شۈنلېيدىن پايدىلىنىپ كۆپ ھۆججەتنى كۆپ يەرگە چۈشۈرۈش توغرىسىدا
بۇ تېمىغا نىمە دەپ ئىسىم قويۇشنى بىلمىدىم،شۇڭا مۇشۇنداق ئىسىم قويۇپ تۇردۇم،ئادەتتىغۇ شۈنلېيدىن بىر نەرسە چۈشۈرمەكچى بولساق ھۆججەتنىڭ ئادرىسىنى چاپلاپ چۈشۈرمەكچى بولغان ئورۇننى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ،بۇنىڭغا تېما يېزىپ ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقتى.مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ،قانداق دېسەڭلار ئاۋال يولۇققان مەسلەمنى سۆزلەي.يېقىندا توردىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرمەكچە بولۇپ قالدىم.بۇ ھۆججەتلەرمۇ ئانچە ئازئەمەس ئىدى.ھۆججەتلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بار ئىدى.ئەسلىدە بۇنى بىۋاستە شۈنلىيگە بىۋاستە چاپلىسام بولاتتى،ھەممە ئادرىسنى چاپلاپ چۈشۈردىغان ئورۇننى تاللاپ چۈشۈرۈشنى باشلىسام بولاتتى،بەزىدە چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئىسمى تور بەتلەردىكى مەزمونلارغا قويغاندىكى ئىسىم ئوخشىمايدۇ،توربەتدىكى ئىسمى بىزگە كۆرسىتىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن قويغان ئىسمى،چۈشۈرۈش ئادرىسىدىكى ھەقىقىي ئىسمى بەزىدە بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن.شۇڭا بىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قالساق چۈشۈرگەن ۋاقىتتا ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى چوقۇم ئۆزىمىز چۈشىنىدىغان قىلىپ قويىمىز،ھەرگىزمۇ ئۆز پېتى قويۇپ قويماسلىقىمىز مۇمكىن،چۈنكى كىيىنكى قېتىم شۇ ھۆججەتنى ئىزدەپ تېپىشىمىزغا قولاي بولىدۇ ئەمەسمۇ،مېنىڭ چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتلىرىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن مەن قويماقچى بولغان ئىسىملىرى بار يەنە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتتە:
ئەگەر مەن بۇ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى بىۋاستە چاپلاپ چۈشۈرسەم ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ھەقىيقى ئىسمى بويىچە ساقلاپ بېرىدۇ،چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئىسمى مەن كۈتكەندەك بولسىغۇ مەيلىتى،لىكىن بەزىلىرىنىڭ ئۇنداق ئەمەس،شۇڭا ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپ ئىسمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىشىمغا توغرا كىلىدۇ،ئەگەر بىرتال ھۆججەت بولسا بىۋاستە قولدا ئۆزگەرتىسەم بولىدۇ،ئەگەر 10 تال بولسا ئازراق قاقشاپ يۈرۈپ ئۆزگەرتىمەن،100تال بولۇپ قالسىچۇ؟ئەگەر 1000تال بولۇپ قالسا يەنە شۇ بىردىن بىردىن قولدا ئۆزگەرتىمەنمۇ؟بۇنداق قىلسام ئېنىقلا ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ.ۋاقىت كەتسىغۇ مەيلى،لىكىن بىردىن بىردىن قىلىپ ئولتۇرسام كومپىيۇتېرىغا ۋە كەسپىمگە يۈز كىلەلمىگىدەكمەن(مۇشۇ باھانىدا كەسپىمنى داملىۋالدىم ھە.ھى ھى).كومپىيۇتېردىكى ئىشلارنى يەڭگىلىتىمەن دەپ ئۆگەنگەن كەسپنى مۇشۇنداق يەرلەردە ئىشلەتمەي قەيەردە ئىشلىتىمەن؟يەنە بىردىن بىردىن قولدا ئۆزگەرتىپ يۈرسەم قالماشماس.قىلماي تاشلاپ قوياي دېسەم ماڭغا لازىملىق ھۆججەتلار،ۋاقتىدا چۈشۈرۋالمىسام ئۆچۈپ كەتسە ياكى يوقاپ كەتسە كىيىن تاپقىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ.شۇڭا دەسلەپتە ئۆزۈم پروگرامما يېزىپ چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم،يەنە ماۋۇ ئادرىستىكى ھۆججەتنى ماڭغا ماۋۇ يەرگە مۇنداق ئىسىم قويۇپ چۈشرۈپ بەر دەپ كود يازدىم،لىكىن نىمىشقىكىن چۈشرۈش سۈرئىتى شۈنلېينىڭكىدەك تىز ئەمەس،(تور كۆرگۈچتىنمۇ چۈشۈرۈپ باقتىم،يەنىلا شۈنلېيگە يەتمىدى)،شۈنلىنىڭ مىگادىن چۈشۈرسە مېنىڭ كىلو بايىتتىن چۈشۈرۋاتىدۇ،بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ بولالماي،باشقا ئامال ئىزدىدىم،ھەم شۈنلېي دىگەن مەخسۇس چۈشۈردىغان دىتال بولغاچقا مەن ھەرقانچە نوچى يېزۋاتساممۇ ئۇنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيمەندە.شۈنلىي ئۆزىدىن پايدىلىناي دەپ شۈنلىينىڭكى ئورگان تورىنى ئاختۇرۇپ مۇشۇ شۈنلىينىڭ چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىدىغان مۇناسىۋەتلىك SDK(软件开发工具包 Software Development Kit)لىرى باركەن،ئۇنى ئازراق كۆرۈپ بېقىپ راست گەپنى قىلغاندا خۇشاقمىدى،ماڭغا لازىملىقى پەقەت شۇ ھۆججەتكە خالىغانچە ئىسىم قويۇپ چۈشۈرۈش،باشقا ئۆگىنىدىغان نەرسىنىڭ تولىلىقىدا بۇنى كۆرۈشكە ۋاقىت ئاجراتقىم كەلمىدى.ئاشۇ ماتىرياللارنى كۆرۈپ ئۆگىنىۋالسامغۇ كىيىن خېلى ئەسقاتاتتى،شۇنداق بولسىمۇ ھازىرچە بۇنى ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويۇپ باشقا ئامال ئىزدىدىم.ئىزدەۋېتىپ شۈنلىينىڭ dll سىنى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈش ۋەزىپىسى ھاسىل قىلدىغان ئۇسولنىمۇ كۆرۈپ قالدىم ،بۇنى سىناپ قىلسام بىردىن بىردىن قىلسام مەن كۈتكەندەك بولىدىكەن،لىكىن 100دىن جىق ھۆججەت بولسا ئاۋۇ ۋەزىپىنى قوشۇپ بولغىچە يەنە ساقلايدىغان ئىشكەن،بۇنى ئەلۋەتتە قولدا قىلمايمەن،بىر دەۋرى قۇرۇلما بىلەن تەكرار ئىشنى قىلدۇرىمىز،بۇ ئامالمۇ ماڭغا يارىماي توختاپ تۇر،مۇشۇ شۈنلىينىڭ قۇرغان تىزىملىكىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بىر يەردە ساقلايدىغاندۇ؟بىۋاستە شۇ يەرگە قوشۇپ قويسامچۇ دەپ ئويلاپ توردىن ئىزدەۋېتىپ دىگەندەك شۈنلېينىڭ ئاشۇ ئۇچۇرلارنى بىر ساندانغا ساقلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم،ساندان sqlite بولۇپ،ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن ئىسمىنى ئۇلار باشقىغا ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ،ئۇ ساندانىنىڭ ئورنى بولسا (مېنىڭكى شۈنلېينىڭ نەشىرى 9.1) شۈنلېينى قاچىلغان ئورۇندىكى Profiles دىگەن ھۆججەت قىسقۇچتا ئىكەن،ھۆججەتنىڭ ئىسمى TaskDb.dat ئىكەن.بۇنى sqliteساندانىنى كۆردىغان دىتالدا ئاچتىم،دىگەندەك سۈنلېينىڭ چۈشۈردىغان ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرلىرى ھەم چۈشۈرۈپ بولغان ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە ئۆچۈرۋەتكەن ئەخلەت ۋەزىپىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سانداندا ساقلىنىدىكەن،مەن مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزەرتىپ شۈنلىينى قوزغىتىپ قارىسام مەن يازغان ئۇچۇرلار كۆرۈندى،دىمەك مەن توردىكى ماۋۇ ھۆججەتنى ماۋۇ يەرگە ماۋۇ ئىسىمدا چۈشۈرۈپ بەر دىگەننى بىۋاستە مۇشۇ يەرگە قوشۇپ قويساملا بولىدىكەن.بۇ دەل مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجەم ئىدى.مۇشۇ ساندانغا ئۇچۇر قوشۇپ يەتمەكچى بولغان نىشانىمغا يەتتىم.تۆۋەندە مەن مۇشۇ قىلغان قەدەم باسقۇچلىرىمنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمەن.ئالدىدىكى يازغان چۈشۈرۈش كودلىرىنى، شۈنلىينىڭ sdkسى ۋە com组件سى دىگەندەك يەرلەرنى چىقىرۋەتتىم،ھەم بۇ ئۇسۇللاردا مېنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىم ئەمەلگە ئاچمىغاچقا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم،ياكى مۇشۇ ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باققانلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ تەجرىبەڭلەرنى تۆكسەڭلار كىيىنكىلەر پايدىلانسا.مۇنبەرلەردە تېما يېزىپ باقمىغىلى خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن،يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگىچە 2 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى.تېخى خىيالىمدا 2 سائەتلەر ئەتراپىدا يېزىپ بولىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن،بۇنچىلىك ۋاقىت ئالدىغىنىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.شۇڭا بىۋاستە سانداندىن باشلاپ چۈشەندۈرەي.
