+تېما يوللاش
alptegin يوللانغان ۋاقتى:2016-5-25 10:34 2346 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

ﹾ cnbeta توربېكىتىدىكى خەۋەرلەردە 2016-يىلى بىرىنچى پەسىلدە Windows Phoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى پەقەت 2 مىليون 400 مىڭ دانە بولۇپ، ئەقلىي يانفون بازىرىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا %0.7 تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، سانلىق نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن. 2015-يىلى بىرىنچى پەسىلدە، مىكروسوفت جەمئىي 8 مىليون دانە ئەقلىي يانفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، ئەقلىي يانفون بازىرىنىڭ %2.5ىنى ئىگىلىگەن.
بۇ خەۋەردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدىكى مىكروسوفتنىڭ يان تېلېفون كەسپىنى يېقىندا رەسمىي نەشرى تارقىتىلغان Windows Mobile 10 سىستېمىسى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بارغانسېرى مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىل دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن Windows Mobile 10 سىستېمىسى مىكروسوفتنىڭ يان تېلېفون كەسپىنى مەغلۇبىيەتكە قەدەممۇ قەدەم ئېلىپ باردى؟
1. ئەسلىدىنلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ساھەسىگە خېلىلا كېچىكىپ كىرگەن مىكروسوفتقا نىسبەتەن ئەينى يىللىرى Windows Moble 7/7.5/8/8.1 لەر ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سۇپىلار ئارىسىدا ئۈزۈكچىلىك ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. يەنى Windows Moble8 چىققاندىن كېيىن 7/7.5 سىستېمىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تېلېفونلار يېڭى سىستېمىنى قوللىمايلا قالماستىن، ئاندرويد ۋە iPhone بازار ئىگەللىشى ئالدىدا ئامالسىز قالدى؛ بىراق مىكروسوفت بۇ ساھەدە يېڭىلىدىغانلىقىغا تەر بەرگۈسى كەلمەي، كېيىنكى ئەۋلاد Windows Mobile 10 سىستېمىسى ئارقىلىق بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا بەل باغلىدى.
2ـ Windows Mobile 10 سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىللىكى ئەپلەرنى ئاچقۇچىلارنىڭ بۇ سۇپىغا قىزىقماسلىقى ۋە بۇ سىستېمىنىڭ رەسمىي نەشرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە مەيلى ئاچقۇچى پىروگراممېرلار بولسۇن ۋە ياكى ھەۋەسكارلار بولسۇن، نۇرغۇنلىرى ئۈمىدسىزلەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار بولۇپ، بۇ سۇپىغا كۆچۈشتە مەن مىكروسوفتنىڭ Windows Mobile 10 سىستېمىسىدا Android / iOS لەرنىڭ ئەپلىرىنى ئىجرا قىلالىشى قىزىقتۇرغان ئىدى، بىراق 10240 نەشرىدىن كېيىن ئاندرويد ئەپلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىقتىدارى چىقىرىۋېتىلگەندىن باشلاپ بۇ سۇپىغا قارىتا قىزىقىش پەيدىنپەي تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئۈمىدنى رەسمىي نەشرىگە باغلىغىنىمىزدا ئۇ نەشرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان كەمچىللىك ۋە خاتالىقلارنىڭ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇشى تېخىمۇ بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى.
3. ئۇنىۋېرسال ئەپ ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش شەكلى Windows Phone ھەۋەسكارلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بىرىنچىدىن ئەپلەر ھەقىقەتەن بەك ئاز ھەم ئىقتىدارى Android / iOS ئىقتىدارىغا قەتئىي يېتەلمىگەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نارازىلىقى ئىزچىل كۈچلۈك بولۇپ كەلدى. جۇڭگو بازىرىغا نىسبەتەن تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئۈندىدارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەپ ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يان تېلېفون ئىشلەتكۈچى بازىرىغا نىسبەتەن شۇمخەۋەر بولدى. ئاددىيسى ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى جۇڭگودىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ Android / iOS سۇپىلىرىغا كۆچۈش دولقۇنىغا سەۋەبچى بولدى.
