qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2015-9-8 22:39:25

مېيزۇ يانفۇنىنىڭ flyme سىستىما دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ئارىمىزدا مېيزۇ يانفۇنىنى ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ بولمىسىمۇ - يوق دىيەرلىك ئەمەس ، شۇڭا بېشىمدىن ئۆتكەن flyme4 نى flyme3 كە چۈشۈرۈش تەجرىبىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ ئويلىدىم .
دىققەت :
مېنىڭ سىناقتا ئىشلەتكىنىم مېيزۇ MX3 يانفۇنى . مېيلەن نوتې ، نوتې2 ، مېيزۇ 4 ، مېيزۇ 4پرو ، مېيزۇ 5 ، مېيزۇ2 ... لارنى سىناق قىلىپ بېقىشقا ئامال بولمىدى ، شۇڭا باشقا تىپتىكى مېيزۇنى دەرىجە چۈشۈرۈپ كۆرۈلگەن كاشىلىغا مەن ياكى ئالىپ تورى مەسئۇل ئەمەس .

ئەسكەرتىش :
مېيزۇ يانفۇنىنىڭ سىستىمىسىنى دەرىجە چۈشۈرۈش بىر قەدەر خەتەرلىك مەشخۇلات ، ئورگان تورىنى ئارىلاپ باقسىڭىز بىلىسىز ، نەشىر چۈشۈرۈشتە 1G ساقلىغۇچ كەملەيدۇ دېگەندەك ئىنكاسلار بار . بۇ توغرىمۇ خاتا - بۇنىسى ماڭا نامەلۇم .... شۇڭا خالىغانچە نەشىر كۆتىرىپ - چۈشۈرۈپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ياكى ئالىپ تورى مەسئۇل ئەمەس !

مېيزۇ 3يانفۇنىنىڭ ئەسلى سىستىمىسى flyme3 بولۇپ ، ئورگان تەرەپ ھازىر نەشىر كۆتىرىپ flyme4 نىڭ ( 4.5.6A ) نەشىرىگە يېڭىلاپ بولدى . مەنمۇ قىزىقىپ يېڭىلاپ ئاخىرى 4.5.5 غا كەلگەندە توختاپ يەنە بۇرۇنقى سىستىمىسى 3.7.3 گە چۈشۈۋالدىم .
چۈنكى ، 4.8.2 دىن كېيىن توك خوراش بىر قەدەر تېز ، قىززىش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك . سەل قېتىۋېلىش ھادىسىسى مەۋجۈد .... ئۈستەل كۆرۈنمە يۈزى كېلەڭسىز .
مېيزۇ3 نىڭ سەپلىمىسى : قوش لېنىيە 4 يادرو ( 8 يادرو مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ قويىدىكەن ، ئەمما توغرىسى قوش لېنىيەلىك تۆت يادرو ) ، 2G ئىجرا مۇھىتى بولغاچقا ھىس قىلىشىمچە ھازىرقى يېڭى سىستىمىلارغا تازا بەك ماس كەلمەيدىكەن . يېڭى سىستىمىلاردا ئەخلەت ئەپلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ روت ھوقۇقى بولمىسا ئۇ ئەپلەرنى ئۆچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن ۋېيبو ، چۇنار دېگەندەك نەرسىلەرنى مەن ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغان ...
شۇنداق قىلىپ ئورگان تورىدىكى قىييا - چىييالارنى كۆرۈپ يۈرۈپ دەرىجە چۈشۈرۈشتە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم .
چۈشۈرسەم 1G ساقلىغۇچ غايىپ بولسا ، تېلفۇننىڭ ئەسلى ساقلىغۇچى 2G لا تۇرسا قانداق بولار دەپ بەكلا ئىككىلەندىم . بىرسى ئازلايدۇ دەيدۇ ، بىرسى ئازلىمايدۇ دەيدۇ ، تېما يېزىپ ئورگان تەرەپنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلسام مەخسۇس جاۋاپ قايتۇرىدىغان گۇروپپىدىن بىرسى كەملەيدىغان 1G بوشلۇقنىڭ يانفۇن ئىجرا مۇھىتى بولغان بوشلۇق ئەمەس بەلكى يانفوننىڭ ساقلىغۇچ رايۇنى ( دومېي تى كا ) ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ . ئورگان تەرەپتىن ھىچ سادا چىقىدىغاندەك ئەمەس ، شۇنىڭ بىلەن بۇزۇلسا ئۇرۇپلا چېقىپ باشقا تېلفۇن ئالارمەن دەپ نەشىر چۈشۈردۈم . شۈكرى ، ھەقىقەتەن ئىجرا مۇھىتىدىن 1G كەملەپ كەتمىدى ... قەيەردىن كەملىدى بۇنى مەن بىلمىدىم . چۈنكى يانفۇنۇم 64GB لىق بولغاچقا بېكار تۇرىدىغان ئورۇن كۆپ ئانچە تەسىر قىلمىغان بولىشى مۇمكىن ...
ئەمدى بۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن 1G ئورۇن كەملەيدۇ دېيىشىگە كەلسەك - flyme4 نى قاچىلىغاندا سىستىما يانفۇننىڭ ساقلىغۇچ قىسمىنى قايتىدىن رايۇنغا ئايرىيدىغان بولغاچقا ئۆزىگە چۇشلۇق قىلىپ سەل چوڭراق ئايرىيدىكەن ، شۇڭا flyme3 كە قارىغاندا flyme4 نىڭ ئىگەللىگەن ئورنى كۆپ ئىكەن . كېيىن دەرىجە قايتۇرغاندا flyme4ئىگەللىگەن ئورۇن قايتا كىچىكلىمەيدىغان بولغاچقا يوقاپ كەتكەن بولۇپ تۇيۇلىدىكەن بىزگە :lol

