+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-10 12:34 3429 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدارنىڭ ئاندرويد 6.5.10 نەشىرىگە يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. ئۇلاردىن بەزى مۇھىملىرى تۆۋەندىكىدەك:

سۆزلىشىش خاتىرسىدىكى رەسىمنى بىۋاستە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
ئىلگىرى ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرسىدىكى رەسىمنى تەھرىرلەشكە توغرا كەلسە ئاۋۋال يانفونغا ساقلاپ ئاندىن تەھرىرلەيتۇق. يېڭى نەشىرىدە سۆزلىشىش خاتىرىسىدىكى رەسىمنى بىۋاستە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.


توپتىكى ئەزانىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۈندىداردىكى توپتا ئېلان يوللايدىغان، شەھۋانىي رەسىملەرنى يوللايدىغان ھەتتا قانۇنسىز نەرسىلەرنى يوللايدىغان ئەزا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەزا توپ قۇرغۇچىسىغا ۋە باشقا ئەزالارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ. يوللايدىغاننى يوللاپ بولۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتسە ئۇنى كىم ئەكىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى. يېڭى نەشىرىدە توپتىكى ئەزا قايسى ئۇسۇلدا توپقا كىردى، كىم ئەكىردى كۆرگىلى بولىدۇ.


دوستلار چەمبىرىكىدىكى كىچىك سىننى تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كىچىك سىنغا ئۈندىدار ئىپادە بەلگىسىنى قوشۇش، سىزىش، خەت كىرگۈزۈش دىگەندەك ئاددىي تەھرىرلەشلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.


دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئەسكەرتىشنى توسۇۋەتكىلى بولىدىغان بولدى
بەزىدە دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە ھەمبەھرلىگەن مەزمۇنغا ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىز باھا يېزىشىپ گەپ تالىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا تىللىشىپ كېتىدۇ. يېڭى نەشىرىدە خالىغان دوستنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ئەسكەرتىشنى توسۇپ قويغىلى بولىدۇ. ئۇ ئەزانى ئۆچۈرۋېتىشنىڭ ياكى دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىش كۆزنىكى، تەجرىبىخانا دېگەندەك يەرلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بار.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
alfa215 ۋاقتى: 2017-7-10 13:33:57
رەھمەت ھەقىقەتەن ياخشى تېما  بوپتۇ. مەنمۇ  يىڭلىۋالسام بولغىدەك
گىلەم
palqi ۋاقتى: 2017-7-10 14:12:19
ئوچۇر كەلمىدىغۇ
ئورۇندۇق
umidstudio ۋاقتى: 2017-7-10 14:24:21
ئۈندىدارنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلغىلىمۇ نەچچە كۈنلەر بۇپ قالدى،،، بىزنىڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى خادىملاردىن ھىچ سادا كىلەي دىمەيدا،،،،،
5-قەۋەت
kaqur886 ۋاقتى: 2017-7-10 18:09:04
رەھمەت ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ……بولسا قىزىل بولاقنى ئاپتۇماتىك تۇتىدىغان ئۈندىدار بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاكەن
6-قەۋەت
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2017-7-10 19:07:09
يەنە ماۋۇ ئىقتىدارىمۇ قېتىلىپتۇ.




7-قەۋەت
ajam ۋاقتى: 2017-7-10 19:26:38
ئۈندىدار  كۇندىن ،،كۈنگە  قولايلىق  بولۇپ كىتىۋاتىدۇ  لىكىن   ئۈندىدارنىڭ  كاساپىتىدىن   خاتا  يولغا  مىڭىپ  قىلۋاتقانلارمۇ   كۆپ بولۇپ  كەتتى  
8-قەۋەت
umid ۋاقتى: 2017-7-10 23:20:08
مىنى باشقىلار توپقا قالايمىقان قوشمىسۇن ياكى رۇخسىتىمنى ئالسۇن دەيدىغان ئىقتىدار لازىم ھازىر
9-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-7-11 02:00:10
ماڭا يېڭىلاش ئۇقتۇرشى كەلمەيدىغۇ ، باشقىلا يېڭىلىدىڭلامۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部