رەسمى ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى مۇھىم نۇقتىلار ۋە ساۋاتلار
ئەگەرسىز بۇ ماقالىنى تۇنجى قىتىم كۆرگۈچى بولسىڭىز،1-قىسىمىنى ئوقۇش پۇرسىتى بولمىغان بولسا ،بۇ ماقالىنىڭ 1-قىسىمنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىز كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.1-قىسمىنى ئوقۇش پۇرسىتى بولمىغانلار ئۈچۈن بۇ ماقالىنىڭ ئاستىدا 1-قىسىمنىڭ ئوقۇش ئۇلانما ئادرىسى قالدۇرىلىدۇ،شۇيەردىن ئوقۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ئالدىنقى قىسىم بىز 2 قىسىمىدا bp رامكىسىنى ئىشلىتپ ئەمەلى توربەت ياساشنى مىسال قىلىپ سۆزلەيدىغانلىق ھەققىدىكى مەزمۇن بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق،ماقالىمىزنىڭ 2- قىسىمىدا بىز شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.يەنى بىز bp رامكىسىدىن پايدىلنىپ بىربىلوگ بەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى تەقلىد قىلىپ چىقىمىز،ئىشنىڭ bpرامكىسى بىلەن بىر بىلوگنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى تەقلىد قىلىشقا 8 مىنۇت ۋاقىت بولسىلا كۇپايە ،بۇ ئادەتتىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان ۋاقىت بولۇپ،كومپيۇتېر مەشغۇلاتلىرىغا بىر قەدەر پىششىق ۋە بۇ رامكىنىڭ ئىشلەش پىرىنپىسىنى چۈشىنىۋالغان كىشىلەرگە نىسبەتەن 5 مىنۇ ۋاقىت بولسىلا كۇپايە.بىز تەقلىد قىلىدىغان بىلوگ مۇشۇ رامكىنىڭ بىلوگ بىتى بولىدۇ.سىز مۇشۇ ماقالىدىكى مەشغۇلاتلارغا ئەگىشىپ 2 سۇپا يەنى كومپيۇتېر ۋە يانفۇندا نورمال خىزمەت قىلىدىغان بىلوگ بەتتىن بىرنى ياساپ چىقالايسىز.بۇيەردە پەقەت مىسال ئۈچۈن ۋە رامكىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى ياخشىراق چۈشىنىۋىلىش ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسان بولۇشىنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ ، پەقەت بىلوگنىڭ ئالدى بۆلەك قىسمىنى ياساشنى سۆزلەيمەن.ئەمما بۇرامكا ئارقىلىق مۇرەككەپ توربەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تىزسۈرئەتتە ياساپ چىققىلى بولدىغان بولۇپ بۇجەريان ئىشلەتكۈچىنىڭ بۇ رامكىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ئىديەسىنى كىڭەيتىش ئاساسىدا بارلىققا كىلىدىغان تەرەققياتقا قالدۇرۇىلىدۇ.بۇ ماقالىدە بايان قىلىغان مەشغۇلاتلارغا ئەگەشكەندىن كىيىنكى نەتىجە تۆۋەندىكىدەك توربەت بولۇپ مەيدانغا كىلىدۇ.
كومپيۇتېر نۇسخسى
يانفۇن نۇسخسى
بىز بىلوگ بەتنى ياساشتا بۇ رامكىنىڭ ئورگان بەتتىكى ئىشلىتىش قوللانمىسىغا ئەگىشىمىز.
بىلوگ ياساش باشلاندى
ئۈستىدە دىيلگەندەك بىز رامكىنىڭ ئورگان بەتتىكى ئىشلىتىش قوللانمىسىغا ئەگىشپ بۇ بىلوگ بەتنى پۈتتۈرىمىز ،بۇنىڭ ئۈچۈن رامكىنىڭ ئورگان بىتىگە قاراپ باقايلى ،چۈنكى رامكىنىڭ ئورگان بىتىدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ياخشى بايان قىلىنغان.
