+تېما يوللاش
ansar630 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-31 21:31 1712 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالما كومپىيۇتېرىنى قوش سېستىما + كۆپ رايۇن قىلىش دەرسلىكى



ئالما كومپىيۇتېرى ئىشلىتىۋاتقانلارغا مەلۇملۇقكى ، ئالما تەرەپ ئالما كومپىيۇتېرىغا مەك ۋە ۋىندوستىن ئىبارەت ئىككى سېستىمىنى بىرلا ۋاقىتتا قاچىلاپ قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىشكە يول قويغان بولۇپ ، سېستىما ئىچىدىلا مەخسۇس ۋىندوس سېستىمىسى قاچىلاش ئۈچۈن دېتاللارنى تەمىنلىگەن  ھەم ۋىندوس سېستىمىسىنىڭ راۋان  ئىشلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئۆز سەپلىمىسگە ماس ھالەتتىكى قوزغاتقۇچ ياساپ تارقاتقان . بۇ تەرىپى ئادەمنى ھەقىقەتەن خوشال قىلىدۇ .
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك ،  ۋىندوس قاچىلاشقا يول قويۇلغان بىلەن ، ۋىندوس سېستىمىسىدا پەقەت بىرلا رايۇن بولۇش چەكلىمىسى قۇيۇلغان بولۇپ ، پەقەت c دېسكىدىن  ئىبارەت بىرلا رايۇن ئىشلىتەلەيمىز . سېستىما بىلەن زاپاس ماتېرىياللارنى بىرلا رايۇندا ساقلاش بىزگە ئوخشاش  C D E F ..... قاتارلىق كۆپ رايۇنغا كۆنۈپ كەتكەنلەرنىڭ سەل ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ . بۈگۈنكى تېمىمىزدا دەل شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ، قوش سېستىما ، كۆپ رايۇن بولۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز .

كېرەكلىك ماتېرىياللار  :
1 . بىجىرىم ئالما كومپىيۇتېردىن بىر دانە .
2 . مەك osx Yosemite سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكا بىر دانە
3. ۋىندوس 7 سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكا بىردانە
4 . Boot Camp قوزغاتقۇچ توپلىمى
5 . بېسىپ ئولتۇرالايدىغان كاسا ( ئىككى سېستىمىنى قاچىلاپ بولغۇچە يېرىم كۈن ۋاختىڭىز كېتىشى مۇمكىن)
( ئەسكەرتىش : بارماق دېسكىلار 8 گىگابايىتتىن كىچىك بولمىسۇن . مەك سېستىمىسنىڭ  osx Yosemite يەنى : 10.10 نەشرى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ . ئىككى سېستىمىنى بارماق دېسكىغا ئايرىم ئۇسۇلدا ئويىمىز . بىلمىسىڭىز توردىن ئاختۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ . bootcamp قوزغاتقۇچىنىمۇ توردىن ئاختۇرۇپ تاپالايسىز . )

ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق  :
1 . ئالما سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ ، option )alt ) كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كومپىيۇتېرنى قوزغۇتۇڭ . قوزغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بارماق دېسكىنى تاللاپ   enter نى بېسىڭ .

2 . بۇ ۋاقىتتا سېستىما قاچىلاش رايۇنىغا كىرىدۇ . قاچىلاشقا ئالدىرىماي ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 实用工具 --硬盘工具 نى ئېچىڭ .

3 . سول تەرەپتىن قاتتىق دسكىنى تاللاپ  分区  رايۇنغا ئايرىشنى بېسىپ قاتتىق دېسكىنى رايۇنغا ئايرىڭ . رايۇن سانى تۆت بولسۇن .

4 . بۇ ئەڭ مۇھىم باسقۇچ . تۆت رايۇننىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەمما تۈۋەندىكىلەر چۇقۇم مۇشۇ يەردە دىيىلگىنى بىلەن ئوخشاش بولسۇن  :
            1-رايۇن  ئىسمى : MyData ، فورماتى : exfat
            2 - رايۇن ئىسمى : MySoft ، فورماتى : exfat
            3- رايۇن ئىسمى : BootCamp فورماتى : MS-DOS
            4- رايۇن ئىسمى : MacOSX ،  فورماتى  : MAC OS 扩展(日志式)

  رايۇن ئىسمى ، فورماتى  ھەم تەرتىپى قەتئى خاتا بولمىسۇن . ھەرىپ چوڭ كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىڭ .
تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن 应用 نى  بېسىڭ .