كېرەكلىك دىتاللار:
1. شۈنلېي 9.1
2. Sqlite ساندانىنى تەھرىرلەيدىغان دىتال،مەن navicat premium نى ئىشلىتەتتىم،شۇڭا مۇشۇ دىتالنى ئاساس قىلىپ چۈشەندۈرىمەن.بۇنى بىۋاستا بەيدۇغا يازساڭلار چۈشرۈش ئادرىسىنى تاپالايسىلار.رەسىمدىكى دىتال شۇ
ئاۋال navicat premium نى قوزغىتىمىز(چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى قالدۇرۇپ قويدۇم،دىتال قاچلاشقا سىلەر مەندىن ئۇستا بولىشڭلار مۇمكىن،شۇڭا ئاتكاچىلىق قىلغۇم كەلمىدى. ھە راست بۇ دىتال ھەقلىق،يېشىش ئۇسۇلىمۇ يەنە شۇ توردا بار.).ئاندىن بىر sqlite ساندانىنىڭ ئۇلىنىشىنى قۇرىمىز،يەنى 连接 باسساق مۇشۇ دىتال ئۇلىنىشنى قوللايدىغان ساندانلارنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ(بۇ دىتال بەك ياخشى،mysql,sql server,oracle,sqlite دىگەندەك ساندانلارنىڭ ھەممىسگە ئۇلانغىلى بولىدۇ،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە تەۋسىيە قىلاي).بۇ تىزىملىكتىن sqliteنى تاللىساق بىر كۆزنەك ئېچلىدۇ.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.
连接名دىگەن يەرگە خالىغانچە ئىسىم قويساق بولىدۇ،بۇ بىزگە كۆرىنىدىغان يېرى خالاس،باشقا مۇھىم رولى يوق،چۈشنۈشلىك بولۇش ئۈچۈن xunlei دەپ قويدۇم.ئاندىن 数据库文件دىگەن يەرگە سانداننىڭ ئورنىنى يازىمىز،ھە راست ئۇ ساندان يوق بولسا شۈنلىينى قوزغاتسىڭىز شۈنلىي يېڭىدىن بىرنى قۇرۇپ بېرىدۇ،بار بولسا شۇنى ئىشلەتسڭىز بولىۋېرىدۇ،لىكىن شۈنلېينى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋەتكەندە ئاندىن بۇ ساندانغا مەشغۇلات ئىلىپ بارالايسىز،شۇڭا سانداننى تەھرىرلەشتىن بۇرۇن شۈنلىينى ئېتىۋىتىڭ.
确定نى بېسىشتىن بۇرۇن 连接测试نى بېسىپ ئۇلاپ باقىمىز،نورمال ئۇلانسا 确定نى باسساق كۆزنەك ئۆچىدۇ،يەنە 确定نى باسساق بۇ كۆزنەك ئۆچۈپ سول تەرەپتە بايا قۇرغان ئۇلىنىش كۆرىنىدۇ.
سول تەرەپتىكى ئۇلىنىشنى قوش چېكىپ ئاچساق mainدەپ بىر ساندان كۆرىنىدۇ،سانداننى يەنە قوش چەكسەك كۈلرەڭدىن يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ،ھەم ئوڭ تەرپىدىكى 对象دىگەن كۆزنەكتە شۇ سانداندىكى جەدۋەللەر كۆرىنىدۇ.رەسىمدىكىدەك:
مەن دىگەن ئۇچۇرلار P2spTask ۋە TaskBase دىگەن ئىككى جەدۋەلدە ئىكەن،قالغان جەدۋەللەرنى نىمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ دەپ تەتقىق قىلىپ ئولتۇرمۇدۇم. TaskBase دىگەن جەدۋەلنىڭ تۈزۈلىشىگە قاراپ باقىدىغان بولساق 57تال سىتون(字段)سى باركەن،جەدۋەلنى تاللاپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسساق چىققان تىزىملىكتىن 设计表 نى باسساق چىقىدۇ.بۇ 57 سىتوننىڭ نامى ۋە سان تىپى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەككەن.
