ئالما كومپىيۇتېرىنى قوش سېستىما + كۆپ رايۇن قىلىش
ئالما كومپىيۇتېرىنى قوش سېستىما + كۆپ رايۇن قىلىش دەرسلىكىئالما كومپىيۇتېرى ئىشلىتىۋاتقانلارغا مەلۇملۇقكى ، ئالما تەرەپ ئالما كومپىيۇتېرىغا مەك ۋە ۋىندوستىن ئىبارەت ئىككى سېستىمىنى بىرلا ۋاقىتتا قاچىلاپ قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىشكە يول قويغان بولۇپ ، سېستىما ئىچىدىلا مەخسۇس ۋىندوس سېستىمىسى قاچىلاش ئۈچۈن دېتاللارنى تەمىنلىگەنھەم ۋىندوس سېستىمىسىنىڭ راۋانئىشلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئۆز سەپلىمىسگە ماس ھالەتتىكى قوزغاتقۇچ ياساپ تارقاتقان . بۇ تەرىپى ئادەمنى ھەقىقەتەن خوشال قىلىدۇ .
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك ،ۋىندوس قاچىلاشقا يول قويۇلغان بىلەن ، ۋىندوس سېستىمىسىدا پەقەت بىرلا رايۇن بولۇش چەكلىمىسى قۇيۇلغان بولۇپ ، پەقەت c دېسكىدىنئىبارەت بىرلا رايۇن ئىشلىتەلەيمىز . سېستىما بىلەن زاپاس ماتېرىياللارنى بىرلا رايۇندا ساقلاش بىزگە ئوخشاشC D E F ..... قاتارلىق كۆپ رايۇنغا كۆنۈپ كەتكەنلەرنىڭ سەل ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ . بۈگۈنكى تېمىمىزدا دەل شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ، قوش سېستىما ، كۆپ رايۇن بولۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز .
كېرەكلىك ماتېرىياللار:
1 . بىجىرىم ئالما كومپىيۇتېردىن بىر دانە .
2 . مەك osx Yosemite سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكا بىر دانە
3. ۋىندوس 7 سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكا بىردانە
4 . Boot Camp قوزغاتقۇچ توپلىمى
5 . بېسىپ ئولتۇرالايدىغان كاسا ( ئىككى سېستىمىنى قاچىلاپ بولغۇچە يېرىم كۈن ۋاختىڭىز كېتىشى مۇمكىن)
( ئەسكەرتىش : بارماق دېسكىلار 8 گىگابايىتتىن كىچىك بولمىسۇن . مەك سېستىمىسنىڭosx Yosemite يەنى : 10.10 نەشرى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ . ئىككى سېستىمىنى بارماق دېسكىغا ئايرىم ئۇسۇلدا ئويىمىز . بىلمىسىڭىز توردىن ئاختۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ . bootcamp قوزغاتقۇچىنىمۇ توردىن ئاختۇرۇپ تاپالايسىز . )
ئەمىسە باشلاپ كەتتۇق:
1 . ئالما سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ ، option )alt ) كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كومپىيۇتېرنى قوزغۇتۇڭ . قوزغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بارماق دېسكىنى تاللاپ enter نى بېسىڭ .
2 . بۇ ۋاقىتتا سېستىما قاچىلاش رايۇنىغا كىرىدۇ . قاچىلاشقا ئالدىرىماي ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 实用工具 --硬盘工具 نى ئېچىڭ .
3 . سول تەرەپتىن قاتتىق دسكىنى تاللاپ分区رايۇنغا ئايرىشنى بېسىپ قاتتىق دېسكىنى رايۇنغا ئايرىڭ . رايۇن سانى تۆت بولسۇن .
4 . بۇ ئەڭ مۇھىم باسقۇچ . تۆت رايۇننىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەمما تۈۋەندىكىلەر چۇقۇم مۇشۇ يەردە دىيىلگىنى بىلەن ئوخشاش بولسۇن:
1-رايۇنئىسمى : MyData ، فورماتى : exfat
2 - رايۇن ئىسمى : MySoft ، فورماتى : exfat
3- رايۇن ئىسمى : BootCamp فورماتى : MS-DOS
4- رايۇن ئىسمى : MacOSX ،فورماتى: MAC OS 扩展(日志式)
رايۇن ئىسمى ، فورماتىھەم تەرتىپى قەتئى خاتا بولمىسۇن . ھەرىپ چوڭ كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىڭ .
تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن 应用 نىبېسىڭ .
5. 退出硬盘工具نى بېسىپچىكىنىپ چىقىڭ .
6 . سېستىما قاچىلاش بېتىگە قايتىپ继续 نى بېسىپ سېستىما قاچىلاشنى باشلاڭ .
( ئەسكەرتىش : سېستىما قاچىلاش خاتالىقى چىقسا ماۋۇ تېمىغا بىر قېتىم قارىۋېتىڭ : بېسىڭ
7 . 继续 نى بېسىڭ
8. 同意 نى بېسىڭ
9. MacOSX ناملىق دېسكىنى تاللاپ 继续نىبېسىڭ
10 . osx سېستىمىسى قاچىلاش باشلاندى .
11 .قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن قايتا قوزغىلىدۇ .
12. ئاكتىپلايمىز
13 . ئاكتىپلاندى
14 . سېستىمىغا كىرىپ 硬盘工具 نى ئېچىپ قارىسىڭىز osx سېستىمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رايۇنغا قاچىلانغانلىقىنى كۆرىسىز .
15 . كومپىيۇتىرنى تاقاڭ . ئالما سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكىنى ئېلىۋېتىپ ۋىندوس سېستىمىسى ئويۇلغان بارماق دېسكىنى چېتىڭ . ( چاقماق بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كىچىك ئېغىزنىڭ يېنىدىكى usb ئېغىزىغا چېتىڭ ) ئاندىن option )alt) نى بېسىپ تۇرۇپ كومپىيۇتېرنى قوزغۇتۇپ ، بارماق دېسكىنى تاللاپ enter نى بېسىڭ .
16 . ۋىندوس قاچىلاش يۈزىنىڭ قوزغىلىۋاتقانللىقىنى كۆرىسىز .
17 . 下一步 نى بېسىڭ
18 . 现在安装 نى بېسىڭ
19 . 【我接受条款】 نىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرۇپ 下一步 نى بېسىڭ .
20 . 自定义(高级)】 نى تاللاپ قاچىلاڭ .
21 . بۇ يەردە ئېھتىيات قىلىڭ . 【BootCamp】 رايۇنىنى تاللاڭ . لېكىن 下一步 قىلغىلى بولمايدۇ .
22 . bootcamp رايۇنىنى تاللىغاندىن كىيىن 【驱动器选项(高级)】نى بېسىڭ
23 . 格式化 نى بېسىڭ
24 . 确定 نى بېسىڭ
25 . 下一步 نى بېسىڭ
26 . ۋىندوس قاچىلىنىشقا باشلىدى
27 . قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن قايتا قوزىلىدۇ . قوزغالغاندا option نى بېسىئپ قوزۇتۇڭ . ئاندىن windows نى تاللاپ enter نى بېسىڭ . ( دىققەت : بارماق دىسكىنى ئەمەس ، ۋىندوس قاچىلانغان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ . سۈرىتى ئوخشاپ كىتىدۇ . دىققەت بىلەن ئايرىڭ )
28 . قاچىلاش دائۋاملىشىۋاتىدۇ .
29 . كارەكچىلەرگە ئۇچۇر توشقۇزۇپ 下一步نى بېسىڭ .
30 . پارول بىكىتىڭ
31 . 下一步 نى بېسىڭ
32 . ئاچقۇچ نۇمۇرى بولسا كىرگۈزۈڭ . بولمىسا بىراقلا 下一步 نى بېسىڭ
33 . 以后询问
34 . 下一步
35. سېستىما قوزغىلىشىنى كۈتۈڭ
36 . قاچىلىنىپ بولغاندىكىيىن 我的电脑 نى ئېچىئپ قارىسىڭىز ئۈچ رايۇننى كۆرىسىز
37 . چۈشۈرۈپ تەييارلاپ قويغان bootcamp قوزغاتقۇچىنى ئېچىڭ .
