+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2011-4-25 17:32 68495 قېتىم كۆرۈلدى 141 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
Windows 7 ئەسىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىرى XP گە قارىغاندا ياخشىراق بولسىمۇ، تازا چىرايلىق ئەمەس. XP  نىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ماۋۇ تېمىدىكى ئامالدىن پايدىلىنىپ، سىستېما فونتلىرىنى مەجبۇرى ئۇيغۇرچە فونتقا ئالماشتۇرۋەتكەن ئىدۇق. Windows 7 گە ئۇ چارە ئاقمايدىكەن. ھەم سىستېما فونتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قائىدىسزلىك بولۇپ، ئامالسىزلىقتىن بولغان ئىش.
Windows 7 گە سىستېما فونتىغا چېقىلماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق كۆرسىتىشنى نىسبىي ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.






قانداق بولامدىكەن؟ سىلەرمۇ كومپىيۇتېرىڭلاردىكى Windows 7  نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىرىنى ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك چىرايلىق قىلماقچى بولساڭلار تۆۋەندىكىدەك قىلىڭلار.
ئاۋۋال ماۋۇ يەردىن ukij tuz tom نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار.
http://www.ukij.org/fonts/fonts/UKIJTuT.ttf

UKIJTuT.ttf نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ 安装 نى باسسا ياكى c:\windows\fonts قا كۆچۈرۈپ قويسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ukij tuz tom ئىلگىرى قاچىلاغلىق بولسا بۇ مەشغۇلاتنى قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئەمدى تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلدۇرساڭلارلا ئىش تامام. ئېكران رەسىملىرى  NASA تارتقان ئالەم بوشلۇقىنىڭ رەسىملىرىگە ئالماشسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. (پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىق ئەپەندى ياسىغان تىلىسكوپتا تارتىلغان رەسىملەرمۇ تېخى )

alip.themepack (5.18 MB, چۈشۈرۈش سانى: 23926)

ئەسكەرتىش: بۇ ھۆججەتنى ئالىپ تورىغا ئەزالىق نامىدا كىرسىڭىز ئاندىن چۈشۈرەلەيسىز.

بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچە فونت خەت نۇسخسى يۇمشاق دېتال تەرىپىدىن بېكىتىۋېتىلگەن بەزى كۆزنەكلەرنىڭ خەت نۇسخسىغا تەسىر  كۆرسىتەلمەيدىكەن. يەنى، ئەسلى پېتى تۇردىكەن. ئۇنى مەن ماۋۇ تېمىدا تونۇشتۇرغان ئۇسۇل بويىچە شۇ دېتالنىڭ خەت نۇسخىسنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىۋەتسەك بولىدۇ.  مىكروسوفىت Micorsoft Yahei غا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى قوشماقچى بوپتىكەن. شۇ پۈتسىغۇ بۇنداق ئاۋارىچىلىقلارمۇ بولمايتى.
بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتمەي، ئەلكاتىپ 5.6 نى قاچىلاپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، ئېكران خاسلىقىنى تەڭشەيدىغان يەردىن تىزىملىك قاتارلىق ھەر قايسى يەرلەرنىڭ فونتىنى بىر-بىرلەپ ئەلكاتىپقا ئۆزگەرتىپ چىقسىمۇ بولىدىكەن. بۇ مەن ياسىغان تېما ھۆججىتىنى قاچىلاشقا قارىغاندا سەل ئاۋارىچىلىقكەن.
يەنە باشقا ئۇسۇلنى بىلدىغانلار بولسا مەرھەمەت...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alim818 + 8 ئىجادىي ئەسەر
artor520 + 2 ياخشى دېتال
1241 + 20 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش53 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن22 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

141ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
bokori ۋاقتى: 2011-4-27 10:50:14
ئالىپ ئەپەندىم، مەن قاچىلىغانىدىم، ئىكراندىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر بەكلا چىرايلىق چىقتى، لىكىن ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگىلىزچە خەت كىچىك، كۆرۈشتە قىينىلىدىكەنمەن. خاسلىقىنى تەڭشىسەم تازا ياخشى بولمىدى، سىز يوللىغان رەسىمدىكىدەك بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى، يەنە بىر مەسىلە قاتتىق دىسكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان كۆك - ئاق رەڭلىك كاتەكچە سۈرەتلىرى بەكلا تار چىقىۋالدى، پەقەتلا كېڭەيتەلمىدىم، بۇنى قانداق تەڭشەيمىز؟
خاتىرە كومپىيوتىر ، ئىكران 14 دىيوملۇق
تەۋسىيىلەش
بەڭۋاش_ك ۋاقتى: 2014-5-5 13:40:09
musajan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 19:05
ئەسلىدە ىەنزۇچە سېستىمنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى  ...