5. 退出硬盘工具  نى بېسىپ  چىكىنىپ چىقىڭ .

6 . سېستىما قاچىلاش بېتىگە قايتىپ  继续 نى بېسىپ سېستىما قاچىلاشنى باشلاڭ .

( ئەسكەرتىش : سېستىما قاچىلاش خاتالىقى چىقسا ماۋۇ تېمىغا بىر قېتىم قارىۋېتىڭ : بېسىڭ
7 . 继续 نى بېسىڭ

8. 同意 نى بېسىڭ

9. MacOSX ناملىق دېسكىنى تاللاپ 继续  نى  بېسىڭ

10 . osx سېستىمىسى قاچىلاش باشلاندى .

11 .قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن قايتا قوزغىلىدۇ .

12. ئاكتىپلايمىز

13 . ئاكتىپلاندى

14 . سېستىمىغا كىرىپ 硬盘工具 نى ئېچىپ قارىسىڭىز osx سېستىمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رايۇنغا قاچىلانغانلىقىنى كۆرىسىز .

15 . كومپىيۇتىرنى تاقاڭ . ئالما سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكىنى ئېلىۋېتىپ ۋىندوس سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكىنى چېتىڭ . ( چاقماق بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كىچىك ئېغىزنىڭ يېنىدىكى usb ئېغىزىغا چېتىڭ ) ئاندىن option )alt) نى بېسىپ تۇرۇپ كومپىيۇتېرنى قوزغۇتۇپ ، بارماق دېسكىنى تاللاپ enter نى بېسىڭ .

16 . ۋىندوس قاچىلاش يۈزىنىڭ قوزغىلىۋاتقانللىقىنى كۆرىسىز .

17 . 下一步 نى بېسىڭ

18 . 现在安装 نى بېسىڭ

19 . 【我接受条款】 نىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرۇپ 下一步 نى بېسىڭ .

20 . 自定义(高级)】 نى تاللاپ قاچىلاڭ .

21 . بۇ يەردە ئېھتىيات قىلىڭ . 【BootCamp】 رايۇنىنى تاللاڭ . لېكىن 下一步 قىلغىلى بولمايدۇ .

22 . bootcamp رايۇنىنى تاللىغاندىن كىيىن 【驱动器选项(高级)】نى بېسىڭ

23 . 格式化 نى بېسىڭ

24 . 确定 نى بېسىڭ

25 . 下一步 نى بېسىڭ

26 . ۋىندوس قاچىلىنىشقا باشلىدى

27 . قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن قايتا قوزىلىدۇ . قوزغالغاندا option نى بېسىئپ قوزۇتۇڭ . ئاندىن windows نى تاللاپ enter نى بېسىڭ . ( دىققەت : بارماق دىسكىنى ئەمەس ، ۋىندوس قاچىلانغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ . سۈرىتى ئوخشاپ كىتىدۇ . دىققەت بىلەن ئايرىڭ )

28 . قاچىلاش دائۋاملىشىۋاتىدۇ .

29 . كارەكچىلەرگە ئۇچۇر توشقۇزۇپ 下一步  نى بېسىڭ .

30 . پارول بىكىتىڭ

31 . 下一步 نى بېسىڭ

32 . ئاچقۇچ نۇمۇرى بولسا كىرگۈزۈڭ . بولمىسا بىراقلا 下一步 نى بېسىڭ

33 . 以后询问

34 . 下一步

35  . سېستىما قوزغىلىشىنى كۈتۈڭ

36 . قاچىلىنىپ بولغاندى  كىيىن 我的电脑 نى ئېچىئپ قارىسىڭىز ئۈچ رايۇننى كۆرىسىز

37 . چۈشۈرۈپ تەييارلاپ قويغان bootcamp قوزغاتقۇچىنى ئېچىڭ .