لېكىن مېنىڭ ھىس قىلغىنىم - ئىجرا مۇھىتى سەل كەملەپ قالدى .
flyme4 تىكى ۋاقتىدا ئىشلىتىلگەن RAM 1.1G بولۇپ ، ئىشلىتىشكە بولىدىغىنى 718 مىگا بايت ئىدى .
flyme3 كە چۈشۈرگەندىن كېيىن ئىشلىتىلگىنى 1.1G ئىشلىتىشكە بولىدىغىنى496مىگا بايت .... شۇنداق قىلىپ بىرەر ئىككى يۈز مىگا ئورۇن غايىپ بولدى ...
باشقا ھىچقانداق ئۆزگىرىش ھىس قىلمىدىم . ئەمما تېلفۇن كاراممەت شاش بولاپ كەتتى . قېتىۋالىدىغان ، قىزىپ كېتىپ قۇلاق كۆتۈپ قالىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بېرىلگەن چېغىۋا ....

دەرىجە چۈشۈرۈش ئۇسۇلۇم :

دىققەت ، كۆرۈلگەن كاشىلىغا ئالىپ ياكى مەن مەسئۇل ئەمەس . بىلىپراق مەشغۇلات قىلىڭ ياكى دەرىجە چۈشۈرمەڭ .

1 - بارلىق ماتىرياللىرىمنى زاپاسلاپ كومپىيۇتېرغا ساقلىۋالدىم .
2 - يانفۇننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ قۇرۇغداپ قويدۇم .
3 - ئورگان تورىدىن 3.7.3 نەشىرىدىكى flyme3 سىستىمىسىنى چۈشۈردۈم .
4 - چۈشۈرگەن سىستېمىنى Download دىگەن يەردىن غول مۇندەرىجىگە يۆتكىدىم .
5 - يانفۇننى تاقىدىم ( گۈئەنجى )
6 - ئاۋاز يۇقىرلىتىش كونۇپكىسى بىلەن يانفۇن ئېچىش ( كەيجى ) كونۇپكىسىنى بېسىپ سىستېما قاچىلاش مۇھىتىغا كىردىم .
7 - سىستېما يېڭىلاش دىگەن تۈر بىلەن يانفۇننى تازىلاش ( قوش تازىلاش ) دېگەن يەرگە توغرا بەلگىسى قويدۇم . ( ئەسلىمۇ مۇشۇ ئىككى خىللا تاللاش بار بۇ يەردە ، چوقۇم ھەر ئىككىسىنى تاللاش زۆرۈر ، بولمىسا يانفۇن كېسەك بولارمىش )
8 - سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىن يانائۇن ئاپتۇماتىك ئىتىلىپ ئېچىلدى ھەم 3.7.3 سىستېما نامايەن بولدى ...
9 - تامام .

سىستېمىغا ئورگان تەرەپ بىرقانچە ئەپنى قاچىلاپ قۇيۇپتۇ ، ئەگەر سىز تېخى flyme4 كە يۇقىرلاتمىغان بولسىڭىز مەندىن تەۋسىيە ھەرگىز يۇقىرلاتماڭ .
چۈشۈرۋالسام بولىدىكەنغۇ دەپ يۇقىرلىتىپ قويۇپ كۆنەلمەي نەشىر چۈشۈرگەندەئالىمادىس ھادىسە كۆرۈلسە مەن ياكى ئالىپ تورى مەسئۇل ئەمەس ....


رەسىم يولاي دېسەم خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ يوللىيالماي قالدىم . ئىنكاستا يوللاپ باقاي قېنى .....

