+تېما يوللاش
uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى:2016-11-22 20:56 10800 قېتىم كۆرۈلدى 82 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۈگۈن بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى android نەشرى يېڭىلىنىپتىكەن، مۇشۇ ئۇچۇرنى ئورتاقلىشاي دەپ كەلدىم.
ئەپ نامى: بىلكان لۇغىتى.
تىلى: ئۇيغۇرچە
نەشرى: 4.3
ئىجرا مۇھىتى: android
ئىگە تەرەپ بېتى: https://lughet.bilkan.cn

يېڭى نەشرىدىكى ئىقتىدار ۋە تۈزىتىلگەن مەسىلىلەر:

لۇغەتلەر
مەزكۇر لۇغەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-ئېنگلىزچە لۇغەت قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ساقلانمام
ئىزدەلگەن سۆزلەرنى ساقلانمىغا ساقلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلىشىڭىزغا پايدىلىق.
ئاۋازلىق ( بۇ ئىقتىدار ۋاقتىنچە قوشۇلمىدى)
مەزكۇر لۇغەتنىڭ ئىزدەش نەتىنجىسىگە ئاۋازلىق ئىقتدار قوشۇلغان بولۇپ، ئاۋاز ئايكونسىنى بېسىش ئارقىلىق تەرجىمە سۆزنىڭ توغرا تەلەپپۇزىغا ئېرىشەلەيسىز.
ئىزدەش خاتىرىسى
ئىزدەش خاتىرىسىدىن بۇرۇنقى ئىزدەلگەن سۆزلەرنى ئاسانلا كىرگۈزەلەيسىز.
تەڭشەك
تەڭشەكنىڭ ئىچىدىن فونت چوڭلىقىنى ۋە ئىزدەش خاتىرىسىنى تازلاش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز.
ھەمبەھىر
ئىزدەش نەتىنجىسىنى ھازىرقى كۆپ ئىشلىتىلدىغان ئەپلەرگە ھەمبەھىرلىيەلەيسىز.
بۇ نەشرىدە ساقلىغۇچ كارتا سالمىغان ئۈسكۈنىلەردە نورمال ئىشلىمەسلىك مەسىلىسى تۈزىتىلدى. لۇغەت ئامبىرىمۇ ئايرىم بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئامبارنى « تەڭشەك» ئىچىدىن لۇغەت باشقۇرۇشقا كىرىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. بەزى ئامبارنىڭ سىغىمى چوڭراق، شۇڭا سىمسىز توردا چۈشۈرۈۋېلىپ ئاندىن ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كۆرۈنمە يۈزى ئەلالاشتۇرۇلدى، ئىزدەش سۈرئىتىمۇ تېزلەشتى. ئىزدىگەن سۆزلەرنى ئۈندىدارغا، ئۈندىدار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرىلەش قوشۇلدى. بىۋاسىتە ھەمبەھىرىلىسىڭىز سۈرەت ھالىتىدە، كۆچۈرۈپ يوللىسىڭىز يېزىق ھالىتىدە ھەمبەھىرىلىنىدۇ.
لۇغەتنى «تەۋسىيە قىلىش» دىن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرىلىيەلەيسىز.
كۆرۈنمە يۈزى:




سىغىمى: 2.2 مىگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://m.otkax.com/apps/net.uyghurdev.android.dict.ui

مەزكۇر ئەپنى بىلكان شىركىتى تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتتى. سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ.
ئالما نەشرى پات ئارىدا يېڭىلىنىدۇ، سەۋىر قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

82ئادەم ئىنكاس يازدى

مەنبەسى 29-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2016-11-22 22:54:32
سۆز ئىزدەش رامكىسىغا سۆز كىرگۈزگەندە چېكىنىپ كەتكەنلەر بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭلار.
1. كونا لۇغەتنى يۇغاندا ئامبارنى يۇماي تۇرۇپ، يېڭى لۇغەتنى قاچىلاپ بېقىڭ. بۇ ھالەتتە ئامبار چۈشۈرۈڭ دېمەيدۇ.
2. يېڭى نەشىرىنى قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، لۇغەت باشقۇرۇشتىن ئامبار چۈشۈرمەي تۇرۇپ، كونا نەشىرىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى ھۆججەت باشقۇرغۇچتىن كۆچۈرۈپ  sys-ambar دېگەن قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئاندىن لۇغەتنى ئېچىپ سىناپ بېقىڭ.
تەۋسىيىلەش
Miradiljan ۋاقتى: 2016-11-23 13:35:17
يەنە بىرسىگە خەنزۇچە لۇغەتلەر ( جنشەن 金山词霸 ، يوۋ داۋ 有道词典)گە ئوخشاش تىزىملىتىپ كىرىپ پايدىلنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا ، ئاندىن تور بىلەن ئىشلەيدىغان قىلىپ  كۈندە بىر جۈملە دىگەندەك ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا تىل ئۈگەنگۈچىلەرگە پايدىسى جىق بولاتتى ، لۇغەتنى ئىشلىتىش تىل ئۈگىنىش ئۈچۈن بولغاندىن كىيىن  ، لۇغەتكە نۇر تورىغا ئوخشاش قىلىپ ئېلان قىستۇرسىمۇ ئىقتىزادى كىرىم ياراتقىلى بولاتتى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا خەنزۇچە لۇغەتلەردىن ئۆرنەك ئېلىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ قارايمەن .

باھا سۆز

توغرا دەيسىز ھازىر تىل ئۇگىنىش ئاساسى ئىقىم بوپ قالدى  ۋاقتى: 2016-11-23 13:42
تۆر
atiwa23 ۋاقتى: 2016-11-22 21:12:50
سىغىمى خاتا يېزىلىپ قالمىغاندۇ ئالدىنقى نەشىرىنىڭمۇ 36mb ئىدى بۇنىڭ
گىلەم
suzukkalib ۋاقتى: 2016-11-22 21:13:23
بەك ياخشى بوپتۇ   ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار  بارغانسىرى مۇكەممەل  ھەم  ياخشى بوپ كىتىپ بارىدۇ..  چۈشۈرىۋالدىم رەھمەت
ئورۇندۇق
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-11-22 21:13:34
ئا كۆرۈنمى يۈزى بىر خىللىيا تاللىغىلى بوممايدىكەن لوغەتنى
5-قەۋەت
suzukkalib ۋاقتى: 2016-11-22 21:15:44
ھەم ھەقسىز   ھەم تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن بەك ياخشى  بىزگە ئىنتايىن ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەپ..  تىخىمۇ يۈكسىلىشىڭلارنى تىخىمۇ  مۇستەھكەم بولۇشۇڭلارغا تىلەكداشمەن
6-قەۋەت
power ۋاقتى: 2016-11-22 21:17:20
ھېچ ئىشلەي دىمەيدىغو بۇ

7-قەۋەت
akil01 ۋاقتى: 2016-11-22 21:21:06
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akil01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-22 21:45  

ۋاھ نىمە دىگەن ياخشى! بۇ كەمدە ئۇيغۇرچە ئەپلەركۆپلەپ مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ .
8-قەۋەت
atiwa23 ۋاقتى: 2016-11-22 21:31:05
مۇشۇ بىلكاننىڭ ئەپلىرىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرى,كۆكتات تۇنۇش دىگەن ئەپ دىتالىمۇ بالىلارنىڭ كۆكتاتلارنى ئىسىمىنى ئانا تىلمىزدا ئاتاپ ئۆگۈنۈشىدە بەك ئەس قاتىدىكەن,شەخسى پىكىرىم-مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى ۋە تۇرمۇشىمىزدىكى تۈرلۈك ئاتالغۇلارنىڭ ئەڭ توغرا بولغان ھەققى ئۆز تىلىمىزدىكى ئاتىلىشىنىمۇ بىزلەرگە ۋە باللىرىمىزغا ئۆگۈتىغان بىر ئەپ بولغان بولسا ھە,بەزىلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇپ قالاي دىدۇق ھازىر ھەي……
9-قەۋەت
پەرۋاز731 ۋاقتى: 2016-11-22 21:34:29
ياشاپ كېتىڭلار بالىلار ياشاپ كېتىڭلار بەك خىل ئىشتىن بىرسى بولۇپتۇ رەھمەت.
10-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2016-11-22 21:35:11
power يوللىغان ۋاقتى  2016-11-22 21:17
ھېچ ئىشلەي دىمەيدىغو بۇ

خاپا بولماي تېمىنى بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز  ئاتتەك ئىشلەيدىغان بولىدۇ.
11-قەۋەت
asdf4 ۋاقتى: 2016-11-22 21:38:33
ئەپنى چۈشۈرۈپ، لوغەت ھۆججەتلىرىنى ئايرىم ئايرىم چۈشىرىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ئىۋۇ رەسىملەرگە قارىغاندا .
12-قەۋەت
تۈرگۈن ۋاقتى: 2016-11-22 21:49:47
مۇشۇنداق ئوبدان ئەپلەرنى تۈزۈپ ھەقسىز تارقاتقان ئىلىمكارلىرىمىزنىڭ ئەجرى زىيادە بولغاي.
13-قەۋەت
ئالقىش ۋاقتى: 2016-11-22 21:52:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئالـمانۇسقىسىنىڭ ئادرىسىنىمۇ يوللىۋاتكەن بولساڭلار .قايسىڭلاردا باردۇ
14-قەۋەت
mardan323 ۋاقتى: 2016-11-22 21:53:58
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن چۈشۈرۈپ بولۇپ ئىشلىتەي دىسەم خەت كىرگۈزسەملا ئاپتۇماتىك قايتىپ كىتىپ بارىدۇ قەتئىي ئىشلىتەلمىدىم ،ئاندىروئىد 5.1 نەشىرلىك تىلفۇن ئىدى ،ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ

15-قەۋەت
كامال15 ۋاقتى: 2016-11-22 21:54:27
يەنە بىر ئەپ بىلكان ئەرەپ تىلى لوغىتىچۇ  ئۇنى يېڭىلىمامدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部