+تېما يوللاش
oyghanbeg.com يوللانغان ۋاقتى:2017-8-12 17:43 894 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئاۋۋال MYSQL دىكى 事务  ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى . 事务غا  ئەڭ ئاددىي تىلدا ئېنىقلىما بەرسەك ،بىر يۈرۈش ئۆز ئارا بېقىنىدىغان ساندان مەشخۇلاتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى .يەنى بۇ بىر يۈرۈش ساندان مەشخۇلاتىنىڭ ھەر بىرى  غەلبىلىك  تاماملانغاندا ئاندىن بىر قېتىملىق 事务 تاماملانغان بولىدۇ . دىمەك ياكى ھەممە مەشخۇلات چوقۇم غەلبىلىك بولىشى كىرەك ،ياكى ھەممە مەشخۇلات ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىشى كىرەك دەپ چۈشەنساك بولىدۇ .

事务 ئەمەلىي بىر مىسال ئالايلى .
مەسىلەن بىز سىستېمىدىكى بىر ئەزانى يۇيۋەتمەكچى بولساق دەيلى
(1) ئەزانىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى يۇيۋىتىشىمىز كىرەك . (ئەزا ئاساسلىق ئۇچۇرى جەدۋەلىدىن )
(2) ئەزانىڭ قوشۇمچە ئۇچۇرلىرىنى يۇيۋىتىشىمىز كىرەك ( قوشۇمچە جەدۋەلدىن )
(3) ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يۇيۋىتىشىمىز كىرەك .( ئەزالار يوللىغان تېمىلارنى دىمەكچىدە بۇ يەردە )
(4) ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى يۇيۋىتىشىمىز كىرەك .(ئىنكاس جەدىۋىلىدىن )
...
دىمەك يۇقارقى بىر يۈرۈش ساندان مەشخۇلاتى چوقۇم ھەممىسى غەلبىلىك بولغاندا ئاندىن ئەزا ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى ھەقىيقى مەنىدە تاماملانغان بولىدۇ .ناۋادا ئەزا ئاساسلىق ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈپ بولغان ھامانلا توك ئۆچۈپ قىلىپ ئاخىردىكى باشقا مەشخۇلاتلار تاماملانماي قالدى دەيلى ،بۇ ۋاقىتتا بىر قانچە جەدۋەلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئېگىسى يوقاپ كىتىدۇ ،دىمەك بىر قاتار ئەخلەت ئۇچۇرلار ھاسىللىنىدۇ دىگەن گەپ .

يەنە بىر مىسال :
Alipayنى مىسالغا ئالساق ، A ئادەم B ئادەمگە 100 يۈەن يۆتكىمەكچى بولسا ،ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ھىساباتىدىن 100 يۈەن چېقىم قىلىدۇ ، B ئادەمنىڭ ھىساباتىغا 100 يۈەن كىرىم بولىدۇ .دىمەك بۇ يەردە ئەڭ ئاز دىگەندە  ئىككى قېتىملىق مەشخۇلات چوقۇم غەلبىلىك بولىشى كىرەك .
(1) A ئادەمنىڭ ھىساباتىدىن 100 كوي ئازلايدۇ .
(2) B ئادەمنىڭ ھىساباتىغا 100 كوي جىقلايدۇ .
دىمەك يۇقارقىدەك مەسىلىلەرگە قارىتا MYSQL دىكى 事务 نى ئىشلىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى بايقايمىز .
ئەمدى php دا MYSQL دىكى  事务 نى بىر تەرەپ قىلىش توغۇرلۇق  نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى . مەن ئەمەلىي تۈر ئېچىش جەريانىدا دەل يۇقارقىدەك ئەزا ئۇچۇرىنى يۇيۇش مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىھتىياجغا دۇچ كەلدىم . (بۇ يەردە مەن yaf رامكىسى ئىشلەتكەن بولغاچ ،مۇشۇ رامكا ئاسىاسىدا 事务 ھاسىللاشنى مىسال ئالىمەن . ئەمەلىيەتتە مەيلى قانداق رامكا ئىشلىتىشمىزدىن قەتئىينەزەر ،事务 يېزىش چوڭ جەھەتتىن ئوخشىشىپ كىتىدۇ .)