4. مىكروسوفت لۇمىيا يان تېلېفونلىرىدىن ۋاز كېچىپ، SurFace تېلېفونىغا يۈرۈش قىلىشى چوڭ خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ تېلېفوننىڭ ئالاھىدىكى پەقەت كومپيۇتېردا ئىجرا بولىدىغان 32 بىتلىق .exe يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بۇ ساھەدە پۇت تىرەپ تۇرماقچى بولدى. Android / iOS سۇپىلىرىدىكى ئەپلەرنىڭ تۈرى، ئىقتىدارى، مۇقىملىقى جەھەتتە خېلى بىر يەرلەرگە بېرىپ بولغىنىدا « بىتلىق .exe يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللاشچانلىق»نىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى قىزىقتۇرالىشى ناتايىن. تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن Andorid N توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەممە يەرنى بىر ئالدى. 50% كود قىسقارتىلىش، ئەپلەرنىڭ ئىجرا بولۇش ئىقتىدارى باشقا نەشردىكىلىرىدىن 200% دىن يۇقىرى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا SurFace تېلېفونى ھازىرقىدەك لىڭشىپ قالغان سىستېما ئەھۋالىدا قانداقمۇ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!
قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاندرويد سۇپىسى ياكى iOS سۇپىسىغا كۆچىمىزمۇ؟ قارىغاندا كۆچمەي بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر تېلېفون ئالماشتۇرماي Lumia تېلېفونىڭىزغا Andorid سىستېمىسى قاچىلايمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھازىر Lumia تېلېفونىڭىزغا Andorid سىستېمىسىڭ 5.0 / 6.0 نەشرلىرىنى قاچىلىيالايسىز. ئەمما بۇلارنىڭ روملىرىنى چۈشۈرۈش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەستەك تۇرىدۇ. كەمىنە بىر ھەپتە ھەپىلىشىش ئارقىلىقمۇ بۇ روملارنى چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن. ئەگەر چۈشۈرەلىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز تامامەن بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://android-root-guides.net/t ... mia-640-xl-lte.html

http://android-root-guides.net

رومنى چۈشۈرۈرىدىغان بىر تور دىسكىسىغا تىزىملىتىپ كىرمىسە چۈشۈرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا تىزىملىتىڭ(مەن تىزىملىتالمىدىم)

ﹾ Lumia تېلېفونىنىڭ Andorid روملىرىنى ئۈستىدىكى توربېكەتتىن ئىزدىسىڭىزمۇ چىقىدۇ. ئەمىسە سىزگە ئامەت تىلەيمەن. ئەگەر يۇقارىقى روملارنى چۈشۈرەلىگەن بولسىڭىز ماڭا خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز خۇرسەن بولىمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
otyurak3225 ۋاقتى: 2016-5-25 12:20:58
ھازىرقى بازار رىقابىتى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىقتىدارى تۆۋەن كېلىپ قالغۇدەك بۇنىڭ
گىلەم