مېيزۇ توغرىلىق تەجرىبە ، ياردەم كېرەك بولساچ چياكى ئۈندىدار دا دىيىشسەك بولىدۇ .
چ چ - ئۈندىدار    669641364



ئارمان007 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 10:29:31

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەنمۇ مېيزۇ نوتې 2 ئشىلتىۋاتقان ، فونىت قاچلاپ ئشىلتىۋاتىمەن ، لىكىن بەزى يەرلەر تازا نۇرمال ئەمەس خەتلەنى پەقەت ئۇقۇغۇلى بولمايدۇ ، 100%ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىلى بولماسمۇ ،

ئارمان007 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 10:30:59

مەسلەن تۈۋەندىكىدەك

ئارمان007 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 11:25:08

669641364
ئۈندىدار نۇمرۇڭلا خاتامۇ ? تاپالمىدى ،

بۈركۈت11 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 11:29:51

ياخشى چىقامدىكەن باللا مىيزۇ يانفۇنلار ، تور سۈرئەتچۇ ، سامسۇڭنىڭكىدىن تىزمىدۇ.

130 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 11:36:05

مېيزۇ 4 پىرو 32گ كۇمۇشرەڭ 95% پاكىز 1500گە سېتلىدۇ ئالدىغانلار بولسا ئىنكاس يازارسىلەر،مەن قەشقەر يېڭساردىن،بولسا يېقىن ئەتراپدىكلەركۇرۇپ ئېلىڭلار.........

alipalim يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 12:49:01

مېيزۇ ماركىسىدىكىتىلفۇنلارنىڭسىپىيوسىكۆپىنچە ئ‍ەھۋالدا
mtkسىپىيولۇقچىقىدىكەنmtk سىپىيوزاپەرسىپىيوھىساپلىنامدۇ ،،،،مېيزۇئ‍ىشكەتكەنلەرخاپابولماڭلار

ئارمان007 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 13:14:22

تىلفۇن ياخشى چىقتى بۇلۇپمۇ تۇكى ، تور سۈرتىمۇ ياخشى ، شۇ ئۇيغۇرچىنى 100% تۇنسا قالغان يىردە چاتاق يوقكەن ،

oglan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 13:40:07

ئارمان007 يوللىغان ۋاقتى2015-9-9 10:29
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەنمۇ مېيزۇ نوتې 2 ئشىلتىۋاتقان...

قېرىندىشىم مەنمۇ مىيزۇ نوتى2 ئىشلىتىۋاتىمەن، قۇتيار فۇنت قاچىلىغۇچنى ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە تونۇتتۇم، ھەممە يەر نۇرمال، لىكىن روت ھوقوقى بولمىسا بولمايدىكەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=39171&highlight=%D9%82%DB%87%D8%AA%D9%8A%D8%A7%D8%B1&mobile=2

oglan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 13:45:44

qeqnus يوللىغان ۋاقتى2015-9-8 22:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ئارىمىزدا مېيزۇ يانفۇنىنى ئىشلىت ...

بۇ ئۇسۇل مىيزۇ نوتى2 غىمۇ بولامۇ

ۋېلى زىرەككەك يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 16:12:41

130 يوللىغان ۋاقتى2015-9-9 09:36
مېيزۇ 4 پىرو 32گ كۇمۇشرەڭ 95% پاكىز 1500گە سېتلىدۇ ئالدىغان ...

مەنمۇ قەشقەردىن كۆرۈپ باقاي

qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 21:34:01

ئارمان007 يوللىغان ۋاقتى2015-9-9 11:25
669641364
ئۈندىدار نۇمرۇڭلا خاتامۇ ? تاپالمىدى ،

wisal217 دەپ ئىزدەڭ ،
----
كۆپچىلىك ، يۇقارقى ئۇسۇلدا دەرىجە چۈشۈرۈپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ياكى ئالىپ تورى مەسئۇل بولالمايمىز ، شۇڭاقارىغۇلارچە نەشىر چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ....

qeqnus يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 21:35:16

oglan1 يوللىغان ۋاقتى2015-9-9 13:45
بۇ ئۇسۇل مىيزۇ نوتى2 غىمۇ بولامۇ

بۇنىسى نامەلۇم ، نوتې 2نىڭ زاۋۇتتىن چىققان ھالىتى flyme4 ، ئۇنى چۈشۈرىمەن دىيىش ئاخمىقانىلىق ، يانفۇن ئېنىقلا بۇزۇلىدۇ .... چاقچاق قىلماڭ .

2683239370 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 22:34:20

2683239370 يوللانغان ۋاقتى 2015-9-9 22:36:15

بەت: [1] 2 3
: مېيزۇ يانفۇنىنىڭ flyme سىستىما دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش