+تېما يوللاش
شەرەر يوللانغان ۋاقتى:2017-5-21 15:40 1807 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەرەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-21 13:41  

بىز بۈگۈن ئىلگىرى يوللانغان «كومپىيوتېر ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش» دېگەن يازمىمىزنىڭ ئاخىرى بولغان دېتالدا كومپىيوتېر نومۇرى ۋە شۇ كومپىيوتېر نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاش نومۇرى ھاسىل قىلىشنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم شوپۇرلۇق نەزىرىيە ئىمتاھان سېستىمىللىرىغا ئوخشاش ھەقلىق دېتاللار ئادەتتە مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دېتالنىڭ قالايمىقان تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا ھاسىل قىلىنغان كومپىيوتېر نومۇرى بىردىن بىر بولۇپ، بۇنىڭدىن ئېرىشكەن تىزىملاش نومۇرىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دېتالنى يەنە بىر كومپىيوتېرغا قاچىلىغان ۋاقتىڭىزدا كومپىيوتېر نومۇرى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن ئىلگىرىكى تىزىملاش نومۇرى ئىشلىمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ كودىنى قانداق يازىدىغاندىمىز؟

ئادەتتە كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكا نومۇرى ۋە ئاساسىي تاختا نومۇرى قاتارلىق بىرقانچە قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرى ئۆزمەيدۇ ھەمدە بىردىنبىر بولىدۇ. شۇڭا دېتالىمىز ھاسىل قىلغان كومپىيوتېر نومۇرىنىڭ بىردىنبىر بولىشى ئۈچۈن ئادەتتە بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىمىز. بۇ يەردە خېلى كۆپ ئۇچۇرلار بار ئىكەن، ئەمدى قايسىسىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر سىز دېتالىڭىز قاچىلانغان كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى ئالماشتۇرغاندا دېتالنى قايتىدىن سېتىۋالسۇن دېسىڭىز، چوقۇم قاتتىق دېسكا نومۇرىنى ئىشلىتىسىز. ئەگەر ئاساسىي تاختىسىنى ئالماشتۇرغاندا سېتىۋالسۇن دېسىڭىز، ئاساسىي تاختا نومۇرىنى ئىشلىتىسىز. ئەگەر ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا سېتىۋالسۇن دېسىڭىز، ئوخشاشلا ھەرئىككى نومۇرنى تەڭ ئىشلىتىسز. دېمەك سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز قانداق بولسا شۇ بويىچە تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندە بىز مىسال سۈپىتىدە ئاساسىي تاختا نومۇرىنى ئىشلىتىمىز. بىز «كومپىيوتېر ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش» دېگەن يازمىمىزدا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى كۆرۈپ بولغان ئىدۇق، شۇڭا بۇ يەردە قايتا توختالمايمىز.
  1. 'VB.NET

  2. Dim SerialNumber As String = GetmainboardID()
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. //C#

  2. String SerialNumber = GetmainboardID();
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كېيىنكى قەدەمدە، بىز تالللىۋالغان نومۇرنى مەخپىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى كومپىيوتېر نومۇرى قىلىپ بېكىتىمىز. ئۇنداقتا بىز بۇنى قانداق مەخپىيلەشتۈرسەك بولار؟ توردا مەخپىيلەشتۈرۈش دەپ ئىزدىسىڭىز، كۆپ خىل ئۇسۇللار چىقىدۇ. بىز تۆۋەندە شۇنىڭ بىرى بولغان MD5 بويىچە مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى:
  1. 'VB.NET

  2. '''
  3. ''' ھەرپ تىزمىسىنىڭ 32 ھەرپتىن تۈزۈلگەن 16لىك سېستىمىلىق Hash قىممىتىغا ئېرىشىش
  4. '''

  5. Function getMd5Hash(ByVal input As String) As String
  6.     ' يېڭىدىن MD5CryptoServiceProvider ئوبىكتى قۇرۇش
  7.     Dim md5Hasher As New MD5CryptoServiceProvider()
  8.     ' كىرگۈزۈلگەن ھەرپ تىزمىسىنى بايتقا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە Hash قىممىتىنى ھېسابلاش
  9.     Dim data As Byte() = md5Hasher.ComputeHash(Encoding.Default.GetBytes(input))
  10.     ' يېڭىدىن StringBuilder ئوبىكتى قۇرۇش。
  11.     Dim sBuilder As New StringBuilder()
  12.     Dim i As Integer
  13.     For i = 0 To data.Length - 1
  14.         sBuilder.Append(data(i).ToString("x2"))
  15.     Next i
  16.     ' 16لىك سېستىمىدىكى ھەرپ تىزمىسىنى چوڭ يېزىلىشقا ئايلاندۇرۇپ قايتۇرۇش
  17.     Return sBuilder.ToString().ToUpper
  18. End Function
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