Acula ۋاقتى: 2016-5-25 12:30:38
windows phone تېلېفونىنىڭ سىستېمىسىنىڭ يەڭگىللىكىگە كۆز يۇمالمايمىز، ئەمما، ئەپلىرىنىڭ ئازلىقى ھەم يىل-يىللاپ يېڭىلانماسلىقى ئادەمنى بۇ تېلېفوندىن بەزدۈرۈۋېتىدۇ. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوبدان قوللايدىغان بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلاپ، بۇ تېلېفوندىن بىرنى ئالغان. لېكىن بۇنداق قوللاش ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى
ئورۇندۇق
masutozil ۋاقتى: 2016-5-25 12:51:27
ئورۇن ئەپ قوياپ يازاي
5-قەۋەت
wuxur ۋاقتى: 2016-5-25 13:21:06
بۇ سىستىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يىپىقىلىقى ئەڭ يۇغان كەمچىلىكى بۇلاپ قىلىۋاتىدۇ،بۇممىسا 8.1سىستىمنىڭ ئۇزىلا ھەر جەھەتتىن ئاندىرۇيىتios    لار بىلەن تەڭ تۇرالىغىدەك سىستىما ئىدى،مىكرۇسۇپىتمۇ سىستىمىنى ھازىرقى ئاساستا ئەلالاشتۇرۇپ نەشىرنى يېڭىلاپ ماڭماي ،ھەر نەشىردە سىستىمىدا تۇپتىن ئۇزگەرتىش ئىلىپ بارغاندەك يېڭىلايدىكەن،شۇڭا سىستىمىسىنىڭ كاشال چىقىش ئىشىمۇ كۇپرەك بۇلاپ كىتىدىكەن،ئازئازدىن يېڭىلاپ ،يىلدا كۇپرەك يېڭىلاپ تۇرمامدۇ ئالمىدەك،بۇلتۇ چىققان بەزى تىلپۇنلىرى بۇ يىلقى سىستىمىنى ئىشىتەلمىسە ،خەخمۇ ئاممايدۇدە بۇندا تىلپۇنلارنى،
6-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2016-5-25 14:12:56
wuxur يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 13:21
بۇ سىستىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يىپىقىلىقى ئەڭ يۇغان كە ...

شۇنداق. ئاندرويد ئەمدى بارلىققا كېلىپ تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان ۋاقىتتا windows mobile, windows ce دېگەن سىستېمىلىرى خېلى پىشىپ يىتىلگەن. كېيىن چىققان سىستېملىرى بۇرۇنقىسىدىكى ئەپنى قوللىماي ئىشنى بۇزدى.
7-قەۋەت
Xperia ۋاقتى: 2016-5-25 14:30:20
ھىچقانداق ئۈستۈنلىكى يوق.مانا مەن 2010دىن تارتىپ ھازىرغىچە 6دانە ۋىندوۋىس تىلفۇنى ئىشلىتىپ باقتىم.ھەر ئىتىمدا  باھانەم ھەرخىل.باشتا ئەرزان ئۇچراپ قېلىپ ئالدىم.لىكىن ھەچنىمە قىلالماي ئازىراق ناخشا بىلەن 4تال نەرسىنى 100كويغا قاچىلاتتىم.كىيىن نوكىيالار چىققاندا يەنە ئالدىم .ھىساۋات ئېلىپ بىرنەرسىلەرنى قاچلاپ ئىشلەتتىم.ھىساۋاتنىمۇ بىر ھەپتە مىكروسوفىت مۇلازىمىتىرى ئىشلىمەي جىلى بولۇپ ئالدىم.لىكىن ئەپلىرنىڭ تايىنى يوق.ئۇيغۇرچە چاپلاپ يېزىش بىر مۇشكۈل ئىش..كىيىن قاتتىق دىتال ،ئاپراتىغا قىزىقىپ 1520ئالدىم.لىكىن سەپلىمىگە نىسپەتەن ئاستا.ئوخشاش سەپلىمىگە ئىگە بولغان سەنشىڭ نوتې3تىن ئەپلەرنى ئېچىشى ئاستا.تىلفۇن قايتىش كۇنۇپكىسى سول تەرەپتە ئىنتايىن قۇلايسىز ،تىلفۇن بەك كەلەڭسىز قولدىن چۈشۈپ كىتىمەنلا دەپ تۇرىدۇ.يانا ساتتىم.1020نى كۆرۈپ بىقىپتىمەن..ئاپراتىنى ۋەھشى دەپ .نوچىلىقى نوچى .