38 . setup  نى بېسىپ bootcamp قوزغاتقۇچىنى قوزغۇتۇڭ

39 . ئۈزلۈكسىز 下一步 قىلىپ ھەممىنى قاچىلاڭ

40 . قاچىلىنىپ بولدى

41 . 结束  ئاندىن 是 نى بېسىپ قايتا كومپىيۇتېرنى  قوزغۇتۇڭ


42 . قوزغىلىۋاتىدۇ

43 . قوزغالغاندا  alt نى بېسىپ تۇرۇڭ . ئاندىن windows نى تاللاپ enter نى بېسىڭ

44 . مانا ھەممىسى پۈتتى


ئاخىرى قاچىلاپ بولۇندى . غەلبىلىك ھالدا قوش سېستىما ، تۆت رايۇن ، ئىككى ئورتاق رايۇن قىلىپ سېستىما قاچىلىۋالدۇق .
تېما تەپسىلى بولسۇن دەپ بەك ئۇزىراپ كەتتى . ئەيىپكە بۇيىمىغايسىلەر .  كېيىنكى تېمىمىز  option ) alt( نى  باسمايلا سېستىما ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا بولىدۇ .  ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن . بەك ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولساڭلار ئىنكاستا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇڭلارنى قالدۇرساڭلار قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن .  ئامان بولۇڭلار .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
omar + 20 ياخشى يازما
1217 + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش12 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

27ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-5 11:49:22
yawaghaz يوللىغان ۋاقتى  2017-6-4 13:32
ما تېما ھەقىقەتەن تەپسىلى يىزلىپتۇ،  مەندە مەك يوق ، ئا ...

https://pan.baidu.com/pcloud/alb ... 4305169198371422274
ماۋۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ . 100 پىرسەن ئېچىلىدۇ . 10.8 نەشرىدىن تارتىپ ئەڭ يېڭى 10.12  نەشرىگىچە ھەممىسى بار .
گىلەم
ibra ۋاقتى: 2017-5-31 22:00:27
ئېسىل. تاپالماي يۈرەتتىم.  مەسىلەن كۆزنەك سەككىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟
ئورۇندۇق
1217 ۋاقتى: 2017-5-31 22:01:36
ئىنتايىن ياخشى تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، مەنمۇ دەسلەپتە بەك قىينالغان قوش سېستىما قىلىپ بولالماي، ھازىرغۇ ۋىندىۋوستا قىلىدىغان ئىش بولمىغاندىن كېيىن، مەۋھۈم سېستىما قاچىلاپلا قۇتۇلدىم.
5-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 2017-5-31 22:05:20
بەك تەپسىلىي يېزىپسىز.بولسا مۇشۇ قارا ئالما توغرىسىدا 1 تېما يازغان بولسىڭىز ، بەك خوش بولغان بولاتتىم.
6-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-31 22:05:28
ibra يوللىغان ۋاقتى  2017-5-31 22:00
ئېسىل. تاپالماي يۈرەتتىم.  مەسىلەن كۆزنەك سەككىنىمۇ مۇ ...

قاچىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن يېڭى سېستىما ‹ سېررارى › بولسا ۋىندىۋوس 7 قاچىلانمايدۇ، يۇقۇرىسىنى قاچىلاش كېرەك.
7-قەۋەت
ئەركە1 ۋاقتى: 2017-5-31 23:00:44
مەندە بىردانە 2011 نىڭ مەك پروسى بارئىدى ئۇنىڭ دىسكا ئوقۇغۇچىسى بار بۇنىڭدا بارماق دىسكىدىن قاچىلنىدىغان قىلىپ ياسىسام بارماق دىسكىنى پەققەت تونۇمايدىيا بۇنىڭغا ئامال بارمۇ دىسكا ئوقۇغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقمىكى بۇنىڭ يا بىيوس يوق تەڭشەي دىسەم
8-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-1 00:55:22
ibra يوللىغان ۋاقتى  2017-5-31 22:00
ئېسىل. تاپالماي يۈرەتتىم.  مەسىلەن كۆزنەك سەككىنىمۇ مۇ ...

بولىشى مۇمكىن ، سىناپ بېقىڭ . لېكىن سەككىز قاچىلاش ئۈچۈن bootcamp رايۇننىڭ فورماتىنى exfat  قىلىش كىرەك .
9-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-1 00:57:15
1217 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-31 22:01
ئىنتايىن ياخشى تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، مەنمۇ دەسلەپتە بەك ...

مەن تازا كۆڭلۈمدىكىدەك تەقلىدلىگۈچ تاپالماي يۈرۈيمەن .
10-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-1 01:01:46
ئەركە1 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-31 23:00
مەندە بىردانە 2011 نىڭ مەك پروسى بارئىدى ئۇنىڭ دىسكا ئوق ...

