+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-10-1 22:58 5875 قېتىم كۆرۈلدى 31 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بارماق دېسكىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بەزىدە «无法打开,需要进行格式化» دەپ چىقىۋېلىپ، ئاچقىلى بولمايدۇ. فورماتلىساق ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ئۆچىدۇ. ھەتتا فورماتلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئېچىلماي داۋاملىق فورماتلاڭ دەپ چىقىۋالىدۇ. تۆۋەندىكى ئاماللارنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بۇنداق ئەھۋالدا بارماق دېسكىنى فورماتلىماي ئېچىپ، ئىچىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋالغىلى بولىدۇ.


1. ئۇسۇل: CMD بۇيرۇقى
باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە CMD بۇيرۇق ھالىتىگە كىرىپ (ۋىندوۋس 10 باشلاش تىزىملىكىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا باسسىڭىز، ئېچىلغان تىزىملىك ئارىسىدا CMD  غا باشقۇرغۇچى ھالىتىدە كىرىش دەپ بار) ئاندىن chkdsk x:/f بۇيرۇقىنى بېرىڭ.


بۇ يەردىكى x دېسكا بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن: يۇقارقى رەسىمدىكىدەك بارماق دېسكا h بولسا ئاۋۇ بۇيرۇقنى مۇنداق يازىسىز: chkdsk h:/f

2. ئۇسۇل: WINHEX پروگراممىسنى ئىشلىتىش
بارماق دېسكىنى ئاچقاندا فورماتلاڭ (格式化) دەپ چىقسا ئاساسلىقى بارماق دېسكىنىڭ DBR بۇزۇلغان بولىدۇ. شۇڭا بۇزۇلغان DBR نى ھۆججىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىناپ باقساق بولىدۇ. پىرىنسىپى مۇنداق: دېسكا فورماتلانغاندىن كېيىن بىر DBR نى ئاپتوماتىك زاپاسلايدۇ. دېسكىنىڭ يېتەكلەش DBR سى 0-سېكتور بولسا، 6-سېكتورغا زاپاسلايدۇ. شۇڭا 6-سېكتوردىكى زاپاسلانغان DBR نى 0-سېكتورغا ئەسلىگە كەلتۈرسەك بارماق دېسكا ئوڭشىلدۇ.
WINHEX  پروگراممىسنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلدۇرۇپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ:
باشقۇرغۇچى سالاھىيتىدە WINHEX نى قوزغاتقاندىن كېيىن  工具---打开磁盘 نى بېسىڭ


ئەسلىگە كەلتۈردىغان بارماق دېسكىنى تاللاڭ


قوش چېكىپ رايوننى ئېچىڭ


سېكتور يۆتكىلىشنى بېسىڭ


6 نى كىرگۈزۈپ، 6-سېكتورغا يۆتكەڭ.


offset سىتونىدىن 0000 0C00 نى تېپىپ، مائۇستا E نى تاللاپ، ئاندىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چېكىپ 选块起始 نى بېسىڭ.


يۇقارقى ئىككى باسقۇچنى تەكرارلاپ، 7-سېكتورغا يۆتكەڭ


7-سېكتورغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، يۈنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق 0000 0DF0 سىتوندىكى 55AA نى تېپىپ، كەينىدىكى A دا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، تىزىملىكتىن 选块结束 نى بېسىڭ.


ئاندىن تىزىملىكتىن 编辑--复制选块---正常 نى بېسىڭ.


سېكتور دېگەن يەرگە 0 نى كىرگۈزۈپ، 0-سېكتورغا يۆتكەڭ.


تىزىملىكتىن 编辑--剪贴板数据---写入 نى چېكىڭ.


جەزملەشنى بېسىپ، ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.



بارماق دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگىلى بولمىسا قانداق قىلىمىز؟
بەزىدە بارماق دېسكىدىكى مەلۇم ھۆججەتنى قەتئى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. فورماتلىساق بولىدۇ، ئەمما فورماتلىساق ھەممە ھۆججەت ئۆچىدۇ. بىر نەچچە ئۆچمىگەن ھۆججەتنى دەپ بارماق دېسكىنى فورماتلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مۇنداق قىلىڭ.
خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۈپ چاپلاڭ.
  1. DEL /F /A /Q \\?\%1

  2. RD /S /Q \\?\%1
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئاندىن خاتىرە دەپتەردىكى ھازىر قۇرغان ھۆججەتنىڭ ئىسىمىنى ochur.bat قىلىپ ساقلاپ، بارماق دېسكىغا كۆچۈرۈپ قويۇڭ. ئاندىن ئۆچمىگەن جاھىل ھۆججەتنى مائۇستا سۆرەپ ھازىر قۇرغان ochur.bat نىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويساق تولۇق ئۆچىدۇ.