ئۇنى ئۆزىڭىز قىلىسىز..
تۆر
Shahdiyar ۋاقتى: 2011-4-25 17:41:02
ئالامەت پەيزى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز.
ياخشى. داۋاملىق تىرىشىڭ. قوللايمىز.
muallim بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
گىلەم
muallim ۋاقتى: 2011-4-25 19:25:11
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئورۇندۇق
udun ۋاقتى: 2011-4-25 19:55:42
مانا ماۋۇ بەلەن ئىش بوپتۇ ئەينا مەن ئالدىنقى قېتىم سىزدىن سورىغانيا مۇشىنى مانا بۈگۈن ھەل بوپتۇ ، رەخمەت ماخما سىزگە.
5-قەۋەت
taxna021 ۋاقتى: 2011-4-25 23:04:12
ئەقلىڭىزگە بارىكاللا ،،،تېخىمۇ تىرىشىڭ!
6-قەۋەت
abla123 ۋاقتى: 2011-4-25 23:51:20
رەھمەت سىزگە  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشتىڭىز !!!  رەھمەت سىزگە
7-قەۋەت
owchi ۋاقتى: 2011-4-26 02:41:39
رەھمەت. ئېسىل ئىش بولدى.
8-قەۋەت
owchi ۋاقتى: 2011-4-26 02:43:38
رەسىملەرگە قارىسام، سېستىمىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالغاندەك قىلىسز... ھەۋەس بىلەن قاراپ قالدىم. بۇنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ بېرىشكە بولامدۇ؟
9-قەۋەت
omar ۋاقتى: 2011-4-26 08:45:28
ھەي   ئۇستاز سىزگە   قايىل  بولماي  تۇرالمايمەن   ،  
مېنىڭ  بىر  پىكرىم   ئالىپ  تور  بىتنى  سەل  باشقىچىراق   ئۆزگەرتىپ  تىخىمۇ  تەرەققى  قىلدۇرساق دەيمەن
10-قەۋەت
umid ۋاقتى: 2011-4-26 10:44:07
گوگىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى قانداق تەڭشىدىڭىز..
11-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2011-4-26 11:40:27
owchi يوللانغان ۋاقتى  2011-4-26 02:43
رەسىملەرگە قارىسام، سېستىمىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلا ...

ئۇسۇلنى دەپ بەردىمغۇ، مەن دېگەندەك قىلىپ، ئاندىن سىستېمىڭىزدىكى ھۆججەت نامى ۋە باشقا يەرلىرىنى خالىغانچە ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدىكى ئۇيغۇرچە winrar نى پات ئارىدا تارقىتىمەن.
12-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2011-4-26 11:41:37
omar يوللانغان ۋاقتى  2011-4-26 08:45
ھەي   ئۇستاز سىزگە   قايىل  بولماي  تۇرالمايمەن   ،  
مېنى ...

قانداق ئۆزگەرتىمىز، قانداق تەرەققىي قىلدۇرىمىز؟
پىكىر بولسا ئايىماي بېرىڭ. مۇۋاپىق دەپ قارىساق قوبۇل قىلىمىز.
13-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2011-4-26 11:43:08
umid يوللانغان ۋاقتى  2011-4-26 10:44
گوگىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى قانداق تەڭشىدىڭىز..

بىرەرسى مۇشۇنداق سورىمايدۇ دەپ ئويلاۋاتاتتىم. بۇنى سىزلا ھەقىقى ئىشلىتىپ باققان ئوخشايسىز
گوگىلنىڭ ئۇنداق كۆرۈنۈشى ie9 نىڭ كارامىتى.



يۇقارقى رەسىمدىكىدەك تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ھەرقانداق تور بەت سىز تەڭشەپ قويغان فونتتا كۆرۈندۇ. eot  قا بېقىنمايدۇ. ie8 دىمۇ بولىدۇ.
ie.css نىڭ مەزمۇنى
  1. *{ font-family: ukij tuz tom;}
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
14-قەۋەت
era13 ۋاقتى: 2011-4-26 12:11:02
رەھمەت ، كۆڭۇل قويغان ئادەمگە ، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە دىگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك !
15-قەۋەت
Beles ۋاقتى: 2011-4-26 12:24:14
ماۋۇمۇ پەيزى ئۇسۇلكەن ، مەن ئلگىرى Microangelo On Display دىگەن بۇ دىتال بىلەن Windows Vista ۋە Windows 7نىڭ سېستىما خەت نۇسقىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئشلىتىۋاتقان ئدىم ، بۇ دىتال شۇنداق كىچىك ، ئەپچىل يېشىل دىتال ئكەن ، خەت نۇسقىسىدىن باشقا يەنە ھەر قانداق جايدىكى ئايكونلارنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن . قىززىقانلار بولسا سىناپ كۆرسەڭلار بولغۇەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部