  1. [code]//C#

  2. ///
  3. /// ھەرپ تىزمىسىنىڭ 32 ھەرپتىن تۈزۈلگەن 16لىك سېستىمىلىق Hash قىممىتىغا ئېرىشىش
  4. ///

  5. string getMd5Hash(string input)
  6. {
  7.     // يېڭىدىن MD5CryptoServiceProvider ئوبىكتى قۇرۇش
  8.     MD5CryptoServiceProvider md5Hasher = new MD5CryptoServiceProvider();
  9.     // كىرگۈزۈلگەن ھەرپ تىزمىسىنى بايتقا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە Hash قىممىتىنى ھېسابلاش
  10.     byte[] data = md5Hasher.ComputeHash(Encoding.Default.GetBytes(input));
  11.     // يېڭىدىن StringBuilder ئوبىكتى قۇرۇش。
  12.     StringBuilder sBuilder = new StringBuilder();
  13.     for (int i = 0; i <= data.Length - 1; i++)
  14.     {
  15.         sBuilder.Append(data[i].ToString("x2"));
  16.     }
  17.     // 16لىك سېستىمىدىكى ھەرپ تىزمىسىنى چوڭ يېزىلىشقا ئايلاندۇرۇپ قايتۇرۇش
  18.     return sBuilder.ToString().ToUpper();
  19. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ فونكىسىيە ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەرپ تىزمىسى 32 خانىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سىز بۇنى 5دىن 5 گورۇپپا ھالەتتە 25 خانىنى ياكى 4دىن 4 گورۇپپا 16 خانىنى ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن بۇنى تۆۋەندە ئالدىنقى 16 خانىنى ئېلىپ، 4دىن 4 گورۇپپا قىلىپ كومپىيوتېر نومۇرى قىلىۋالدىم.
  1. 'VB.NET

  2. Dim Machine As String = getMd5Hash(SerialNumber).Substring(0, 16)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. //C#

  2. String Machine = getMd5Hash(SerialNumber).Substring(0, 16);
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئاخىرىدا بىز بۇ كومپىيوتېر نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاش نومۇرىغا ئېرىشىمىز. بۇ قەدەممۇ ئالدىنقى قەدەمگە ئوخشاش بولۇپ، كومپىيوتېر نومۇرىنى مەخپىيلەشتۈرۈپ يېڭى بىر نومۇر ھاسىل قىلساقلا بولىدۇ. بىز بۇيەردە يەنىلا ئالدىنقى مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈپ، ئېرىشكەن 32 خانىلىق ھەرپتىن ئالدىنقى 16 خانىنى ئېلىپ، 4تىن 4 گورۇپپا قىلىپ تىزىملاش نومۇرى قىلدۇق.
  1. 'VB.NET

  2. Dim Registe As String = getMd5Hash(Machine).Substring(0, 16)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  1. //C#

  2. String Registe=getMd5Hash(Machine).Substring(0, 16);
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەگەر ئىشلەتكۈچى كىرگۈزگەن تىزىملاش نومۇرى بىلەن بىز ھاسىل قىلغان تىزىملاش نومۇرى ئوخشاش بولمىسا، ئۇ ھالدا ئىشلەتكۈچى تىزىملاش نومۇرىنى خاتا كىرگۈزگەن بولىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بولسا، دېتال تىزىملاش نومۇرى توغرا بولغان بولۇپ، دېتال نورمال ئېچىلىش بىلەن بىرگە تىزىملاش نومۇرىنى ساندانغا، سەپلىمە ھۆججەتكە ۋە ياكى تىزىملاش جەدۋىلىگە ساقلىنىپ، كىلەركى قېتىم دېتالنى قايتا قوزغاتقاندا ساقلىۋالغان تىزىملاش نومۇرىنى ئوقۇپ ئېلىپ سېلىشتۇرىمىز. توغرا بولسا ئېچىلىدۇ، بولمىسا قايتا تىزىملاش نومۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز.


قېنى سىزمۇ سىناپ بېقىڭ. پىروگىراممىغا قىزىقىدىغانلار ئاستىدىكى چىپار كود(ئىككىلىك كود)نى سايىلەپ ياكى «شەرەر»، «xarar_09» دەپ ئىزدىتىپ شەرەر سالونىنى قىتىۋالساڭلار بولىدۇ.



