ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ(IOSنۇسخىسى)ئېلان قىلىندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(Androidنۇسخىسى) ئېلان قىلغاندىن كېيىن،يەنە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(IOSنۇسخىسى) ئېلان قىلدى.چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ لىڭيۈن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ يۇمشاق دېتالغا خەنزۇچە پۈتۈن جۈملىنى پىنيىن بىلەن كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى كونۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش، سانلارنى كىرگۈزۈش، تىنىش بەلگىلىرى ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەشغۇلاتى ئاددىي، قوللىنىشچان، تېز ۋە قولاي.
ھازىر بۇ دېتال رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەقسىز تەمىنلەندى (چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp)، يانفونغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دېتالنى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتۇق، ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك ياخشى باھا بەردى. ئاساسىي قاتلامدىكى خەنزۇ كادىرلار: «يانفونغا يۇمشاق دېتالنى قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ بىلەن خەنزۇچىنىمۇ، ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزگىلى بولىدىكەن، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىز ئۆستى، قىزغىنلىقىمىز ئاشتى» دېيىشتى. بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار بەس-بەستە:«بۇ دېتال ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىغا ئالاقە كۆۋرۈكى سالدى» دېيىشتى. بۇ دېتال يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدىن مېھرىگۈل خېلىل تەرجىمىسى )
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
بۇ دىتالدا قانداق خاتالىق بايقىساڭلار سۈرىتى بىلەن قوشۇپ يوللاپ قويۇڭلار !ياردەم بىرىمەن !(ئابدۇۋەلى كاشكارى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2016-1-13 11:57
كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۆرۈمسىز ياساپ قۇيۇپتۇ بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ.
بۇ نەشىرى مىنىڭ يانفۇنۇمغا نورمال قاچىلانمىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2016-1-13 12:12
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xjuit.biz/cn/down.asp?id=73 AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى2016-1-13 09:47
كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۆرۈمسىز ياساپ قۇيۇپتۇ بۇ كىرگۈ ...
ئاندىرويىتى نەچچە ؟تىلفۇن تىپىچۇ ؟ AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى2016-1-13 09:47
كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك كۆرۈمسىز ياساپ قۇيۇپتۇ بۇ كىرگۈ ...
كونۇپكا تاختىسىنى يوللاڭ باشقىلارمۇ باھالاپ باقسۇن AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى2016-1-13 10:05
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xj ...
ئۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىچىلمايدىكەنغۇ ؟ ئىقتىدارى تونۇشتۇرۇشلىرىغا قارىغاندا ئاندىرويىد نۇسقىسىدىنمۇ نوچى ياسىۋەتتىمۇ نىمە ئۇيغۇرچە تور ئېچىلمايدۇ خەنزۇچە تور ئادىرىستا تۇرۇپ چۈشۈرسىلە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AHMAT0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2016-1-13 12:19
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى2016-1-13 12:12
ئۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىچىلمايدىكەنغۇ ؟
مانا يوللاپ قويدۇم.بۇ خەتلەرنى ھازىر بۇ خەتلەرنى.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ياسىغان ئاۋازلىق كىرگۈزۈچتە ئاۋازلىق، يېزىۋاتىمەن سىزگە. AHMAT0997يوللاش2سائەت ئىلگىرىبۇ يازمىنى ئاخىرىدا AHMAT099مەندىمۇ بارتى بۇ كىرگۈزگۈچ،دەسلەپتە نورمالتى،كىيىنئىنتىرىنىتقا ئۇلىنالمىدى دەپ چىقىۋىلىپپەقەت ئىشلىتەلمىدىم،سىزنىڭكىدە نورمالمۇ؟
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى2016-1-13 12:05
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xj ...
سىزنىڭنىكىنى نەدىن چۈشۈرمىز ئەۋەتىپ بىرىڭە ۋاباتىكەنما ئىقتىدارى ياخشىكەنمانىڭ ئاۋازى تونۇشى خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋاز ئارقىلىق يېزىۋاتىمەن ھازىر AHMAT0997 يوللىغان ۋاقتى2016-1-13 12:05
يەنىلا شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى ياسىغىنىغا يەتمەيدۇ http://xj ...
بۇنىڭدا خ ھەرپى چىقمايدىكەن ئەمەسمۇ بۇنىڭ ئاۋاز ئارقىلىق كىرگۇزدىغان يىرى يوقمۇ قاندا ، يا مەن تاپامىدىممۇ。。。。。。。。 ئەپستور دىن چۈشۈرگىلى بولامدۇ ؟