+تېما يوللاش
alqut يوللانغان ۋاقتى:2013-10-11 22:35 3327 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۆۋەتتە ئەڭ مودا بولىۋاتقان فىلىم كۈرۈش ئۇسۇلى HDMIسىمى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى تىلۋۇزۇرغا چېتىپ فىلىم كۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.  HDMI سىمى يەنە يۇقىرى ئېنىقلىق سىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قەشقەر كومپيۇتېر بازىرىدىن HDMI سىمىدىن 10 مىتىرلىقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ كومپيۇتېرىم بىلەن تىلۋۇزۇرنى ئۇلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، «ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق» دېگەندەك تىلۋۇزۇردا ئىنكاس يوق بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تاۋباۋ تورىدىن SONY ماركىلىق HDMI سىمىنىڭ 10 مىتىرلىقىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. سىناش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئەلقۇت تورىدا بۇ ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

كىرەكلىك ئۈسكۈنىلەر:

كومپيۇتېر (قۇراشتۇرغان كومپيۇتېر بولسىمۇ بولىدۇ، لىكىن چوقۇم كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ HDMI ئېغىزى بار بولۇشى كېرەك. چامادان كومپيۇتېرلاردا ئادەتتە بۇ ئېغىز بار بولۇپ، ناۋادا چامدان كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالسىڭىز سىمنىڭ ئۇزۇنلىقىنى مۆلچەرلەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ)
كومپيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ HDMI ئېغىزى بولىشى كېرەك. نۆۋەتتە ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ئېغىز بار. مىنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ  NviDIA GeForce GT 640 تىپلىق.

تىلۋۇزۇر. ئەلۋەتتە تىلۋۇزۇرنىڭ رۇلىمۇ چوڭ. ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىلۋۇزۇرلارمۇ ئىلغارلاشماقتا. نۆۋەتتە نىپىز ئىكرانلىق تىلۋۇزۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە HDMI چېتىش ئېغىزى بىرلىكتە سەپلەپ چىقىرىلماقتا. شۇڭا تىلۋۇزۇر سېتىۋالغاندا مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

HDMI ئۆلچەملىك سىم. بۇ سىمنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئادەتتە ئېھتىياجغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن SONY مارلىق سىم سېتىۋالغان ئىدىم. نۆۋەتتە شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. قىزىققۇچىلارغا تاۋباۋ تورىدىن مەن مال سېتىۋالغان ئادرىسنى قالدۇرمەن.

http://item.taobao.com/item.htm? ... p;cm_id=&pm_id=

ئەمدى ئارتۇق گەپنى قويۇپ، تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرسىڭىز نېمە ئۈچۈن HDMI سىمى ئىشلىتىشنى ئويلاشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالىسىز.



تەرتىپ بويىچە كومپيۇتېرغا تىلۋۇزۇرنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن كومپيۇتېردا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز.
كومپيۇتېدا ئىكران ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، ئىچىدىن NVIDIA كونترول تاختىسىغا كىرىمىز. سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن 设置多个显示器 نى تاللايمىز. يېڭى دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.



سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئىككى ئىكران كۆرسىتىدۇ. ئەمدى تىلۋۇزۇرنىڭ سىگنال ئېغىزىنى تىزگىنەكتە تاللاپ قويسىڭىزلا كومپيۇتېر ئىگرانىنىڭ تەگلىكى تىلۋۇزۇردا كۈرۈنىدۇ.

يەنە بىر خىل ئۇسۇل:

ئىكراننىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. چىققان تىزىملىكتىن 屏幕分辨率  نى تاللىساق تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئىكران كۈرۈنىدۇ.