ئاۋۋال تۆۋەندىكى كودقا قارايلى .

  1. UserModel->startTrans();
  2. //开启用户附加信息表的事务
  3. $this->UserAttachModel->startTrans();
  4. //开启用户相关文章表的事务
  5. $this->ArticleModel->startTrans();
  6. //...


  7. //具体业务逻辑实现
  8. $UserResult = $this->UserModel->where(['uid'=>1])->delete();
  9. $UserAttachResult = $this->UserAttachModel->where(['user_id'=>1])->delete();
  10. $ArticleResult = $this->ArticleModel->where(['user_id'=>1])->delete();


  11. if ($UserResult && $UserAttachResult && $ArticleResult)
  12. {

  13.         //提交事务
  14.         $this->UserModel->commit();
  15.         $this->UserAttachModel->commit();
  16.         $this->ArticleModel->commit();
  17.         //其他业务
  18.         //...

  19. }else{

  20.         //回滚事务
  21.         $this->UserModel->rollback();
  22.         $this->UserAttachModel->rollback();
  23.         $this->ArticleModel->rollback();
  24.         //...
  25. }

  26. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


يۇقارقى كودتىكى ()startTrans نى MySql دىكى START TRANSACTION بىلەن ئوخشاش دەپ قارىساق بولىدۇ . COMMIT ۋە ROLLBACK لەرمۇ ئوخشاشلا ()commit ۋە ()rollback ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ .يۇقارقىسى پەقەت ئاددىيلا بىر مىسال .تېخىمۇ ئىچىكرلەپ تەتقىق قىلىپ بىقىشنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە .

يازمىلاردا يىتەرسىلىكلەر ۋە خاتالىقلار بايقالسا تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن .
مەنبە : https://learnfans.com/post/60
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-13 11:49:02
事务نى نىم دەپ تەرجىمە قىلساق بولار ؟
گىلەم
oyqan1 ۋاقتى: 2017-8-13 20:32:25
  بۇنى ئىش ، خىزمەت ؛ لاۋىمات ئىشلىرى ،خوجىلىق ئىشلىرى دېسەك بولىدىكەن.
ئورۇندۇق
aslima998 ۋاقتى: 2017-8-14 00:03:55
oyqan1 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-13 20:32
بۇنى ئىش ، خىزمە ...

بۇ  تەرجىمە  数据库 دىكى 事务 نىڭ مەنىسنى ئىپادىلەپ بىرەممەيدۇ . بىر 事务 بىر گۇرپپا بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئىجىرا قىلغاندا چوقۇم شۇ بۇيرۇقنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشى ياكى ھەممىسى مەغلۇب بولىشى كىرەك . مىنىڭچە بولغاندا بىر گۇرپپا بۇيرۇق دەپ ئالسا بولغۇدەك ، باشقا بۇ مەنە چىقىدىغان سۆز ئويلىياممىدىم .
5-قەۋەت
boptula ۋاقتى: 2017-8-14 02:09:10
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ رەھمەت سىزگە
ھەي لىكىن بۇنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ھەل قىلسا بولماسمۇ ؟
关联 ئارقىلىق ،  MySql دىكى 外键 ئارقىلىق ،،، شۇنداق بولغاندا ئەزانى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم شۇ ئەزانىڭ مۇناسىۋەتلەشكەن بارلىق ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۋەتمىگۈچە ئۇ ئەزانى ئۆچۈرىمەن دىسەك ساندان ئۆزىلا رەت قىلىىپ ئۆچۈرگىلى ئۇنىمايدي ئەمەسمۇ
6-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-14 11:56:00
boptula يوللىغان ۋاقتى  2017-8-14 02:09
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ رەھمەت سىزگە
ھەي لىكىن بۇ ...

بۇ يەردە ئەزا ئۆچۈرۈش ئاددىيلام  بىرلام مىسال ئەمدى . لىكىن ئۇچۇر مىقدارى كۆپەيگەندە 关联 ئىشلەتسەك ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ . ئاندىن يەنە بەزى سىستېمىلاردا بىر قىسىم ئۇچۇرلار 3-تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىپ ،ئاندىن بىر پۈتۈن ئۇچۇر ھاسىل قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ھەم مەۋجۇت ،شۇڭا مەنچە 关联 بىلەن  事务 نىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار دەپ قارايمەن .سىز دىگەندەك ئۇسۇلمۇ مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسى ،توغرا دەيسىز !
7-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-14 11:57:39

ئابدۇكىرەم ئابلىزچە تەرجىمە بوپ قالدىمۇ قانداق ؟
8-قەۋەت
uycyber ۋاقتى: 2017-8-14 12:47:48
بۇنى سۆز بويچە تەرجىمە قىلسا ئابدۇكېرەم ئابلىزچە بولۇپ قالىدۇ، مەنچە بۇنى «شەرتلىك ۋەزىپە، شەرتلىك ھەرىكەت» دېگەندەك سۆزلەرگە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلىسە ياخشىراق چىقامدىكى.
لېكىن بۇيەردە شۇنداق دېيىشكەن بىلەن ھەر ئادەم ئۆزمەيلىچە ئىشلىتىۋېرىدۇ، مۇقىم تۇراقلىق ئاتالغۇ بولمىغاندىكىن.
9-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-8-15 02:23:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خىزمەتدىشىمدىن ئالىپقا ساندانغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدىن بىرى يوللىنىپتۇ دىگەننى ئاڭلاپلا ئىشىمنى تۈگىتىپ ئاندىن بەھوزۇر كۆرەي دىگەن مەقسەتتە مانا ھازىر تېمىڭىزنىمۇ كۆرۈپ بىلوگىڭىزنىمۇ ئارىلاپ ئەزا بولۇپ ئۈلگۈردۈم،

راستىنى دىسەم سۆيۈندۈم

سىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ باقسام،
بەلكىم بۇ مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ كاللامدىكى مەسىلىدۇ،

مەن تۇنجى پروگرامما ئۈگىنىشنى C# دىن باشلىغان، كىيىن Java ئۈگىنىپ باققان، كىيىن C, C++...
شۇنداق قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزەلمىسەممۇ ئالدىمغا كەپ قالسا ئىرىنىپ قالمايدىغانمۇ بولغان،

Visual Studio, IntellIJ IDEA, Eclipse دەك IDE لارنىڭ ياردىمىدە يۇقارقى كۈچلۈك ھەم قاتتىق گىرامماتىكىلىقى بار ئۇ تىللاردا پروگرامما يىزىپ يۈردۈم،
ئۇ ۋاقىتتا ئانچە ئۇقماپتىكەنمەن،
كىيىن HTML, CSS, JavaScript ئۈگەنگەندە بۇلارنىمۇ دەششەت ياقتۇردۇم،
بولۇپمۇ JavaScript ماڭا پەچەت تەسىر بەرگەن تىل ئىدى،
ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئىنىقلىغاندا سانلىق مەلۇمات تىپىنى ئەسكەرتمەيمىز، گىرامماتىكىلىقى ئۇنچىۋالا قاتتىق ئەمەس، بەكلا ئەركىن...

كىيىن شۇنىڭ تۈرتتكىسىدە Node.JS ئۈگەنگەنمۇ بوپتىمەن، ئۇنى بۇنى مىتكوتلاپ بىقىپتىمەن،
PHP مۇ ئۈگىنىپ بىقىپتىمەن،(ھازىر يەپ بولغان بولساممۇ)، بىر قىتىملىق شەنبە يەكشەنبىلىك دەم ئىلىشتا مۇنداقلا كۆرۈپ باققان باھانە بىلەن Python مۇ ئۈگەندىم،

ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۆز ۋاقتىدا مەن ئەركىن، گىرامماتىكىلىق تەلىپى يۇقىرى ئەمەس دەپ ئويلىغان بۇ تىللارنى ئىشلىتىپ بىرەر نىمىنى يىزىپ باققاندا بىلدىم
سانلىق مەلۇمات تىپىنى ئۇقمىغاچقا IDE مۇ مەلۇم كىلاسس ياكى ئوبىيكىتنىڭ خاسلىق, فۇنكىسىيە دىگەنلىرىنى ئەسكەرتىپ بىرەلمەيدىكەن ياكى يىتەرلىك ئەمەس،

گەرچە ئۆزى يازغان كود، ئامبارلارنى ئۆزى ئىشلىتەلىگەن بىلەن لىكىن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئامبار، فۇنكىسىيەلىرىنى ئىشلىتىمەن دىسە قانداق پارامىتىر بارىدۇ، قانداق تىپلىق...
ھەتتا ئۆزىىز يازغان بىر فۇنكىسىيەگىمۇ قانداق تىپلىق نەرسىنىڭ كىلىدىغىنىنىمۇ بىلەلمەيدىكەنمىز، بۇ خۇددى كۆزىنى يۇمۇپ كود يازغاندەكلا ئىش بولىدىكەن
ئىشقىلىپ پروگرامما تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنىڭ قىلىپى ئىچىدە پروگرامما يىزىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن

شۇڭا JavaScript نىقڭ ئورنىغا TypeScript ئىشلەتتىم، PHP غا كەلگەندە توختاپ قالدىم،
سەۋەبى يۇقاردا دىيىلگەندەك،
ھەتتا بەزىدە سىكرىپىت تىللاردا چوڭراق بىرەر ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالىمەن،
ئۇنى دىسەمغۇ نى نى چوڭ ئىشلار شۇ سىكرىپىت بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ،
دىمىسىمۇ ئۆز ۋاقتىدا Sublime دا C++ يىزىپ خاتالىقنى جايىدا تىپىپ پروگرامما يىزىپمۇ يۈرگەن بولمىسا

ئادەتتە سىز ئاساسلىق مەخسۇس PHP يازغاچقا ئۆزىڭىز ئىشلەتكەن فۇنكىسىيەگە قانداق تىپلىق نەرسىنىڭ كىلىدىغانلىقى، قايسى فۇنكىسىيەنىڭ قايسى Class قايسى NamesPace ئىچىدە ئىكەنلىكىگە پىششىق بولۇپ كىتىسىز شۇنداقمۇ؟

ھەممە ئادەم كۆنەلىگەن PHP, Python, JavaScript لارغا مەن كۆنەلمىگەندىكىن بۇ ئىنىقلا مەندىكى مەسىلە،

IDE نىڭ ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەۋسىيە قىلىدىغان ئۇسۇلىڭىز بولسا تەۋسىيە قىلمامسىز؟
10-قەۋەت
2_71828 ۋاقتى: 2017-8-15 11:58:17
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2017-8-15 02:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خىزمەتدىشىمدىن ئالىپقا ساندانغا  ...

توغرا دىدىڭىز،بۇنداق بەك ئەركىن بولۇپ كەتسە كۈنەلمەيدىكەن،جاۋا،س شاراپلاردا كود يېزىپ كۈنۈپ قالسا php,python لاردا كود يازسا پەقەتلا كۆنگىلى بولمايدىكەن.ئىشقىلىپ مەنمۇ php,python لارغا پەقەت كۆنەلمىدىم.
11-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-15 15:54:06
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2017-8-15 02:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خىزمەتدىشىمدىن ئالىپقا ساندانغا  ...

قارىغاندا خىلى جىق قازاندا قايناپ باققان ئوخشايسىز چاقچاق ھە ...
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ،مەن شۇ web كە ئالاقىدار بىلىملەردىن خەۋرىم بار بولغاچ مۇشۇ ھەقتە ئازراق ئىزدىنىشلىرىم ۋە تەرجىرىبىلىرىمنى سۆزلىسەم بولىدۇ . سىز دىگەندەك php سانلىق مەلۇمات تىپىغا قاتتىق ئۆلچەم قويمايدۇ (بۇرۇن شۇنداتى ).لىكىن ھازىر php7 ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ،phpمۇ بارا بارا يۇقىرى دەرىجىلىك تىللار مەسىلەن java,c# قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بارا بارا يۈزلىنىۋاتىدۇ ،مەسىلەن سانلىق مەلۇمات تىپلىرىغا سەزگۈر بولۇش ، ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن ھالدا پىروگرامما لاھىيلەش ئەندىزىسىنى ئاساس قىلىش  قاتارلىقلار .
ئۆزەمنىڭ كود يېزىش ئۇسلۇبىمغا كەلسەم ، مەنمۇ بارا بارا php نىڭ يېڭى نەشىرلىرىدە قوشۇلغان ئىقتىدارلار ۋە تەلەپلىرىگە مەسلاشقان ھالدا يازىمەن ،مەسىلەن بىرە فۇنكىسىيەگە پاراممىتىر ئەۋەتكەندە سانلىق مەلۇمات تىپلىرىنى ئەسكەرتىش ، قايتۇردىغان ئۇچۇرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە http ھالەت نومۇرى دىگەندەك . ئەمدى شۇ ئاساسلىقى ئۆزىمىزنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلىنىپ كود يازدىغان گەپكەن ،مۇندا يېزىش ئۆلچەملىك ئاندا يېزىش ئۆلچەمسىز دەپ يۈرسەكمۇ بولماس دەپ قارايمەن .
مەسىلەن ھازىر php نىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان رامكىسى laravel  نىڭ مۇنداق نامى بار . The PHP Framework For Web Artisans.  يەنى مۇنداقلا چۈشەنسەك laravel بولسا web ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرى . laravel پەقەت رامكا بولماستىن بەلكى كود ئارقىلىق يېزىلغان گۈزەل سەنئەت ئەسىرى .دىمەكچى laravel كودى پەقەت ۋە پەقەت كودلا بولماستىن ، گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدەك ئادەمگە بىر يىقىشلىق ،ھۇزۇر تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرالايدۇ دىمەكچىدە بۇ يەردە ....
ۋوي نىمدا قالايمىقان سۆزلەپ كەتتىمەي مەن ...

ئاندىن كود ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەنچە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ تەجىربىمىز ۋە پىروگراممىغا قانچىلىك پىششىقلىقىمىز ئەڭ ياخشى ئۇسۇلمىكىن دەيمەن ئۆزەمچە ..

جاۋابلار بەك قالايمىقان بوپ كەتتى ،ئىشقىلىپ بى چۈشىنەرسىز تۈزىتىپ قاملاشتۇرۇپ .
12-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-15 15:56:42
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2017-8-14 12:47
بۇنى سۆز بويچە تەرجىمە قىلسا ئابدۇكېرەم ئابلىزچە بولۇ ...

مىنىڭچە ماۋۇ تەھلىل ئەتراپلىق ھەم مۇۋاپپىق بولدى .
13-قەۋەت
oyghanbeg.com ۋاقتى: 2017-8-15 16:04:15
uycyber يوللىغان ۋاقتى  2017-8-14 12:47
بۇنى سۆز بويچە تەرجىمە قىلسا ئابدۇكېرەم ئابلىزچە بولۇ ...

مۇشۇنداق ئاتالغۇلار بىزنىڭ تىلدىمۇ بار بولۇشقا تېگىشلىك ئەسلى ،سىزدەك  بىزدەكلەر بار بارا ئومۇملاشتۇرساق ،بارا بارا تېخنىكا جەھەتتىكى ئاتالغۇلارنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزدا ئومۇملىشىغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولار دەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部