+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:4 كۈن بۇرۇن 2405 قېتىم كۆرۈلدى 28 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن سائەت 14 تە شىياۋمى شىركىتى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە زالىدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىندا شىياۋمى MIX 2 پۈتۈن ئېكرانلىق يانفوننى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىياۋمى  Note 3 يانفونى، شىياۋمى Pro خاتىرە كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلدى.




شىياۋمى MIX 2 گە 5.99 دىيۇملۇق 18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران ئىشلىتىلگەن. يانفون گەۋدىسىگە چاقچۇق، گىرۋىكىگە ئاليۇمىن بىرىكمىسى ئىشلىتىلگەن، پۈتۈن گەۋدىسدە ھېچقانداق يۇچۇق يوق، ئىنتايىن چىرايلىق، سىپتا. بىرىنجى ئەۋلاد MIX قا قارىغاندا %2.5 نېپىز، %11.5 يېنىك.
LTE تۆت يوللۇق ئانتېنا تېخنىكىسى قوللىنىلغان. 4G سىگنالىنى قۇبۇللىشى كۈچلۈك ۋە مۇقىم، تور تېزلىكى %100 تېزلىتىلگەن. يەر شارى بويچە 6 مودېل 43 چاستوتدىكى ھەممە چاستوتا بۆلىكىنى قوللايدۇ. ئىگە تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە قۇملۇقتىكى ئەلئېھرامدىمۇ يانفون سىگنالىنى قوبۇللىيالايدىكەن. (شىنجاڭنىڭ قۇملۇق، جاڭگاللىرىدا سىگنال چىقامدۇ چىقمامدۇ ئىنژېنىرغا ئامانەت) ، قوش ADC يۇقىرى سۈزۈكلۈكتە ئاۋاز ئالالايدۇ.
سەپلىمىسى جەھەتتە: كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەگەن. 6GB + 64 GB نىڭ باھاسى 3299 يۈەن، 128 GB نىڭ باھاسى 3599 يۈەن، 256 GB نىڭ باھاسى 3999 يۈەن.

كامېراسىغا شىياۋمى 6 گە ئوخشاش سونىي IMX386,1.25μm سېنزور ئىشلىتىلگەن. تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تىتىرەشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى بار. ھەرىكەت ھالىتىدە، قاراڭغۇدا مۇقىم سۈرەتكە تارتالايدۇ.





ئۇنىڭدىن باشقا MIX 2 نىڭ ئالىي نۇسخىسىمۇ بار. ئالىي نۇسخىسىغا  8GB ئىچكى ساقلىغۇچ ، 128GB ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن. باھاسى 4699 يۈەن. باشقا سەپلىمىلىرى يۇقارقىغا ئوخشايدۇ. گەۋدىسىگە ئىشلىتىلگەن چاقچۇق سەككىز قۇرئىي ئۇچىقىدا ℃1400 لۇق تېمپراتۇرىدا 7 كۈن تاۋلانغان. 240 توننا بېسىمدا پىرىسلىنىپ ياسالغان. ئاق ۋە قارا ئىككى خىل نۇسخىسى بار.
شىياۋمى MIX 2 يانفونى مۇشۇ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.

بۈگۈنكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە شىياۋمى  Note 3 ئېلان قىلىندى.

شىياۋمى  Note 3 كە 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، قوش ئەينەك+مېتال رامكا لايىھەسى قوللىنىلغان. كۇۋالكوم 660 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 3500mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن. تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. ئالدى تەرەپتىكى كامېراسى 16 مىليون پىكسېلغا ئۆستۈرۈلگەن. ئارقا تەرەپتىكى كامېراسى شىياۋمى 6 گە ئوخشاش قوش كامېرا.


شىياۋمى  Note 3 سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەم چىرايىنى تونۇش سىستېمىسى تەمىنلەنگەن، ئادەم چىرايى ئارقىلىق يانفون قۇلپىسنى ئاچقىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئىقتىدارلىق NFC نى قوللايدۇ. باھاسى  64/128/256 نىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا  2499/2899/2999 يۈەن.
شىياۋمى  Note 3 ئەتىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

28ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
XaTuR007 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
MIX2ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ شاۋمىي6سېتىۋالغان ئىدىم مۇشۇ كۈنلەردە يانچۇقتا ئالما بولامدۇ بانان بولامدۇ شۇنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك تىلفۇننىڭ  نۇچىسىنى ئىشلىتىمەن دىگۈچە
گىلەم
بۈركۈت11 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئاۋۇ ئالى نۇسخىنىڭ 8G رام  ئارتۇقچىلىقىلا بارمۇ دەيمەن ، نىمانداق قىممەت ، ئىشلىتىپ باققان ۋاقتىڭلاردا تەسىراتىڭلارنى يېزۋىتەرسىلەر باللار
ئورۇندۇق
ئاتەش11 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
  ھەقىقەتەن ئېسىل كۆركەم چىقىپتۇ. يەنىلا باھا جەھەتتە شىياۋمى يارايدۇ.
5-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ئىلان قىلىش ىغىنىنىڭ پۈتۈن جەرياننى كۆرۈپ چىقتىم ،يامان ئەمەس چىققاندەك قىلىدۇ ،لىكىن قاملاشمىغان يىرى mix2نىڭ ئالدى كامىراسى ئاران بەش  مىليۇن ،ئارقا كامىراسى 12مىليۇنكەن ،يەنە كىلىپ ئالدى كامىراسى ئاستىغا ئورونلاشتۇرۇلۇپتۇ ،باتارىيەسىمۇ ئاران 3400.
لىكىن note3يامان ئەمەس چىققاندەك قىلىدۇ.
6-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
سەككىز  قۇررى ئۇچىقىدا ،  ھى ھى ھى   بۇ ھېلىقى سۇن مايمۇننى  كۆيدۈرگەن  ئۇچاق  شۇمۇ  ھۇ ھا ھا ھا
7-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
شىياۋمى note3  چىرايلىقكەن كىيىنچە بىرەرنى سېتىۋالغۇدەكمەن
8-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
بىزنىڭ بىر تۇنۇش ئادەم ئاپتىكەن،شاۋمى mx2دىن بىرنى 1600يۈەنگە.64جىلىق ئىكەن،usbسىم ئېغىزمۇ ئاندىرويىد يانفۇننىڭ سىمى چۈشمەيدىكەن،لىكىن ئېكران پۈتۈن ئەمەسكەن،ماۋۇ تىمىدا دىگىنى يېڭى ئەۋلات mx2مىدۇ يا
9-قەۋەت
asr ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ۋاۋ قالتىسقۇ   لىكىن  ئاپارات  يەنىلا  سونىينىڭ يېڭى يانفونىغا يەتمىگۈدەك     ھەراس  mix2 ئالاھىدە نۇسخىسى چېقىلمامدۇ قانداق ؟
10-قەۋەت
永远爱情)╲_╲_ ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
ۋاھ بەك ياخشى بولدى مىنىڭچە نوتې 3 ياخشىكەن  باھاسىمۇ جايىدا
11-قەۋەت
غازى ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
بەك ئالغۇم كەلدى،لىكىن پۇلنى جىقراق تاپقاندا يانچۇقتكىنى يۈرەكلىك ئىشلىتەلىگۈدەك بولغاندا ئالامەن ،ئۇنىڭغىچە يەنىمۇ ئىلغارراق چىقا ، ھەراس بەزىلەر مىيۇ 9 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن ،بۇ سىستېما تارقىتىلدىما؟
12-قەۋەت
چېلىشچى ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2017-9-11 17:30
بىزنىڭ بىر تۇنۇش ئادەم ئاپتىكەن،شاۋمى mx2دىن بىرنى 1600يۈ ...

سىز دېگىنى max, تېمىدا ئېيتىلغىنى mix
13-قەۋەت
چېلىشچى ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
لېكىن نوت 3 ئېكرانى كىچىك بولۇپ قاپتۇ.
14-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
OLED بىلەن AMOLED ئىككىسى بىر ئېكرانمۇ ياكى باشقا-باشقىمۇ؟ ئىككىسى ئىككى خىل ئېكران بولسا قانداق ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكلىرى بار؟ قايسىسى ياخشى؟...... مۇشۇ توغىرلىقمۇ بىر تىما يىزىلىپ كەتكەن بولسا، مەن مۇنبەرنى ئاقتۇرۇپ بۇ توغىرلىق يىزىلغان تىمىنى تاپالمىدىم( ياكى ئىزدەش ئۇسۇلۇمدا تاپالماي قالدىممۇ بىلمىدىم)
15-قەۋەت
power ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
نوت3 ئەگمە ئىكران ئەمەسمۇ نىمە؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部