ablizmansur يوللانغان ۋاقتى 2017-7-5 15:38:28

ـ GTA ئىقتىدار كودى(مىماسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2017-7-5 18:31

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!
مەن بۈگۈن سىلەرگە بۇ بىر ھەپتىنىڭ ياغى تىرىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ پۈتتۈرگەن GTA ئىقتىدار كودى ناملىق ئەپنى ئېلىپ كەلدىم، مەزكۇر ئەپكە ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىك كۇچا قاتىلنىڭ ئىقتىدار كودى(مىماسى) جۇغلانغان. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياسىغان ئەپچەم بولغاچقا بىر قىسىم مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن، ھەم ئەپ ياساشنى يېڭىدىن ئۆگۈنۈۋاتقاچقا كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي بولۇپ قالدى. قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ بايقىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مەزكۇر تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!كۆرۈلگەن بارلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا قالدۇرۇپ قويساڭلار كېيىنكى نەشرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، سۈپەتلىك چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ! تەكلىپ-پىكىرىڭلار بولسا ئايىماي قالدۇرۇپ قويۇڭلار!
ئاخىرىدا مەزكۇر ئەپنى ياساشقا ئالاھىدە ياردەم قىلغان كاپىتان، خاقان، كۆلەڭگە… قاتارلىق قېرىنداشلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
ئەپنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تونۇشتۇرۇلۇشتىن بىلىۋېلىڭلار!

ئەپ ئىسمى: GTA ئىقتىدار كودى
ئەپ تىلى: ئۇيغۇرچە
ئەپ ئىجرا مۇھىتى: Android
نەشرى: 1.0
ئەپ سىغىمى: 555.13K
ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى: GTA (كوچا قاتىىلى) ئويۇنىغا ھەرخىل ئىقتىدار كودلىرى (مىماسى) نى بېسىپ، مەزكۇر ئويۇندىن يۇقىرى پەللىدە ھۇزۇر سۈرگىلى بولىدۇ.

ئىلتىماس: ماڭا تەرجىمە قىلىش زۆرۈر دەپ قارىغان ئەپلەرنى ياكى ئىسمىنى تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار، ھەم تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن قوللاپ، ئىنكاس يېزىۋەتسەڭلار!
ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرىڭىز بولسا ئىنكاس قىلىڭ، قىزغىن قارشى ئالىمەن!
ـ QQ توپ نومۇرى: 480141581
ئەگەر ئەپنى بوشلۇقتىن چۈشۈرەلمىسىڭىز يۇقىردىكى توپنىڭ «ئىجادىي ئەپلەر» دېگەن ھۆججىتىدىن چۈشۈرۈڭ!

چۈشۈرۈش ئادرېسى
ـ QQ دىسكىسى (微云) دىن چۈشۈرۈڭ
https://share.weiyun.com/2718cead0ef5568b7216b66272755874
تىيەنيى دىسكىسى (天翼云) دىن چۈشۈرۈڭ
http://m.cloud.189.cn/t/mYfaAbr6Fjea
چىيەنناۋ دىسكىسى (千脑云) دىن چۈشۈرۈڭ
http://qiannao.com/file/2814008377/e7ea0f4e/

كەسمە سۈرەتلىرى










15199755016 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-5 19:27:01

مۇمكىن بولسا پايچىكى ئويناشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپتىن بىرەنى تەرجىمەقىلسىڭىز

سىلەدىن سوراپ باقسام مۇشۇئۈندىداردا پايچىكى ئوينايدىغان بىر سالۇن بولىدىغان تاپالمايۋاتىمە ېسمىنى بېلسەڭلا دەپبەسەڭلا

taxna0908 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-5 19:53:06

كۆپ رەھمەت جاپا چەكتىڭىز.

