ىلىپ يۈرۈش قۇلاي، خاتىرە كومپىيوتىر ئ‍ىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، يېرىم كۈنلا خاتىرە كومپىيوتىرنى ئ‍ۇياق -بۇياققا ئ‍ىلىپ ماڭسىڭىز مۈرىڭىز ئ‍اغرىپ كىتىدۇ، قولدا كۈتۈرسىڭىز قولىڭىز تېلىپ كىتىدۇ.(ئ‍ەلۋەتتە ئ‍ۈستەل كومپىييوتىرىدىن كۆپ قۇلايلىق ھەم يىنىك بولسىمۇ)
ئ‍ىككىنچىدىن ئ‍ىقتىدارى ئ‍وخشاش بۇلۇپلا قالماي تىخىمۇ ئ‍ەپچىل ۋە قۇلاي، ھازىرقى يۈنىلىشتىن قارىغاندا ۋىن پەد خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ ئ‍ورنىنى ئ‍ىلىشى مۇمكىن(شەخسىي پەرەز ). دەۋر بىلەن تەڭ ياكى ئ‍الدىداراق ماڭمىسام بىر ئ‍وبدان خاتىرە كومپىيوتىرنى بىكارنىڭ ئ‍ورنىدا ساتقاندەك مەھسۇلاتنى بىكاردىن بىكار سىتىپ يەنە ئ‍ىلىپ مەھسۇلات ۋە پۇل ئ‍ىسراپچىلىقى كىلىپ چىقىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن تورداشلاردىن ۋىن پەد ، surface ئىشلىتىپ  باققانلارنىڭ ئەمەلىيەتنى ئ‍اساس قىلغان ئ‍ەھۋال ئ‍استىدا ئ‍ۆز كۆزقاراشلېرىنى ئ‍ۇتتۇرىغا قۇيۇشىنى سورايمەن. ئەلۋەتتە ۋىندوۋس سسستېمىلىق پەد چىققىلىمۇ خېلى بولدى ئ‍ەمما ئ‍ومۇملىشالمايۋاتىدۇ بۇ يەردىكى مەسلە قەيەردە ، ئ‍ەمەلىيتىڭلارغاباغلاپ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئ‍ۈمىد قىلىمەن، رەھمەت.
بۇلۇپمۇ 10 سوڭ ئ‍ەتراپىدا ۋىن پەد قانداراق بۇلا مەسلەن؛ ondav919 ياكى  onda v891 دىگەندەك پەدلەر قانداراق بۇلا،
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

39ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
bengbash ۋاقتى: 2016-1-12 11:26:24
مېنىڭچە، شياۋمى پەد 2 نىڭ 64g لىقىنى ئېلىڭ، ۋىندوۋس ھەم ئاندرويد قوش سېستىما، خالىغاننى ئىشلىتىسىز، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس، 1299 كوي. كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئالاھىدە ئىشىڭىز بولمىسا، ۋىندوۋستىن تېزلا زىرىكىپ قالىسىز، ئادەتتىكى ئىشلاردا يەنىلا ئاندرويد ياخشى.
تەۋسىيىلەش
K_O_K_L_A_N ۋاقتى: 2016-1-12 11:39:30
ھەممە نەرسىنىڭ مىھىرى بۆلەكچە بولدىكەن ، ئۆيۇمدە i5 cpu  لۇق بىردانە ئۇستەل كومپىيۇتىر ۋە بىردا خاتىرە كومپىيۇتىر بار  ، شۇنداق تۇرۇقلۇق كۆچمە ئۇسكۇنلەرگە بولغان ھەۋسىم تۇپەيلى ، تور دۇكانلىرنى ئايىلىنىپ يۇرۇپ كۆڭلۇم 台电X98 Puls غا توغتىدى ، ھەمدە قوش 12 كۇنى ئورگان تەرپتىن 989يۇۋەنەن قوشۇمچە زاپچاسلىر بولۇپ 1200نى خەجلىدىم ، مالنى قولۇمغا ئالغاندىنكى تەسىرات :