38 . setupنى بېسىپ bootcamp قوزغاتقۇچىنى قوزغۇتۇڭ
39 . ئۈزلۈكسىز 下一步 قىلىپ ھەممىنى قاچىلاڭ
40 . قاچىلىنىپ بولدى
41 . 结束ئاندىن 是 نى بېسىپ قايتا كومپىيۇتېرنىقوزغۇتۇڭ
42 . قوزغىلىۋاتىدۇ
43 . قوزغالغانداalt نى بېسىپ تۇرۇڭ . ئاندىن windows نى تاللاپ enter نى بېسىڭ
44 . مانا ھەممىسى پۈتتى
ئاخىرى قاچىلاپ بولۇندى . غەلبىلىك ھالدا قوش سېستىما ، تۆت رايۇن ، ئىككى ئورتاق رايۇن قىلىپ سېستىما قاچىلىۋالدۇق .
تېما تەپسىلى بولسۇن دەپ بەك ئۇزىراپ كەتتى . ئەيىپكە بۇيىمىغايسىلەر .كېيىنكى تېمىمىزoption ) alt( نىباسمايلا سېستىما ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا بولىدۇ .ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن . بەك ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولساڭلار ئىنكاستا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇڭلارنى قالدۇرساڭلار قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن .ئامان بولۇڭلار . yawaghaz يوللىغان ۋاقتى2017-6-4 13:32
ما تېما ھەقىقەتەن تەپسىلى يىزلىپتۇ،مەندە مەك يوق ، ئا ...
https://pan.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=2268108721&album_id=4305169198371422274
ماۋۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ . 100 پىرسەن ئېچىلىدۇ . 10.8 نەشرىدىن تارتىپ ئەڭ يېڭى 10.12نەشرىگىچە ھەممىسى بار . ئېسىل. تاپالماي يۈرەتتىم.مەسىلەن كۆزنەك سەككىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟
ئىنتايىن ياخشى تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، مەنمۇ دەسلەپتە بەك قىينالغان قوش سېستىما قىلىپ بولالماي، ھازىرغۇ ۋىندىۋوستا قىلىدىغان ئىش بولمىغاندىن كېيىن، مەۋھۈم سېستىما قاچىلاپلا قۇتۇلدىم.
بەك تەپسىلىي يېزىپسىز.بولسا مۇشۇ قارا ئالما توغرىسىدا 1 تېما يازغان بولسىڭىز ، بەك خوش بولغان بولاتتىم. ibra يوللىغان ۋاقتى2017-5-31 22:00
ئېسىل. تاپالماي يۈرەتتىم.مەسىلەن كۆزنەك سەككىنىمۇ مۇ ...
قاچىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن يېڭى سېستىما ‹ سېررارى › بولسا ۋىندىۋوس 7 قاچىلانمايدۇ، يۇقۇرىسىنى قاچىلاش كېرەك. مەندە بىردانە 2011 نىڭ مەك پروسى بارئىدى ئۇنىڭ دىسكا ئوقۇغۇچىسى بار بۇنىڭدا بارماق دىسكىدىن قاچىلنىدىغان قىلىپ ياسىسام بارماق دىسكىنى پەققەت تونۇمايدىيا بۇنىڭغا ئامال بارمۇ دىسكا ئوقۇغۇچ بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقمىكى بۇنىڭ يا بىيوس يوق تەڭشەي دىسەم ibra يوللىغان ۋاقتى2017-5-31 22:00
ئېسىل. تاپالماي يۈرەتتىم.مەسىلەن كۆزنەك سەككىنىمۇ مۇ ...
بولىشى مۇمكىن ، سىناپ بېقىڭ . لېكىن سەككىز قاچىلاش ئۈچۈن bootcamp رايۇننىڭ فورماتىنى exfatقىلىش كىرەك . 1217 يوللىغان ۋاقتى2017-5-31 22:01
ئىنتايىن ياخشى تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، مەنمۇ دەسلەپتە بەك ...
مەن تازا كۆڭلۈمدىكىدەك تەقلىدلىگۈچ تاپالماي يۈرۈيمەن . ئەركە1 يوللىغان ۋاقتى2017-5-31 23:00
مەندە بىردانە 2011 نىڭ مەك پروسى بارئىدى ئۇنىڭ دىسكا ئوق ...
