+تېما يوللاش
turan319 يوللانغان ۋاقتى:2016-8-8 01:56 8576 قېتىم كۆرۈلدى 137 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار ،  مۇشۇ خوڭمى نوت ئۈچ توغۇرلۇق مۇشۇ مۇنبەردە يازما يوق ئوخشايدۇ.  مىنىڭ بۇ تېلفوننى  ئېشلەتكىنىمگە بىر ئايدىن ئاشتى ، شۇڭا ئازراق تەسراتنى يىزىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسىقىسى قولۇمدىكى نۇبىيا z7  نىڭ ئىكىرانى چىقىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئالماشتۇراي دىسەم 200 دى ئارتۇق كىتىدىكەن، ئۆزەممۇ بۇ تېلفوندىن زىرىكىپ تۇرغان.  شۇنىڭ بىلەن مىيزۇ مىيلەن نوت ئۈچ ئىلىش ئىشتىياقىدا 15 كۈن ئۆتتى ئالالمىدىم. بازار باھاسىنى قىممەت كۆردىم ، شۇنىڭ بىلەن 899 غا خوڭمى نوت ئۈچ  ئۈچ تورلۇق نۇسقىسىنى چىداپ ئالدىم.
بۇ تېلفونىڭ مەن ھىس قىلغان ئالاھىدىلىكلىرى:
1. توكىغا ھەققىقەتەن گەپ كەتمەيدىكەن. قولۇمدىن چۈشۈرمىسەم بىر كۈندىن ئارتۇق يىتىدۇ. ئىشلەتمەي قويۇپ قويسا بىر كۈندە 7-8% توك تۈگەيدىكەن.
2. ھازىرغىچە قىتىۋىلىش ، سىغىم يەتمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.  ئۆزەم ئىشىلىتىدىغاننىڭ  ھەممىنى قاچىلدىم بولمىسا.
3.كەينى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرلغان بارماق تونۇش ئىقىتدارى بەك ياخشىكەن، قولنى تەككۈزۈپ قويسىلام ئىچىلىدىكەن. لىكىن ئالپاي ھەق تۆلەشنى قوللىمايدىكەن، ئاندىن ئەپللەرگە قۇلۇپ سىلىش ئىقىتىدارىغمۇ ئىشلەيدىكەن.
4. مىيزۇغا قارىغاندا سىگىنالىنى ياخشى ھىس قىلدىم.
5. 安兔兔,鲁大师  قاتارلىق دىتاللاردا نومۇر قويغۇزسام مىيزۇ مىيلەن نوت ئۈچتىن خىلى يۇقىرى نومۇر قويدى.
يارىمىغان تەرەپلىرى:
1. مىيزۇ مىيلەن نوت ئۈچتىن قىلىن، سىرتقى كۆرنىشى مىيزۇ مىيلەن نوت ئۈچكە يەتمەيدىكەن.
2. مۇشۇ تېلفوننىڭ ئاپىراتى مەن كۆرگەن ئىچىدە ئەڭ ناچار.  گەرچە كەينى 16 مىليون ، ئالدى 5مىليونلۇق بولسىمۇ بۇرۇن ئىشلەتكەن نۇبىيانىڭ 13 مىلونىڭ يىرىمىغىمۇ  توغرا كەلمەيدىكەن.
3. بىخەتەرلىك جەھەتتە مىيزۇنىڭ قولىغا  سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەن.
4. تېلفون ئۆزىگە قاچىلانغان دىتاللار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، يۇيغىلى بولمايدىغىنى ھە ...
ئەمدى بۇ تېلفوننى ئالماقىچى بولغانلارغا  تەۋسىيە ( شەخسى پىكىر ھە )
مەنچە بولسا ئامال بار مىيزۇ مىيلەن نوت 3 ئىلىڭلار ،  ئاپپارات ، تىزىلىك ، سىرتقى كۆرنۈش ، باتارىيە ھىچ تەرەپتىن قىلىشمايدۇ ، تىخى باھاسى 100 كوي ئەرزان.  قالغىنى ئۆزەڭلارنىڭ ياقتۇرشى........
ئەمدى شىيامى بىلەيزۈكى بىلەن خوڭمى نوت ئۈچنى بىللە ئىشلەتكەندىن كىيىنىكى تەسىرات:
شىيامى بىلەيزۈكى2  جىڭدوڭدىن تالىشىپ 169 غا سىتىۋالغان. تىيەنماۋدا 200 گىمۇ بەرمەيدىكەن.
كاساپات مەنچە ياخشى ئىشلەپتۇ. قەدەم سانى، خورىغان ئىنىرگىيە، ماڭغان ئارلىق دىگەنلەرنى رەسىمى توغرا ئۆلچەپ بىرىدىكەن. مەن دوختۇر بولغاچقىمۇ   يۈرەك رىتىمى ئۆلچەش تازا توغرا ئەمەستەك ھىس قىلدىم. ئاندىن سائەت بار جايدا تېفونىڭ قۇلۇپ مەخپى نومۇر كىرگۈزۈش ھاجەتسىزكەن، بۇ ئىقىتدارى بەك قولايكەن.  توك رەسىمى يىتىكەن، بۈگۈن 18 كۈن بولدى ، يانا 13% توك بار. ھە راس تىخى ئۇخلاش ۋاقىتى ئۆلچەش بەك توغىرىكەن. كۆپ قىتىم سىنىدىم . قوڭغۇراق ئەسكەرتىش ئىقىتىدارىمۇ باركەن تىخى.  كەلگەن تېلفون ، ؛ئۇچۇرلارنى تىتىرەپ ئەسكەرتىدكەن. نومۇر چىقىمايدۇ ھە........ بولدى بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي . ئەتە بىرلەشمە خەۋەرلىشنىڭ 20 يۈەنگە 3072 مىگابايت ئىقىم ئىلىشىنى يازىمەن خۇدا خالسا.....
ئاندىن  مۇشۇ جىڭدوڭدىن تالىشىپ ئالغان مىيزۇ مىيلەن 3s   دىن كۈمۈش ۋە قارا رەڭدىن بىر تالدىن ، شىياۋمى بىلەيزۈكىدىن بىر تال ئەتە 8-8 ئۈرۈمچىگە  كىلىدۇ لازىملار بولسا سىلىپ بىرىمەن.  ھە راس جىڭدوڭدىن ئاساسەن ھەرقانداق تىلفوننى تالىشىپ ئالالايدىغان بولاپ كەتتىم ھازىر. لازىملار ھايت  دەڭلار، ئۈندىدار :2233153133
تېلفون:18690177797
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

137ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
power ۋاقتى: 2016-8-22 00:53:05
kilimat يوللىغان ۋاقتى  2016-8-21 23:13
بۇ تېمىدىكى ئۇسۇل بويىچە سىستىمىنى يېڭىلىغىنى بولارم ...

سىناپ باقتىم قاملاشمىدى، ئاخىرى ئۇزى يېڭىلاندى ھازىر شۇنداق شاش ئىشلەۋاتىدۇ
تەۋسىيىلەش
ئاتەش119 ۋاقتى: 2016-8-8 12:36:52
مەن 分期乐 دىن شىياۋمى 5 تىن بىرنى زاكاز قىلىپ قويدۇم، پۇلىنى 24 ئايغا بۆلەپ تۆلەشكە، سىرتقى شەكلى، سەپلىمىلىرغۇ
يامان ئەمەسكەن، بىرخىل سىپتا، ئەمما ئىنكاسلارغا قارىسام
قىزىش ئەھۋالى بار دىيلىپتۇ، ئەمدى بۇ ئەھۋال ھەممە تىلفۇندا
بار مەلۇم نىسبەتتە، ئىشلىتىپ باققانلار تەسراتىڭلاردىن ئورتاقلاشساق
ئورۇندۇق
power ۋاقتى: 2016-8-8 11:22:37
سىز خوڭمى نوتې 3 نىڭ توكىغا گەپ كەتمەيدىكەن دەيسىز مىنىڭ ئىشلىتىشىمگە بىر كۈن ئاران يىتىۋاتىدۇ،  شىياۋمى 4 كە قارىغاندا پەقەت يەتمەيدىكەن، بولمىسا ئۇيۇن ئويناپ كەتمەيمەن، ئاپراتنىڭ 16 مىليون ئىكەنلىكىگە پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، قىزىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر ئىكەن، قېتىپ قېلىش قايتا قوزغۇلۇپ كىتىش دىگەندەك ئەھۋاللار نەچچە قېتىم كۈرلۈپ بولدى، سىستىما نەشىرى بىر قېتىممۇ كۈتۈرلۈپ باقمىدى سىستىما نەشىرىنى كۈتۈرەلىگەن بولسام بۇ مەسلىمۇ ھەل بۇلىدۇ دەپ قارايمەن، مەن ئىشلىتىۋاتقىلى 4 ئاي بوپ قالدى ھازىرغىچە زاۋۇت قۇلۇپىنىمۇ يىشەلمىدىم، قڭلۇپ يىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر كەلگەندىن كىيىن يىشەي دىسەم ئىلتىماس قىلغان نۇمۇر بىردەك ئەمەس دەمدۇ بىر نىمىلەنى دەپلا ئۇنىمۇ يىشەلمىدىم، بۇ تىلفۇننى ئالغانغىمۇ تۇيۇپلا كەتتىم ئۇنى ئاز دىگەندەك بۇنىڭغا قاچىلانغان ئەپلەرمۇ بەكلا كۆپكەن ئۇنىمۇ يۇيۋىتەلمىدىم شىياۋمى 4 نى سېغىنىپ قېلۋاتىمەن بۇنداق ئەھۋاللاردىن بىرسىمۇ كۇرلۇپ باقمىغان ئىدى......




5-قەۋەت
于于于于于 ۋاقتى: 2016-8-8 11:23:20
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ
6-قەۋەت
zufar01 ۋاقتى: 2016-8-8 11:24:12
ئەمىسە مەن سىزنى قوشۇۋالدىم.
7-قەۋەت
zufar01 ۋاقتى: 2016-8-8 11:25:59
ماڭا جىڭدۇڭدىن مال تالىشىپ مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز.
8-قەۋەت
于于于于于 ۋاقتى: 2016-8-8 11:26:22
بىرلەشمىنىڭ 20يۈەنگە 3072 مىگابايىت بېرىدۇ دەپسىز قېنى قانداق سېتىۋالىمىز چۈشەندۈرۈپ قويمامسىز.

باھا سۆز

noh
10010 غا 9023 نى يوللايسىز ئاندىن كىيىن ي ھەرىپىنى يوللىسىڭىز 10 كويغا 1.5 جى تور ئې.....  ۋاقتى: 2016-8-8 15:24
9-قەۋەت
turan319 ۋاقتى: 2016-8-8 11:26:51
مىنىڭ قولۇمدىكى تېلفوننىڭ  توكى  شۇنداق  ياخشى  يىتىدۇ،  مىنىڭ  سىستىما نەشىرى 7.5 ،  راس   ئاپپارات  دەششەت  ناچاركەن
10-قەۋەت
ansar2008 ۋاقتى: 2016-8-8 11:28:11
بىلەيزۇكنى مەن ئالاي
11-قەۋەت
uystar ۋاقتى: 2016-8-8 11:28:56
20 يۈەنگە 3گېگابيت؟ مېنىڭ 50 يۈەنگە 3گېگبايتلىق تور كارتىسى ئىدى، مەن زىيان تارتىۋاتامدىم نېمە؟
12-قەۋەت
power ۋاقتى: 2016-8-8 11:47:25
uystar يوللىغان ۋاقتى  2016-8-8 11:28
20 يۈەنگە 3گېگابيت؟ مېنىڭ 50 يۈەنگە 3گېگبايتلىق تور كارتى ...

سىز قايسى زاماندىكى كارتىنى ئىشلىتىپ يۈرۈيسىز
ھازىر 10يۈەنگە 1.5 گ تور ئېچىپ بقردىغان تۇرسا
13-قەۋەت
u9000 ۋاقتى: 2016-8-8 12:15:50
راس مېيلەن نوت 3ھەقىقەتەن پەيزى مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن بۇرۇن نوت2ئىشلەتكەن ھازىر مېيزۇدىن باشقا تېلفۇننى ئىشلەتكۈم كەلمەيدۇ بولمىسا ئەقلىيفون چىققاندىن بۇيان ھەممە ماركىدىكى تېلفۇنلارنى ئىشلىتىپ باقتىم ئىشقىلىپ مېيزۇدىن خېلى رازى بولدۇ
14-قەۋەت
زاھېر ۋاقتى: 2016-8-8 12:39:46
ئىشلەتمەي قويۇپ قويسا بىركۆندە ئاران  %7   %8  توك سەرىپ قىلامدىكەن ، بۇلدىكەنغۇ ئەمىسە  ئۇنكۆندىنمۇ ئۇزاق يىتىدۇ دىگەن گەپ
15-قەۋەت
omarjannur ۋاقتى: 2016-8-8 12:42:00
پائالىيەت بىر كۈنلا ئشلەتكىلى بۇلدۇ ئۇ ئىقىمنى
16-قەۋەت
زاھېر ۋاقتى: 2016-8-8 12:53:11
شاۋمىغا ئوخشاش ئىستىمالچىلارنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالدىغانلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەردە جان باقالمايدۇ  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部