تاختا سەپلىمىسىنى ئورگان بىكتىدىن كۆرۇڭ
http://www.teclast.com/zt/X98Plus/
ئېكران ئالاھىدە سۇزۇك 2048x1536
توكى بىر قىتىم تولۇق قاچىلاپ بىسىپ كىنۇ كۆرسىڭز گەپ يۇق سەككىز سائەت يىتىدۇ .
سېسىتىمسى ئائىلە نۇسقىدىكى 64بىتلىق ھەققى ۋىن 10 ،  مەن قۇلۇمغا ئالغان كۇنسىلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۇشۇرۇپ ئۇيغۇرچە قىلۋالدىم .
ئاپىراتى بەش مىليۇن پىكسىل بولغان بىلەن ئالاھىدە سۇزۇك تىلفۇنىمنىڭ 13مىليۇن دىن ياخشى كۆردۇم ،  ئىشلىتىش جەريانىدا قىزىش ئەھۋالى كۆرۇنمىدى ، ئەمما زەلەتلىگەندە زەرەتلىگۇچ ۋە تاختا ئازىراق قىزىيدىكەن ،   ئىشلىتىش جەريانىدا قىتۋالدىغان ئاستىلاپ قالدىغان ئەھۋال كۆرۇنمىدى ئچكى ساقلىغۇچ 4جى  كۆرسىتىش كارتىسى 1جى بولغاچقا i5 cpu لۇق كومپىيۇتىرنى ئشىلەتكەندەك ھىسياتتا بولدۇم ، بىرلا يىتەرسىزلىكى قاتتىق دسىكا مەسلىسى بىر دىسكا رايۇنى بار بولۇپ يەنى c رايۇن 64جىنىڭ 20جى بوشلۇقنى سېستىما ئۆزى ئىگەلەيدىكەن قالغان 30نەججە جى بوشلۇق بىزنىڭ ئىشلىتىشمىزگە قالدۇغان ، شۇنىڭ بىلەن 64جى لىق sd  كارتىدىن بىرنى قاچىلاپ 128جى قىلۋالدىم  ئۇستەل كومپىيۇتىر بىلەن خاتىرە كومپىيۇتىر بەريەدە قالدى دەيمە ، بەكلا قولايلىق    
ئىشقىلىپ خەجلىگەن پۇلىڭزغا رازى بولىسىز.

باھا سۆز

قوللايمەن . مەنمۇ X98 pro دىن بىرنى ئىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن .  ۋاقتى: 2016-1-12 12:45
ئورۇندۇق
abjsoft ۋاقتى: 2016-1-12 01:06:40
مەن ئوندا ماركىلىقىنى ئىشلىتىۋاتقىلى مانا بىر يېرىم يىل بوپتۇ ، بەك رازى بولدۇم ، ئەينى چاغدا 1500 سومغا ئالغان ، چوڭ ئېكرانغا چېتىپمۇ ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ، ئۆيگە كەلسەم ئېكرانغا چېتىپلا ئۈستەل كومپىيوتېرى قىلىۋالىمەن  كۆكچىش كۇنۇپكا تاختا مائۇسلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە ، ئىشقىلىپ مەن بەك رازى بولدۇم ، ھەقىقەتەن قۇلاي.
5-قەۋەت
abjsoft ۋاقتى: 2016-1-12 01:09:37
سېستىمىسى 8.1  ئىدى ھازىر 10 غا ئۆزلىكىدىن كۆتۈرۈلدى ، سېتىۋالغاندا ئوففىس تىن بىر نۇسخا سوۋغاتكەن تېخى 2015 نىڭ ئۇيغۇرچە ۋورد ئېكىسىللىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان گەپ ، بۇرۇنقىدەك ئوغرى نەشىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ( چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
6-قەۋەت
boptula ۋاقتى: 2016-1-12 01:17:29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boptula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-12 01:21  
abjsoft يوللىغان ۋاقتى  2016-1-12 01:09
سېستىمىسى 8.1  ئىدى ھازىر 10 غا ئۆزلىكىدىن كۆتۈرۈلدى ، سې ...


