+تېما يوللاش
tanha214 يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 2270 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدى بىلەن ئالىپ تۇرىدىكى قېرىنداشلارغا سالام يوللايمەن، شۇنداقلا ئالىپ تۇرىنى قۇرۇپ ، بۇ سۇپا  ئارقىلىق باشقىلارغا بىلىم ھەمبەھىرلەپ ، ئورتاق ئۈگۈنۈش سۇپىسى قۇرۇپ بەرگەن ئالىپ ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن،
مەنمۇ بۇ سۇپا ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا باشقىلارغا پايدىسى تىگىدىغان بىرەر بىلىمنى ھەمبەھىرلەي دىگەن بولساممۇ مەلۇم سەۋەپلەردىن يوللىيالمىدىم، بۈگۈنكى باشقىلارغا ھەمبەھىرلەيدىغان بىلىم بولسا ئۈزۈم ئۈندىداردا ناخشا ئاڭلاۋېتىپ تاسادىپىي بايقاپ قالغان بىر ئىش ئىدى، شۇڭا ئاددىي بولسىمۇ سىلەر بىلەن بەھىرلەنگۈم كەلدى.
ئادەتتە ئۈندىدار دوسلار چەمبىركى朋友圈گە ئۈزىمىز يوللىغان ناخشىلارنى، ياكى  ساقلانما ئامبىرى 收藏غا ساقلىۋالغان ناخشىلارنى قۇيۇپ ئاڭلىغاندا بىر قېتىم قۇيۇلۇپلا كىيىنكى ناخشىلار قۇيۇلمايدۇ، مەن بايقىغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكى ۋە ساقلانما ئامبىرىدىكى ناخشىلارنى قۇيۇپ  ئاڭلىساق كىيىنكى ناخشىلارمۇ داۋاملىق ئۈزى قۇيۇلۇپ ماڭىدۇ، بىزنىڭ قول سېلىپ قۇيۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ئۇسۇلدا ناخشا ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۈندىداردا دوسلار چەمبىركىدە بىر قېتىم ئاڭلاپ بولغان ناخشىلار ئاڭلاۋاتقان ناخشىمىز ئاياقلاشقان ھامان ئۈزى قۇيۇلۇپ ماڭىدۇ،
دوسلار چەمبىرىكىدىكى ناخشىنى قۇيۇپ ئاڭلىساق دوسلار چەمبىركىدە بىر قېتىم قۇيۇپ ئاخىرغىچە ئاڭلىغان ناخشىلار ئۈزى ئۇلۇنۇپ  قۇيۇلىدۇ،
ساقلانمىدىكى ناخشىنى قۇيۇپ ئاڭلىساق ساقلانمىغا ساقلىۋالغان ناخىشىلاردىن بىر قېتىم قۇيۇپ ئاخىرغىچە ئاڭلىغان ناخشىلار ئۈزى ئۇلۇنۇپ قۇيۇلىدۇ،
ئەمدى كەسمە سۈرەتلىرىنى يوللايمەن،
ئاۋال ئۈزىمىزنىڭ دوسلار چەمبىركىنى ئېچىپ ئاندىن ئۈزىمىز چەمبىرەككە چىقارغان ناخشىدىن بىرنى قۇيىمىز
(قىزىل چەمبەرگە قاراڭ)




ئاندىن ئارقىغا ئىككى باسقۇچ چىكىنىپ باش بەتكە قايتىساق ئۈستى تەرەپتە قۇيۇلىۋاتقان ناخشا كۈرۈنىدۇ
(قىزىل چەمبەرگە قاراڭ)


ئاندىن قىزىل چەمبەردە  ئەسكەرتىش ئۈچۈن سىزىپ قۇيۇلغان ئۇرۇننى چەكسەك


يۇقارقىدەك چىققاندىن كىيىن ، تىلىفۇننى كۈچەپ چايقىساق (摇一摇)ئادەتتە ئۈندىداردا چايقاش مەشغۇلاتى قىلغان چاغدىكىدەك تىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىقىشى بىلەن تەڭ