ئادرىسى :http://bp.billpak.com
ئۈستىدىكى بەتكە كىرگەن بولساق رامكىنىڭ ئورگان بىتىدە بىرقاتار مەزمۇنلار قويۇلغان بولۇپ،ئاۋال بۇ نىمە قىلىدىغان رامكا ھەققىدە ئىخچام ھالدا بىر ئىزاھات بىرىلگەن.مەن بۇ ئىزاھاتنى بۇيەردە نەقىل قىلىپ يۆتكەيمەن
نەقىل:
Bp توربەت كۆرۈنمە يۈز رامكىسى
BP رامكىسى بولسا ئالدى بۆلەك (front-end) تور بەت رامكىسى بۇلۇپ، تور بەت ۋە تور پروگرامما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈز(ui) خىزمىتى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ رامكا نۇرغۇنلىغان ئالدىن بىكىتىلگەن زاپچاسلارنى تەمىنلەيدىغان بۇلۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە لايىھەگە ماسلاشتۇرۇلغان. بۇ رامكىدىن پايدىلانغادا ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ پۈتتۈرىدىغان توربەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى 1كۈن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ
بىز بۇ نەقىلدىن رامكىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى ۋە بىزگە تەمىنلەيدىغان ئىقتىدارلارنى چۈشىنىپ بولدۇق،ئەمدى رەسمى خىزمەتنى باشلايلى،رامكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئورگان بەتتە مۇنداق چۈشەندۈرلگەن،ئورگان بەتتىكى چۈشەندرۈلۈش ناھايتى چۈشىنىشلىك بولۇپ،ئارتۇقچە ئىزاھات قوشمايمەن،يەنە ئورگان بەتتىكى ئىشلىتش ئۇسۇلىنى نەقىل ئالىمەن،كىرەك بولغان قىسىملىرىغا ئىش قوشۇپ تېخىمۇ ياخشى ئىزاھات بىرىمەن.
ئورگان بەتتىن رامكىنىڭ ئىشلىتىش ۋە قوزغتىىش تەلىپى ھەققىدىكى نەقىل:
رامكىنىڭ ئىشلىتىش تەلىپى ۋە قوزغىتىش ئۇسۇلى.
رامكىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى بولۇپ 30 سىكۇنىت ۋاقىت ئىچىدە رامكا بىلەن خىزمەت قىلىش ھالىتىگە ئۆتەلەيسىز.بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە مۇنداق 2 شەرتنىڭ 1 سى تولۇق ھازىرلانغان بولۇشى كىرەك.ئالدىنقى بىرسى چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك،كىينكىسى ئىختىيارى بولۇپ بولۇشى ئانچە زۆرۈر ئەمەس.
1-شەرت كود تەھرىرلىگۈچ دىتالىڭىز بولۇشى كىرەك، سىز كود تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىق كود يېزىش خىزمەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلسىىز.رامكىنىڭ ئورگان تەرەپ مەسئۇلى سىزگە visualstudio code,ياكى Sublimetext دىن بىرسىنى تاللىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ،بۇلار نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى كود تەھرلەش(كود يېزىش يۇمشاق دېتالى). بۇ ئىككى تەھرلىرگۈچنى ئاستدىكى ئۇلانمدىىن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
VisualStudio code نى چۈشۈرۈش
Sublime text نى چۈشۈرۈش
2-html تىلىدىن ئازراق چۈشەنچىڭىز بولۇشى كىرەك،بۇنداق بولغاندا سىز بۇرامكىنى ئىشلىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىگەللىۋالالايسىز،ۋە كىينكى خىزمەتلىرڭىز تېخىمۇ ئىلگىرلەشكە ئىرىشىدۇ،بىراق ئۈستىدە ئەسكەرتىش بىرىلگەندەك بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ ،چۈنكى بۇ رامكىنى ئىشلىتىش ناھايتى ئاددى ،رامكىنىڭ كودلىرىنى كود تەھرلىرگۈچكە كۆچۈرۈپ چاپلاپ،ساقلىيالايدىغان ئاددى ساۋاتلار بولسىلا بۇ رامكىنى ئشىلتىش ئۈچۈن يىتەرلىك. بۇتىلدىن ئاساسى ساۋاتقا ئىگە بولۇش ئارزيېڭىز بولىسا ،ئاستدىكى،رامكىنىڭ ئۈگىنىش مەنبەلىرى تۈرىگە قاراڭ
ئۈستىدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم قىلغاندىن كىيىن بىرىنجى قەدەمدە بۇ كودنى ،كود تەھرلىرلەش دېتالىغا چاپلاڭ.بۇ رامكىنىڭ ئاساسلىق قوزغىتىش كودى ھىسابلىنىدۇ.
ئۈسىتدىكى نەقىل مەزمۇننى چۈشىنىش تەس ئەمەس بولۇپ شۇنداقتىمۇ تۆۋەن قاتلامدىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئاددى مەشغۇلاتلارنى ئۆزى قول سىلىپ قىلالشى ئۈچۈن ئىزاھات قوشىمەن.
نەقىل مەزمۇندا دىيلگەندەك رامكىنى ئىشلىتىش ئاز تولا html ساۋادىمىز بولۇشى كىرەككەن،بۇ ئىختيارى شەرتكەن،بولسا ياخشىكەن بولمىسا ھىچقىسى يوق دەيدۇ،ھەممدە html دىن ساۋادى يوقلار ئۈچۈن ئاپتور مەخسۇس دەرس تەمىنلىگەنكەن،دەرسنى ئورگان بەتتىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىن بىز بەيدۇ ئىزدەش ماتورىدىن كود تەھىرلەش دېتاللىرنى چۈشۈرشىمىز كىرەككەن،بۇ دېتاللار ئۈستىدە بىرىلگەن رامكىنىڭ قوزغىتىش كودىنى يېزىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن،بىز ئەمدى بۇ دېتاللارنى بەيدۇغا چىقىپ ياكى ئورگان بەتتىكى بۇ دېتاللارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىدا قالدۇرىلغان ئۇلانمىغا كىرىپ شۇيەردىن چۈشۈرۋالساق بولىدۇ.يۇقاردىكى مەزمۇنلارغا ئەگىشپ بۇ ئىككى دېتالنىڭ بىرنى چۈشۈرۈپ بولدۇق دەيلى،ئەمدى قىلىدىغان ئىشىمىز ئۈستىدىكى كودنى ھىلىقى ئىككى دېتالنىڭ قايسى بىرىنى چۈشۈرگەن بولساق شۇنى ئىچىپ يېڭى قۇرۇق ھۆججەت قۇرىمىز،قۇرۇق ھۆججەتنڭ ئىچىگە رامكىنىڭ قوزغىتىش كودىنى چاپلايمىز،ئاندىن قۇرۇغان مۇشۇ قۇرۇق ھۆججەتنى html ھۆججىتى قىلىپ ساقلايمىز،مەسىلەن blog.html دىگەندەك،ساقلاش ئۈچۈن كونۇپكا تاختىسدىن ctrl-s كونۇپكىسنى قوشۇپ باسساق ساقلاش كۆزنىكى چىقىدۇ،دىققەت ھۆججەتنىڭ ئىسمى نىمە بولسا بو،لسۇن كىڭەيتىلگەن نامى چوقۇم html بولۇشى كىرەك،بولمىسا توركۆرگۈچ تونۇمايدۇ،كىڭەيتىلگەن نامى چىكىت بىلەن ئايرىلىدۇ،مەسىلەن ئۈستىدە blog.html دىگەندىكى blog بولسا ھۆججەتنىڭ ئىسمى چىكىت بىلەن قوشۇپ كەينىدىكى كىڭەيتىلگەن نامى بولىدۇ.بۇ مەشغۇلاتلاردىن كىيىن ھىلىقى كودنى چاپلاپ ساقىلۋالغان ھۆججەتنى توركۆرگۈچنىڭ دائىرسىگە سۆرەپ تاشلاپ قويساقلا كۆز ئالدىمىزدا «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم »دىگەن مەزمۇن پەيدا بولىدۇ،دىمەك بىز تۇنجى توربەت پىروگىراممىمىزنى يازالىدۇق.مۇۋەپپىقىيەت قازاندۇق.