XaTuR007 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 00:57:45

دوسلار مۇشۇGTA ئويۇنىنىڭ تىلفۇن نۇسخۇسىنى بىر يوللاپ قۇيغان بولساڭلار

QASIMJAN11 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 01:24:07

سەۋىيە باركەن سىزدە، لاتىن يېزىقى ئۇيغۇرچىسى ،سىلاۋيان يېزىقى ئۇيغرچىسى بىلەن ياساپسىز، نۇرغۇن خەلق ئۇقمايدۇ ھەقاچان ،لاتىن ئۇيغۇرچىسىنى، ئىملادا ئازراق مەسلە بار .ئكەن

alfa215 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 06:14:14

تېما ئىگىسىرەھمەتسىزگە   ھەقىقەتەنئىسىلكودلارئىكەن   چۈشۈرۈپئىشلىتىپ باقتىم.بۇكودلارنىGTA نىڭتىلفۇننۇسخىسىغىمۇئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

ئاتەش119 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 09:29:26

كۇچا قاتىلى ئەمەس كوچا قاتىلى ، ياكى «زومىگەر ، كوچا زومىگىرى» دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ ، بەزىدە ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشمۇ بەك مۇھىم.

18099871828 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 10:15:28

ئۇكام ما ئۇياننىڭ دەۋرى ئۇتتى دەيمەن

ablizmansur يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 13:05:35

QASIMJAN11 يوللىغان ۋاقتى2017-7-6 01:24 static/image/common/back.gif
سەۋىيە باركەن سىزدە، لاتىن يېزىقى ئۇيغۇرچىسى ،سىلاۋيا ...

قېنى ئىملادىكى خاتالىقلارنى ئوتتۇرىغا قويمامسىز، تۈزىتىۋالارمەن.

ablizmansur يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 13:45:16

18099871828 يوللىغان ۋاقتى2017-7-6 10:15 static/image/common/back.gif
ئۇكام ما ئۇياننىڭ دەۋرى ئۇتتى دەيمەن

بۇ ئويۇننىڭ دەۋرى تېخى ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلمىدى. ئىشەنمىسىڭىز تورخانىلارغا كىرىپ بېقىڭ، ھەممە كومپيۇتېردا بار. يەنە كېلىپ مەن بۇنى ئۆز بىلىمىمنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ياسىدىم، ھەم بەزى ۋاقىتلاردا بۇ ئەپتىكى ئىقتىدار كودلىرىغا ھاجىتىمىز چۈشۈپمۇ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىزمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە! بەلكىم سىزمۇ بۇ مۇنبەردە يۇقىرىقى سۆزىڭىزنى دەپ قويغىنىڭىزغا، ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك ئوينامسىز تېخى!
//mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png//mobcent//app/data/phiz/default/03.png

abdurahman521 يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 14:40:11

بۇكودلا كومپىيوتېر نۇسقىسىنىڭمۇ ياكى يانفون نۇسقىسىنىڭمۇ

شىرىزات يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 15:00:49

ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىمكاسنى قوللايمەن بولسا پاي چىكى توغىرىسدا بىرە ئەپ تەرجىمە قىلسىڭىز مۇشۇ نەرسىدىن ساۋاتسىزلا ئۇتۇپ كەتمىسەك ئازراق بولسىمۇ بىرەر بىلىم ئىېلىۋالساق دىگەن ئۈمۇتتىمەن

ablizmansur يوللانغان ۋاقتى 2017-7-6 16:36:28

abdurahman521 يوللىغان ۋاقتى2017-7-6 14:40 static/image/common/back.gif
بۇكودلا كومپىيوتېر نۇسقىسىنىڭمۇ ياكى يانفون نۇسقىسىن ...

كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ

foxtpdf يوللانغان ۋاقتى 2017-7-7 09:32:51

بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ ئۇياننى ھازىرلا چۈشۈرۈپ قىزلانى مەپتۇن قىلايچۇ

@بەخىت يوللانغان ۋاقتى 2017-7-7 15:08:27

ھازىرقى يېڭىلانغان ئەپلەرنى تەرجىمە قىلسا نورمال ئىشلىمەيدىكەن.مەن رەسىم تەھرىرلەيدىغان picsay pro دىگەن ئەپنى تەرجىمە قىلغان .لىكىن ئەپنى ئىمزالىغاندا قوزغالماس بوپ قالدىكەن .ئەگەر ھەپىلشىپ بىقىشنى خالىساڭلا سۆزلۈك ئامبىرنى يوللاپ بىرىمەن.
بەت: [1] 2
: ـ GTA ئىقتىدار كودى(مىماسى)