+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-5-24 21:41 4036 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئايفون سىستېمىسنىڭ راۋان بولۇشى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئەمما بەزى بىز ئىشلەتمەيدىغان ئىقتىدارلار ئادەمنى بەك بىزار قىلىدۇ ھەم تور ئېقىمىنى، توكنى خورىتىدۇ.
1. ۋايفاي WiFi ياردەمچىسى (无线局域网助理) نى تاقىۋېتىڭ، ئېقىم تىجىلدۇ.
بۇ ئىقتىدار iOS9 تىن باشلاپ قوشۇلغان بولۇپ، ۋايفاي ئۇلانمىغاندا ئاپتۇماتىك كۆچمە تورغا ئۇلىنىپ، ئېقىمنى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇنى تاقاپ قويسىڭىز سىزدىن بىسوراق كۆچمە تورغا ئۇلىنىپ ئېقىم ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىندۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: 「设置」-›「蜂窝移动网络」 گە كىرىپ، 「无线局域网助理」 نى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
  

2. قىسقا ئۇچۇرنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتىشنى تاقاش
بىر ئۇچۇر كەلسە ئىككى قېتىم ئاۋاز چىقرىپ ئەسكەرتسە كۇپايە. ئەمما ئالما يانفوندا ئۇچۇر كەلسە ئېچىپ كۆرمىسىڭىز توختىماي ئاۋاز چىقىپ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى:  「设置」--› 「通知」--› 「信息」--› 「重复提醒」 نى 从不 قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ.
  

3. دىئاگنوز ئۇچۇرى، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرنى ئالما مۇلازىمىتىرغا يوللاشنى تاقاش
ئايفون دىئاگنوز ئۇچۇرى، يانفوننى ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى Apple مۇلازىمىتىگە توختىماي يوللايدۇ. يەنە يانفون ئىشلەتكۈچىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش ئەھۋالى، جۇغراپىيىلىك ئۇچۇرى قاتارلىقلارنىمۇ يوللايدۇ. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تور ئېقىمىڭىز بىكارلا ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: 「设置」--›「隐私」--›「诊断与用量」 گە كىرىپ، 不发送 نى تاللاڭ.
  

4. Airdrop نى تاقىۋەتسىڭىز توك تېجىلدۇ.
Airdrop كۆكچىشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇچۇق ھالەتتە ئاپتۇماتىك ھالدا ئەتراپتىكى ئۇلىندىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىزدەيدۇ. بۇنداق بولغاندا توك ئىسراپ بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: كونترول مەركىزىدىن Airdrop نى تاللاپ 停用 نى بېسىپ توختىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. لازىم بولغاندا ئېچىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
  

5. تېتىقسىز ئېلان ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارنى تاقاش
سىرتلارغا چىقمىسىڭىز بايقىمايسىز، باشقا شەھەر ياكى دۆلەتكە بارسىڭىز ئايفوندا تۇيۇقسىز سىز يېڭى كەلگەن يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىقتىدار سىزنىڭ ئورنىڭىزنى ئىزچىل ئىز قوغلاپ، ئۇچۇرىڭىزنى يىغىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئېلان ئەۋەتىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: 「设置」--›「隐私」--›「广告」 دىكى 「限制广告跟踪」 نى ئېچىۋېتىڭ.
  

6. كۆپ سانلىق ئادەم ئىشلەتمەيدىغان Handoff ئىقتىدارنى تاقاش
بۇ Handoff نىڭ ئىقتىدارى مۇنداق: بىر iCloud ھىساباتىدا بىر نەچچە ئالما مەھسۇلاتىغا تىزىملىتىپ كىرسىڭىز بىرسىدە قىلغان مەشغۇلاتنى يەنە بىرسىدە داۋاملاشتۇرالايسىز. سىز پەقەت ئايفونلا ئىشلەتكەن بولسىڭىز بۇ ئىقتىدارغا ھاجىتىڭىز چۈشمەيدۇ. شۇڭا تاقىۋېتىڭ.
تاقاش ئۇسۇلى: 「设置」--›「通用」--›「Handoff与建议的应用」 نى تاقاڭ.
  
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش19 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
dilaram ۋاقتى: 2016-5-24 22:02:57
ئايفۇننىڭ ئازلايدىغان يىرى ئاز قالدى، جۇمۇ
گىلەم
رويال ۋاقتى: 2016-5-24 23:23:39
ياخشى  بىلىمكەن   رەھمەت
ئورۇندۇق
tanha214 ۋاقتى: 2016-5-25 00:03:03
نىمدىگەن جىق ئ‍ىشلار بۇ، شۇنىڭغا قارغاندا نۇرغۇن ئ‍ادەملەر شۇنىڭ زىيىنىنى تارتىۋېتىپتۇ، شۇڭا ئ‍ايفون ئ‍ىشلەتمەڭلار دەپتىكەندە ئ‍ىدارىدىن
5-قەۋەت
(تەنھا) ۋاقتى: 2016-5-25 07:34:41
گەرچە ئىشلەتمىسەكمۇ بىلۋېلىشقا تىما ئىكەن
6-قەۋەت
atiwa23 ۋاقتى: 2016-5-25 08:38:10
مىنىڭغۇ ئەزەلدىن خۇشام يوق ئاشۇ پۇچۇق ئالما بىلەن ئىسىمىنىمۇ توغرا ئاتىماي ۋاي پىڭگو دەپ نەرىنى ئارزۇلايدىغاندۇ شۇ تېلفۇننىڭ
7-قەۋەت
زاھېر ۋاقتى: 2016-5-25 16:02:28
موشۇ ئالمىنىڭ كامىرا دىن باشقا ھېچقانداق ۋاي دىگۈدەك يېرى يوق  بىخەتەرلىك ۋە مۇكەممەللىك  جەھەتتە ئاندىرويىدمو خىلى پىشىپ يېتىلدى ھازىر
8-قەۋەت
ataman138 ۋاقتى: 2016-5-26 17:54:03
ھەمىسنىڭ ئۈزگە چۇشلۇق ئىقتىدارى..ئارتۇقچىلىق كەمچىلكى بار...
9-قەۋەت
►J_AS_S_U_R◄ ۋاقتى: 2017-4-11 19:11:58
ئالما ھەقىقەتەن ياخشى جۇما ،،،،،، بىرخىل تۇيغۇ بىرىپ قويدۇ ئادەمگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部