+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-5-15 11:25 5132 قېتىم كۆرۈلدى 31 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مېيزۇ يانفۇندا نۇرغۇن ئەپچىل ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بار بولۇپ، بەزىلىرىڭلار ئىشلىتىپ باقمىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن.
1. ئېكران ئۆچۈك ھالەتتە ھەر خىل بارماق ھەرىكىتى ئارقىلىق بەزى ئىقتىدار، ئەپلەرنى قوزغىتىش
设置-辅助功能-手势唤醒 نىڭ ئىچىدە ئېكراننى قوش چېكىپ ئېچىش، يانغا سىيرىپ مۇزىكا ئالماشتۇرۇش، ئۈستىگە سىيرىپ ئۈندىدارنى ئېچىش ... ياكى مەلۇم شەكىلدە سىزىپ خالىغان ئەپنى قوزغىتىش قاتارلىق ئىقتىدارنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. بەلگىلەپ قويسىڭىز ئېكراننى ئاچماي تۇرۇپلا شۇ ئىشلارنى قىلالايسىز.


2. لەيلىمە شارچە
يانفون ئېكرانى چوڭ بولغاچقا بەزىدە بىر قولدا مەشغۇلات قىلىش قولايسىز بولىدۇ. لەيلىمە شارچىنى ئېكرانغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ھەر خىل ئىقتىدارلارنى بەلگىلەپ قويسىڭىز بىر قولدا مەشغۇلات قىلىشقا بەك قولاي.
设置-辅助功能-悬浮球 كىرىپ، لەيلىمە شارچىنى قوزغىتىپ ئۇنىڭغا ھەر خىل ھەرىكىتىگە ھەر خىل ئىقتىدارنى بەلگىلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئاستىغا سىيرىسە ھالەت سىتونى يېيىلدىغان، سولغا سىيرىسە قايتىدىغان، ئوڭ سىيرىسە ئەپ ئالمىشىدىغان، قوش چەكسە تەڭشەك ئېچىلدىغان... دېگەندەك خالىغان ئىقتىدار، خالىغان ئەپنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.


3. ئېكران قۇلۇپ پارولىنى ئۇنتۇپ قالغاندا يانفوننى ئېچىش
بەزىدە پارولنى ئۇدا خاتا باسسا ياكى كىچىك بالا ئويناپ خاتا بېسىۋەتسە قۇلۇپلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا Flyme ھىساباتىغا كىرىپ ئېچىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئالدىن Flyme ھىساباتىغا تىزىملىتىلغان بولۇشى كېرەك.

4. دەرىجىدىن تاشقىرى توك تېجەش
توك ئاز قالغاندا 设置-电源管理-省电优化 گە كىرىپ، 极限省电模式 نى ئېچىۋەتسە يانفوننىڭ سۆزلىشىش، قىسقا ئۇچۇردىن باشقا بارلىق ئىقتىدارنى، ئەپلەرنى تاقاپ دەرىجىدىن تاشقىرى توك تېجەش ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ ھالەتتە ئاز قالغان توك خېلى ئۇزۇن يېتىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

31ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Vestor392 ۋاقتى: 2016-5-15 11:45:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلا .... تىما ئىگىسى سىز قايسى تىپتىكى مىيزۇ تىلپۇننى ئىشلىتۋاتسىز .....
مەن 1200 كوي ئەتراپىدا بىر تىلپۇن سېتۋالاي دەپتىم ..... منىڭ بەكلا شىياۋمى ئىشلەتكۈم باتى ھەم خۇڭمى note3 نىڭ يۇقرى سەپلىلىكىنى ئېلىشنى ئويلاشقانتىم .... بۇ تىلپۇننىڭ پۇلىسىمۇ سەپلىمسىمۇ مۇۋاپىق كەنتۇق ..... لىكىن ئاپراتى 16 مىليۇن بولغان بىلەن ياخشى ئەمەسكەن مەيلى كىچدىكى تارتىشى بولسۇن ياكى كۈندىزى بولسۇن تارىتقان رەسىمگە قەتتىلا رەڭ بىرەممەيدىكەن ئوخشاش نەرسىنى شىياۋمى 4 شىياۋمى 2s بىلەن تارتىپ سېلىشتۇرۇپ باقتىم ( شىياۋمى 4 -2s نىڭ 13 مىليۇن پىكسىلدىن )  پەرىق خېلى بار ...... ياكى خۇڭمىنىڭ ئاپراتى ناچارراقمۇ ......
يا مېيزۇ ئالىدىغان ئىشمىدۇ ...... ياخشىراق تىلپۇن تەۋسىيە قىلساڭلا
گىلەم
adel7 ۋاقتى: 2016-5-15 11:55:33
ھەقىقەتەن بولدىغان ئۇسۇلكەن مەنمۇ سىناپ  باقتىم...
ئورۇندۇق
Uyhackerjan ۋاقتى: 2016-5-15 12:32:34
جىنلىدا كۆرگەنتىم بۇنى ،جىنلى يانفۇنىدىمۇ تەڭشىۋالساڭلا بولىدۇ بارلا،رەھمەت.
5-قەۋەت
بايقۇر ۋاقتى: 2016-5-15 13:35:29
Vestor392 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 11:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلا .... تىما ئىگىسى سىز قايس ...

mx5 مىزو 5 ئ‍ېلىڭ
6-قەۋەت
بايقۇر ۋاقتى: 2016-5-15 13:36:42
بايقۇر يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 13:35
mx5 مىزو 5 ئ‍ېلىڭ

پۇلى 1300 ئىقتىدارى راۋرۇس
7-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-5-15 13:58:14
Vestor392 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 11:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلا .... تىما ئىگىسى سىز قايس ...