يۇقارقى كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن تىلۋۇزۇرنىڭ سىگنال مەنبەسىنى HDMI ئېغىزىغا توغرىلاپ، 识别 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپيۇتېر ئىكرانى بىلەن تىلۋۇزۇر ئىكرانىدا ماس بولغان رەقەم بىلەن ئايرىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

يۇقارقى كۆزنەكتىكى 多显示器 دىن ماس تۈرنى تاللاش ئارقىلىق كومپيۇتېر ئىكرانىنى تىلۋۇزۇردا كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

بۇ تۈردىن 复制这个显示 نى تاللىغاندا كومپيۇتېر ئىكرانىدا نېمە بولسا تىلۋۇزۇر ئىكرانىدىمۇ شۇ كۈرۈنىدۇ.

بۇ تۈردىن 扩展这些显示 نى تاللىغاندا كومپيۇتېر ئىكرانىدا بىرەر فىلىمنى قويغاندىن كېيىن فىلىم كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن كومپيۇتېر ئىكرانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە سىرىپ ئاپىرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن تىلۋۇزۇر ئىكرانىدا كۆرۈنىدۇ.

بۇ تۈردىن 这在1上显示 نى تاللىغاندا 1-نومۇر دەپ بېكىتىلگىنى قايسى ئىكران بولسا شۇ ئىكراندا نۆۋەتتىكى مەشغۇلات كۈرۈنىدۇ. 2نى تاللىساقمۇ ئوخشاش.

يۇقارقى تۈرلەر بويىچە ئىكراننىغۇ تىلۋۇزۇردا قويالىدۇق. ئەمدىكى مەقسەت كومپيۇتېردا قويغان فىلىمنىڭ ئاۋازىنى تىلۋۇزۇردا چىقىرىش.

كومپيۇتېرنىڭ 控制面板 گە كىرىپ، 硬件和声音 گە كىرىپ، ئىچىدىن 声音نى تاللايمىز.


ماقالىنىڭ داۋامى: http://www.alqut.com/Item/477.aspx دە. ماقالىنى بىۋاسىتە كۆچۈرۈپ كەلسەم رەسىملىرى كۆرۈنمەي قالدى. ئىھتىياجلىقلار يۇقارقى ئادرىستىن كۆرسەڭلار بولىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش19 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

18ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
مۇھەممەت ۋاقتى: 2013-10-11 22:49:56
  قىرىندىشىم  كومپيۇتېرنىڭ تۇرى بۇلمىسىما بۇلامدىكەن
گىلەم
alim047 ۋاقتى: 2013-10-11 23:21:39
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي لازىم بولغاندا ئىشلىتەرمەن رەھمەت
ئورۇندۇق
alqut ۋاقتى: 2013-10-11 23:35:55
ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنى تورغا ئۇلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرشىسىز. ئەگەر تور بولمىسا پەقەت كومپيۇتېردىكى كىنو ۋە سۈرەتلىك ناخشىلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ
5-قەۋەت
amat015 ۋاقتى: 2013-10-11 23:41:28
تىلىۋىزورنىڭ ئا ۋى  ئىغىزغا كومپىيۇتىر ئۇللىغىلى بولامدىغاندۇ.
6-قەۋەت
Gerip520 ۋاقتى: 2013-10-11 23:50:52
amat015 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-11 23:41:28
تىلىۋىزورنىڭ ئا ۋى  ئىغىزغا كومپىيۇتىر ئۇللىغىلى بولا

بولىدۇ كومپىيۇتېرڭىزنىڭ ئاساسى تاختىسدا aviئېغىز بولسىلا بەزى ئاساسى تاختىلاردا بولىدۇ بۇ خىل ئېغىز.来自: Android客户端
7-قەۋەت
مۇھەممەت ۋاقتى: 2013-10-12 00:42:54
alqut يوللىغان ۋاقتى  2013-10-11 23:35
ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنى تورغا ئۇلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈ ...