مەنبە: شەرەر تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
Boy卍HEr〇 + 15 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

10ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-21 17:32:36
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Boy卍HEr〇 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-21 17:36  

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتى خېلە كۆپ ئىزدەنگەندەك !    
لۇغەتنى ئاكتىپلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر سوفىت ھىساباتىنى ئېچىپ سالاھىيەت دەلىللىگەن دېن كىيىن ئاندېن ئاكتىپلاش كودىنى مۇلازىمىتىر ئۆزى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن !  بۇنداق بولغان دا كومپىئوتىر ئاملاشتۇرۇپ قالسا ئاتايىتە دىتال تۈزگۈچىنى ئىزدەپ چۈشەندۈرۈش كەتمەيدىكەن !   مۇشۇ مۇلازىمىتىر بىلەن ئۇلاشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغاندۇ ؟!
مەنمۇ مۇشۇ پىروگىرامىرلىققا بەكلا قىزىقىپ قالدىم . . . مۇنبەردىكى يۇمشاق دېتال بۇرەدەرنىڭ C# دەرسلىكىنى ئالايدىسەم ھىچ بىر تورغا چىقمايۋاتامدۇ ! يوقاپكەتتى . . .
ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ C# دەسلەپكى باسقۇچ دەرسىنى كۆرگەن ئىدىم . . . لېكىن سۆزلىگەندە ئىشلىرىجىق بولغاچمۇ بىلمىدىم 0 سەۋىيەلىك لەرنى ئاساس قىلمىغان دەك ئۇسلۇبتا سۆزلەيدىكەن .  بۇرۇن VB دا مايەرنى مانداق ئالغان دەپ . . . .
گىلەم
شەرەر ۋاقتى: 2017-5-21 17:49:55
Boy卍HEr〇 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-21 15:32
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتى خېلە كۆپ ئىزدەنگەندەك !    ...

مۇلازىمىتېرغا ئۇلاش ئەمەلىيەتتە ساندان بىلىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇتيار تورىدا ئىلگىرى بىرەيلەن #C دەرسلىكى سۆزلەپ تارقاتقان ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئورۇندۇق
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-5-21 18:22:14
شەرەر يوللىغان ۋاقتى  2017-5-21 17:49
مۇلازىمىتېرغا ئۇلاش ئەمەلىيەتتە ساندان بىلىملىرىنى  ...

قۇتيار مۇنبىرى تاقىلىدۇ دەپ تېما يىزىپتىكەن شەپىمۇ يوق نورمال مېڭىۋاتقان ئەمدى راست تاقالغان چىراي ئېچىلماي ۋاتىدۇ !
5-قەۋەت
شەرەر ۋاقتى: 2017-5-21 18:28:24
Boy卍HEr〇 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-21 16:22
قۇتيار مۇنبىرى تاقىلىدۇ دەپ تېما يىزىپتىكەن شەپىمۇ ي ...

ھازىر نورمال ئېچىلىدىكەن.
http://qutyar.net/mb/thread-8283-1-2.html

باھا سۆز

رەھمەت باشبېتى ئېچىلمىغان كىن مەن تېخى ! . . . لېكىن ئاۋۇ تېمىغا بەك ئۇزۇن بو....  ۋاقتى: 2017-5-21 18:34
6-قەۋەت
ozhanbiz ۋاقتى: 2017-5-22 08:33:06
بۇ تىما ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ ،سىزگە كۆپ رەھمەت ،
7-قەۋەت
دىليارر ۋاقتى: 2017-5-22 10:46:54
مەن كومپيوتېرمنىڭ يىڭپەننى چوڭايتاي دىگەن ئەسلى قاچلانغان 10نى يېڭى يىڭپەنگە قاچلغلى بۇلارمۇ  مۇشنى بىلەلمەي توختاپ قالدىم ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار
8-قەۋەت
ozhanbiz ۋاقتى: 2017-5-23 07:28:08
ياخشىمۇ سىز ،تىزىملاش نومۇرىنى سەپلىمە ھۆججەتكە قانداق ساقلايمەن ،تازا بىلەلمىدىم ،

باھا سۆز

/forum.php?mod=viewthread&tid=50717 بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.  ۋاقتى: 2017-5-23 10:20
9-قەۋەت
uysalam ۋاقتى: 2017-5-23 19:46:46
ياخىشى دەرسلىك بوپتۇ. مەنمۇ ئادەتتە بەزى win7سستىمىلارنى بىۋاستە ghost ھالەتتىلا رەتلەپ ئېلۋالغان بولغاچقا (گەرچە ھەققى نەشرى تىزىملاش نومۇرى بولسمۇ) يەنىلا نۇر دېسكا يۈتۈپ كېتىش ئەھۋالى بولدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات قىلسام ياخشى بولغۇدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部