سۇۋادان يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 00:26:24

Excel دا كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈش ۋە تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئۈزۈۋېلىش

بەزىدە Excel غا ئۇچۇر كىرگۈزگەندە ئۆزگۈرۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن «01» نى كىرگۈزسەك، «1» گە ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ، چېسلا كىرگۈزسەك تۆت خانىلىق سانغا ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ، كىملىك نومۇرى كىرگۈزسەك ئاپتوماتىك ھالدا پۈتۈنلىۋېتىپ، ئىلمىي سان خاتىرىلەش ئۇسۇلىدا خاتىرىلەيدۇ شۇنداقلا ئاخىرقى ئۈچ خانىسى نۆلگە ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى، ئۇچۇر كىرگۈزگەن شۇ كاتەكچىنىڭ خاسلىقى سەۋەبىدىن بولغان. تۆۋەندە بىز كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈشنى مىسال قىلايلى:
كىملىك نومۇرى 650101198901011234 نى كاتەكچىگە كىرگۈزسەك، 6.50101E+17 گە ئۆزگۈرۈپ، ئاپتوماتىك ھالدا ئىلمىي سان خاتېرىلەش ئۇسۇلىغا ئۆزگۈرىدۇ، شۇنداقلا 15- خانىسىدىن كېيىنكى خانىلەر 0 گە ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، Excel غا 12 خانىدىن ئارتۇق سان كىرگۈزۈلسە ئاپتوماتىك ھالدا ئىلمىي سان خاتىرىلەش ئۇسۇلىدا خاتىرىلىنىدۇ. (تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)

ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى خىل ئۇسۇل: كىملىك نومۇرىنىڭ ئالدىغا يالاڭ پەش «’» بەلگىسىنى قوشۇپ كىرگۈزۈش. بۇ يالاڭ پەش بەلگىسىنى كىرگۈزگەندە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى چوقۇم ئىنگلىزچە خەت كىرگۈزۈش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ كىرگۈزۈش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلگەن كىملىك نومۇرى تولۇق كۆرۈنىدۇ، ئالدىغا قوشقان يالاڭ پەش ئېكراندا، قەغەزگە باسقاندا كۆرۈنمەيدۇ.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: كىملىك نومۇرى كىرگۈزىدىغان ئىستوننى تاللىۋېلىپ، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئېچىلغان تېزلەتمە تىزىملىكتىن «كاتەكچە فورماتىنى بەلگىلەش...» (设置单元格格式) نى تاللايمىز، بىر دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ دىيالوگ رامكىسىدىكى «رەقەم» (数字) كارتىسىدىكى تۈر ئىچىدىن «تېكىست» (文本) نى تاللاپ جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز (تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندە). شۇنىڭ بىلەن تاللىغان ئىستون تېكىست تىپىغا ئۆزگۈرىدۇ. ئاندىن كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزسەك ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ.

كىملىك نومۇرىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئاپتوماتىك ئۈزۈۋېلىش
تۆۋەندە 18 خانىلىق كىملىك نومۇرىدىن تۇغۇلغان ۋاقىتنى ئۈزىۋېلىش مىسال قىلىندى، مائۇس ئارقىلىق C2 كاتەكچىنى چېكىپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى فۇنكسىيەنى كىرگۈزىمىز:

بۇ فۇنكسىيەدىكى B2 بولسا مۇشۇ كاتەكچىگە يېزىلىدىغان تۇغۇلغان ۋاقىتنى ئۈزۈۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كىملىك نومۇر يېزىلغان كاتەكچە ئادرېسى. فۇنكسىيەنى كىرگۈزۈپ بولۇپ ئېنتېر كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. شۇنىڭ بىلەن C2 كاتەكچىگە چېسلا ئۈزۈۋېلىنىدۇ. بۇ كاتەكچىنى چېكىپ، سول تۆۋەن بۇرجىكىدىكى (سولدىن ئوڭغا يېزىش ھالىتىدە ئوڭ تۆۋەن بۇرجىكىدە) تۇتقۇچنى تۇتۇپ تارتىش ئارقىلىق فۇنكسىيەنى باشقا كاتەكچىلەرگە كوپىيەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن تېز سۈرئەتتە چېسلانى ئۈزىۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇۋادان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2012-1-16 20:51

iLiBoy يوللانغان ۋاقتى 2016-4-21 15:53:11

ناسىر مۇئەللىم تور دەرسخانىسىExcelماھارەتلىرىنى تېز ئۆگىنىش سىنىپىدا مۇشۇنداق ماھارەتلەر كۆپ سۆزلىنىدۇ.
تور دەرسخانا ئادرىسى:
nasir.ke.qq.com

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 08:56:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،رەھمەت مۇھىم تىما يوللاپسىز ھارمىغايسىز!

dilaram يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 10:18:00

مەن پەقەتلا قىلالمىغان ئىدىم . رەھمەت سىزگە...

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 22:28:39

ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز.بۇنىڭغا ئىھتىياجلىق كىشىلەر سىزدىن مىنەتتار بولغاي.

fffffffffffffff يوللانغان ۋاقتى 2015-6-13 23:53:49

رەسىمى چىقماپتۇغۇ؟

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

18299889295 يوللانغان ۋاقتى 2016-1-31 23:24:23

رەسىم كۆرۇنمەپتىغۇ ، فونكىسسىيەنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى ،مۇمكىن بولسا قايتا يوللاپ قوياسىز .

KARWAN33 يوللانغان ۋاقتى 2016-4-11 00:09:53

فۇنكىسسىيە قىنى
بەت: [1]
: Excel دا كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈش ۋە تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئۈزۈۋېلىش