+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-28 10:28 2274 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
6-ئاينىڭ 23-كۈنى نوكىيا steel ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى تىيەنماۋ تور دۇكىنىدا رەسمى سېتىلىشقا باشلىدى. باھاسى 1448 يۈەن، ئاق ۋە قارا رەڭدىكىسى بار. نوكىيا شىركىتى ئۆتكەن يىل ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تاقالما ئۈسكۈنىلەر شىركىتى Withings نى سېتىۋالغان ئىدى. بۇ قېتىم نوكىيا ماركىسىدا بازارغا سېلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنى Withings مەھسۇلاتىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىغان.



نوكىيا steel سائىتىنىڭ لايىھەسىنى فىرانسىيەلىك لايىھەلەش ئۇستىسى لايھىلىگەن، شىمالىي ياۋروپا ئۇسلۇبىغا ئىگە. سائەت گەۋدىسى داتلاشماس پولات. ۋاقىت رايونىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش، تەنھەرىكەت، ئۇيقۇنى نازارەت قىلىش، تىتىرەپ ئەسكەرتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. 50 مىتېر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. CR2025 تۈگمىسىمان باتارىيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 8 ئايغىچە زەرەتلىمەي ئىشلىتىشكە بولىدۇ.





بۇ سائەتكە سەزگۈرلىكى يۇقىرى سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قەدەم سانى، يۈگۈرۈش، مۇساپە، سەرپ بولغان كالورىيە قاتارلىقلارنى خاتىرلەيدۇ ھەم كۆرسىتىپ بېرىدۇ.





كۆكچىش 4.0 نى قوللايدۇ، سۈرئىتى تېز، مۇقىم، سەرپىياتى تۆۋەن. بىر كۇنۇپكا بىلەن NOKIA سالامەتلىك ياردەمچىسى-Health Mate App بىلەن ئۇلىنىپ، سالامەتلىك سانلىق مەلۇماتنى يانفونغا يوللاپ بېرىدۇ. باشقا ئۈچۈنجى تەرەپ ئەپلىرىگە سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھرلەشنى قوللايدۇ.



بۇ سائەت Android 4.3 تىن يۇقىرى؛ iOS 7 دىن يۇقىرى يانفونلار بىلەن ماسلىشىدۇ.



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
穿越火线 ۋاقتى: 2017-6-28 11:01:19
مۇشۇنداق  ئەقلى  سائەتتىن بىر ئىشلەتكۈم باتتى     باھاسى  ئەرزانراقى  بارمىدۇ
گىلەم
ئوپال ۋاقتى: 2017-6-28 11:01:58
سائەت دىگەن مۇنداق بولمامدۇ مانا
ئورۇندۇق
伊力亚斯7747 ۋاقتى: 2017-6-28 11:03:34
بۇ سائەتمۇ بولىدىكەن لىكىن پۇلىسى سەل قىممەتمۇ قانداق شەكىلىمۇ شۇنداق كۆركەم چىقىپتۇ بولمىسا
5-قەۋەت
karamhman ۋاقتى: 2017-6-28 11:07:48
بۇ بەك ئىلغار ياسىلىپتۇ لىكىن توكى 8ئاي يەتسە  توكى تۈگەپ كەتكەندىنكىيىن قانداق قىلمىز ياكى توك تولۇقلىغىلى بولامدۇ ياكى ماي ئالماش تۇرامدۇق ماي ئالماشتۇرساق سەل ئاۋارچىكىق بوپ قالامدۇ قان داق
6-قەۋەت
dilaram ۋاقتى: 2017-6-28 12:08:07
karamhman يوللىغان ۋاقتى  2017-6-28 11:07
بۇ بەك ئىلغار ياسىلىپتۇ لىكىن توكى 8ئاي يەتسە  توكى تۈگ ...

ئىنىق تۇرمامدۇ،بىر توك قاچىلاپ ساككىز ئاي ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ،تۈگىگەندە توك قاچىلىسا بۇلىدۇ
7-قەۋەت
kadrla ۋاقتى: 2017-6-28 13:29:25
穿越火线 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-28 11:01
مۇشۇنداق  ئەقلى  سائەتتىن بىر ئىشلەتكۈم باتتى     باھاسى ...

بار ، مانا مۇشۇ سائەت.باھاسى مۇۋاپىق
http://c.b1yt.com/h.9AjPlL?cv=akDMZBQenJt&sm=816a60
8-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-29 11:01:35
مۇشۇ خىلدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق تاقىما ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا ئورتاقلاشساق بوپتىكەن . بىرنى ئالاي دىگەنتىم . قايسىنى تاللاشنى بىلمەيۋاتىمەن . شاۋمى نىڭ ئىككىنچى ئەۋلات بىلەيزۈكىگە قىزىقىپ تۇرىمەن . ئۆزىنىڭ تاسمىسى چىرايلىق ئەمەسكەن . ئايرىم تاسما سالغۇززۇپ ئىشلەتسەم يەنە 200 يۈەندىن ئاشىدىكەن . زادى قايسىنى ئېلىشنى بىلەلمىدىم .
9-قەۋەت
sansz1131 ۋاقتى: 2017-6-29 17:48:10
بەك قىممەتمۇ قاندا خىلى  يامان ئەمەس يانفۇندىن بىرسى كەپ قالغۇدەك پولىسىغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部