+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-31 11:58 1635 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا بىر قېتىملىق كەسپىي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا شېنجىن شەھەرلىك ئىستېمالچىلار كومىتېتى، شېنجېن سۈپەت ، ئىستېمال تەتقىقات ئورنى «2017-يىللىق بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى سېلىشتۇرۇپ سىناش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.

بۇ دوكلاتتا بازاردا سېتىلىۋاتقان خۇاۋېي، 小天才 قاتارلىق 10 خىل ئاساسلىق بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى كۆپ خىل ئۆلچەملەر بىلەن باھالاپ، سىنىغان. سىناشتا كەسپى خادىملار ۋە ئۈچۈنجى تەرەپ تەكشۈرۈش ئورگىنى توردىن ۋە ئەمەلىي دۇكاندىن 10 خىل ماركىدىكى سائەتتىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرگەن. شېنجېن تىيەنشىياڭ سۈپەت تېخنىكا مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شېنجېن شەھەرلىك ئۆلچەم سۈپەت تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ تەپسىلى سىناش ئېلىپ بارغان.

سىناپ تەكشۈرۈلگەن 10 خىل بالىلار ئەقىلىي ئىقتىدارلىق سائىتى



سىناش تۈرلىرى: كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون گىدرىد (نېفىت، تاماكا، كۆمۈر قاتارلىق ئورگانىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمىلەر تولۇق كۆيمىگەندە شەكىللىندىغان بىر خىل مۇھىت ۋە يېمەكلىكنى بۇلغىغۇچى ماددا)، فىتالات (پلاستىكلاشتۇرغۇچى خۇرۇچ، كاۋچۇكتىن ياسالغان ماتېرىياللارغا قوشۇلۇپ ئىلاستىك قىلىدۇ. يۇمشاق سۇلياۋ بۇيۇملاردا، ئويۇنچۇقلاردا بار.ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ)؛ باتارىيەنىڭ بىخەتەرلىكى، رادىئاتسىيەسى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇشى، ئورۇن بەلگىلەش، سىگنال، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ... قاتارلىق بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئۆلچەملەر بويچە تەپسىلى سىناپ تەكشۈرۈلدى.

ئىشلىتىش چەكلەنگەن كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون گىدرىدنى تەكشۈرۈش جەريانى


ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيەسىنى تەكشۈرۈش جەريانى


دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقارقى 10 خىل بالىلار سائىتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان. كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون گىدرىد ۋە ئىشلىتىش چەكلەنگەن پلاستىكلاشتۇرغۇچى خۇرۇچ تەكشۈرۈشتە بايقالمىغان. رادىئاتسىيە قىممىتى، باتارىيە بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ۋە تۆۋەن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇش كۆرسەتكۈچى ياۋرۇپا ئىتتپاقىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان.
ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيە قىممىتى ياۋرۇپا ئىتتپاقى EN62209 ئۆلچىمى بويچە تەكشۈرۈلگەن، 10 خىل بالىلار سائىتىنىڭ ئېلېكتر ماگنىتلىق رادىئاتسىيە قىممىتىنىڭ (SAR) ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋالى بايقالمىغان. بۇ مەھسۇلاتلار بىخەتەرلىك ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق ۋە كەسپى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى.

بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى بويچە تەكشۈرۈشتىكى ئالدىنقى 5 خىل مەھسۇلات


ئىقتىدار جەھەتتە ئاساسلىقى ئورۇن بەلگىلەش، سىگنال، سۆزلىشىش، توكىنىڭ يېتىش ۋاقتى، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىنالدى.

ئونۋېرسال ئىقتىدارى سىناش نەتىجىسى


يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇاۋېي K2-G01 بىلەن 小天才 Y02 ھەر تۈرلۈك سىناپ تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
مېھـمان ۋاقتى: 2017-8-31 12:36:33
نىمانداق چىڭ تەكشۈرۈش بۇ ؟
گىلەم
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-31 13:19:05
مۇشۇنداق چىڭ تەكشۈرمىسىمۇ بولمايدۇ
ئورۇندۇق
bengbash ۋاقتى: 2017-8-31 13:56:39
مەن بالامغا 360 نىڭكىنى ئېلىپ بەرگەن.
5-قەۋەت
13309954400 ۋاقتى: 2017-8-31 16:04:08
bengbash يوللىغان ۋاقتى  2017-8-31 13:56
مەن بالامغا 360 نىڭكىنى ئېلىپ بەرگەن.

قاندىغاراق،چىقتى،توكى ئۇزاق يىتەمدۇ
6-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-8-31 18:25:01
خۇاۋېينىڭ ھەممە مەھسۇلاتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەنغۇ
7-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-8-31 19:11:50
خۇاۋېي تەكشۈرگەن ئوخشايدۇ
8-قەۋەت
-نادىر- ۋاقتى: 2017-9-1 01:17:25
بۇنى قانداقمۇ خۇاۋېي تەكشۈرەيدۇ،خۇۋاۋېي ھەقىقەتەن ياخشى بولغاچقلا مۇشۇ نەتىنجىگە ئېرىشكەن
9-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-9-1 16:20:53
13309954400 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-31 16:04
قاندىغاراق،چىقتى،توكى ئۇزاق يىتەمدۇ

خېلى ياخشى چىقتى. توك ئىككى كۈن ئاران يېتىدىكەن.
10-قەۋەت
Ezimet0404 ۋاقتى: 2017-9-3 19:51:34
مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىسىمۇ بولمايدۇ ، چۈنكى قارا قول كىشىلەر سەبىيلەرگە كۆز تاشلاپ يۈرسە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部