+تېما يوللاش
pinhan يوللانغان ۋاقتى:2017-6-7 23:25 3258 قېتىم كۆرۈلدى 41 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
‎بۇ ئۇچۇر باشقىلارغا ئانچە مۇھىم بىلىنمەسلىكى مۇمكىن . ئەمما ماڭا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئۇچۇر بولدى .
تېلفۇن سېستىمىسىنى ئايئوئەس 11 غا يېڭىلىغاندىن كىيىن ، دىققىتىمنى تارتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتا خەت نۇسخىسىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ چىرايلىقلاشقىنى بولۇپ ، بۇرۇنقىدەك ئالما دېگەندەك ئوتتۇرا م كېلىدىغان جايلاردىمۇ م ھەرىپىنىڭ كۆرۈنەرلىك چوڭايتىلغانلىقى ، قاتلىشىپ قېلىپ كۆزگە چېلىقماسلىق مەسىلىسنىڭ كۆرۈلمەسلىكى مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى ، ئەگەر ئاندىروئىدنىڭ يېڭى نەشىرىگىمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان ياكى بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق خەت نۇسخىسى قۇشۇلسا بۇنىڭدىن كىيىنكى بەت ياساش ئىشلىرىدا ھەر قايسى كۆرگۈچلەر ئۈچۈن ئايرىم خەت نۇسخىسى ئېسىپ پىروگىراممىنى ئېغىرلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى . ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئېنگىلىزچە ، خەنزۇچە خەتلەر ۋە سانلار بىلەن بىر يەردە كەلگەندە نورمالسىز بولۇپ قېلىشى يەنى يېزىق ئورنىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىش مەسلىسىنى ئۆلچەملىك بىر فونت ياساپ مەشغۇلات سېستىمىلىرىغا تەمىنلىسەك ، ئۇلار مۇۋاپىق كۆرۈپ سېستىمىغا قوشۇپ قالسا ئاندىن ئوڭشىلىپ قالاردى. بىر كۈنلىرى بىزنىڭمۇ ئۆلچەملىك بىر خەت نۇسخىمىز بولۇپ قالار .

تۆۋەندە كەسمە رەسىملەر بېرىلدى .



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

41ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
turhun717 ۋاقتى: 2017-6-9 12:43:25
ios11 دىكى ئۇيغۇرچە خەت چىرايلىق چىقىپتۇ باشقا 9-10 ios لارغا قارىغاندا .. ئەمدى تۈرمىدىن قاچۇرۈشىنى ساقلمىساممۇ بولىدىكەن.
تەۋسىيىلەش
pinhan ۋاقتى: 2017-6-8 21:52:40
pcchi يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 18:33
ماڭا قاراڭ ئاغزىمغا كەلدى دەپلا گەپنى دەۋەگۈلۈك ئەمە ...

بىلمىگەن نەرسە توغرىسىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئاتىكاچىلىق قىلىشنى ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەش دەيمىز ، پوقنى بىلمەي تۇرۇپ ھەممىنى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالسا دەلىلى بار ، جىڭغا توختايدىغان گەپنىڭ ئالدىدا ئاشۇنداق يول قۇيۇپ تۇرىدىغان ئىش چىقىدۇ .
تەۋسىيىلەش
pinhan ۋاقتى: 2017-6-8 15:55:27
pcchi يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 14:35
ۋاي سىز نىمىشقا ئۇقماي قالغانسىز مەن شىياۋمى يانفۇنغ ...