TaskBase دىگەن جەدۋەلدە چۈشۈردىغان ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرى ساقلىندىكەن،ۋەزىپە دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ،字段گە قويغان ئىسمىدىنلا بەزىلىرىگە نىمە مەزمون ساقلايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ،بۇنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ دەسلەپتە قايسىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قىلۇرمەن دەپ بىر غەم بولغان،كىيىن توردىن pythonدا مۇشۇ توغۇرلۇق كودنى كۆرۈپ ئۆزگەرتمەكچى بولغان يەرنى بىلدىم،يەنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكى مەن قىزىل رامكىغا ئىلىپ قويغان يەرلەر شۇ،كۆپ ئەمەس،شۇ 6 تال كاتەك.taskid دىگىنى شۇ ۋەزىپىنىڭ ئايدىسى،ۋەزىپىنىڭ كىملىكىك نۇمرى دىسەكمۇ بولىدۇ، Type دىگەن نىمىنىڭ تىپىلىقىنى مەنمۇ بىلمىدىم،1 دىگەن قىممەتنى ئالىدىكەن. Status دىگەن يەر بولسا ۋەزىپىنىڭ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىكەن،ئۇ 3، 5، 7، 8 دىگەن قىممەتلەرنى ئالىدىكەن،3 نىڭ مەنىسى ساقلاۋاتىدۇ يەنى 排队ھالىتىدە دىگىنى ئىكەن،5 باشلاندى开始دىگەن ھاكەتتە،7 نىڭ مەنىسى توختىتىپ قويۇلغان 暂停 ،8 نىڭ مەنىسى بولسا چۈشۈرۈپ بولغان完成 دىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن.ئاندىن SavePath دىگەن يەرگە ھۆججەتنى ساقلىماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئادرىسى يېزىلدىكەن،مەسلەن d:\test\ دىگەندەك.
url غا ھۆججەتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ساقلىنىدىكەن.nameدىگەن يەرگە چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ سىز قويغان ئىسمى يېزىلدىكەن،ئادەتتە شۈنلېيدىن بىر نەرسە چۈشۈرسەك ئۆزى ئاپتۇماتىك ھۆججەت تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىردىكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بېرىدۇ،بىز بۇنى ئۆزگەرتسەكمۇ بولىدۇ ياكى مۇشۇ بويىچە قويۇپ قويساقمۇ بولىدۇ.قالغان يەرلەرگە ماس ھالدا ئۇچۇرلار يېزىلدىكەن،ئەگەر بىز مۇشۇ جەەۋەلگە ئۇچۇر قوشۇپ چۈشرۈش ۋەزىپىسى ھاسىللىماقچى بولساق TaskBase دىگەن جەدۋەلدىكى مەن كۆرسەتكەن 6 يەرگە ئۇچۇرنى توشقۇزۇپ قالغان يەرنى قۇرۇق تاشلاپ قويساق بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق شۈنلىيگە ماۋۇ چۈشرۈش ئادرىسىدىكى ھۆججەتنى ماڭغا ماۋۇ ھۆججەت قىسقۇچقا مۇنداق ئىسىم قويۇپ چۈشرۈپ بەر دىگەن مەقسەقكە يېتىمىز(ئالماشنى بەك كۆپ ئىشلىتىۋەتتىم ھە).بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويسام بىر تال ھۆججەت چۈشۈرمەكچى بولساق بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ بۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كەتسەك بەك جاپا تارتىۋالىمىز،ھۆججەت كۆپرەك بولغاندا،ھەم سىزدە مەن ئۈستىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك چۈشرۈش ئادرىسى بىلەن ھۆججەتكە سىز قويماقچى بولغان ئىسىمنىڭ تىزىملىكى بولغاندا ئىشلەتسىڭىز ئاسانلا يەتمەكچى بولغان نىشانغان يېتالايسىز.