+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2017-7-23 01:03 781 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-23 12:57  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۈگۈن جىددىي بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ قىلىپ قاتتىق دىسكىنىڭ بىر قانچە رايۇنىدىن يەنە بىر نۇرغۇن ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللاپ ئىچكىرلەپ ھۆججەتلەرنى سىكاننىرلاپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىھتىياج چۈشتى،

.Net Framework تەمىنلىگەن ئۆلگۈر FolderBrowserDialog بىلەن بىر مۇنچە ھۆججەت قىسقۇچلارنى بىردىن بىردىن تاللاپ بولۇشقا كۆزۈم يەتمىدى،


قارىساق ئىسكەتى شۇ




كاللامغا كەلگىنى ھۆججەت قىسقۇچنى مانداقراق بىر شەكىلدە تاللايدىغان نەرسە بولسا بولاتتى،




يەنە تىخى بىرقىتىم تاللاپ بولغىنى يەنە بىر قىتىم سىكاننىرلاش دائىرىسىگە كىرىپ قالسا بىرمۇنچە خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،

بۇ ۋاقتىمنىڭ قىسلىقىدا ئالدىرغاندا توردىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، نەگە قارىسا مانداق قىلىمىز دەپ ئىككى تۆت تال كودنى چاپلاپ قويغان، بىر قىتىملا ئىشلىتىپ ئۆتۈپ كىتىشكە يارىغۇدەك بىر نىمە تاپالمىدىم، ماڭا ئارتۇق نىمە ھاجەت ئەمەستى، پەقەت بىر قىتىملا، بەك ئاددىي بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولغۇدەك بىرەر ئامبار بولسىلا بولاتتى، ئاخىرى ئۆزۈمگە ئۆزۈم كايىپ ئىككى سائەت مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشىم، مەقسىدىم ما ياقتا قىلىپ ھۆججەت تاللاش رامكىسىغا چۈشۈپ كەتتىم،
ئۆلگۈر...

شۇنداق قىلىپ ئۆزۈم ئويلىغاندەك بىر قىتىم ئىشلىتىشكە دوغا يارىغۇدەك بىر نىمە يازدىم،







لازىملىقلار ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىڭلار،

مەن ئالدىراپ يازغاچقا ھاجىتىمدىن پەقەت مۇشۇ قىتىم چىقسا بولدى دەپ ئويلاپ تۇرۇپ يازدىم،
ئويلىنىپ يازغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمىدىم،

لىكىن شۇنداقتىمۇ خىلى يامان ئەمەس ئىشلەتكىلى بولىدۇ،
ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلساڭلار قىلىپ دىگەندەك ئۆزگەرتىۋالساڭلارمۇ ياكى ماڭا ئوخشاش لازىم بولغاندا ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىۋىرىدۇ،
ماڭا ئوخشاش ئىشىڭىز ما ياقتا قىلىپ نەدىكى ئۇششاق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەڭ دىمەكچى

ئەمدى ئىۋۇ سىرىق، يىشىل دىگەن نىمە رەڭ دىگەندە
سىرىق رەڭ پەقەت ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئىلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىچىدىكى ئىچىدكى يەنە ئىچىدىكى... تارماق قىسقۇچلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاننى بىلدۈرىدۇ،
يىشىل رەڭدىكىسى پەقەت شۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتنىلا سىكاننىرلاش، تارماق مۇندەرىجىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،

يەنى بىز بۇنىڭ ئارقىلىق مەلۇم مۇندەرىجىلەرنى تارماق مۇندەرىجىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى ياكى پەقەت شۇ مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئىلىپ تارماق مۇندەرىجىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقىنى بەلگىلىيەلەيمىز،

