+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-6 18:25 2931 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مايۈن مىليارد يۈەنلىك قىزىل بولاق تارقاتقاندىن كېيىن نۇرغۇنلىرىمىز پايدىلاندۇق. بەزىلەرگە كۆپ چىقسا بەزىلەرگە ئاز چىقتى. قىزىل بولاق ئادەتتە 0.1 يۈەندىن 99 يۈەنگىچە چىقىدۇ. ئالاھىدە كۈنلەردە ئىنتايىن ئاز ئادەمگە 888 يۈەنمۇ چىقىپ قالىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ قىزىل بولاق قانداق ئادەمگە كۆپ، قانداق ئادەمگە ئاز چىقىدۇ؟

1. ئالىپاي (支付宝) غا يېڭى تىزىملاتقان ئادەمگە قىزىل بولاق كۆپ چىقىدۇ.
2. ئالىپاي ھېساباتى بار ئەمما ئاز ئىشلىتىدىغان ئادەمگە يۇقىرى سوممىلىق قىزىل بولاق چىقىشى نىسبىتى يۇقىرى.
3. ئالىپايدىكى جۇغلانما نومۇر (积分) يۇقىرى بولغان ئەزالارغا مەسىلەن ئالماس ئەزا دېگەنلەرگە يۇقىرى سوممىلىق قىزىل بولاق چىقىش نىسبىتى يۇقىرى.
4. ئالىپايغا تىزىملاتقان ۋاقتى ئۇزۇن، ئالىپايدىكى پائالىيىتى ئاكتىپ ئەزاغا يۇقىرى سوممىلىق قىزىل بولاق چىقىش نىسبىتى تۆۋەن. (مايۈننىڭ مەقسىتىنى مۇشۇنىڭدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ)
5. ساختا سودا قىلغان، ئالىپايدىكى پۇل يۆتكەش، كىرىم قىلىش ئىشلىرى گۇمانلىق (ئۆزىنىڭ ئەمىلىي دۇكىنى يوق، باشقىلارنىڭ قىزىل بولىقىنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىپ، ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەنلەر ...) ئەزالارغا داۋاملىق كىچىك سوممىلىق قىزىل بولاق چىقىدۇ.

قۇشۇمچە: ئالىپايغا تىزىملىتىش، بانكا كارتىسىغا باغلاش
يانفونىڭىزدىكى ئەپ بازىرىدىن 支付宝 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز ياكى يانفوندىكى تور كۆرگۈچكە www.alipay.com دەپ كىرگۈزسىڭىز ئالىپاي تېرمىنالىنى چۈشۈرۈڭ دەپ چىقىدۇ، شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ.
يېڭىدىن تىزىملاتماقچى بولسىڭىز 注册 دېگەن خەتنى بېسىپ، ئەزا ئىسمى دېگەن يەرگە يانفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، تىزىملىتىش پارولى كىرگۈزسىز. يانفونغا دەلىللەش كودى ئەۋەتىدۇ، شۇ كودنى كىرگۈزۈپ جەزملەشنى باسسىڭىز بولىدۇ.
تىزىملىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئالىپاينىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدىكى 我的 دېگەن يەرنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ. (نەشرى ئوخشمىغانلىقتىن بۇ رەسىمگە ئوپمۇ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئاساسەن مۇشۇنداق)

بۇ يەردىكى 银行卡 دېگەن يەرنى چېكىپ بانكا كارتىسىنى باغلىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەرياندا پۇل چىقىم قىلىش پارولى بەلگىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. پۇل چىقىم قىلىش پارولى ئالىپايغا كىرىش پارولى ئەمەس. ئادەتتە ئالتە خانلىق سان بولىدۇ. ئىككىسى ئىككى خىل پارول. بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ.





يانفون نومۇرىغا چوقۇم بانكا كارتىسىنى بىجىرگەندە ئىشلەتكەن، بانكىدىن پۇل ئالسىڭىز، پۇل قويسىڭىز ئۇچۇر كېلىدىغان يانفون نومۇرىنى كىرگۈزسىز.
ئىسىمىڭىزنىڭ ئوتتۇرسىغا ئادەتتىكى چېكىتنى باسسىڭىز بولمايدۇ. ماۋۇ چېكىتنى · كۆچۈرۈپ چاپلاڭ. نۇر كىرگۈزگۈچ دېگەندەك كىرگۈزگۈچلەردىمۇ بار.

تىزىملىتىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ياكى بۇرۇندىن ئالىپاي ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز ماۋۇ كودنى سىكانېرلاپ بېقىڭ، قىزىل بولاق ئالالامسىزكىن؟
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
25yax ۋاقتى: 2018-1-6 18:35:40
قىزىل بولاقنى  كۆپرەك ئەمەلىي دۇكان ياكى  شۇ جايېڭىزدا تۇرۇشلۇق تاللا  بازىدىن  مال ئالغاندا  ئىشلىتىڭ جىق چىقىدۇ  
گىلەم
ilimkan ۋاقتى: 2018-1-6 20:12:26
مەن نەچچە كۈندىن بىرى نەقلەشتۇرۇپ كەپتىمەن ئېككى كۈندىن بىرى قىزىل بولاق چىقمىدى
ئورۇندۇق
zaman111 ۋاقتى: 2018-1-6 22:08:33
ئەتىگەن 3 سۇم چىقىپتۇ ماڭا، شۇ پۇلنى خەجلەش ئۈچۈن 2سومغا ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدىكەن، يىغىپ بىراقلا خەجلىگىلى بولمىغان
5-قەۋەت
qaptikax ۋاقتى: 2018-1-6 23:46:58
ئىشلەتلىكىلى ئۇزۇن بولغان، باشقىلارنىڭ قىزىل بولىقىنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىپ نەقلەشتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان ياكى ئاز قىزىل بولاق چىقىدىغان  ئالپاي ھېساباتىنى قانداق قىلساق ئوڭشىلىدىغاندۇ
6-قەۋەت
aske. ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
بولسا بىرەر دۇككان ئاچىدىغانلار ئىككىلىك كودنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار بىزدەك خەجلەشكە ئىمكانىيتى يوقلار  سىلەرگە بىرىۋەتسەك نەقلەشتۇرۇپ بەرمىسەڭلارمۇ مەيلى قىزىل بولاق چىقىپ 3 كۇنگىچە خەجلىمىسە يوقاپ كىتىدىكەن شۇڭا يوقاپ كەتكىچە دەيمەنغۇ
7-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
چىققان قىزىل بولاقنى كەملىتىپ ياكى بىر نەچچە موچەن قېتىپ ئاتمىساڭلار دۇكاندارنىڭ كودى توڭلاپ قالىدۇ.
8-قەۋەت
978832 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
دۇكان كودىنى  قانداق چىقىرىدۇ  
9-قەۋەت
Asminim ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئەسلى ماڭا شۇنچە ئاز چىقىدىغانلىكىنىڭ سەۋەبى مۇنداقكەندە. ئويلاپ قالاتتىم ئالىپاينى خېلى ئاكتىپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقىلى نەچچە يىلدىن ئىشىپتۇ ھەجەپ ئاز بەردى قىزىل بولاقنى قارىغاندا يەنىلا كۆپ ئىشلەتمەيدىغان ئوخشايمەن دەپ قاپتىمەن.
مەنمۇ مۇشۇ قىزىل بولاقلارنى پەقەت ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن. بىرە  ياخشىراق دۇكاندار ئىككىلىك كودنى قالدۇرۇپ قويسا چىققان قىزىل بولاقلارنى ئىتىپ بەرسەك نەقلەشتۈرۈپ بەرمىسۇ ئاشۇ پۇللارنى ياردەمگە ئىھتىياجلىقلارغا ياكى شۇنداق فوندلارغا بېرىۋەتسىمۇ بولاتتى بەك كۆپ پۇل يىغىلمىسىمۇ گەرچە.
10-قەۋەت
xirali133 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى ئالىپاينىڭ 定期قىلىپ بىرئايلىق ئىككى ئايلىق قىلپ پۇل قويىدىغان يىرى باركەن ۋاقىت توشۇپ بولغىچە پۇلنى ئالغىلى بولمايدىكەن بۇنداق 定期存款قىلىشنىڭ خەتىرى بامۇ پۇل يوقاپ كىتىدىغان ئىشلار بامۇ 中低风险دەپ باركەن بىلىدىغانلار مەسلىھەت بەرسڭلار
11-قەۋەت
坏童话 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
xirali133 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-8 11:25
تىمىغا مۇناسىۋە& ...

خەتىرى يوق
12-قەۋەت
eltugh ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
بەزى دۇككاندارلار ئازراق مۇلازىمەت ھەققى ئېلىپ قىزىل بولاقنى نەقلەشتۈرۈپ بېرىدىكەن، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرى قانداق؟ خەتىرى بارمۇ
13-قەۋەت
UY黑客 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
خاتىرجەم بولۇڭ ئۇنداق ئەھۋاللا يۈز بەرمەيدۇ،  ۋاقتى توشقاندىن كېيىن چىقىر ۋالسىڭىز بۇلىدۇ، لىكىن تىلفۇن يىنىڭىزدا بۇلىشى كېرەك، باشىقىلارغا بىرىپ تۇرۇپ پۇل يوقاپ كىتۋاتقان ئەھۋاللامۇ ئاز ئەمەس، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ چىقىم قىلدىغان ۋاقىتلاردا قالايمىقان ئىككىلىك كودلارنى سىنكانىرلىماڭ، بولمسا سىزنىڭ پۇلىڭىز قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە چاتاق
14-قەۋەت
13239712525 ۋاقتى: تۈنۈگۈن 02:29
مۇشۇ ئالىپايدا قىزىل بولاق ئالغاندا يىڭى يەنى بىرە قىتىممۇ سىكانىرلاپ باقمىغان كودتىن ئالسا جىقاراق چىقامدۇ قانداق،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部