خوش ئەمدى مۇشۇ TaskBase دىگەن جەدۋەلگە ئۇچۇرلارنى يېزۋەتسەكلا تۈگەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ،تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇغان بولسڭىز مەن ئىككى جەدۋەلنى كۆرسەتكەن،مەن دەسلەپتە مۇشۇ بىر جەدۋەلگە ئۇچۇر قوشۇپ شۈنلىينى قورغاتسام ۋەزپىپە تىزىملىكىدىن ئۇ ۋەزىپە كۆزۈنمىدى،لىكىن مۇنچە تال ۋەزىپە بار دەپ 正在下载 xx دەپ كۆرىنىپ تىزىملىكتىن كۆرۈنمىگەن،باشلاش كونۇپكىسىنى باسسامۇ ئىشلىمىگەن ئىدى،شۇڭا توردىن تاپقان python كودىنى (كودنى سەل تۇرۇپ ئاستىغا چۈشۈرۈش ئادرىسنى قوشۇپ قويىمەن.)يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ P2spTask مۇشۇ جەدۋەلنىڭمۇ رولى بارلىقىنى بايقىدىم.بۇ جەەۋەلنىڭ سىتونلىرىنى ئىچىپ كۆرسەك بۇنىڭدىمۇ 21 تال سىتون باركەن،
بۇ جەدۋەلدە ئاساسلىق مۇلازىمىرنىڭ ۋە چۈشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدىكەن،بۇ جەدۋەلنىمۇ ئۇنچە تەتقىق قىلىپ ئولتۇرماي TaskId،DisplayUrl دىگەن ئىككى مەزمونىغىلا ئۇچۇر قوشتۇم،taskid دىگىنى شۇ ۋەزىپىنىڭ كىملىكى،بىر ۋەزىپىگە نىسبەتەن ئالدىنقى جەدۋەلدىكى ئۇچۇرنىڭ taskid بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، DisplayUrlغا چۈشۈرۈش ئادرىسنى يازىمىز،بايىقى ئىككى جەدۋەلگە ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ بولۇپ شۈنلىينى قوزغۇتۇپ چۈشۈرۈشنى باشلىساق بولىدۇ.ھازىر ئاددىي قىلىپ بىر تال ۋەزىپىنى جەدۋەلگە قوشۇپ سىناق قىلىپ كۆرسىتىپ قوياي،جەدۋەلگە ئۇچۇر قوشماقچى بولساق sql جۈملىسى ئارقىلىق قوشساق بولىدۇ،يەنى insert جۈملىسى ئارقىلىق.تۆۋەندىكى ئىككى قۇر كودنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇچۇر قوشساق بولىدۇ.
INSERT INTO TaskBase ("TaskId", "Type", "Status","SavePath","Url", "Name") VALUES (1,1,5,'d:\test\','http://117.190.191.151/cache/www.aliptori.com/alip.apk?ich_args2=84-09201302053097_0415350491fa9c167b948e84896d8cef_10001002_9c886d25d1c3f3d5963c518939a83798_6376afb15af97cccc3149a4dbd857c0a','alip tori terminali.apk');
INSERT INTO P2spTask ("TaskId", "DisplayUrl") VALUES (1,'http://117.190.191.151/cache/www.aliptori.com/alip.apk?ich_args2=84-09201302053097_0415350491fa9c167b948e84896d8cef_10001002_9c886d25d1c3f3d5963c518939a83798_6376afb15af97cccc3149a4dbd857c0a');
ساندان تەھرىرلەيدىغان دىتالدىكى ئو تەرەپتە بىر قوشۇش بەلگىسى بار شۇ يەرنى باسساق sql جۈملىسى ئىجرا قىلدىغان يېرىنى بىر تەپ شەكلىدىكى بەت ئېچىلىدۇ،رەسىمدىكىدەك:
ئېچىلغاندىن كىيىن كودنى چاپلاپ 运行 دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق كود ئىجرا بولىدۇ،ئاستىدا كودنىڭ ئىجرا بولغاندىكى نەتىجىسى چىقىدۇ.رەسىمدىكىدەك:
ئىجرا بولۇپ بولغاندىن كىيىن شۈنلىينى قوزغاتساق بىز قوشقان ۋەزىپە سول تەرەپتە كۆرىنىدۇ،
مەن ۋەزىپىنىڭ ھالىتىنى 5 دەپ قوشقان يەنى توختىتىپ قويۇلغان ھالەتتە،چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرسەك ۋەزىپە چۈشۈشكە باشلايدۇ.
شۇنداق قىلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتتۇق.