ماۋۇ رەسىمگە دىققەت قىلىڭ





قالغىنى چۈشىنىشلىك دەپ ئويلايمەن

ئىشلىتىش ئۇسۇلى






  1.         private void button1_Click(object sender, EventArgs e)
  2.         {
  3.             var result = DirectorySelector.ShowDialog(data =>
  4.             {
  5.                 listBox_directories.Items.Clear();
  6.                 foreach (var item in data)
  7.                 {
  8.                     var path = item.Path;//نۆۋەتتىكى تاللانغان مۇندەرىجىنىڭ ئادېرسى
  9.                     var includeSubDirectories = item.ScanSubDirectories; //نۆۋەتىكى تاللانغان مۇندەرىجە يەنە ئىچىدىكى بارلىق تارماق مۇندەرىجىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟

  10.                     listBox_directories.Items.Add((item.ScanSubDirectories ? "Full Scan" : "File Scan") + "  " + item.Path);
  11.                 }
  12.                
  13.             });

  14.             MessageBox.Show(result ? "مۇندەرىجە تاللاندى" : "بىكار قىلىندى"); //ئەگەر ئىشلەتكۈچى تاللىغان بولسا راس قىممەت قايتىدۇ، ئۆچۈرۋەتكەن بولسا يالغان قىممەت قايتىدۇ
  15.         }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش



ئەسلى كود (Visual Studio 2017 Project)
PhotoProcessor.zip (4.68 MB, چۈشۈرۈش سانى: 42)

دىققەت، C دىسكا ۋە باشقا دىسكىلارنى كۆرسەتكەندە ھوقوققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار سەۋەبلىك مۇندەرىجىلەر تولۇق كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ قايتا يوللاپ قويدۇم


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
nawayi ۋاقتى: 2017-7-23 10:03:36
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز تىمىڭىزغا رەھمەت  ماڭا سىزنىڭ بۇرۇن يوللىغان ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ ئۆچۈرىدىغان كودىڭىز لازىم ئىدى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز
گىلەم
nawayi ۋاقتى: 2017-7-23 10:04:45
ھېلىقى سىزمۇ ۋىروس ياساپ باقامسىز دىگەن تىمىدىكى كودىڭىزنى دىمەكچىدىم
ئورۇندۇق
bulbulla ۋاقتى: 2017-7-23 10:08:27
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ۋوي قالتىسقۇ سىز !مۇشۇنداق ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان دىتاللارنى ئۆزى ياساپ ئىشلەتكىلى بولسا نېمە دىگەن ياخشى!
5-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-7-23 11:51:58
nawayi يوللىغان ۋاقتى  2017-7-23 10:04
ھېلىقى سىزمۇ ۋىروس ياساپ باقامسىز دىگەن تىمىدىكى كودى ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت،
ئۇ ۋاقىتلار مىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى، پروگرامما تىلى دەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىمكەنتۇق،
شۇ نەچچە قۇر يازغان نەرسىنىڭ قىلغان ئىشىغا قىززىقىپ شۇلارنىمۇ قىلىپ يۈرگەنكەنمەن،

ئۇنى بىرەر پروگرامما تىلىدا يىزىپ چىقسىڭىز تىخىمۇ ياخشى، تىخىمۇ مۇكەممەل نەرسە بولىدۇ،
script بىلەن كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ
6-قەۋەت
nawayi ۋاقتى: 2017-7-23 13:37:41
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2017-7-23 11:51
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت،

شۇنداق دېتال ياسايدىغان دەرسلەىك ئىشلەپ تاقاتقان بولسىڭىز بىزمۇ قول سېلىپ ئىشلەپ باققان بولساق
7-قەۋەت
Nurdan ۋاقتى: 2017-7-23 14:14:05
قوشۇمچە چىقىرىلغان ھۆججەت ئەسلى كودمۇ ياكى ھاسىللاپ ھىقىرىلغان ئىجرا ھۆجىتىمۇ ؟ ئىجرا ھۆججىتىنى يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
8-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-7-23 15:51:37
Nurdan يوللىغان ۋاقتى  2017-7-23 14:14
قوشۇمچە چىقىرىل& ...

ئەسلى كود ۋە ئىجرا ھۆججىتى ئىككىلىسى بار
/PhotiProcessor/bin/debug/PhotoProcessor.exe
9-قەۋەت
Nurdan ۋاقتى: 2017-7-23 17:55:38
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部