+تېما يوللاش
keysarjan يوللانغان ۋاقتى:2017-6-17 20:12 2723 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالام ئەلەيكۇم پىروگىراممىغا ئىشتىياق باغلىغان بىلىمخۇمار دوستلار:
تۆۋەندە سىلەرگە بىر ياخشى خەۋەرنى ئوختۇرماقچىمەن، ئۇ بولسىمۇ قەيسەر تورى باشچىلىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەقسىز، ئۇچۇق كودلۇق ئۇيغۇرچە بىلوگ سېستىمىسى پات يېقىندا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى بۇلىۋاتىدۇ.
مەزكۇر بىلوگ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزدە ئالىقىشقا ئېرىشىۋاتقان PHP رامكىسى بولغان ThinkPHP نى يادىرو قىلىپ يېزىپ چىقىلغان بۇلۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئېگە:
بىلوگ ئالاھىدىلىكى :
1. مەزكۇر بىلوگ سېستىمىسى ئۇچۇق كودلۇق، پۈتۈنلەي ھەقسىز.
2. كود قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئىككىنجى قېتىم كېڭەيتىش قولايلىق.
3. كۆرۈنمە يۈزىگە bootstrap رامكىسى ئىشلىتىلگەن، كومپيوتېر ۋە كۆچمە ئۈسكىنلەردە زىيارەت قىلىشنى قوللايدۇ.
4. ئارقا باشقۇرۇش سۇپىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە، ئىشلىتىش ئاددىي ھەمدە قولايلىق.
5. ئۈندىدار سالونىغا باغلاپ سالۇن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار. (يېزىلىۋاتىدۇ...)
6. ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بار، ئۇسلۇب يېزىش قولايلىق.
-----------
بىلوگ قىسمەن كۆرۈنۈشلىرى:
1.باش بەت


2.ئارقا بەت


3. قاچىلاش بېتى


مەزكۇر بىلوگ سېستىمىسى PHP ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگەنمەكچى بولغان دوستلارنىڭ ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ. مەزكۇ بىلوگ سېستىمىسى Oyghan ۋوردپىرېس ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئالدى كۆرۈنمە يۈزىگە ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ، كومپيوتېر ۋە كۆچمە ئۈسكىنلەردە نۇرمال زىيارەت قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئەڭ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى مەزكۇر سېستىما پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئۇچۇق كودلۇق بۇلۇپ، خالىغان ئورۇن ۋە شەخىس ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ.
سېستىما تورى: www.qeyser.net
پىروگىرامما ئاچقۇچى: قەيسەر مۇتەللىپ
نۆۋەتتىكى نەشىرى: 1.0
چۈشۈرۈش ۋە مۇنازىرە چ چ توپى:6364475
مەزكۇر سېستىما 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي تارقىتىلماقچى، كەڭ پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرنىڭ ئىشلىتىپ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
mBektur + 15 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن12 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
شىنجاڭ 123 تورىدا يېڭىلىق : http://www.xj123.biz/

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-6-18 00:31:42
ھەجەپ سىپتا چىقىپتىكەن Emlog نىڭ ساندانىنى مۇشۇنىڭغا يۆتكىگىلى بولارمۇ ؟
بەك جىقمۇ ساندان يوقتى لېكىن ۋاقتىغا خېلى ئۇزۇن بولغان .
ئارقا بەت Emlog نىڭكىدەكلا ئىقتىدارلىق چىقىپتۇ SEO تەڭشەش ئىقتىدارىنىمۇ قوشىۋەتسىڭىز گۈل ئۈستىگە گۈل بولاركەن !
جاپار تارتىپ Emlog نى تەرجىمە قىلىپ كىتىپتىمىز تېخى
گىلەم
kadrla ۋاقتى: 2017-6-18 01:12:48
پاھ ، نېمىدېگەن ياخشى ئەمدى ئانا تىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى ئىشلىتالىغدەكمىز بولسا مۇشۇنىڭدەك بىلىوگلارقورۇلۇپ چىقسا. تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئورۇندۇق
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-6-18 07:47:08
رەھمەت ئىشلىتىپ باھا ۋە تەكلىپ بىرەي
5-قەۋەت
tirixqan008 ۋاقتى: 2017-6-18 11:07:39
كۆرۈنمە يۈزىى دەششەت پەيزى، بەك چىرايلىق،سىپتا چىقىپتۇ .
6-قەۋەت
keysarjan ۋاقتى: 2017-6-18 15:24:40
قوللاشلارغا كۆپ رەھمەت، بىلوگ سېستىمسىى ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ، دېققىتىڭلار بىلوگ ئاچقۇچى تەرەپ تور بېتىدە بولسۇن!
7-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-6-18 17:32:04
ئېسىل ئىش قىپسىز،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! ئۇسلۇب بازىرىنى پۈتتۈرۈپ بولسىڭىز بىر قانچە ئۇسلۇپ يېزىپ چىقىرىدىغان ئىشمىكى
8-قەۋەت
yusup2013 ۋاقتى: 2017-6-18 19:07:20
قاچىلغىلى  بولمايدىكەنغۇ.قاچلاش  بېتى  چىقمايۋاتدۇ   5.4  لىك  php لىق  بەت  ئىدى  بولمىسا
9-قەۋەت
keysarjan ۋاقتى: 2017-6-19 10:54:25
yusup2013 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-18 19:07
قاچىلغىلى  بولمايدىكەنغۇ.قاچلاش  بېتى  چىقمايۋاتدۇ   5.4  ...

قاچىلىغىلى بولىدۇ، سىزنىڭ بۇشلۇقىڭىز تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىلا.
بۇ دەرسىلىكنى كۆرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ: http://www.qeyser.net/video/
10-قەۋەت
talba ۋاقتى: 2017-6-19 12:41:36
قاچىلاش جەريانىدا ساندان ئۇچۇرىنى تولدۇرىدىغان بەتتە ھېچقانداق خاتالىق ئۇچۇرى ئەسكەرتمەي 页面错误!请稍后再试~دېگەن ئۇچۇر چىقىدىكەن . بولمىسا ساندان ئۇچۇرلىرى توغرا ، يەرلىككە قاچىلىغان . مۇشۇ ساندان ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرىدىغان باسقۇچقا خاتالىق ئۇچۇرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان قىلىپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
11-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2017-6-19 13:18:28
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئۈندىدار سالونىغا مەزمون يوللىغاندا ئارقا سوپىدا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆركەمرەك چىقىرىشنىڭ ئامالى بارمىدۇ ؟
12-قەۋەت
history0998 ۋاقتى: 2017-6-19 17:52:59
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
يىزىقىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتسىڭىز ....سىستىمىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭىرەك بولامدىكىن دەيمەن
13-قەۋەت
دىتالچى ۋاقتى: 2017-6-20 13:11:14
qqتوپىنىڭ جاۋابى نىمە؟؟
14-قەۋەت
MMON ۋاقتى: 2017-6-21 23:19:21
يۇمشاق دىتال ساھەسىدە ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان، جەميەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرۋاتقان جاپاكەشلەرگە رەھمەت!
15-قەۋەت
keysarjan ۋاقتى: 2017-7-8 11:51:36
دىتالچى يوللىغان ۋاقتى  2017-6-20 13:11
qqتوپىنىڭ جاۋابى نىمە؟؟

php دەپ يوللىسڭىز بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部