+تېما يوللاش
uyghurdetal يوللانغان ۋاقتى:2016-11-19 16:35 6270 قېتىم كۆرۈلدى 109 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر oppo r7 plus بار ئىدى. قوش كارتىلىق.
چاتاق يېرى شۇ يانفوندا بىر تېلېگراف كارتىغا يانداپ كۆچمە ياكى بىرلەشمىنىڭ كارتىسىنى سېلىپ، كۆچمە ياكى بىرلەشمە كارتىدا تورغا چىقسا، تېلېگراف كارتىنىڭ سېگنالى پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىكەن.
يەنى تېلېگراف كارتىغا تېلېفون ئۇرسىمۇ ئۇلانمىدى دەيدىكەن. ئىگە تەرەپ ۋە باشقا تور بەتلەرگە قارىساممۇ مۇشۇ ھەقتە قاقشىغانلار جىق ئىكەن.

باشقا يانفونمۇ شۇنداقمىدۇ دەپ يەنە بىر huawei g9 نى سىنىساممۇ، كۆچمە ياكى بىرلەشمە كارتىنىڭ تورىنى ئاچسام تېلېگرافنىڭ سېگنالى يوقاپ كەتتى.
يانفونلارنىڭ توردىكى ئېلانىدىغۇ ئۈچ تورلۇق، كۆچمە، بىرلەشمە، تېلېگراف ھەممىسىدە تورغا چىقالايسىز دپلا يېزىپ قويىدىكەن.  لېكىن بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىلەرنى يازمايدىكەن جىقلىرى.
ھەل قىلىش چارىسى بارمىدۇ دەپ قارىسام ئۇچرىغان جاۋابنىڭ كۆپىنچىسى يانفون ئالماشتۇرۇش دەپ تۇرىدۇ.

ئەمدى نەق گەپنى دېسەم، مۇشۇنداق ئۈچ تورنىڭ ھەممىسىنى قوللايدىغان، بىرسىنىڭ تورى بىرسىنىڭ سېگنالىغا تاقاشمايدىغان، بىرسىنىڭ سېگنالى بىرسىنىڭ تورىغا تاقاشمايدىغان،
تېلېگراف كارتىغا يانداپ كۆچمە ۋە بىرلەشمە كارتىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تورىنى ئاچسا تېلېگراف كارتىنىڭ سېگنالى يوقاپ كەتمەيدىغان)، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈڭلار ئىشلىتىپ باققان قوش كارتىلىق يانفون تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

109ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
غازى ۋاقتى: 2016-11-19 16:44:16
سامسۇڭ ئىلىڭە بىر بىرىگە  دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ ئىككى كارتىغا بىر بىرىگە  تىلفون قىلسڭىز  كىلىدۇ يەنە بىرىگە شىياۋمى  بولارمىكىن
گىلەم
arman67 ۋاقتى: 2016-11-19 16:45:58
شاۋمى maxنى قەتئى تەۋسيە قىلمەن 32gياكى64gلىقنى ئېلڭ  توكىمۇ تۇلۇق ئۇينسڭز 2كۇن يىتدۇ   مەنمۇ ليەنتۇڭدا تورغا چقمەن تلگرافتا سۆزلشمەن   بەك ياخسى بۇ تلفۇن   قالغان تەپسلى بىلمەكچى بولسڭز  502783635  نى قاچلاڭ
ئورۇندۇق
ئىزلەپ ۋاقتى: 2016-11-19 16:46:39
مەن شىئاۋمى ماش 小米Max  ئىشلىتىۋاتىمەن ، تېلىگراف، بىرلەشمە تەڭ ئىشلەتسەم قايسىدا تورغا چىقسام بىر بىرىگە تەسىر كۆرسەتمىدى ،  لېكىن يالغۇز ئىشلىتەي ياكى بىرلەشمە بىلەن بىللە ئىشلىتەي ئوخشاشلا بەزى بەزى تېلىگرافنىڭ سېگنالى يوق

