+تېما يوللاش
254254 يوللانغان ۋاقتى:2016-12-9 16:45 1414 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
arduino IDE بولسا arduinoغا كود يېزىشتا  ئىشلىتىلىدىغان قورال بولۇپ، كۈرۈنمە يۈزى ئاددى ھەم ئەقلى ئىقتىدارلىق ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، كود يېزىش جەريانىدا ئاسانلا خاتالىق سادىر بولىدۇ، شۇنداقلا كود يېزىش سۈرئىتى ئاستا بۇپ قالىدۇ.
visual studio2015 نىڭarduino ide for visual studio دىگەن قىستۇرمىسى بار بولۇپ بۇ ئارقىلىق  visual studio2015 مۇھىتىدا تۇرۇپ arduino غا كود يازغىلى بولىدىكەن، كود يېزىش ئىنتايىن قولايلىق ھەم ئاسان بولۇپ يازماقچى بولغان خەتنىڭ باش ھەرىپى كىرگۈزۈلسىلا داۋامىنى كۆرسىتىپ بىرىدىكەن ھەم ئاپتۇماتىك گرامماتىكا توغرىلاش ئىقتىدارى بار ئىكەن،  C#,VB.NET,C++,C,JAVA قاتارلىقلاردا كودا يېزىپ باققانلار بولسا ئىنتايىن ئاسانلا  كىرىشىپ كىتەلەيدىكەن. ھېچقانداق پروگرامما لاھىيلەش تىلىنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئاسانلا ئۈگىنىۋالالايدىكەن. كود يېزىپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە  تاختىسىغا چۈشۈرسىمۇ،  arduino IDE غا كۈچۈرۈپ ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن.
ئىشلىتىش ئوسۇلى:
1) ئاۋۋال  visual studio 2015 community نى قاچىلايمىز.
2) arduino IDE نىڭ 1.6 ياكى ئۇنىڭدىن يوقۇرى نەشىرىنى قاچىلايمىز.
3)  visual studio 2015 community نىڭ 工具 تىزىملىكىدىن 开展和更新 نى چىكىمىز. ئىچىلغان تىزىملىكتىن 联机 نى چىكىمىز، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى ئىزدەش رايۇنىغا  arduino دەپ كىرگۈزسەك arduino ide for visual studioدىگەن قىستۇرما كۈرۈنىدۇ،  چۈشۈرۈشنى چىكىپ چۈشۈرسەك قاچىلامسىز؟ دەپ سۇرايدۇ، قاچىلىساق  visual studio 2015 نى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قايتا قوزغاتساق  vMicro تىزىملىكى كۈرىنىدۇ.




  4) vMicro تىزىملىكىدىن ide نى چىكىپ بۇنىڭدىن  configuration manager نى چەكسەك  ئاردۇينو(IDE) قورالىنى ئىزدەپ تاپىدۇ، جەزىملەشتۈرۈشنى باسساقلا بولىدۇ.

5) vMicro تىزىملىكىدىن ide نى چىكىپ بۇنىڭدىن يېڭى تۈر ( new arduino project )نى بېسىپ ھۆججەت ئىسمىنى كىرگۈزسەك ئاردۈينو كود يېزىش يۈزى كۈرىنىدۇ.



6) مۇشۇ بۇيىچە تىز سۈرئەتتە كود يېزىپ يېڭى شەيئىلەرنى ياساپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

4ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
yalkun00998 ۋاقتى: 2016-12-9 22:56:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،
مۇشۇ ئاردىنيو توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىدىغان ئۈندىدار توپى بولسا بىزلەرمۇ قۇشۇلۋالساق بولاتتى ،مەن چ چ  ئىشلەتمىگەن
گىلەم
bulbulla ۋاقتى: 2016-12-10 20:52:02
ياخشى  تېمىدىن  بىرنى يوللاپسىز ،مۇشۇنداق  نادىر  تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئورۇندۇق
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-12-11 12:30:04
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-11 19:21  

يەنە بۇنىڭدىن باشقا Adobe نىڭ Brackets نى يادرو قىلىپ يېڭىدىن يىزىپ چىقىلغان بىر ئىجادىيەت مۇھىتى بار، ئىسمى Arduino Studio، بۇنىڭدىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بار، Arduino Studio بولسا JavaScript, html, css پروگراممىسى بولۇپ Node.JS دا يىزىلغان،

يەنە بۇنىڭدىن باشقا Atmel نىڭ Atmel Studio 7 دىمۇ Arduino غا مۇشۇنداق كود يىزىشقا بولىدۇ، لىكىن ئىقتىدارى Visual Studio دىن بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، لىكىن مەن Atmel Studio نى ياقتۇرىمەن،
Atmel Studioنىڭمۇ مۇشۇنداق ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بار ھەم Visual Studioغا ئوخشاشلا بىر خىل ئەقىللىق،
5-قەۋەت
MURAT_BELIH ۋاقتى: 2017-5-20 20:53:56
Atmel Studio
نىمۇ 2010 Visual Studio
نىڭ ھەقسىز نەشىرنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان Atmel Studio  نى قاچەلسىڭىز ئاۋال 2010 Visual Studio نى قاچىلاي دۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部