ھە دوستۇم مەن مۇشۇ خوڭمى 3 تېلېفون ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇنىڭ ئاپپاراتى راست ئون ئالتە مىليون ئون ئۈچ  مىليون دېگەن بىلەن باشقا تېلېفوننىڭ ئاپپاراتىغا قارىغاندا سەل ناچارراقتەك ھېس قىلدىم بۇ تېلېفوننى،بۇ تېلېفوننىڭ ئاپپاراتىدىن باشقا ھەممە يەرلىرى بولىدۇ توكىمۇ قولدىن چۈشۈرمەي ئىشلىتىشكە بىر كۈن يېتىدىكەن، لېكىن بۇ كاساپەت پەقەت ئويۇن سۆرىمەيدۇ، ئادەتتىكىدەك كىچىك ئويۇنلارنى ئاچساممۇ  قېتىۋېلىپ  پەقەت  ئىشلىمەيدۇ، توپىدىن باشقا ۋاي دېگۈدەك يەرلىرىمۇ يوقكەن بۇخوڭمىنىڭ،مەنمۇ مېيزۇميىلەن نوتى 3كە قىزىقىپ قالدىم ، بىر نى ئالمەن  بۈگۈن ئەتە  ئىچىدە، ۋاكالىتەن ئىپبىردىغان بولدى بىر ئالىپداش 900 يۇەنگە   .... قولۇمغا  تەككەندە  ئىشلىتىپ باقسام تەسىرات سۆزلەيمەن.
8-قەۋەت
pinhan12 ۋاقتى: 2016-5-15 14:15:11
ۋىۋو دا نەچچە يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئېشىپ بولغان ئىقتىدارلار ئىكەن، رەھمەت تېما ئېگىسى، مېيزۇ ئالسام سىناپ باقىمەن.
9-قەۋەت
Vestor392 ۋاقتى: 2016-5-15 14:15:23
1314520 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 13:58
ھە دوستۇم مەن مۇشۇ خوڭمى 3 تېلېفون ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ ...

ھە....
. لىكىن بىر دوستۇمنىڭ خۇڭمى note 3 نىڭ يۇقرى سەپلىملىكىنى ئىشلىتىپ باقتىم  ھەممە يىرى ياقتى بىرلا شۇ ئاپرات سەل ناچاركەن ......
شىياۋمى نىڭ ئاپراتى بىلەن خۇڭمىنىڭ ئاپراتى بەكلا پەرىقلىندىكەن .
خۇڭمى note3( رام 3g) ئۇيۇننىمۇ ۋەھشى سۆرىگەنتى بوممىسا ,,,,
خۇڭمىنىڭ ھەممىدىن بەك ياققان تەرپى تور سۈرتى ئىتتىككەن.  تۇكىمۇ ھەقىقەتەن ئۇزۇن يىتىدىكەنتۇق  . ھەم تىلپۇننى قولغا ئالغاندىكى  ئادەمگە بىردىغان تۇيغۇسىمۇ شۇندا ياخشى....
ھەراس ئاغىنە .....
مىيلەن تىلپۇننىڭ سىگنالى ياخشى ئەمەس دەۋاتاتتى,,,
مېيزۇ  mx4 ياكى 5 نى ئېلشنى ئويلاشساڭلا بۇلامۇ .....
10-قەۋەت
لەشكەر ۋاقتى: 2016-5-15 14:20:25
دەرىجىدىن تاشقىرى توك تىجەشنى ئەڭ بالدۇر سوني چىقارغانتى ئەمدى تولا شىركەتلە دوراپتو
11-قەۋەت
abdullam ۋاقتى: 2016-5-15 16:26:21
1314520 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 13:58
ھە دوستۇم مەن مۇشۇ خوڭمى 3 تېلېفون ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ ...

تاۋباۋدىن مال ئېلىشنى بىلسىڭىز ئەتە سائەت 8 دە مىيزو نىڭ تىيەنماۋ ئورگان توردا مىيزۇنوتى3 نى 799 زاۋۇت باھاسى ساتىدۇ.
12-قەۋەت
axikbiz ۋاقتى: 2016-5-15 19:51:12
Vestor392 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-15 11:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلا .... تىما ئىگىسى سىز قايس ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مەندە بىر مېيزۇ mx5 باتتى زاۋۇت تورىدىن ئەكەلدۈرگىلى ئىككى ھەپتە بولدى سىتىۋېتىپ ئاددىراق تېلفۇن ئالايمىكىن دىگەن لازىم بولسا 1200 گە بىرىمەن يىپ يېڭى كۇرۇپكا ۋە سىم باش دىگەن لەنىڭ ھەممىسى ئۆز پىتى

ئۈندىدار:572714280
13-قەۋەت
ochmes ۋاقتى: 2016-5-15 20:55:10
布拉格努比亚   قانداقراق چىقا سەپلىملىرىمۇ خېلى ياخشى تۇرۇدۇ
14-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2016-5-15 22:41:48
يەنىلا ئالمىغا يەتمەيدۇ
15-قەۋەت
orkaxx ۋاقتى: 2016-5-16 00:04:35
مەنمۇ مىيلەن نوت3 تىن بىرنى سېتىۋالاي دەپ ئويلىغانتىم. بۇ تىلفۇننىڭ باشقىلار دىگەندەك راستىنلا سىگىنالى ئاجىزمۇ؟ بىلدىغانلار مەسلىھەت بىرىڭلار.

123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部