يۇقرىدىكى مەشخۇلاتلار بەلكىم مۇرەككەپ بىلىنىشى مۇمكىن،sql جۈملىسىنى نەچچە ھۆججەت بولسا شۇنچە قېتىم يازىدىكەنمىز دەپ،بۇنى پروگرامما ئارقىلىق sql جۈملىسىنى ھاسىل قىلىۋىلىپ بايىقى كۆزنەكتە ئىجرا قىلدۇرۇپ قوشتۇم،ھە راست ئاۋۇ ئىككى جەدۋەلدىكى TaskId دىگەن مەزمون تەكرارلىنىپ قالماسلىقى كېرەك،ئۇ خۇددى بىزنىڭ كىملىك نۇمرىمىزغا ئوخشاش شۈنلېي ۋەزىپىسىنىڭ بىردىنبىر نۇمرى.شۇڭا بۇيەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
يەنە بىر گەپ:مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ياخشىراق ھەل قىلدىغان ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغان بولساڭلار ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار ئۆگىنىۋالساق.بۇنداق جاپا تارتىپ بىرمۇنچە نەرسىلەرنى قىلىپ يەتمەكچى بولغان نىشاندا يېتىش بىر ئاز ئاۋارچىلىقكەن.
خۇلاسە:
بۇنداق شۈنلىيدىن بىرنەرسە چۈشۈرۈشكە ھازىرچە ئېھتىياجىڭلار چۈشمەسلىكى مۇمكىن،ئەگەر چۈشۈپ قالسا ھازىرچە مەن دىگەندەك بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ تۇرساڭلار بولىدۇ،ئات تاپقۇچە ئىشەك بولسىمۇ مېنىپ تۇرغان ياخشى.ھە راست بايىىقى ئىككى جەدۋەلنى كۆرۈش جەريانىدا مۇنۇ يەرلەرگە كۆزۈم چىلىقىپ قالدى،TaskBase تىكى FreeDcdnReceiveSize دىگەن يەر،بۇ يەردە بەلكىم ئەزا ئەمەسلەر ھەقسىز سىناپ چۈشۈرۈشكە يول قويدىغان سىغىم سانى ساقلىنامدىكىن دەپ ئويلىدىم،تەتقىق قىلاي دېسەم ئىشخانىنىڭ تور سۈرئىتى تىز بولغاچقا خوشاقمىدى،ھەم يېشۋىتىلگەن چەكلىمىسىز چۈشۈرگىلى بولدىغان نەشىرى بولغاچقا بولدى قىلغان،ئاندىن چۈشۈرۈپ بولغان ھۆججەتلەرنىڭ ئادرىسىنى باشقىلار يوللاپ بەرمەكچى بولساق مۇشۇ سانداننى بىۋاستە يوللاپ بەرسەك ئۆزىنىڭكى ساندانىنىڭ ئورنىغا قويۇپ شۈنلىينى قوزغىتىپ قايتا چۈشۈرسە بولىدۇ،بۇ يەنە بىر ئىشلىتىلىشى.
ئويلاپ قىلىشىڭلار مۇمكىن مېنىڭ زادى قانچىلىك ھۆججەتتۇ ئۇ دەپ،ئون مىڭدىن كۆپتى،ئۇنى ھازىرغۇ ئىشلەتمەيمەن،كىيىن ئىشلىتىپ قىلىشىم مۇمكىنچۇ،توردىن يىققان ئىدىم،ئادەتتە توردىن شۇنداق لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۋېلىپ ساقلىۋالمىسام كۆڭلۈم قەرەل تاپمايتتى.
بىۋاستا ئادرىسنى چاپلاپ چۈشۈرمەكچى بولساممۇ بىر قېتىمدا 1000 ھۆججەتنى قوشقىلى بولىدىكەن،10 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرار كۆچۈرۈپ چاپلاپ قىلدىغان ئىشكەن.ھەم ھۆججەتنىڭ ئىسمى توربەتتە كۆرسەتكەندەك ئەمەسكەن،چۈشۈرۋالغان بىلەن ئىسمى باشقا بولسا بەرىبىر پايدىلانغىلى بولمايدۇ،ئىزدەش جەريانىدە ئىزدەپ تاپالمىسام،تۇنالمىسام نىم پايدا؟
شۇڭا بىۋاستا چاپلاپ چۈشۈرۈپ بولۇپ قولدا بىردىن بىر ئۆزگەرتىشىمغا توغرا كىلىدىكەن،بۇرۇن خۇيۈ تورىدىن 43 قىسىملىق سۇبويىدا تېلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ھەممە قىسمىنى چۈشۈرگەن ۋاقىتتا ھۆججەت ئىسمى قالايمىقان ھەرپ سانلار ئىدى،شۇنى ئاز بولغاچقا چۈشۈرۈپ بولۇپ قولدا بىردىن بىردىن ئۆزگەرتىپ ساقلىۋالغان،لىكىن بۇمۇ خېلى ۋاقىت ئالغان ئىدى،بۇ ۋاقىتتا چىداپ يۈرۈپ قىلغان،(بەزى ھۆججەتلەرنىغۇ چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ،بەزى ھۆججەتلەر ئۇنداق ئەمەس،ئۇنى توربەتلەر ئاپتۇماتىك ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ،توربەتكە پارامىتىر يوللىساق ماس ھالدا بىزگە بىر ھۆججەت ھاسىللاپ چىقىرىپ بېرىدۇ،شۇڭا چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن ھۆججەتنىڭ ئىسمى ئارقىلىق ئىسىم ئۆزگەرتىشمۇ بەزىدە ئاقمايدۇ،يەنى ئەڭ دەسلەپتە كۆرسىتىلگەن مۇناسىۋەت بار جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن ھۆججەتنىڭ ھەقىيقى ئىسمىنى ئالىمىز،ئانىدىن بىۋاستە شۈنلىيغا چاپلاپ چۈشۈرگەن ئادرىستىن ئاشۇ ئىسىمنى بىزقويماقچى بولغان ئىسىمغا ئۆزگەرتىۋەتسەك بولىدۇ.)