Screenshot_2016-11-19-16-44-28-455_com.android.browser.png (22.01 KB, چۈشۈرۈش سانى: 13)

Screenshot_2016-11-19-16-44-28-455_com.android.browser.png
5-قەۋەت
arman67 ۋاقتى: 2016-11-19 16:48:08
چۇنكى باتاريەسى 4850مىللى ئامپىرلىق مۇشۇندا چوڭ سىغملق باتاريەسى بار تلفۇن باشقىسى يوق بەلكىم  شەخسى قارشىم
بارماق تۇنشمۇ بەك تىز
6-قەۋەت
ئىزلەپ ۋاقتى: 2016-11-19 16:48:10
OPPO r7 plus  نى مەن ئىشلەتكەن يېڭى چىققاندا ئۇنداق ئەھۋال يوقتى
7-قەۋەت
arman67 ۋاقتى: 2016-11-19 16:49:40
ئېكراننى چوڭ كۆرمىسڭزلا
8-قەۋەت
power ۋاقتى: 2016-11-19 17:07:49
شىياۋمى5 ئېلىڭ ھازىر باھاسى خىلى مۇۋاپىقكەن، سىستىمىسنى ئۇيغۇرچىغا توغۇرلاپ ئىشلىتەلەيسىز، مىنىڭ شەخسى تەۋسىيەرىم، شىياۋمى بىلەن خۇشى يوقلار سۆزلەپ كەتمەڭلا ئەمدى
9-قەۋەت
BORAN ۋاقتى: 2016-11-19 17:17:27
power يوللىغان ۋاقتى  2016-11-19 17:07
شىياۋمى5 ئېلىڭ ھازىر باھاسى خىلى مۇۋاپىقكەن، سىستىمىس ...

مىز ئۇ 20 دېگەندە ئېلىڭە.مەن ئىشلەتكەنتىم بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ.
10-قەۋەت
isyan ۋاقتى: 2016-11-19 17:23:52
p9 ئۇنداق ئەمەستى
11-قەۋەت
دۇدۇ ۋاقتى: 2016-11-19 17:27:13
مىنىڭ تەۋسىيەرىم خوڭمى 3s ئ‍ېلىڭ باھاسىمۇ مۇۋاپىق ھەم يۇقاردا سىز دىگەندەك چاتاقلار بۇ يانفۇندىن تېپىلمايدۇ،مەن يېڭى چىققاندىن باشلاپلا ئ‍ىشلىتىۋاتىمەن…
12-قەۋەت
arman67 ۋاقتى: 2016-11-19 17:32:51
شاۋمنىڭ كىنى ئالسڭز  ئۇيغۇرچە ئورگان تەرەپتىن قېتلپ مۇ بولدى
13-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2016-11-19 17:38:21
شىياۋمى نوت ئېلىڭ 64gلىقىنى رازى بوپ قالىسىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە ئىشىلتىسىز
14-قەۋەت
تەنھا530 ۋاقتى: 2016-11-19 17:41:07
مەن مېيزۇ ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئىككى كارتا سېلىقلىق ، قايسىسىنىڭ تورىنى ئاچماقچى بولسام شۇنى تاللاپلا چىقىۋېرمەن ، ھازىرقى ئىككى كارتىنىڭ بىرسى بىرلەشمىنىڭ بىرسى تېلگىرافنىڭ ، ھەرقانداق كارتا 4g قوللايدۇ
15-قەۋەت
eli138 ۋاقتى: 2016-11-19 17:42:58
مىيزۇ3sئالسىڭىزمۇ بۇلۇدۇ،باھاسى مۇۋاپىق،899يۇەن سەپلىمىسى ئىچكى ساقلىغۇچ3gسىغىمى32g ئېكرانى 5دىيۇم.مەن سىتىۋالغىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى،تىلگىراف ۋە كۇچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى سېلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن،سىز يۇلۇققاندەك ئەھۋال كۇرۇلمىدى،ئىككىلا كارتىدا شۇنداق نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部