يۇقارقى جەريان مەشغۇلاتلا پۈتكەندىن كىين بىز ئۆزىمىزنىڭ نىمە يازغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قانداق رولى بارلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولايلى.
ئورگان بەتتە ئۈستىدكى كودلارنى ياخشى چۈشەندۈرگەن ،شۇيەردىكى نەقىلنى چۈشەندۈرۈش قىلىپ تەمىنلەيمەن.
ئۈستدىكى ئاناتومىيەدىن ئۆزىمىزنىڭ نىمە يازغانلىقىنى ۋە قانداق بارلىقىنى بىرقاتار چۈشىنىپ بولدۇق،ئەمدى بىز ياسىماقچى بولغان بەتنىڭ قۇرۇلمىسىغا كىتەرلىك زاپچاسلارنى كاللىمىزدا ئايدىڭ قىلىۋالىمىز ،ئۇنىڭدىن كىيىن كودلارنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپلا چاپلاپ ئىجرا قىلساق مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ،چۈنكى توربەت ياساش ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان قۇرۇلمىلار ھەممىسى bp رامكىسىدا ئاساسەن بار،ھەمدە دۋاملىق يېڭىدىن زاپچاسلار قوشۇلىۋاتىدۇ،ئۈستدىكى بىلوگ بەتنى مۇنداق چوڭ 3 قىسىمغا بۆلۈپ بىرتەرەپ قىلىمىز.
1-تىزىملىك رايۇنى
2-ئابۇنىتنىڭ دىققىتىنى تاتىدىغان چوڭ قىزىل خەتلىك رايۇن
3-بىلوگدىكى ماقالىنىڭ تىمىسى بىلەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان قىسىم
بۇ ئۈچ رايۇن بىكتىلىپ بولدى،ئەمدى بىز مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلارنى كۆچۈرۈشكە باشلىساق بولىدۇ.
تىزىملىك رايۇنى ئۈچۈن bp رامكىسى تەمىنلىگەن «يىتەكچى-تىزىملىك»دەپ ئاتىلىدىغان زاپچاسنى ئىشلىتىمىز ،تەپسىلاتىنى ئورگان بەتتىن ئوقۇشقا بولىدۇ.بۇ يىتەكچى تىزىملىك بىزنىڭ تەقلىد قىلىدىغان بىلوگ بەتتىكى تىزىملىك قىسمىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
ئابۇنىنتىڭ دىققىتىنى تاتىدىغان چوڭ قىزىل رامكىلىق ئورۇننى bp-رامكىسىدا focus-area دەپ ئاتىلىدىغان زاپچاس بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان،رامكا تەمىنلىگەن بۇ زاپچاسنى بۇ رايۇن ئۈچۈن قوللانساقلا ئىشىمىز پۈتىدۇ.
ماقالىنىڭ تىمىسى ۋە مەزمۇن قىسمىنى ئىپادىلەيدىغان بۇ رايۇن ئۈچۈن bp رامكىسى content دەپ ئاتىلىدىغان زاپچاس تەمىنلىگەن ،بىز بۇ زاپچاسنى ئىشلىتىپلا مەقسىتىمىزگە يىتىمىز.
ئەمدى رەسىمى بلوگ بەتنىڭ زاپچاسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلايمىز
ئۈستىدىكى رامكىنىڭ قوزغىتىش كودىنى ئىجرا قىلساق كۆز ئالدىمىزغا «كۆز ئالدىمىزدا ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم»دىن دىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدۇ،بىز ئىشنى مۇشۇيەردىن باشلايمىز،ئاشۇ ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دىگەن مەزمۇننى شۇنى قورشاپ تۇرغان h2 ناملىق ئىلىمىنت بىلەن بىللە ئۆچۈرۋىتىمىز،باشقا كودلارغا چىقىلمايمىز،ئۆچۈرۋەتكەن مۇشۇ ئىلمېنتنىڭ ئورنىغا بىلوگ ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان زاپچاسلارنىڭ كودىنى كۆچۈرۈپ قويساقلا بىلوگ بەت پۈتىدۇ.