ماڭغا ئادەتتە مۇشۇنداق تەكرار ئىشلار خۇشاقمايدۇ،تەكرار مەشخلات بولۇپ قالسىلاپروگرامما ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئويلىشىمەن(سۇ بويىدانىڭكىنىچۈشۈرگەندە ئاز بولغاچقا كود يېزىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇم كەلمىگەن،لىكىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئازراق خوشاقمىغان ئىدى)،شۇڭا مۇشۇ ھۆججەت چۈشۈرمەكچى بولۇپ يوللۇققان مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ بىر قانچە كۈن ئىزدىنىپ ئاخىرى مۇشۇ ئامال بىلەن ھەل قىلغان،كىيىن باشقىلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا ئىزدەپ ئاۋارە بولمىسۇن دەپ مۇشۇ يازمىنى يازدىم،ھازىرچە پايدىسى تەگمىسە كىيىن لازىم بولغاندا ئىزدەپ پايدىنارسىلەر.ۋىندوۋستا ھۆججەتكە ئىسىم قويماقچى بولساق چەكلىگەن سەككىز ھەرپ بار،مۇشۇ ئىسىملارنى ئىشلىتىپ ئىسىم قويغىلى قەتئىي بولمايدۇ،قايسى دېسىڭىز يېڭى ھۆججەت قۇرۇپ ھۆججەتنىڭ ئىسمىغايۇلتۇز بەلگىسى يەنى * نى باسسىڭىز تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى ئىشلىتەلمەيسەن دەپ ئەسكەرتىدۇ،شۇ ھەرپ بەلگىلەرنى دىمەكچى.شۇڭا بايىقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ ساندانغا قوشۇپ قويغان بىلەن چاتاق چىقىشى مۇمكىن.ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمى باشقىچە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.مۇشۇ يەرگە دىققەت قىلىڭلار.
تۆۋەندىكىسى بايا دىگەن python نىڭ شۈنلېي ساندانىنى قۇردىغان كودى،python2.7نىڭ كودىكەن،مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا python3.6باركەن،شۇڭا بۇنى نورمال ئىجرا قىلدۇرالمىدىم.لازىملىقلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار.
ئاخىرىدا چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بىكار ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بىلەلىسەم جاۋاپ قايتۇرىمەن.ھەم تۇنجى تېما بىلەن بىر دەسلەپ قىلىۋالاي دەپ يوللايدىغان تېما تاپالماي،قارىسام ماۋۇنەرسىگە ھازىر بولمىسا كىيىن ئېھتىياجى چۈشۈپ قالۇر دەپ يولۇققان مەسىلىنى ۋە ھەل قىلغان ئۇسۇلنى چۈشەندۈرۈپ مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم. شۈنلىي قەبىھ بەك مازلىشىپ كىتىپتۇ ، ھازىر چوڭراق بىرە نەسە چۈشۈرمەكچى بولساق يۈز نەچچە مىگاغىچە تىز چۈشىدىكەن ، ئۇنىڭدىن
كىيىن ناھايتى ئاستىلاپ كىتىدىكەن ، تورنى قىسىۋالىدىكەن vip ئاچمىساق ، vip ئاچساقمۇ svip
ئاچمىساق تورنىڭ تىزلىكىنى تولۇق قويىۋەتمەيدىكەن ، ئىشقىلىپ بىر خىل ماز جاپا چىكىپسىز رەھمەت رەھمەت سىزگە ، تېمىنى تولىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ يېزىپسىز.شۇ قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.يەنە 1 قېتىم رەھمەت سىزگە. ئېسىل.ياخشى ، چۈشىنىشلىك يېزىپسىز.قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز؟مەن بىر تېما يېزىش ئۈچۈن بەش تۆت قۇر خەتنى يازالماي ، كۆپىنچە ئىملا خاتالىق كۆرۈلۈپتەستىقلانمايتتى.خىلى يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىز بار ئى ىكەن. مىنىڭچە بولسا شۇنلىينىڭ ئىشلىتىش قىممىتى قالمىدى ، ھازىر ھەقلىق قىلۋالاچقا تىخىمۇ ئاستىلاپ كەتتى