مەك كومپىيۇتېرىدا بىيوس بولمايدۇ  .  ئالما قاچىلاش دېسكىسىنى قايسى ئۇسۇلدا ياسىدىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ . يەنە بولمىسا بارماق دىسكىنى ئالماشتۇرۇپ سىناڭ  .  بەزىدە بارماق دېسكىلارغا سېستىما ئويسا كومپىيۇتېر تونىماي تۇرىۋالىدۇ . دېسكا ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن ئۈسكىنىدىمۇ بارماق دېسكىدا نورمال سېستىما قاچىلاشقا بولىدۇ .
11-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-1 01:03:23
ھەربىر تارماققا بىردىن قىرىق تۆت تارماققا قىرىق تۆت تال  رەسىم بار ئىدى . ئەپسۇس بەزى رەسىملەر نورمال چىقماي قاپتۇ .
12-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2017-6-1 10:35:13
مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم بار خالىسىڭىز ياردەم بەرسىڭىز :
1.ئالما كومپىيوتىرغا u دىسكا قوزغاتقۇچ تونۇتقىلى بولارمۇ بولسا يول كۆرسەتسىڭىز .
2.ئالما كومپىيوتىرغا ئىككى سىستىما قاچىلىغاندا ئىككىسىنىڭ قايسىنىڭ ئالدىن قوزغۇلۇش قىلىپ تاللاپ ئۆزگەرىتكىلى بولىدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟مەسىلەن :ئىچىلىپلا windows قوزغالسۇن ياكى ئىچىلىپلا mac قوزغالسۇن دىگەندەك .
3.شۇ تاللاشنى مۇمكىن بولسا pc كومپىيوتېردا تاللىغاندەك تاللىغىلى بولىدىغان قىلىدىغان ئۇسۇل بولسا كۆرسىتىپ قويسىڭىز !
خالىسىڭىز ئۈگۈنەيلى توپىمىزغا قوشۇلۇپ ياخشى بىلىملەر بولسا تۆكۈپ تۇرۇڭ رەھمەت !!!كوت-كوت توپ نومۇرىمىز بولسا :488397153
13-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-6-1 12:29:15
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 10:35
مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم بار خال ...

U دېسكىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ئۆزى قاچىلىنىدۇ، ئايرىم قاچىلاش ھاجەتسىز.
ئىككىنجى سۇئالغا كەلسەك:
تۆۋەندىكى ئورۇنغا كىرىپ:

چىققان كۆزنەكتىن قوزغىلىدىغان سېستىمىنى سۈكۈتكە تاللايمىز:

14-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-1 12:59:22
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 10:35
مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم بار خال ...

سۇئالىڭىزغا  مەن تەييارلىق قىلىپ بولغۇچە 1217 قېرىندىشىمىز جاۋاپ بىرىپ بوپتۇ . سۈكۈتتىكى ھالىتىنى تەڭشەش ناھايتى ئاسان . تۈۋەندىكى ۋىندوستىكى تەڭشەش ئۇسۇلى  :
ئۈستەل يۈزى ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن bootcamp  دىتالىنى بىر چەكسەك  تۆت قاتار تىزىملىك چىقىدۇ . شۇنىڭدىن bootcamp 控制面板 نى تاللايمىز . تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ :


قوزغاتماقچى بولغان سېستىمىنى  تاللاپلا 重新启动  نى بېسىۋەتسەك ئىش تامام
كىلەر قېتىم ماۋۇ  دىتال توغرىسىدا تېما يازىمەن . ھەر قېتىم قوزغالغاندا option نى باسمىساقمۇ  قايسى دىسكىنى قوزغۇتىسەن دەپ چىقىدۇ . سۈكۈتتىكى قوزغىلىش دېسكىغا ۋاقىت بەلگىلەپ قويغىلى بولىدۇ . تاللاش قىلمىساق  ۋاقىت توشقاندا ئاپتوماتىك سۈكۈتتىكى دېسكىنى قوزغىتىدۇ .

15-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2017-6-1 14:04:19
1217 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 10:29
U دېسكىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ئۆزى قاچىلىنىدۇ، ئايرىم قاچى ...

مەن دىمەكچى گوس ھۆججەت ئۇرۇدىغان ۋە پىيى ھالەتتە قوزغايدىغان u دىسكا نى قانداق قىلىپ ئالما كومپىيوتېردا قوزغايمىز دىمەكچى
16-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-1 15:28:58
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2017-6-1 14:04
مەن دىمەكچى گوس ھۆججەت ئۇرۇدىغان ۋە پىيى ھالەتتە قوزغ ...

بارماق دېسكىنى چېتىپ ، option نى بېسىپ تۇرۇپ قوزغاتسىڭىزلا  بولىدۇ .
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部