ئۇكام ، ماڭا ئالدى پەشلىك قىلماڭە . ئۇسلۇب بازىرىغا چىقارغاننى مۇشۇ بىزنىڭ پىروگىراممىر باللا چىقارغان خەت نۇسخسى ئۇ . ئورگان تەرەپتىن تېخى ماۋۇ خەت نۇسخسىنى ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ دەپ تارقاتقىنى يوق . شىيامىنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلار ۋە مۇقىم نەشىرىگە ئۇيغۇرچە قۇشۇلۇپ بولغىنىنى ماڭا دەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . رەھمىتىمنى ئېلىپ چىقىپ بىڭگۈر يەپ كىرىڭ .
ئالما تېلفۇندا نورمال چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە خەتنىڭ كەسمە رەسىمىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بىلەلمەي قالغان بولسىڭىز كۆزىڭىز بىلەن ئەقلىڭىزنى تەكشۈرتۈپ  بېقىڭ ، بەلكىم دوختۇرلار يەسلى باللىرىنىڭ تېلفۇن ئوينىشىنى چەكلىشى مۇمكىن . دىققەت قىلىڭ .
5-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-6-7 23:27:26
مېنىڭچە ئەمدى زادىلا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ يەنى سېستىمىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھوقوقىنى بۇزۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى .
6-قەۋەت
pcchi ۋاقتى: 2017-6-8 00:00:47
ۋاي مۇشۇ خەت چىرايلىقمۇ ما شىياۋمى يانفۇنلىرنىڭ ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن خەت نۇسقىسى باغۇ شۇنىڭدا ئۇيغۇرچە خەت ھەقىقىي ئۆلچەملىك چىقىدۇ سىستىمىغا ھىچقانداق تەسىرى يوق
7-قەۋەت
hakisa ۋاقتى: 2017-6-8 00:02:43
ئالىي دەرىجىلىك ھۇقۇقىنى بۇزۇپ تاشلىمىسا پەچەت ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمىسا  ئالمىنىڭ مۇشۇ ئىشى ئالما يانفۇننى ئىشلىتىش قىزغىنلىقىمنى يوققا چىقارغان سەۋەپلەرنىڭ چۇڭى
8-قەۋەت
مەجىنۇن ۋاقتى: 2017-6-8 00:11:43
ئاشۇ خەتلەرنى چىرايلىق دەۋاتامسىز؟ئاندىروئىدقا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ قوپالكەن ،
9-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-6-8 00:21:49
     ئاندىرويىدتا ئۇيغۇرچىنى قوللاشنى ئەڭ دەسلىۋىدە ئىشقا ئاشۇرغان SONY نىڭ خەت شەكلىگە ئوخشايدىكەن.
10-قەۋەت
ansar630 ۋاقتى: 2017-6-8 01:10:42
خەت نۇسخىسىغا يەنىمۇ چىداپ مۇشۇ ئالىپ تورىنىڭ خەت نۇسخىسىدەك قىلىۋەتكەن بولسا ئارمان قالمايتتى دە . فونت ئۈچۈنلا قاچۇرىمەندە كاساپەتنى .
11-قەۋەت
bahadir5002 ۋاقتى: 2017-6-8 03:16:13
نۇمۇر ئىزدەش ئىقتىدارى قۇشۇلۇپ كەتكەن بولسا، يەنە ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلغىلى بولسا تۇرمىدىن قاچۇرمىساقمۇ بۇلاتتى؟  10.3.1يا تۈرمىدىن قاچمىدى؟ قاچانمۇ قاچا،ساقلاۋاتىمەن ئىنتىزارلىق بىلەن ؟
12-قەۋەت
dana2013 ۋاقتى: 2017-6-8 06:03:24
بۇلارنىڭ يېڭىلىق قوشمىغى بەك تەس جۇمۇ ،11دە بولسىمۇ ئازراق يېڭىلىق باكەن ھە ،سىگنال بەلگىسى ios 6 نىڭكى بىلەن ئوخشاش بوپتۇ تېخى  ،توك خۇراش ئەھۋاللىرى قانداقراق ئىكەن ؟مەن رەسمى نوسخىسى چىققاندا بىراقلا يېڭىلاي
13-قەۋەت
delyar ۋاقتى: 2017-6-8 10:04:39
سېگنال بەلگىسىنى ياختۇرمۇدۇم   ،  ئەسلىدىكى  چەمبەر شەكلىگە قايتۇرغىلى بولامۇ؟؟
14-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2017-6-8 11:24:30
چۈشەنسەك تېخى ئاشۇ زامانىۋى سۈپەت خەت شەكلىدۇر.
15-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-6-8 12:28:50
خەت شەكىلى راسلا سەتكەن ،سىگنال بەلگىسىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىپ زاپەر ئاندىرويىد سېستىمىلاغا ئوخشاپ قاپتۇ بارغانسىرى بىرنىم بولاۋاتىدۇ جۇمۇ ئىشقىلىپ
16-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-6-8 12:35:00
pcchi يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 00:00
ۋاي مۇشۇ خەت چىرايلىقمۇ ما شىياۋمى يانفۇنلىرنىڭ ئورگا ...

بىرەر يانفۇن كارخانىسىنىڭ ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى تەمىنلىگەن ئىشىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ يەرگە كەسمە رەسىمىنى يوللاپ قويامسىز ؟
17-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-6-8 12:35:23
hakisa يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 00:02
ئالىي دەرىجىلىك ھۇقۇقىنى بۇزۇپ تاشلىمىسا پەچەت ئىقتىد ...

قانداق پەچەت ئىقتىدارلارنى دەيسىز ؟
18-قەۋەت
pinhan ۋاقتى: 2017-6-8 12:36:30
ansar630 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 01:10
خەت نۇسخىسىغا يەنىمۇ چىداپ مۇشۇ ئالىپ تورىنىڭ خەت نۇسخ ...

خەققە سۇنغۇدەك بىرەر ئۆلچەملىك خەت نۇسخىمىز بولمىسا خەقمۇ قوشمايدۇ دە . ئەينى چاغدا ئۆلچەملىك خەت نۇسخىمىز بولسا ھەقلىق بولسىمۇ سېتىۋالدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن ئالما تەرەپمۇ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部