مەك كومپىيۇتېرىدا بىيوس بولمايدۇ.ئالما قاچىلاش دېسكىسىنى قايسى ئۇسۇلدا ياسىدىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ . يەنە بولمىسا بارماق دىسكىنى ئالماشتۇرۇپ سىناڭ.بەزىدە بارماق دېسكىلارغا سېستىما ئويسا كومپىيۇتېر تونىماي تۇرىۋالىدۇ . دېسكا ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن ئۈسكىنىدىمۇ بارماق دېسكىدا نورمال سېستىما قاچىلاشقا بولىدۇ . ھەربىر تارماققا بىردىن قىرىق تۆت تارماققا قىرىق تۆت تالرەسىم بار ئىدى . ئەپسۇس بەزى رەسىملەر نورمال چىقماي قاپتۇ . مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم بار خالىسىڭىز ياردەم بەرسىڭىز :
1.ئالما كومپىيوتىرغا u دىسكا قوزغاتقۇچ تونۇتقىلى بولارمۇ بولسا يول كۆرسەتسىڭىز .
2.ئالما كومپىيوتىرغا ئىككى سىستىما قاچىلىغاندا ئىككىسىنىڭ قايسىنىڭ ئالدىن قوزغۇلۇش قىلىپ تاللاپ ئۆزگەرىتكىلى بولىدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟مەسىلەن :ئىچىلىپلا windows قوزغالسۇن ياكى ئىچىلىپلا mac قوزغالسۇن دىگەندەك .
3.شۇ تاللاشنى مۇمكىن بولسا pc كومپىيوتېردا تاللىغاندەك تاللىغىلى بولىدىغان قىلىدىغان ئۇسۇل بولسا كۆرسىتىپ قويسىڭىز !
خالىسىڭىز ئۈگۈنەيلى توپىمىزغا قوشۇلۇپ ياخشى بىلىملەر بولسا تۆكۈپ تۇرۇڭ رەھمەت !!!كوت-كوت توپ نومۇرىمىز بولسا :488397153 ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 10:35
مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم بار خال ...
U دېسكىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ئۆزى قاچىلىنىدۇ، ئايرىم قاچىلاش ھاجەتسىز.
ئىككىنجى سۇئالغا كەلسەك:
تۆۋەندىكى ئورۇنغا كىرىپ:
چىققان كۆزنەكتىن قوزغىلىدىغان سېستىمىنى سۈكۈتكە تاللايمىز:
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 10:35
مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىم بار خال ...
سۇئالىڭىزغامەن تەييارلىق قىلىپ بولغۇچە 1217 قېرىندىشىمىز جاۋاپ بىرىپ بوپتۇ . سۈكۈتتىكى ھالىتىنى تەڭشەش ناھايتى ئاسان . تۈۋەندىكى ۋىندوستىكى تەڭشەش ئۇسۇلى:
ئۈستەل يۈزى ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن bootcampدىتالىنى بىر چەكسەكتۆت قاتار تىزىملىك چىقىدۇ . شۇنىڭدىن bootcamp 控制面板 نى تاللايمىز . تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ :
قوزغاتماقچى بولغان سېستىمىنىتاللاپلا 重新启动نى بېسىۋەتسەك ئىش تامام
كىلەر قېتىم ماۋۇدىتال توغرىسىدا تېما يازىمەن . ھەر قېتىم قوزغالغاندا option نى باسمىساقمۇقايسى دىسكىنى قوزغۇتىسەن دەپ چىقىدۇ . سۈكۈتتىكى قوزغىلىش دېسكىغا ۋاقىت بەلگىلەپ قويغىلى بولىدۇ . تاللاش قىلمىساقۋاقىت توشقاندا ئاپتوماتىك سۈكۈتتىكى دېسكىنى قوزغىتىدۇ .
1217 يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 10:29
U دېسكىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ئۆزى قاچىلىنىدۇ، ئايرىم قاچى ...
مەن دىمەكچى گوس ھۆججەت ئۇرۇدىغان ۋە پىيى ھالەتتە قوزغايدىغان u دىسكا نى قانداق قىلىپ ئالما كومپىيوتېردا قوزغايمىز دىمەكچى ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى2017-6-1 14:04
مەن دىمەكچى گوس ھۆججەت ئۇرۇدىغان ۋە پىيى ھالەتتە قوزغ ...
بارماق دېسكىنى چېتىپ ، option نى بېسىپ تۇرۇپ قوزغاتسىڭىزلابولىدۇ .
بەت:
[1]
2