بىرىنجى بولۇپ تىزىملىك زاپچىسىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز
ئىككىنجى بولۇپ فوكۇس رايۇنى ،ئىنگىلىزچە فوكۇس رايۇنى دەپ ئاتىلىدىغان focus-area زاپچىسىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز
ئۈچىنجى بولۇپ مەزمۇن زاپچىسىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز،تۆۋەنىكىدەك
-
-
Bp رامكىسى
-
-
-
- BP رامكىسى بولسا ئالدى بۆلەك (front-end) تور بەت رامكىسى بۇلۇپ، تور بەت ۋە تور پروگرامما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈز(ui)
- خىزمىتى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ رامكا نۇرغۇنلىغان ئالدىن بىكىتىلگەن زاپچاسلارنى تەمىنلەيدىغان بۇلۇپ، پۈتۈنلەي
- ئۇيغۇرچە لايىھەگە ماسلاشتۇرۇلغان.
-
-
-
-
كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بىرىنجى
-
- P رامكىسىنىڭ لايىھە زاپچاسلىرى كۆچمە ئۈسكىنىلەرنى قوللاشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بۇلۇپ، «كۆچمە ئۈسكىنىلەر بىرىنجى» دىگەن ئېقىمغا ئەگەشكەن. BP رامكىسى ئارقىلىق ياسالغان ھەر قانداق تور بەت كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە ئۈستەل يۈزى كومپيوتېرلىرىغا ماسلىشىدۇ. بىرلا قېتىمدا سۇپا ئاتلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
-
-
-
-
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
تەبرىكلەيمەن،تۇنجى بىلوگ بىتىڭىزنى ياساپ چىقتىڭىز.
رەسىمى تۆۋەندىكىدەك
ئورگان بەتتە مۇنداق بىر ئەسكەرتىش بىرىلگەن
دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نوقتا
رامكىنىڭ قوزغىتىش كودىنىڭ مۇناسىۋەتلىك زاپچاس ئامبىرى،توردىن يۈكلىنىدىغان بولۇپ ،رامكىنىڭ ئامبارلىرىنى يەرلىك كومپيۇتېرغا چۈشۈرۋالغاندىن كىين مەشغۇلات قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ،چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئورگان تەرەپنىڭ رامكىغا قارىتا ئىلىپ بارغان ئۆزگەرتىش يېڭىلاش مەشغۇلاتلىرى ئىشلەتكۈچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،ھەمدە فونىتنىڭ چىرايلىق كۆرۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئۈستىدىكى كودلارنى كود تەھرىرلەش دىتاللىرىغا قانداق چاپلاش ۋە ۋە ھۆججەتنى قانداق قۇرۇشنى بىلەلمىگەنلەر ئۈچۈن ئورگان بەتتىكى رامكىنىڭ ئامبارلىنى چۈشۈرۈش دىگەن ئۇلانمى بىسىپ مەشغۇلات قىلساڭلار بولىدۇ،بۇ ھۆججەتلەر ئىشلەتكۈچىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا تەييارلاپ قويۇلغان بولۇپ،چۈشۈرۈپ پىرسىتىن يىشىپلا كود يىزىپ مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ.
2-قىسىم ماقالە مۇشۇيەردە تۈگەيدۇ.مۇشۇ مەشغۇلاتلارغا تەپسىلى ۋە ئەستايىدىل ئەگەشكەن ھەربىركىشى يۇقارقىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
پۇرسەت بولسا 3 قىسىم ماقالە ئىلان قىلىش ئارقىلىق رەڭلەرنى قانداق تەڭشەش ۋە باشقا زاپچاسلارنى ئىشلىتپ تېخىمۇ مۇرەككەپ توربەتلەرنى ئىشلەپ چىقىشنى ئۈگىتىشىم مومكىن.
http://bp.billpak.com
|