دىمەك بۇ ۋىندوۋىس پەد  خاتىرە كومپىيۇتېر قىلغان ئىشنى قىلالايدۇ شۇنداقمۇ ؟ مەسىلەن win7 , win8 سېستىمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ سىغىمى بەك كىچىك چىقىپ قالامدۇ ؟ ھازىر باھاسى قانداقتۇ
مەن ئاندرويد ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىۋاتقان ، شۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامۇ؟
مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
7-قەۋەت
Xperia ۋاقتى: 2016-1-12 02:57:16
مىنىڭ پىكىرىم ئەڭ ياخشىسى  سۇرفەيس 3 ياكى دېل ماركىلىقىنىڭ ياخشىراقىنى ئېلىڭ.500-600 قاتسىڭىزمۇ قېتىپ ھەرگىزمۇ ئەخلەت نەرسىلەرنى ئەرزانكەن دەپ ئەپ قالماڭ.
8-قەۋەت
Xperia ۋاقتى: 2016-1-12 04:07:29
ئەمىلىيەتچانلىنى ئويلاشقاندا:  ۋىندوۋىس پەدلەر يىنىڭ ،نىپىز ،ئەپچىل ،توك ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تورغا چىقىش ،كىنو كۆرۈش قاتارلىق ئاددى ،يېنىك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە، ياندا ئېلىپ يۈرۈپ ئىشلىتىشكە ماس كەپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بولۇش،مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىسى بولماسلىق،ئېكران كىچىك بولۇش،ئېكران سۈزۈك بولماسلىق ،قاتتىق دىسكا سىغىمى بەك كىچىك بولۇش،بىر گەۋدىلەشكەن چاس-چاس-چاس ئىشلىتىشكە ماس كىلدىغان كۇنۇپكا تاختىسى ،مائۇسى بولماسلىغى    قىززىپ كىتىشى،ئىشلىتىش ئىغىزلىرىنىڭ كەم بولىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا  ئوتتۇرا ۋە ئىغىر دەرىجىلىك خىزمەت قىلدىغانلار،ئويۇن ئوينايدىغانلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ياخشى تاللاش بولالمايدۇ.
بۇ مەھسۇلاتلاردىكى بەزى كەمچىللىكلەرنى باشقا ئۇسۇل بىلەن تولۇقلاش مومكىن.مەسلەن ،ئېكرانى كىچىك ۋە سۈزۈك ئەمەس پەدنى  چوڭ ئېكرانغا  چېتىپ ئىشلىتىش.بۇنىڭدىكى مەسلە  چوڭ ئېكرانغا ئىھتىياج چۈشۈش.
سىغىمى كىچىك پەدگە چوڭ سىغىملىق قاتتىق دىسكىنى سىرىتتىن چىتىپ ئىشلىتىش.بۇنىڭدىكى 1-مەسلە سىرىتتىن چاتقان سىغىم تۇراقلىق بولمىغاچقا پەدنىڭ ئۆزىدىكى  16ۋە 32 گ سىغىم يەنىلا كۆپىرەك ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا كىچىك كىلىپ قالىدۇ.2-مەسلە سىز يەنىلا سىرىتتىن چاتىدىغان قاتتىق دىسكىنى خېلى پۇلغا ئالىسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىغىز كۆپەيىتكۈچ ۋە ئۇلاش سىمىلىرىغا تولا  ئىھتىياجلىق بولدىغان گەپ.
گەپنىڭ قىسقىسى  ۋىنپەدلەر ئىچىدە ئېكرانى سۈزۈك ،سىغىمىمۇ بىر قەدەر بوپ قالدىغان ، ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن بىردىىنبىر مەھسۇلات سۇرفەيىس3 ۋەسۇرفەيىس4 بولۇپ پۇلىنى قىممەت كۆرمىسە ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىغان مەھسۇلات.باشقا  ۋىنپەدلەرنىڭ ئەخلەتلىرى كۆپ بولۇپ بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئالغاندىن يېڭى چىققان نىپىز ،چىرايلىق ئۆلچەملىك خاتىرە كومپىيوتۇر ياكى بەك كىچىكىنى ئەپچىلىنى ئىشلىتىتىم دىسە  ئايپەد ئىشلىتىش  ياخشىراق .
9-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2016-1-12 06:51:00
Xperia يوللىغان ۋاقتى  2016-1-12 04:07
ئەمىلىيەتچانلىنى ئويلاشقاندا:  ۋىندوۋىس پەدلەر يىنىڭ  ...

