+تېما يوللاش
oyqan1 يوللانغان ۋاقتى:2017-4-20 11:23 3121 قېتىم كۆرۈلدى 45 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالپ ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر .  ئەتتىگەندە تېما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن  . سىلەر ئۈچۈن ئازراق خىزمەت قىلالىسام مەن رازى .
مەخسەتكە كەلسەم يېقىندا بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ چىرايلىق سىنبەلگە ھۆججىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم .بۇ سىنبەلگىلەر ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ چۈشۈرۈپ ئورنىتىپ ئىشلەتسەڭلار رازى بوپ قالىسىلەر ، شۇڭا  سىلەرگە سۇنۇش ئۈچۈن مۇشۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بۇ سىنبەلگىلەرنىڭ بەزىلىرى روت تەلەپ قىلدىغان بولغاچقا روتلانمىغان تېلفۇندا بەزى سىنبەلگىلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما ئىشلىتىۋاتقان شىياۋمى تېلفۇنۇمنى روتلىغان بولساممۇ بەزى سىنبەلگىلەر نورمال كۆرۈنمىدى . شۇڭا روت ئالمىغان تورداشلارنىڭ نورمال كۆرۈنمىدى دەپ قاقشىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .  تۆۋەندە بۇ سىنبەلگە ھۆجىتىنى بەيدۇ ۋە ۋېييۈن دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش ئادىرسى ۋە ئورنىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن ئەمىسە رەسىمگە دىققەت قىلىڭ .  
بەيدۇ دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://pan.baidu.com/share/link? ... 9&uk=4150688346

ۋېييۈن دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
https://share.weiyun.com/8ea9a56a4b41c65bdfc8a8fc185648f1
مۇشۇ ئىككى ئادىرىستىن چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ.

rasim1.jpg (205.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

rasim1.jpg

rasim2.jpg (152.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

rasim2.jpg

rasim3.jpg (115.28 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

rasim3.jpg

09-22-25-a58d96fe9925bc31a88b9c145fdf8db1c91370e5.jpg (146.92 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6)

09-22-25-a58d96fe9925bc31a88b9c145fdf8db1c91370e5.jpg

rasim5.jpg (91.85 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

rasim5.jpg

rasim4.jpg (96.56 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

rasim4.jpg
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش10 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

45ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
arkan886 ۋاقتى: 2017-4-20 12:25:33
بەيدۇ دىسكىدىن ئۈچۈرلۈپتۇ. ۋىييۈندىن تىزىملاتمىغانلار چۈشۈرەلمەيدىكەن بۇنى قانداق قىلغۇلۇق؟
گىلەم
رۇھ ۋاقتى: 2017-4-20 12:43:14
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىچدە مۇشۇ نۇر كىرگۈزگۈچ بىلەن چۇباۋ كىرگۈزگۈچ ئىككىسى بەك يارايدۇ
ئورۇندۇق
رۇھ ۋاقتى: 2017-4-20 12:48:46
ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان كىرگۈزگۈچلەردىن بەيدۇ گۇگۇل بادام كىرگۈزگۈچ ھەمىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتى. نۇر كىرگۈزگۈچ بىلەن چۇباۋ كىرگۈزگۈچ ئەڭ ياخشى ئىكە.
5-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-4-20 13:17:55
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3234504492&uk=4150688346
بەيدۇ تور دېسكىسى  
6-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-4-20 13:21:19
ۋېييۈن نورمالكە نىمىشقا بەيدۇ بىنورمال  مەنمۇ ئېنىق بىلەلمىدىم . ئەمما بەيدۇ دېسكامدا بار   ، ئۆچۈرۋەتمىدىم
7-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-4-20 13:23:11
مانا بەيدۇ تور دېسكىسىدا ساقلاغلىق.

IMG_20170420_132210.jpg (104.16 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

IMG_20170420_132210.jpg
8-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-4-20 13:31:30
چۈشۈرەلمىگەنلەر 748927174 مۇشۇ كوت كوت نۇمۇرنى قوشۇڭلار  يوللاپ بېرەي . قوشقاندا ئالپ تورى دەپ ئەسكەرتىش يېزىپ قويۇڭلار.
9-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2017-4-20 13:38:07
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-20 13:31
چۈشۈرەلمىگەنلەر 748927174 مۇشۇ كوت كوت نۇمۇرنى قوشۇڭلار  ي ...

ئۈندىدارنىمۇ قالدۇرۇپ قۇيۇڭە؟
10-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-4-20 14:20:31
ئۈندىدار ئىزدەش كۆزنىكىگە sraysa دەپ كىرگۈزۈپ قوشۇڭ  قوشقاندا ئالپ دەپ ئەسكەرتىڭ
11-قەۋەت
biparwa1 ۋاقتى: 2017-4-20 14:58:29
مۇشۇ بەيدۇ نىڭ ئۇيغۇرچە يازىدىغان كۇنۇپكىسىغا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىنى قوشساق بۇلاتتى مەن شۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يوق سەۋەبىدىن يەنە نۇر كىرگۈچنى ئىشلىتىۋاتىمەن
12-قەۋەت
oguzhan ۋاقتى: 2017-4-20 15:55:28
نۇر كىرگۈزگۈچ، بادام كىرگۈزگۈچنىڭ خەنچە كىرگۈزگۈچىدە سۆزلۈكنى تونۇشى بەيدۇنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، بەيدۇنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ رەڭگى تازا ياخشى ئەمەس، بولمىسا نۇر كىرگۈزگۈچ بىلەن باداممۇ ياخشىتى.
13-قەۋەت
15009041340 ۋاقتى: 2017-4-20 16:07:37
ھە                  
14-قەۋەت
خام ۋاقتى: 2017-4-20 16:17:12
بۇنى ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن بىر قېرىندىشىمىز بىر يوللىغان، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئۆز ۋاقتىدا بۇنى تونۇمىغانلار دىۋانى خەت نۇسخىسىنى قاچىلىسا نورمال كۆرۈنگەن، لىكىن باشقىلارنىڭ تىلىفۇنىدا يەنىلا نورمال كۆرۈنمەيدۇ(ئەسلىدىلا تونۇمايدىغان تىلىفۇنلار)، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىچىدە مەن نۇر كىرگۈزگۈچنى خىلى ياقتۇرىمەن، بادام كىرگۈزگۈچمۇ ناھايىتى ياخشى ياسىلىپ ھەم تەرجىمە ئىقتىدارى بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى، ئۇنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم، ئىنتايىن ياخشى، چۇباۋ كىرگۈزگۈچنى يېڭى ئۇيغۇرچە قوشۇلغاندا بىر ئىشلەتكەن، راس گەپ قىلسام ئانچە ئەرزىمىگەن، ئۆزۈم بەيدۇ كىرگۈزگۈچكە كۆنۈك، كۆپ ۋاقىتتا شۇنى ئىشلىتىمەن، لىكىن نۇر كىرگۈزگۈچ ئىككىنجى تاللىشىم، مەزمۇنى ئۇزۇنراق بولغان ئۇيغۇرچە مەزمۇن كىرگۈزگەندە شۇنى ئىشلىتىمەن، مىنىڭچە نۇر كىرگۈزگۈچنىڭ ئىستىقبالى ياخشى، بەزىبىر ئىقتىدارلىرىنى ياخشىلىسا چوقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن
15-قەۋەت
begtash ۋاقتى: 2017-4-20 16:22:11
نۇر كىرگۈزگۈچنىڭ ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچى بەك ياخشى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部