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
noyali + 10 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش91 ھەمبەھرھەمبەھر2 قوللايمەنقوللايمەن17 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

31ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ممممم ۋاقتى: 2016-10-1 23:16:26
ۋاھ  مىنىڭمۇ  بىر  بارماق  دىسكام   بار  ئىدى  ، ئەمدى  ئاستا  ئورنىدىن  قوپىدىغان بولدى ،  تىما  ئىگىسىگە  رەھمەت
گىلەم
BORAN521 ۋاقتى: 2016-10-1 23:23:24
رەھمەت .بىلۋالدىم
ئورۇندۇق
13779792452 ۋاقتى: 2016-10-1 23:57:28
winhex پېرگۇرامىسىنى قانداق چۈشۈرەمىز مەن باشقىسىنى چۈشەندىم .   winhex دېگەننى قانداق   چىقىرىشنى بىلەلمىدىم
5-قەۋەت
kulula ۋاقتى: 2016-10-2 00:23:05
س د كارتىلارغمۇ ئىشلەتسەك بولامدۇ؟
6-قەۋەت
Guide_Me ۋاقتى: 2016-10-2 01:04:05
تىما ئىگىسىگە رەھمەت
7-قەۋەت
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2016-10-2 01:20:48
رەھمەت سېزگە ئالامەت پايدىلىق تىمىدىن بىرنى ئەپ كەپسېز
8-قەۋەت
تام ۋاقتى: 2016-10-2 07:41:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى   خەيرلىك  بولسۇن ئاددى بولسىمۇ  ھەممەيلەننى پايدىلانسۇن دەپ بۇنى  يوللىدىم ،پايدىلىنارسىلەر
تېلىگرافنىڭ كېچىلىك تورىنى  0يۈەنگە مۇشۇ بىر ئاي چەكسىز  ئېچىش ئادىرىسى
http://shop.xj.189.cn:8084/cms/2016/llxwf20160928_wap_gqllb.html
9-قەۋەت
تام ۋاقتى: 2016-10-2 07:44:09
10-قەۋەت
saidiya ۋاقتى: 2016-10-2 08:47:04
رەھمەت مەن ئۈچۈنلا يازغاندەك ماڭىمۇ بەك تولا ئۇچۇرايدۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار
11-قەۋەت
xukur218 ۋاقتى: 2016-10-2 08:50:34
مەنمۇ 2-3تال بارماق دىسكىنى تاشلىۋەتكەنتىم  مۇشۇنداق بۇزۇلۇپ قىلىپ،
12-قەۋەت
kutbilig ۋاقتى: 2016-10-2 09:18:08
تام يوللىغان ۋاقتى  2016-10-2 07:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى   خەيرلىك  ...

قانداق ئاچىدىكەن؟
13-قەۋەت
غازى ۋاقتى: 2016-10-2 10:03:06
10 يۈەنگە 6G دەپ تۇرىدىغۇ  كىچىلىك چەكسىز دەپ يوققۇ
14-قەۋەت
K_O_K_L_A_N ۋاقتى: 2016-10-2 10:31:36
مانا ماۋۇ ھەققىقى نان تىگىدىغان تىما بوپتۇ،بۇ توغرىسدا تورقۇمدەك مەزمۇن بار ھىچقاسى ئەسقاتمايدۇ ،بۇ مەزمۇن بەك چۇشۇنشلۇك بوپتۇ رەھمەت،
15-قەۋەت
noyali ۋاقتى: 2016-10-2 10:39:16
مەندە بۇزۇلغان يۈپەندە 3/4با تېخىغىچە ئوڭشىيالمىدىم دومىتكارتىدەن 3/4با ساپ ساق لىكىن دومىتكانىڭ ئېچىگە نەرسە قاچىلىسام ۋىروسقا ئايلىنىپ كېتىدۇ فورماتلاپمۇ باقتىم پەقەت ئوڭشالمىدى مۇشۇ ھەقىىدە بىلسەڭلا تەلىم بەسەڭلا
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部