يۇقارقى رەسىمدە ئەسكەرتىش ئۈچۈن قىزىل چەمبەرگە ئېلىپ قۇيۇلغان 连续播放 داۋاملاشتۇرۇپ قۇيۇش دىگەن خەت چىقىدۇ، ئەگەر چىقمىسا تىلفۇننى بىرنەچچە قېتىم چايقىساق  چايقىغان چاغدىكى تىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىقىشى  بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقارقى داۋاملاشتۇرۇپ قۇيۇش دىگەن خەت چىقىدۇ،
ئەگەر پەقەت ئاشۇ ناخشىنى ئاڭلىماقچى باشقا ناخشىلارنىڭ داۋاملىشىپ قۇيۇلىشىنى خالىمىساق يەنە ئاشۇ سۈرەتتىكى ھالەتتە تىلىفۇننى تىرىڭ قىلغان ئاۋاز چىققانغا قەدەر چايقىساق بۇلىدۇ، ئاندىن يەنە


قىزىل چەمبىرەككە ئېلىپ ئەسكەرتىپ قويغان 单曲播放تاق ھالەتتە قۇيۇش دىگەن خەت كۈرىنىدۇ، پەقەت ئاشۇ ناخشىلا قۇيۇلۇپ تەكرار قۇيۇلمايدۇ،
بۇ ئۇسۇلدا يەنە ساقلانما 收藏 دىكى ساقلىۋالغان ناخشىلارنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇيۇپ ئاڭلاشتا ئورتاق قوللىنىشقا بۇلىدۇ،
بۇ ئۈندىداردىكى ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىقتىدار بولۇپ پەقەت كۆپلىگەن كىشىلەر بايقىمىغانلا يىرى بار.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

18ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
fffffffffffffff ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ۋاي…ئالامەت ھۈنەركەنغۇ ماۋۇ،  رەھمەت تىما ئىگىسىگە
گىلەم
appchi ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
رەھمەت سىزگە ، راستىنلا ياخشى ھۈنەر ئىكەن
ئورۇندۇق
غازى ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئۈندىدار ئىشلەتكەن 2 يىلدىن بىرى بۇ ئىقتىدارى نى پەقەتلا بايقىماپتۇقدە ؟
5-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
رەھمەت ياخشى بىلىمكەن
6-قەۋەت
sansz1131 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
تىما ئىگەىسىگە رەھمەت
7-قەۋەت
RRR-3 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ھەقىقەتەن بۇلىدىغان ياخشى ئۇسۇلكەن ، جاپا تارتىپسىز ، رەھمەت سىزگە …
8-قەۋەت
hakisa ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
كۆمۈلەپ كەتكەن ئىقتىداركەن ماۋۇ رەھمەت
9-قەۋەت
tursunxayar ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ئالامەت ھېي
10-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
مەن  نەچچە ئاي  بولدى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئاڭلاپ كېلۋاتىمەن ،بوپ قالىدۇ بۇمۇ
11-قەۋەت
1357104490 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
ياخشى  بايقاش
12-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
مۇشۇنداق  ئاددىي ھۈنەرنىمۇ  بىلمەي يۈرۈپتۇق  توۋا     تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمكەن    رەھمەت سىزگە
13-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
شۇنچە يىلدىن بۇيان بىلمەي يۈرۈپتۇق ئەمەسمۇ ،يەنە بىز بىلمەيدىغان قانداق ئىقتىدارلىرى بار تېخى كىم بىلىدۇ،داۋاملىق تىرىشلا دوستلار.
14-قەۋەت
vivox7pilas ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
مىنىڭ تىلفۇنۇم بولمايدىكەن  vivo x7pilus ئىدى
15-قەۋەت
ablat1978 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن
نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى  بىردىن بىردىن ئاڭلاپ ،بەزىدە ساقلىغان ناخشىلارنى تىپىپ بولالماي بىزار بولاتتۇق   
  رەھمەت قىرىندىشىم  سىزگە   بەك خۇرسەن بولدۇم   
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部