+تېما يوللاش
e-chewendaz يوللانغان ۋاقتى:2016-11-18 11:19 2599 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-18 11:26  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكترون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا  "ئىدراك ئەترىتى"دىكى ئېلېكتر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
خەنزۇچە نامى«ئىز(迹)» بولغان ئاندرويد يۇمشاق دىتالى OpenCV  (Open Source Computer Vision Library دىگەن ئىنگىلىزچە ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ،مەنىسى:ئوچۇق كودلۇق،سۇپا ئاتلىغان كومپىيۇتېر كۆرۈش سىزىمى ئامبىرى بولۇپ،ھەرخىل مەشغۇلات سىستىمىلىرىدا بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدۇ،سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ،مۇناسېۋەتلىك بىلىملەرنى توردىن ئىزدەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ )نى ئاساس قىلغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ئەپ دىتالى بولۇپ،ئۇ يانفۇن كامىراسى ئارقىلىق ئىز قوغلانغان جىسىمنىڭ رەڭگىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ،ھەمدە يانفۇننىڭ كۆكچېشى ئارقىلىق نىشان جىسىمنىڭ ئورۇن كوردىناتى ۋە چوڭ كىچىكلىكى قاتارلىقلار ئۇچۇلارنى چىقىرىپ بىرەلەيدۇ،بىز كۆكچېش مودىلى ۋە مۇناسېۋەتلىك ئامبار ھۆججىتى ئارقىلىق ئاردىينودا بۇ ئۇچۇلارنى قوبۇل قىلىپ ئالالايمىز،دىمەك بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ،قالغىنى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئويلىيالىشى،ئىجادچانلىقىغا باغلىق.
بۈگۈن مەن بۇ تېمىدا مۇشۇ توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن.
ئەپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى،مۇشۇ ئادرىس ئېچىلغاندىن كىيىن ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ياكى ئاستىدىكى ئەپ چۈشۈرۈش دىگەن خەنزۇچە خەتنى چىكىپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ،ئەپنىڭ سىغىمى 11 مىگابايىت ئەتراپىدا.(بۇنىڭدىن باشقا ئاردىينۇ يۈرۈشلۈكى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت چ چ توپىنىڭ بوشلۇقىدا تەمىنلەندى)
ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:

1.ئەپنى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن،سول تەرەپ يۇقىرىقى بۇرجەكتىكى كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تەڭشەك ھالىتى بىلەن ئىز قوغلاش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ،«كۆكچىشكە باغلاش» كونۇپكىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كۆكچېش مودىلىنى باغلىسىڭىز بولىدۇ،باغلىماقچى بولغان كۆكچېش مودىلىڭىز يانفۇنىڭىز بىلەن جۈپلەنگەن مودىل بولۇشى كېرەك.كۆكچېش مودىلى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇلانغاندىن كىيىن،نىشان ئۇچۇرى بولسا يوللاشقا باشلايدۇ،ئاردىينو ئارقىلىق ئۇچۇرنى ئوقۇشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ.
2.يانفۇن ئېكراندا كۆرۈنگەن خالىغان جىسىمنى تاللاپ چەكسىڭىز شۇنىڭغا قارىتا ئىز قوغلاشنى باشلايدۇ،بۇ ئەپ رەڭنى بەكرەك ئاساس قىلىپ ئىز قوغلايدىغان بولۇپ،ئامال قىلىپ رەڭگى يىقىن كىلىدىغان جىسىملارنى بىر يەردە قويۇپ ئىز قوغلاتماسلىقىڭىز كېرەك.ئۈسىتىدە سىز تاللىغان جىسىمنىڭ رەڭگى كۆرنۈپ تۇرىدۇ.
3.ئەپ دىتالنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا يانفۇن كامىراسىنى ئالماشتۇرۇش،رەڭ سۈزۈش قاتارلىق كونۇپكىلار بار بولۇپ،ئۆزىڭىز سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئەپنىڭ يوللىغان سانلىق مەلۇماتىدا X،Y،Tدىن ئىبارەت ئۈچ خىل پارامېتىر بولۇپ، X،Y جىسىمنىڭ ئورون(ئەلۋەتتە بۇ يەنە يانفۇن كامىراسىنىڭ ئىنىقلىقىغا مۇناسېۋەتلىك) ئۇچۇرىنى كۆرستىدۇ،Tبولسا چوڭ-كىچىكلىكى ئۇچۇرىدىن ئىبارەت.
ئىز قوغلاشتىن بىر كۆرنۈش:

بەزىلەر بۇ ئەپ ئارقىلىق ئىرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ،ئىز قوغلاش ئىقتىدارىغا ئىگە كىچىك ماشىنا ياساپ چىققان،ماشىنا رەسىمى تۆۋەندە كۆرستىلدى:

ئەسلى تېمىنىڭ ئادرىسى، بۇ يەرنى چىكىڭ.
مۇناسېۋەتلىك فىلىم:
(كەچۈرۈڭلار فىلىم نۇرمال كۆرۈنمىگەچكە بۇ يەردە قىستۇرۇلمىدى،ئۈستىدىكى ئەسلى تېمىنىڭ ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ ئەسلىي تىمىدا كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن)
بۇ ماشىنىنى قانداق قۇراشتۇرساڭلار بولىدۇ،ئەمما يانفۇننى چوقۇم مۇقۇم ئورنىتىشىڭلار كېرەك.فىلىمدىكى ماشىنىنى ياسىغۇچى ئىككى دانە مۇلازىمېتىېر ماتور ئىشلەتكەن،180گرادوس ئايلىنىدىغان مۇلازىمېتىر ماتورىنى 360 گرادوس ئايلىندىغان قىلغان،بۇنداق قىلغان قوزغىتىش توك يول بۆلكىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ،ئاندىن مۇلازىمېتىر ماتورنىڭ بىر تال سىگىنال سىمى ئارقىلىقلا ئوڭ-تەتۈر ئايلىنىشىنى،سۈرئەت ئاستىلتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.ئەگەر سىلەرمۇ بۇنىڭغا قىزىقساڭلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ.
كۆكچېشنى ئۇلاش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ يۈرمىسەممۇ بولار،ئاردىينۇ يۈرۈشلۈكىنىڭ دەرسلىكىگە قارىساڭلار بولىدۇ.
Arduino_ambarhojiiti.zip (2.15 KB, چۈشۈرۈش سانى: 28)
ئاردىينۇ كود ھۆججىتى:
  1. #include
  2. TraceApp obj(Serial, 115200);  //实例化检测对象
  3. void setup()
  4. {
  5.   obj.begin();      //初始化,注意:后面不需要再用Serial.begin()!
  6. }
  7. void loop()
  8. {
  9.   obj.routine();    //尽可能让这一句频繁运行
  10.   if (obj.valid())  //检测的物体是否有效
  11.   {
  12.     Serial.print("Objdetected at:");
  13.     Serial.print(obj.getX());  //x坐标
  14.    Serial.print(",");
  15.    Serial.print(obj.getY());  //y坐标
  16.     Serial.print("  with size of:");
  17.    Serial.println(obj.getT()); //物体大小
  18.   }
  19.   else
  20.     Serial.println("Noobj or too many detected");
  21.   delay(100);
  22. }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

كودنى ئاردىينۇدا ئىجىرا قىلغاندىكى كۆرنۈش:

مەندە ھازىرچە كامىراسى سۈزۈكرەك ئاندرويد يانفۇن بولمىغاچقا سىناشقا ئامالسىز قالدىم،تەجرىبە قىلىشىنى قېرىنداشلىرىمىزغا قالدۇردۇم،ئۆزگىچە ئوي-پىكىرلىرىڭىلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىدا ياكى "ئاردىينۇ يۈرۈشلۈكى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت توپى" دا ئوتتۇرىغا قويساڭلارمۇ بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:بۇندىن كىيىن "ئىدراك ئەترىتى" ئالىپ تورىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئاردىينۇ توغىرلىق تېما ئىلان قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز،تېما بىردەك ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئىلان قىلىنىدۇ،مۇناسېۋەتلىك مۇلاھىزىلەر "ئىدراك ئەتىرىتى ئاردىينو يۈرۈشلۈكى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت چ چ توپى" دا ئىلىپ بىرىلىدۇ،مۇناسېۋەتلىك دىتاللار مەخسۇس مۇشۇ توپ بوشلۇقىدا تەمىنلىنىدۇ.ئىدراك يۈرۈشلۈكىدىن ئاخىرقى بىر قانچە يۈرۈشلا قالدى،كىيىن بىردەك تەمىنلەنمەيدۇ،شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سېتىۋىلىشىڭىلارنى ئەسكەرتىمىز.
كامالى ئىھىتىرام بىلەن:
ئىدراك ئەترىتى
Idrak team
易达科团队
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
eeyyss + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

10ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
bulbulla ۋاقتى: 2016-11-18 11:40:07
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئاردۈينودا  رەسىىملىك ئىز قوغلايدىغان ئىشلانىمۇ قىلغىلى بولىدىكەندە  ئەسلى.
گىلەم
نىھات007 ۋاقتى: 2016-11-18 11:41:10
بەك  ياخشى  ئىسىل  يازما تەييارلاپسىز  جاپا چەكتىڭىز
ئورۇندۇق
dostak ۋاقتى: 2016-11-18 13:19:34
ياخشى تىمىلار يوللىنىۋاتىدۇ جۇمۇ
مەنمۇ سىناپ باقاي ، ئەمما ئۈچ چاقلىق كىچىك ماشىنا يوق ئىدى ، ئۆزۈم ياسامە ئەمدى .

چوڭاراق قىلىپ بىرنى ياساپ ، سېرتقا چىققاندا ئۆزىمىزنى قوغلۇتۇپ ئەگەشتۈرۋالساق بولغۇدەك . باشقىلارمۇ تۈكى چۈپ كەتكەن ، قارماققا قەلەندەرگىلا ئوخشايدىغان كۈچۈكلەرنى ئەگەشتۈرۋالىدىكەن . بىز ماشىنا ئادەمنى ئەگەشتۈرۋالساق نىمىشقا بولمايدىكەن ؟

قانداق دىمىدىم باللار ؟
5-قەۋەت
tursun1994 ۋاقتى: 2016-11-18 14:56:55
ھەجەپ   قىزقىشمنى   قوزغدى   ماۋۇ   تىما  
6-قەۋەت
yalkun00998 ۋاقتى: 2016-11-18 22:54:47
ئۈندىدار توپى يوقما ئاردىينو نىڭ ،
7-قەۋەت
aizdanm ۋاقتى: 2016-11-19 18:46:34
ۋاھ  بەك ياخشى تىما ئىكەن
8-قەۋەت
imamhusan ۋاقتى: 2016-11-20 03:24:18
مەن يۈرۈشلۈكنى سېتۋالغان لىكىن چ چ توپنى قېتۋالمىغان قېتىپ قويغان بولسىڭىز. رەھمەت 1594805999
9-قەۋەت
15599931995 ۋاقتى: 2016-11-20 21:15:04
ئەقلىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن  
10-قەۋەت
dostak ۋاقتى: 2016-11-21 20:01:07
بۇ تەجىربىنى ئىشلەپ باققانلار يوقمۇ نىمە ؟ ھېچ تەجىربە توغۇرلۇق بايانلار يوققۇ ؟
مەن ماشىنىنى ياساپ بولغان ، ئەمما كودىدا مەسىلە بارمۇ بىلمىدىم ، ئارقىمۇ - ئارقا ئىغىزدا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسەم
Noobj or too many detected
دىگەن ئۇچۇرلا كۆرىلىۋىلىۋاتىدۇ .
بولمىسا ئەپ دىتالىدا پارامىتىرلار نۇرمال چىقىدۇ ، كۆكچىشمۇ نۇرمال ئۇلانغان ، ئەمما پارامىتىر يوللانمىدى . سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلار بارمۇ؟
11-قەۋەت
dostak ۋاقتى: 2016-11-21 20:04:06
ئاندىن يەنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى .
4 خانىلىق رەقەم لامپىىسىدىن پايدىلىنىپ تىمپۇراتۇرا ، قوڭغۇراق ئىقتىدارى بار بولغان ئاددى سائەت ياساش تەجىربىسى بولسا يوللاپ قويساڭلار ياخشى بولاتتى ، بىزمۇ بىرەتال سائەت ياساپ باقساق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部