+تېما يوللاش
kichikoghul يوللانغان ۋاقتى:2017-4-5 00:47 1812 قېتىم كۆرۈلدى 20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئىلىگىرى بىرنەچچە قېتىم windows xp  ۋە  windows7  قاچىلانغان كومپىيوتېرلارغا  ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىسام، ۋوردقا خەت يازغاندا مائوس ئىستىرىلكىسى ئوڭ تەرەپتە جىم تۇرىۋېلىپ خەت بىر سۆز ئاخىرلاشقىچە سولغا ماڭىدىغان، كېيىنكى قېتىم يازغان سۆزلەر ئالدىنقى قېتىم يازغان سۆزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە توغىرلىنىدىغان مەسلىگە يولۇققان ئىدىم. ئۇ چاغدا بۇ مەسلىنى سېستىمىنى قايتا قاچىلاش ئارقىلىق ھەل قىلغان ئىدىم.
بۇ قېتىم 5600سومغا بىردانە يەتىنچى ئەۋلاد دېل ماركىلىق  خاتىرە كومپىيوتېر ئالغان ئىدىم. بۇ كومپىيوتېرنىڭ  تەڭشەك رايۇنىدىن بىر يەرنى چەككەن باھانە بىلەن  كومپىيوتېرنىڭ پۈتۈن سېستىمىسى ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتكەن ئىدى. (ھازىرمۇ شۇنداق. ) كومپىيوتېرنىڭ ئۆزىدە microsoft uiyghur دەپ خەت نۇسخسى بار ئىكەندۇق، مۇشۇنداق ھالەتتە ئىشلىتىپ كېلىۋېتىپ قولۇم قىچىشقاندەك ئەلكاتىپ 5.9 نى قاچىلاپ ساپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ۋوردقا خەت يازغاندا مائوس ئىستىرىلكىسى ئوڭ تەرەپتە جىم تۇرىۋېلىپ خەت بىر سۆز ئاخىرلاشقىچە سولغا ماڭىدىغان، كېيىنكى قېتىم يازغان سۆزلەر ئالدىنقى قېتىم يازغان سۆزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە توغىرلىنىدىغان مەسلىگە يەنە يولۇقتۇم.
بازاردىن 5يۈەنلىك كۆچۈرۈلگەن  win10 سېستىما دېسكىدىن بىرنى ئېلىپ كىرسەم ياكى توردىن چۈشۈرسەمغۇ بۇ مەسلە ھەل بولۇپ كېتەتتى، بىراق، كومپىيوتېردا ئەسلىدە بار بولغان ھەقىقىي نەشىردىكى  win10 دىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىدى.
مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققان ۋە  ھەل قىلىپ باققانلار بولساڭلار، بىر يول كۆرسەتسەڭلار، مائوس سىترىلكىسى خۇددى ھازىر تور يۈزىدە يازغاندەك خەتنىڭ  سول تەرىپىدە يازغان ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرگە يول باشلاپ ماڭسا، ئۇيغۇرچە سېستىمىدا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال يېزىشنىڭ ھوزۇرىنى داۋاملىق سۈرگەن بولسام، سىلەردىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
alip ۋاقتى: 2017-4-5 10:23:16
/forum.php?mod=viewthread&tid=18257
ئاۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسلار بويىچە قىلىڭ.
گىلەم
25yax ۋاقتى: 2017-4-5 10:38:04
5.7نەشىرنى  قاچىلاپ سىناپ  بېقىڭ
ئورۇندۇق
azher55 ۋاقتى: 2017-4-5 14:20:01
ئەلكاتىپنى يۇيۋېتىپ قايتا قوزغىتبڭ
5-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2017-4-5 14:25:47
مەنمۇ ۋورد2007 دە بىر مەسىلىگە يولۇقۇپ قەتتئى ھەل قىلالمىدىم، ئۇيغۇرچە خەت يازسام، خەتنىڭ ئاستىغا قىزىل رەڭلىك ئەگىرى سىزىق چىقۋېلىپ ئالدىدا يازغان خەت ئارقىغا ئۆتىۋېلىۋاتىدۇ، ۋورد ئۇستىلىرى مۇشۇ مەسلىگە بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار!
6-قەۋەت
kichikoghul ۋاقتى: 2017-4-5 14:43:15
alip يوللىغان ۋاقتى  2017-4-5 10:23
/forum.php?mod=viewthread&tid=18257
ئاۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسل ...