رەھمەت، بەك ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپسىز. ئ‍ىمكان بولسىغۇ surface ئ‍الغۇم بار ئ‍ەمما باشتا ئ‍ىيتقاندەك  سۇفەيس بەك قىممەت. يۇقىرى سەپلىمىلىكى ئ‍ون نەچچە مىڭ يۈەن، ئ‍ادەتتىكىلېرىمۇ بەش مىڭ كويدىن كەم ئ‍ەمەس. مىنىڭچە شىركەت باشلىقلېرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغىچىلارغا تازا ماس كىلىشى مۇمكىن ، ئ‍ەمما مەندەك  دىھقان سۈپەت ئ‍ادەمگە 2000-3000 يۈەئەنلىك كومپىيوتىرمۇ ئ‍ەڭ ياخشى ھىساپلىنىدۇ.  ئەمدى ماۋۇ ئ‍ايپەدنىڭ گىپىنى قىپ قاپسىز، ئ‍ايپەدنىڭ سىستېمىسى ۋىندوۋس ئ‍ەمەستۇ؟ مىنىڭ لازىم بولمىغان نەرسىنى بىكارغا بەرسىمۇ ئ‍المايدىغان ئ‍ادىتىم بار.
10-قەۋەت
oyla ۋاقتى: 2016-1-12 07:59:02
ئەڭ ياخشىسى خاتىرەكومپىيوتىر  ئېلىڭ  ،2-3 مىڭگە خېلى ياخشىسىنى ئالغىلى بۇلىدۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
11-قەۋەت
nurlan55400 ۋاقتى: 2016-1-12 11:34:02
مەنمۇ cube iwork8 双系统版 دىن بىرنى ئ‍الغان ئ‍ىدىم 499 غا win10 قاچىلانغان ئ‍ىكەن مەن توردىن ئ‍ىزدىنىپ يۈرۈپ تاق سىستىمىلىق قىلىپ، ئ‍ىشلىتىۋاتىمەن سۈرئىتى يامان ئ‍ەمەس تىزكەن كىيىن win8.1 قاچىلاپ ئ‍ىشلىتىۋاتىمەن ماڭا نىسبەتەن يامان ئ‍ەمەسكەن كومپىيوتىر غا ئ‍وخشاش كەن ئ‍ەرزانراقىنى ئ‍الىمەن دىگەن لەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇشۇ بۇلىدۇ تىيەنماۋ  دىن ئ‍الغان
12-قەۋەت
K_O_K_L_A_N ۋاقتى: 2016-1-12 11:47:35
ھە راسىت سېتىما بۇزۇلشدىن ئەنسىرمەڭ ئورگان تەرەپ تەمىلگەن مۇنازىرە سۇپىسى ۋە ئوگان سېستىمىسى بار لازىم بولسا ھايىت دىسەڭلا مۇنبەرگە بەھىرلەپ قۇيمە ، سېستىمنى قاچىلاش بەك ئاسان .
13-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2016-1-12 12:02:23
K_O_K_L_A_N يوللىغان ۋاقتى  2016-1-12 11:39
ھەممە نەرسىنىڭ مىھىرى بۆلەكچە بولدىكەن ، ئۆيۇمدە i5 cpu   ...

رەھمەت، مەنمۇ شۇ بىر ئ‍ىلىپ سىناپ باقاي دەۋتىمەن.  مىنىڭچە يېڭىچە نەرسىلەرنىڭ ھۇزۇرى چۇقۇم باشقىچە بۇلىدۇ.
14-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-1-12 13:00:51
مەنمۇ بىر ئوبدان ئىشلىتىۋاتقان خاتىرە كومپىيۇتېرىمنى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تاختا كومپىيۇتېرىمغا تىگىشتىم،
گەرچە ئىككى ھەسسە زىيان تارتىدىغىنىمنى بىلسەممۇ مۇشۇ تاختا كومپىيۇتېرنىڭ مىھرى يەنە يامان كەلدى،

ئەگەر سىز كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش دىگەندەك ئىشلارغا ئىشلەتسىڭىز ۋىندوۋس سىستېمىلىق تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ ئەخلىتىمۇ سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق تامامەن چىقالايدۇ،
بىلسىڭىز يۇقىرى سەپلىمىلىك ئانىدروئىد سىستېمىلىق تاختا كومپىيۇتېر ياكى ئايپەد دىگەنلەرمۇ ۋىندوۋس سىستېمىلىق تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئەخلىتىگىمۇ يەتمەيدۇ،
شۇڭا ئايپەد ئالىمەن دەپ ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئايپەد ئىلىپ قالسىڭىز سىزگە بىر ئۈستەل كومپىيۇتېر ياكى بىر خاتىرە كومپىيۇتېرنى قوشۇپ بىللە ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئانىدروئىد سىستېمىلىقلىرىمۇ ياخشى، لىكىن ۋىندوۋسنىڭ ئالدىدا ئانىدروئىدنىڭ قانچىلىك بولىدىغىنىنى دىمىسەممۇ بىلىسىز،
ئانىدروئىد ھەر قانچە ياخشىسى بولسىمۇ سىستېمىسى يەنىلام ئانىدروئىد، ھەقىقى كومپىيۇتېرنىڭ سىستېمىسى قاچىلانغان تاختا كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇ يەنىلام بىر ئويۇنچۇق. گەرچە ئەپلىرى ساماندەك بولسىمۇ ۋىندوۋسنىڭ ئۈستەل يۈزى ئەپلىرى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ

ئەگەر ۋىندوۋس سىستېمىلىقىنى ئالىمەن دىسىڭىز قايسىسىنى ئىلىش بۇ سىزگە تاللاش،

ئەگەر  كىتاب كۆرۈش، ئويۇن ئويناش كىنو كۆرۈش، تورغا چىقىش، مۇزىكا ئاڭلاش دىگەندەك ئىشلارغا ئىشلىتىمەن دىسىڭىز ۋىندوۋسنىڭ ئەڭ ئەخلىتىنى ئالسىڭىزمۇ پۇلىڭىزغا رازى بولۇپ قالىسىز،

ئەگەر ئىشلىرىڭىز سەل كەسپىيرەك بولسا مەسىلەن ئۈن-سىن، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، دىگەندەك ئىشلار بولسا تەۋسىيەرىم؛
1. ئېكرانى 10 سۇڭدىن چوڭ بولسۇن،
2. ئىچكى ساقلىغۇچى(Ram) ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 2 گىگابايىتتىن كىچىك بولمىسۇن(ئەلۋەتتە ۋىندوۋسنىڭ ئەڭ ئەخلىتىنىڭ ساقلىغۇچىمۇ 2 گىگابايىتتىن كىچىك چىقمايدۇ)
3. چوقۇم كۇنۇپكا تاختىسى بولسۇن، كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن بىللە ئىلىڭ.
4. چوقۇم قاتتىق دىسكىسى 64 گىگابايىت ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولسۇن.


ئەگەر كەسىپىيلىكنىڭ ئۇچىغا چىققىنى بولسا(ماڭا ئوخشاش) تەۋسىيە
1. خاتىرە كومپىيۇتېر ئىشلىتىڭ، بولمىسا ماڭا ئوخشاش ئون سۇڭ ئېكراندا سىزىمچان ئېكراندا كود يىزىپ پروگرامما  يازىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ، ئەلۋەتتە سىز پروگرامما يازىمەن دىسىڭىزمۇ چوقۇم مەيلىتى دىسىڭىز ئەلۋەتتە چوڭ كومپىيۇتېردا نىمە قىلالىسىڭىز مۇشۇنىڭدىمۇ شۇنى قىلالىغىنىڭىز بىلەن سىزىمچان ئېكراندىن كود يىزىپ باققان بولسىڭىز چوقۇم كۇنۇپكا تاختىسى ئىلىشنى ئويلايسىز
2. ئەگەر بولدى، زادى بىر تاختا كومپىيۇتېر ئىشلىتىپ باقاي دىسىڭىز ئۇمۇ مەيلىڭىز. ئۇنداقتا ئېكرانى چوقۇمدا چوقۇم 10 سۇڭدىن كىچىك بولۇپ قالمىسۇن، چوقۇم كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن مائۇسى بولسۇن،  بولمىسا ئېكراندا كود يىزىپ بىقىپ ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسى ئالسىڭىزمۇ مەيلى.

لىكىن مەن 10 سۇڭلۇق تاختا كومپىيۇتېردا C++ پروگراممىسى يىزىشنى تاللىدىم، بەلكىم مەندەك ئەخمەقتىن يەنە بىرى يوقتۇ،
15-قەۋەت
Mali526 ۋاقتى: 2016-1-12 14:20:02
مەنمۇ ئوندا v891w تۆت يادرولۇق 9دىيۇملۇق ئاقرەڭلىكتىن بىرنى ئالغان 599 كويغا..يىرىم يىل ئىشلەتتىم تۇكى بەك ئوبدان يىتىدۇ..8.1ئىدى ۋىندوۋىس10 ھەقىقى ئائىلە نەشرىنى قاچىلىدىم.شۇنداق يىنىك شاش ئىشلەۋاتىدۇ...لىكىن ياخشىراق ئۇيۇن ئويناش ئۈچۈن سىتىۋەتمەكچى..ئالىدىغانلار ئالاقىلىشىڭلار...مەن پاكىز تۇتقان..ئۈندىدار چچ 147519526
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部