تۇربۇلمىسىمۇ  تىلىۋىزۇردىكى فىلىملەرنى كومپىرۇتىردا كۇرسەم بۇلاتتى چۇنكى مۇشۇ ھەج پائالىيەتلىرىنى  سىنغا ئىلىۋالسام  بۇلاتتى  10 مىتر سىم قانچە پۇلكەن  تۇردىن ئالسام  مۇقىم باھا مەن دۇكاندىن ئالايدىگەن  قانچە پۇلغا ئالدىڭىز
8-قەۋەت
hades ۋاقتى: 2013-10-12 10:19:39
بەك ياخشى تىما بوپتۇ مۇمكىن بولسا ئىككى كومپىيۇتىرنى بىرگەۋدە قىلىپ ئىشلىتىشنى تەتقىق قىلىپ كورسەك بولاتتى خۇددى كورىيەنىڭ ئەرۋاھ دىگەن فىلىمىدەك.
9-قەۋەت
bahit8 ۋاقتى: 2013-10-12 12:28:16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahit8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 12:35  

مېنىڭ يانفۇنىمدۇ بار HDMIدەپ بىر USB ئىغىزى چوڭلوقتا لىكىن ئاۋۇ سىز دىگەن سىمنىڭ بىشى نەق چۈشەرمۇ سەل ئەندىشە قىلىپ قالدىم بولمىسا سېتىۋالدىم.
10-قەۋەت
رىۋايەت ۋاقتى: 2013-10-12 15:24:46
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 15:27  
bahit8 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-12 12:28
مېنىڭ يانفۇنىمدۇ بار HDMIدەپ بىر USB ئىغىزى چوڭلوقتا لىكى ...


HDMI سىمى ئادەتە ئۈچ خىل بولىدۇ
تېلفونغا ماۋۇسىم چۈشىدۇhttp://www.xiaomi.com/goods/1577
ماۋۇ ئۆلچەملىك HDMIسىم كومپىيوتېر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدۇ
http://detail.tmall.com/item.htm ... &id=14903400187
ماۋۇ مېنىڭ خاتىرە كومپىيوتېر بىلەن تېلۋىزورنى ئۇلىغاندىكى رەسىم
11-قەۋەت
bahit8 ۋاقتى: 2013-10-12 15:34:21
رىۋايەت يوللىغان ۋاقتى  2013-10-12 15:24
HDMI سىمى ئادەتە ئۈچ خىل بولىدۇ
تېلفونغا ماۋۇسىم چۈشىد ...

ئو ماۋۇ ئوبدان ئىشكەن،لىكىن ھىلىقى OTG نى قىلايدەپ شۇنچە سىنىساممۇ بولمىدى.
-----
كۆپ تەشەككۈر بەك بىلىملىك جۇمۇ سىز. قول قويدۇم.
12-قەۋەت
tudajimamat ۋاقتى: 2013-10-12 16:26:48
minig  nipiz ekran telwozurum yok  likin
13-قەۋەت
hakanxp ۋاقتى: 2013-10-12 18:30:00
ئاۋاز سۈرەت سۈپىتى قانداقراق چىقىدىكەن، بۇلۇپمۇ ئاۋاز سۈپىتى، سىنكارتىدىن ئاۋاز چىققانغا ھەيران قالدىم来自: Android客户端
14-قەۋەت
uybahadir ۋاقتى: 2013-11-13 13:28:35
HDMI  سىمى چۈشىدىغان ئورۇن usb چاتىدىغان ئورۇن شۇما ؟
15-قەۋەت
alpha2018 ۋاقتى: 2015-6-11 23:41:32
hakanxp يوللىغان ۋاقتى  2013-10-12 18:30
ئاۋاز سۈرەت سۈپىتى قانداقراق چىقىدىكەن، بۇلۇپمۇ ئاۋاز ...

ئاۋاز سۈپىئىتى ناھايتى ياخشى ،ھازىرقى سىنكارتىلار ئىچىدىن ئاۋاز كارتىسىغا ئۇلانغان ،بۇرۇنقى سىنكارتا بۇلۇپ قالسا ئاۋاز يوق ،چۇقۇم ئاۋازغا ئايرىم سىم ئۇلايمىز .HD تىپلىق سىنكارتىلار ئاساسەن ئاۋازنى بىللە يوللىغىلى بۇلىدۇ،N تىپلىق بولسا 9800GT دىن كىيىن چققانلىرىنىڭ HDMI ئېغىزى ئاۋازنىمۇ تەڭ يوللىيالايدۇ.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部