ھەزىر مەن ئىشلىتىۋاتقىنى 360 تور كۆرگۇچ بۇنىڭ تور مىختارىنى قىسىۋالىدىغان ئىششى يوق ھەم ئارقا بەتتىن پايدىلانغىلى بولىدۇ ! رەھمەت پايدىلىق تىما ئىكەن//mobcent//app/data/phiz/default/28.png
مىنىڭ تېلفۇنۇمنىڭ نەشىرى10.3 لىكىن بۇ شۈنلېينى پەقەت تاپقىلى بۇلمىدى ئەپ بازىردىمۇ يۇقمەن تەستە سىناق نەشىرنى ئىشلىتىۋاتىمەن كىنو چۈشۈردىغان چاغدا 5مو غا 12سائەت ئالاھىدە ئەزالىق ئالىمە ئىشقىلىپچۈشۈرۈش سۈرئىتى تىز بەك قۇلايلىق ئەگەر ئالما تېلفۇنغا شۈلېينى چۈشۈرەلمىگەنلەر بولسا چچ ئۈندىدار 1746463151 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ماڭا datشەكىلدىكى يېزىق ئامبىرىنى قانداق تەھرېرلەيدۇ قانداق دېتال كىتىدۇ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ،يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىز تىلى ،ئەپ دىتالىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قوشماقچى ئىدىم يېزىق ئامبىرى datشەكىلدە بولغاچقا قانداق تەھرېرلەشنى بىلەلمىدىم
bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-7-10 21:55
ئەسسالامۇ ئەلەي& ...
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام،ئۇنى ئادەتتە شۇ ھۆججەتنىڭ فورماتىغا قارايمىز،كېڭەيتىلگەن نامىنى خالىغانچە قويۋالسا بولىۋېرىدۇ،مەزموننى شۇ بەلگىلىگەن فورمات بويىچە ئوقۇسىلا بولىدۇ.شۇڭا ھۆججەتنىڭ ئىسمىغا قاراپ قايسى دىتالدا تەھرىرلەشنى دېيىش تەس،ئەپنىڭ ئىسمىنى ئەۋەتسىڭىز مەن قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي. 2_71828 يوللىغان ۋاقتى2017-7-11 11:38 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام،ئۇنى ئادەتتە شۇ ھۆججەتنىڭ فورما ...
ئەپنىڭ ئىسمى مۇشۇ،يېزىق ئامبىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى datشەكىلدە چىقىدىكەن .كېڭەيتىلگەن نامىنى txtكە ئۆزگەرتىپ ئاچساممۇ ياكى بىۋاستە ئاچساممۇ خەتلىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان چىقىۋالدى كودلاش ھالىتىنىمۇ ئۆزگەرتىپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش
bulbulla يوللىغان ۋاقتى2017-7-11 16:29
ئەپنىڭ ئىسمى مۇ ...
سىز دىگەن ئەپنى قاچىلاپ كۆردۈم،ئۇ ھۆججەتلەر مەخپىيلەشتۈرۈلۈپتۇ،ئۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئۇنى يېشىشىڭىز كېرەك،بولمىسا كۆرەلمەيسىز،تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز تەرجىمە قىلىپ بولۇپ شۇ بويىچە مەخپىيلەشتۈرۈپ ئورنىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.قانداق يېشىمىز دېسىڭىز ئاشۇ ئەپنىڭ كودى كۆرۈپ يېشىمىز،لىكىن قاراپ باقسام ئەپنىمۇ مەخپىيلەشتۈرۋېتىپتۇ،قىزىقسىڭىز شۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىپ بېقىڭ. 2_71828 يوللىغان ۋاقتى2017-7-12 11:15
سىز دىگەن ئەپنى قاچىلاپ كۆردۈم،ئۇ ھۆججەتلەر مەخپىيلە ...
شەكىللىڭ ئامبارر ھۆججىتىنى كۆپ ئۇچراتتىم ئەمما نەچچە يىلنىڭ ياقى بىرەرسىنىمۇ قانداق تەھرىرلەشنى بىلەلمىدىم datمەن مۇشۇنداق
بەت:
[1]