+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2017-5-26 22:47 1488 قېتىم كۆرۈلدى 20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-26 22:50  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئالدىنقى يازمىلىرىمدا ئوخشاشلا Kotlin توغۇرلۇق توختالغان ئىدۇق،
بۇ قىتىم سەل چوڭ جەھەتتىن Kotlin بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز




Kotlin بولسا ئىنتايىن زامانىۋىي، كىڭەيتىشچانلىقى بەكمۇ كۈچلۈك، گىرامماتىكىسى بەكمۇ نەپىس ئىسىل پروگرامما تىلى،
تىخى كۆپۈنچىمىز بۇ تىلنى ئاڭلاپمۇ باقمىدۇق
توغرا، تىخى 2016-3 ئايدا 1.0 نەشىرى تارقىتىلدى،
5 ئايدىن بۇيان مەنمۇ Kotlin نىڭ كۈنسىرى يېڭىلىنىۋاتقىنىغا، كۈنسىرى مۇكەممەللىشىپ كۈنسىرى قۇدرەتلىك بولۇۋاتقانلىقىغا شاھىد بولدۇم.

بۇ ئاجايىپ تىل، بىر قارىسىڭىز Swift, بىر قارىسىڭىز C, بىر قارىسىڭىز C++, يەنە بىر قارىسىڭىز Java, C#, Python, JavaScript...
بۇ ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك تىل، چۈنكى بۇ تىل شۇنداق دىيىشكە ئەرزىگۈدەك تىل.

تىخى ھەپتە بۇرۇن Google I/O  2017 دە گۇگىل مۇ Android نىڭ سۈكۈتتىكى پروگرامما تىلىنى Kotlin قىلىپ بىكىتتى،
بەك ياخشى بولدى،


ئەمدى شۇنداق دىيەلەيمەن، ئىنتايىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بۇ تىل شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تاپىدۇ،
چۈنكى بۇ تىلنىڭ ئىجادچىسى Microsoft مۇ ئەمەس، Google مۇ ئەمەس، دەل Jet Brains
لىكىن ھازىر بۇ تىلنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى JetBrains، JetBarins دىكى ساراڭلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك يامان كاساپەتلەر،
ھەتتا Android نىڭ ئىگىسى Google مۇ Kotlin نى ئاساسلىق پروگرامما تىلى قىلىدىغىنىنى جاكارلىدى،
ئۇنداقتا سىز نىمىشقا يەنە شۇ قاتمال، قوتۇر Java غا ئىسىلىۋالىسىز؟






ئەگەر سىز Java ياكى Android پروگراممىرى بولسىڭىز تىزدىن بىزگە قوشۇلۇڭ،
ئارام ئالىدىغان ۋاقتىڭىز بولدى،  ئۆزىڭىزنى قەپەزگە كىرگۈزىۋالماڭ، بىز قوتۇر جاۋادىن ئۆلگۈچە زىرىكتۇق.
Kotlin ئىتىپاقىدىكىلەر سىزنى كۈتىۋاتىمىز. ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز، قىلچە بىھاجەت. ھىچقىسى يوق
Kotlin بىلەن Java بىر بىرى بىلەن 99.99% سىغىشىدۇ،

ھەر قانداق مەسىلە بولسا مۇشۇ مۇنبەردە يەنى دا ئوتتۇرىغا تاشلاڭ،

بۇ ئاجايىپ تىل،
Android, SE, EE لاردا بۇ JVM دا ئىجرا بولىدىغان تىل،
تور كۆرگۈچتە JavaScript قا تەرجىمە قىلىنىپ ئىجرا بولىدىغان تىل
C, C++ بىلەن بىرلىشىپ ھەقىقى مەنىدىكى Native تەرجىمە قىلىنىپ بىۋاستە بايىت كودىغا تەرجىمە قىلىنىدىغان تىل.