لىكىن رەڭدىن چەتنەش خېلى ئىغىر.ئىشقىلىپ سىستىمىسنىڭ ناچارلىقىنى بۇرۇنلا بىلىپ يەتكەنتىم .لىكىن نوكىيانىڭ قاتتىق دىتالىنىڭ ياخشىلىقىنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن يەنە ئەپباققان ئىدىم.يەكۇنىم شۇ بولدىكى سىستىما ناچار .بۇ شىركەت ئىستىمالچىلارنى ئويلاشمايدۇ.ۋىندوۋىس7ۋە7.5تە ئەنە شۇنداق قىلدى.ھازىر 8ۋە8.1 سىستىمدا بازارغا چىققان نۇرغۇن ئۈسكۈننى  يەنە 10دا شاللىدى.سىستىمدا خاتالىق كوپ.ئەپلەرنىڭ تايىنى يوق.سۈپەتسىز.يىڭلىنىشى يوق.سىستىما راۋانلىق جەھەتتىمۇ ئالمىنىڭ كۆپ ئارقىسىدا.كۆرەنمە يۈزى يېڭى زامانغا لايىقلىشىش يوق.ئىشلىتىش قۇلايسىز.تىلفۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېكران چۆرىسدىكى قارا گىرۋەك ئورنى بەك كىلەڭسىز.كۆپىنچە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنى ئالداپ ئشلىتىدۇ.ئەپلىرى ئاساسەن ھاجەتتىن چىقىدۇ.راۋان دىگەندەك گەپلەر بىلەن...تىز ،راۋان تىلفۇن ئىشلەتسىڭىز ئالما ئىشلىتىڭ .بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق.ئەپلىرى سەرخىل ،تور بولمىسىمۇ ئەپلەرنى كومپىيوتۇرغا زاپاسلاپ قويۇپ قايتا قاچلاپ ئىشلىتەلەيسىز.ھەم ھازىر بارماق دىسكىنىمۇ تونۇيدىغان بولۇپ كەتتى.بولمىسا ئاندىروئىد ئىشلىتىڭ.قاتتىق ۋە يومشاق دىتاللارنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ھازىر ئاندىروئىد تىلفۇنلارمۇ ئاستا،قاتىدۇ دىگەندەك قالپاقلارنى چۆرىۋەتمەكتە.قۇلايلىق ،ئاناتىلدىكى ئەپلەرمۇ شۇنداق مول.شۇنداق ئىسىل تىلفۇنلىرى كەڭرىچىلىك.يا ئالمىدەك ئاددى ،تىز ،راۋان بولالمىغان يا ئاندىروئىدتەك قۇلايلىق بولالمىغان ،ئارلىقتا تۇرۇپ قالغان تىلفۇننى ئىشلەتمەڭ
8-قەۋەت
رويال ۋاقتى: 2016-5-25 16:37:38
مەنمۇ  ئالاي  دەپتىكەنمە  تېخى  ماندا  گەپمۇ  با   دەڭلا   مەن  ئەمسە  مۇشۇ  ئالمامنى  ئىشىلتىۋەسەم  بولغىدەك
9-قەۋەت
NaTsis ۋاقتى: 2016-5-25 17:59:34
ئالما بىلەن بەسلىشىش  ئويى بار ئىدى مىكروسوفىتنىڭ دەل بۇ پەيىتتە ئاندرويد پەيدا بوپ يەنە بىر كۈچلۈك رىقابەتچى پەيدا بولدى ھەم ئۆزىگە دۈشمەننى كۆپەيتىۋالدى ، ئاندىرويىدقا پۇت ئاتمىغان بولسا ئىدى بىرلىشىپ ئالمىغا جەڭ ئىلان قىلغان بولاتتى 黑莓  مۇ  ئاخىرى ئاندىرويىدقا قول ئۇزاتتىغۇ ( ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ ) دەپتىكە.....
10-قەۋەت
لەشكەر ۋاقتى: 2016-5-25 18:41:16
موشۇ ۋىندوس تىلپۇننىڭ تور تارقىتىش ئىقتىدارى بارمو يوق
11-قەۋەت
bexrik ۋاقتى: 2016-5-25 19:19:22
لەشكەر يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 18:41
موشۇ ۋىندوس تىلپۇننىڭ تور تارقىتىش ئىقتىدارى بارمو يو ...

بار ،،،،،،،،،،،،،،،،
12-قەۋەت
bexrik ۋاقتى: 2016-5-25 19:25:40
مىكروسوفىت بۇ مەغلۇبىيەتلەرگە  قارتا بىرە تەدبىر قوللىنىش مۇمكىن ....