مېنىڭچە بۇ مەسىلە ۋورد،ئېكىسىل ياكى پوۋېرپونتتا ئەمەس(ئۈچىلىسىدە تەتۈر( يېزىلىۋالدى) سېستىما تەڭشىكىدە .
ئىنكاستا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل ھەقىقەتەن  windows xp دە بولىدىكەن.
مەن  يولۇققان مەسىلە  10 windows دا  ئىدى. ھەل قىلىش چارىسى بولسا ئايىمىغايسىلەر.
7-قەۋەت
iskender933 ۋاقتى: 2017-4-5 14:49:54
سىز يۇلۇققان مەسىلە ۋوردنىڭ قايسى نەشرىدە يۈز بەردى ؟ يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن كۈرۈنمە يۈز تەمىللەڭ شۇنىڭغا قاراپ ھەل قىلىمىز ئۇنى .
8-قەۋەت
boraoghli ۋاقتى: 2017-4-5 15:04:10
ئوفېسنىڭ تەڭشىكىدىن ئۆزگەرتەلمىگەن بولساڭلا ئوفېسنى قايتا قاچىلاپ بېقىڭلا، ئەگەر ئوغرى نەشردىكى ئوفېس بولسا ھەقسىز لايبىر ئوفېسنى ئىشلىتىڭلا. لايبىر ئوفېسنى libre officeئىشلىتىۋاتىمەن، مىكروسوفت ئوفېس بىلەن ئاساسەن پەرقى يوق.
9-قەۋەت
bahtlikbala ۋاقتى: 2017-4-5 15:11:13
مۇنداق تەڭشەپ سىناپ بېقىڭ
كونتىرول تاقتىس / تىل ۋە كىرگۈزگۈچ / كىرگۈزگۈچ قوشۇشنى چېكىپ چىققان تىزىملىكتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى نى چېكىپ ئۈچ توت قۇر تىزىملىك چىقىدۇ شۇنىڭ ئىچىدىن ئاستىدىكى چەكسىڭىز بارلىق تىللار كۆرىنىدۇ ، شۇيەردىن ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز ئوڭلىنىدۇ
10-قەۋەت
ALQINIM ۋاقتى: 2017-4-5 15:19:35
بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ھەل قىلالمىدىم.win7دە ئۇ ئۇسۇل بولمايدىكەن.قانداقلا قىلسام يەنىلا سولدىن ئوڭغا يېزىپ مېڭىۋاتىدۇ.بىلدىغانلارياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
11-قەۋەت
dilkax125 ۋاقتى: 2017-4-5 19:06:22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilkax125 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-5 19:08  
bahtlikbala يوللىغان ۋاقتى  2017-4-5 15:11
مۇنداق تەڭشەپ سىناپ بېقىڭ
كونتىرول تاقتىس / تىل ۋە كىرگ ...


win10 دا سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاللاش بىھاجەت، ئۇيغۇرتىلى ئۆزى بار، مېنىڭچە ئەلكاتىپنى ئۆچۈرۋىتىڭ . ئەگەر ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخسىنى ياقتۇرغان بولسىىڭىز ، ئەلكەتىپنى ئۆچۈرۋىتىشتىن بۇرۇن سېستىما رايۇنى fonts ھۆججەت قىسقۇچىدىن ئەلكاتىپ خەت نۇسخىللىرىنى كۆچۈرۋىلىپ كىيىن خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
12-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-4-5 21:22:51
word选项-显示 نىڭ ئىچىدىكى بارلىق تاللاشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ، يەنە ئوڭشالمىسا قاچىلىغان خەت نۇسخىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ
  ئالپ 8.1 كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسىڭىزلا بارلىق باش ئاغرىقىڭىز ساقىيىدۇ، بۇ مەسىلىگە مەن كۆپ ئۇچراپ پىشىپ كەتتىم
13-قەۋەت
kichikoghul ۋاقتى: 2017-4-5 22:12:45
ئەلكاتىپنى ئۆچۈرۋەتتىم، بىراق بۇ مەسلە يەنىلا ئوڭشالمىدى.
14-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-4-5 22:33:38
ئالپنى قاچىلاڭ، ئوڭشىلىدۇ
مۇشۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ
15-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-4-5 22:35:36
بەك سېستىمىغا چىدىمىسىڭىز گوستلىۋېلىپ ئاندىن نىمە قاچىلىغىڭىز كەلسە شۇنى قاچىلىمامسىز؟ يول كۆپ بولىدۇ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部