Kotlin بۇ مۇستەقىل پروگرامما تىلى، دىيىشىڭىز مۇمكىن، بۇ JVM دا ئىجرا بولىدىغۇ؟

توغرا ھەقىقەتەن شۇنداق، لىكىن Kotlin بۇ JVM غا تەۋە ئەمەس،
نۆۋەتتە Kotlin نىڭ ئۈچ خىل نەشىرى بار

1. Kotlin JVM



JVM ئۈستىدە ئىجرا بولىدىغان نۇسقىسى، يەنى بىز ھازىر ئاساسلىق ئىشلىتىدىغىنىمىز، يەنى Android مۇ  JVM نىڭ ئۈستىدە

2. Kotlin JavaScript
JavaScript نۇسقىسى،  يەنى Kotlin نى تور كۆرگۈچتە ۋە باشقا JavaScript ماتورى قوللايدىغان ھالەتتە JavaScript قا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ تىخى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ

3. Kotlin Native



ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇسقىسى مۇشۇ،   يەنى C, C++ بىلەن مۇكەممەل بىرىكىپ بىۋاستە 0-1 دىن ئىبارەت ئىككىلىك سىستمېمىدىكى ھۆججەرگە تەرجىمە قىلىنىپ ئىجرا بولىدىغان Native نۇسقىسى
بىۋاستە قاتتىق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ، ھازىر كۆرۈپ بىقىش نەشىرىنى كۆرۈپ ئىشلىتىپ بىقىشقا بولىدۇ

Kotlin Native نى ھازىرچە پەقەت OS X بىلەن Linux ئۈستىدە يىزىشقا بولىدۇ،



بۇنى پىقىر ئاز كۈندە سىناپ تەسراتىمنى ئورتاقلىشىمەن

تۆۋەندە بىز يازغان ئوچۇق كودلۇق تۈر Ug-Project ئامبىرىنى ئىشلىتىشكە سۇنىمەن
http://git.oschina.net/yeganaaa/Ug-Project-Views

ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇنبەرگە كىيىنكى قىتىمدا تېما قىلىپ يوللىنىدۇ.

سىز Java || Android  پروگراممىرى بولسىڭىز Kotlin ئىشلىتىڭ، چوقۇم رازى بولىسىز

لىكىن دىققەت:::
يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر Kotlin دىن باشلاشقا ماس كەلمەيدۇ
kotlin بولسا نەچچە يىل، ھىچ بولمىغاندىمۇ Android || Java نى ئوينىتىپ ئىشلىتەلەيدىغان پروگراممىرلارغا ماس كىلىدۇ،
يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر قىيىقتىن قىيىققا سەكرىمەڭلار،
Kotlin دىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاساسى Java دا،

Java نى ئىشلىتىشنى بىلمسىىڭىز Kotlin ئۈگىنىپ بولالمايسىز

ئاخىرىدا ئۈگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم سابىرجان مۇئەللىم ئاچقان Android پروگرامما يىزىشنى ئۈگىتىش كۇرىسى،  مەيلى سىز Java ئىشلىتىڭ مەيلى Kotlin ئىشلىتىڭ Kotlin مۇ  Java نىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان نەرسە، پەقەت پروگرامما تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۆزگىرىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا Android نىڭ قۇرۇلمىسسى، تېخنىكىلار ھىچقايسىسى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، يادىڭىزدا بولسۇن ئۈگەنمىسڭىز مۇشۇ پىتى قىلىۋىرىسىز، لىكىن ئۈگەنسىڭىز تىرىشسىڭىز ئوخشاش كەلگۈسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. ئۈگىنىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن مەبلەغ سالغانلىق، مەيلى قايسى كەسىپنى قىلىڭ نىمىلا ئىش قىلىڭ ۋاقتىڭىزنى قىسقىسى ھاياتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزمەڭ، ۋاقتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزگەنلىك ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tursunxayar ۋاقتى: 2017-5-26 23:31:58
ئېسىل تېما، ياشاپ كېتىڭ
گىلەم
مەجىنۇن ۋاقتى: 2017-5-26 23:34:24
ئۆگىنىش ،ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش كېرەك          ،دىگەن  ئىكەن ئۇلۇغ ئۇستاز لېنىن،ئۆگىنەيلى،يېڭىلىقكەن ،   
ئورۇندۇق
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-5-26 23:38:58
مەن C تىلى ياكىJAVA ئۈگەنمىگەن ،مىنىڭ بەك پىروگىراممىر بولغۇم با ،مەن ئاۋال جاۋا تىلى ئۈگەنسەم بولامدۇ ياكى C تىلىمۇ ،جاۋانى قايسى قۇرالىن پايدىلىنپ ئۈگۈنىمەن،
5-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-5-26 23:52:39
ئالدىنقى قىتىم kotlin توغۇرلۇق يوللىغان تىمىڭىزنى كۆرۈپ بۇ پىرگىرامما تىلىغا قىزقىپ قالغان ئىدىم . بۇ تىلنىڭ بۇنچە تىزلا گۇگىلنىڭ ئىتىراپ قىلشىغا ئىرشىكىنىدىن  قارىغاندا  kotlin تەرەققىياتى راستلا تىزكەن .
بايا بەيدۇدىن kotlin غا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈپ  باقتىم . گىرامماتىكىسى جاۋا تىلغا قارىغاندا  ئاددىي بىلىندى . kotlin دىكى when جۈملىسى جاۋادىكى switch بىلەن  سىلىشتۇرغاندا قوللىنىلشى ئىنتايىن جانلىق ... دىگەندەك
ئاندىرويىدتا retrofit نى ئىشىلتىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن ، شۇڭا kotlin كۆچمىگەن ئىدىم ، بۈگۈندىن باشلاپ مەنمۇ kotlin غا  كۆچتۈم .  يولۇققان مەسىللەرنى مۇشۇ مۇنبەردە پىكىرلىشىپ تۇرايلى . ۋاقتىڭىز بولسا بۇ تىل
توغۇرلۇق كۆپىرەك تىما يوللاپ  تۇرۇڭ . تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
6-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-5-27 00:07:19
ئالدىنقى قىتىم يوللىغان  kotlin غا مۇناسىۋەتلىك تىمىڭىزنى ئوقۇپ بۇ تىلغا قىزقىپ قالغان ئىدىم . Google نىڭ بۇ تىلنى ئاندىرويىدقا ئەپ ئىچېش تىلى قىلىپ تاللىغىنىغا قارىغاندا بۇ تىلنىڭ تەرەققىياتى راسلا تىزكەن . بايا بەيدۇدىن  kotlin تىلى توغۇرلۇق ئىزدىنىپ باقتىم . بۇ تىلنىڭ گىرامماتىكىسى Java تىلغا قارىغاندا كۆپ ئاددىي بىلىندى  ، مەسلەن when  جۈملىسى قوللىنىلشى جانلىق .... دىگەندەك
ئاندىرويىدتا retrofit  نى ئىشىلتىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن شۇڭا  kotlin غا كۆچمىگەن بۈگۈن مەنمۇ kotlin غا كۆچتۈم  . يولۇققان مەسىللەر بولسا مۇشۇ مۇنبەردە پىكىرلىشىپ تۇرايلى . ۋاقتىڭىز بولسا بۇ تىل توغۇرلۇق كۆپرەك تىما يوللاپ تۇرۇڭ . تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
7-قەۋەت
قاينام ۋاقتى: 2017-5-27 00:28:04
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،مەنمۇ پىرگىراممىرلىققا قىزىقىمەن ، ئەمما تېخى ھېچنىمە بىلمەيمەن ،نۆلدىن باشلاپ ئۈگۈنەي دىگەن ئىدىم ، قەيەردىن باشلاشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم،ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار ،مەندە ھازىر ۋاقىت كومپيۇتېر ھەممىسى تەل ،ئۈگىنىشىمگە ياردەم قىلساڭلار ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى Psئۈگەنگەن ئىدىم ،ئۇنى ھەرھالدا يامان ئەمەس ئۈگۈنىپ بولدۇم ،ئەمدى مۇشۇنىڭغا ياردەم قىلساڭلار
8-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-5-27 00:30:14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-27 00:41  
aslima998 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-26 23:52
ئالدىنقى قىتىم kotlin توغۇرلۇق يوللىغان تىمىڭىزنى كۆرۈپ  ...


سىزگە بىر قىستۇرمامنى تەۋسىيە قىلاي،
يېڭى ئۈگىنىۋاتقان ۋاقىتتا يىزىپ چىققان ئىدۇق،

ئىشلىتىش ھوزۇر.






مانا Retroft ئىشلىتىش دىگەن،

ئىلتىماس يوللايسىز


  1. DataBase!!.RemoveWorkingTime(currentID){
  2.     loading {
  3.     //ئىلتىماس يوللىنىۋاتىدۇ...
  4.     }
  5.     ok {
  6.         data.removeAt(position)
  7.         alert("ئۆچۈرۈش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى", "") //مۇۋاپىقىيەتلىك يوللاندى
  8.     }
  9.     err {
  10.         alert("ئۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى", it.message)  //مەغلۇپ بولدى
  11.     }
  12.     loaded {
  13.         //مەيلى مەغلۇپ بولسۇن مۇۋاپىقىيەتلىك بولسۇن ئىلتىماس ئاخىرلاشتى
  14.     }
  15. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
9-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-5-27 01:00:52
مەن تىخى java نى تاشلاپ كۆچەمەن دىسەم 0دىن باشلاشقا بولمايدۇ دەپسىز ،java نى ئۈگۈنۈش خىلى جاپالىق ئىكەن ،java توغۇلرق ئۇيغۇرچە سىن دەرسلەر بولسا ئنكاس قالدۇرغان بولساڭلار ئىلگىرى بۇلاقجان مۇنبىرىدە بار ئىدى كىينچە ئۈگەنەمەن دەپ دىققەت قىلماپتىمەن  ئەمدىلىكتە لازىم بولغاندا تاپقلىلى بولمىدى ،ياردەم قىلغان بولساڭلار.
10-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-5-27 02:30:12
tirixqan008 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-26 23:38
مەن C تىلى ياكىJAVA ئۈگەنمىگەن ،مىنىڭ بەك پىروگىراممىر ب ...

Java دىن باشلاڭ،
C ئۈگىنىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ
تىخى Java ئۈگىنىش ئاسانراقمىكى
11-قەۋەت
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-5-27 07:40:14
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 02:30
Java دىن باشلاڭ،
C ئۈگىنىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ
تىخى Java ئ ...

ئەمسە سىز جاۋانى قانداق ئۈگەنگەن ؟مەن شۇ ياخشىراق جاۋا ئۈگۈنىش دەرسلىكى تاپالمىىدىم ئەگەر ياخشىراق بولغان جاۋا ئۈگۈنىش دەرسلىكى بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار ،ئادىرسىنى بىللە قوشۇپ يوللاپ بەرگەن بولساڭلار
12-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-5-27 11:33:28
ئىشقىلىپ مەن ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ Kotlinنى كۆپ قىسىم پروگرامما تىلىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن زامانىۋىي تىلكەن دەپ چۈشەندىم ئۈزەمچە.
13-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-5-27 12:05:07
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-27 12:08  
tirixqan008 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 07:40
ئەمسە سىز جاۋانى قانداق ئۈگەنگەن ؟مەن شۇ ياخشىراق جاۋ ...


سىزگە دىسەم مەن Java نى قانداق ئۈگەنگەنلىكىمنى بىلمەيمەن
مەن C# ئۈگەنگەن، بەلكىم شۇنىڭ تۈرتكىسىدۇ
بىر تىلنى ئۈگىنىۋالسا يەنە بىرسىنى ئۈگىنىش ئاسان.
سىز ھازىر نىمىنى ئۈگىنىۋاتقان بولسىڭىز شۇنى پىششىق ئۈگىنىڭ

ئۆزىڭىزنى مەن ئۈگىنەلمەيۋاتىمەن دەپ ئويلىۋالماڭ، ئەمەلىيەتتە سىز داۋاملاشتۇرىۋاتىسىز،
0 سەۋىيەدىن باشلاپ ئۈگەنگەندە ھەممىنى توپتولۇق چۈشىنىپ ئۈگىنىمەن دىيىش مۇمكىن ئەمەس،
ھىچقىسى يوق، توختىتىپ قويماڭ، ئەڭ مۇھىمى شۇ
14-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-5-27 12:10:42
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 00:30
سىزگە بىر قىستۇرمامنى تەۋسىيە قىلاي،
يېڭى ئۈگىنىۋاتق ...

كۆپ رەھمەت . kotlin دا يازسا بۇنداق پەيزى بولدىغىننى بىلمەپتىمەن . ياخشى تىمىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن
15-قەۋەت
arman26 ۋاقتى: 2017-5-27 13:38:25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman26 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-27 13:52  

مەن ئۈگىنىۋاتقاندا مەن تۇنۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى java نى ياخشى دېمەيتى، شۇنىڭ تەسىرىدىن مەنمۇ java ياخشى ئەمەس دەپ قاراپتىكەنمەن، كېيىن java غا ئىھتىياج چۈشۈپ بىر مەزگىل ئۆگەندىم، باشتا ئۆگەنگەندە بەك قاتمال تۇيۇلۇپ شۇنداق زىرىكىش ھىس قىلغان ئېدىم، كېيىن ئۆگەنگەنسىرى باشقا تىللاردا ھىس قىلالمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم، باشتىلا java ئۆگەنمىگەنگە پۇشايمان قىلدىم، ھازىر باشقا كەسىپ قىلىۋاتقان بولساممۇ java غا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى يىغىپ ساقلىغۇم كېلىدۇ.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部