مەن بۇتىلفۇنلارنى پەقەت ئاۋازلىق يول باشاش ئىقتىدارى يەنى ھېرى ئىقتىدارىنى  ۋە كامرانىڭ سۈزۈكلۈنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلىتىپ كىلۋاتاتتىم لىكىن مۇشۇ يېقىندىن بىرى ھېرې  دىگەن نەرسىمۇ  ئىشلىمەي مىنى سەل زىرىكتۈردى ئەگەر ھېرې نوكىيادا بولسىلا يەنىلا نوكىيا نى ئىشلتىۋىرىمەن
مىكروسوفىت ماركىلىق ئاندىروئىد تىلفۇنلىرى تىلگىراف كارتىسىنى  تۇنۇپ كەتكەن بولسا بىرنىچى تاللىشىم شۇ بۇلۇپ قالاتتى
13-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-5-27 10:39:34
مىكروسوفىت زادى نىمە ئويلاۋاتقاندۇ
14-قەۋەت
BazilaR ۋاقتى: 2016-5-27 14:44:37
مىكروسوفىت شىركىتى بۇرۇنقى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قىلماي تاشلاپ كەتتى ،مەنمۇ ۋىندوۋس فون مەستانىلىرى ئىدىم ،يېقىندا ۋاز كېچىپ مېيزۇ يانفونىغا قىزقىپ مېيزۇ مىتال ئېلىپ ئشلىتۋاتىمەن
15-قەۋەت
alptegin ۋاقتى: 2016-5-28 01:08:20
مىكروسوفتنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يادروسىنى ئارقا ئارقىدىن ئۆزگەرتىشى بولۇپ، پىروگراممېر ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى بەكلا بىزار قىلغان. خەۋەرلەردە مىكروسوفت شىركىتىنى شىركەت ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا ئېلخەت يوللاپ كۆچمە ئۈسكۈنە گۇرۇپپىسىنى قايتا تەشكىللەش بىلەن بىرگە بۇرۇنقى لۇمىيا ۋە يېڭى چىقىۋاتقان ھەمدە چىقىدىغان يان تېلېفونلىرىغا قارىتا قوللاشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى دېگەن. مېنىڭ قارىشىمدا بۇلار بۇنداق گەپنى خېلى جىق دەپ كەتتى. w10m چىقىدىغان ۋاقىتتا ھەمدە سىناق نەشرى ئېلان قىلىنغاندىمۇ نۇرغۇنلىغان ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى، بىراق ئۇ ۋەدىلەرنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى قايىل قىلالىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇلار بەك كاجلىق قىلدى دېگەندىمۇ يەنە ئىككى ئۈچ يىل تارتىشماق ئوينىشى مۇمكىندەك، بىراق بۇ سۇپا ھامان شاللىنىپ كېتىدۇ. ئاندرويدنى كۆزگە ئىلمايتتۇق تولا قاتىدۇ ۋە مۇقىم ئەمەس دەپ. ئەمما يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بېرى بۇ سىستېما ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ مەيلى يېڭى ئىقتىدار، كۆرۈنمە يۈز لايىھە، ئىجرا بولۇش جەھەتتىكى ياخشىلىنىش ۋە يېڭى - يېڭى ئىقتىدارلارنىڭ قېتىلىشى. ياخشى يېرى گۇگۇل ئاندرويد سىستېمىنىڭ يادروسىنى ھازىرغىچە ئۆزگەرتكىنى يوق، ئەمما مىكروسوفت بولسا بىلىشىمچە ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىپ بولدى. بۇلار ئۈستەك كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېرغا كۈچىگەندەك كۈچىگەن بولسا بۇ W10M بۇ كۈنگە قالماس ئىدى. ئېنىقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا مىكروسوفت بۇ سۇپىغا نىسبەتەن ئېغىزىدا قوللىدۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىي قوللىشى يېتەرلىك ئەمەس. مەيلى سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى، كۆرۈنمە يۈزنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ئەپلەر جەھەتتە بەكلا ناچار ئىپادىدە.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部