uyghur يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 12:59:37

يىجىيا 5 OnePlus رەسمىي ئېلان قىلىندى

6-ئاينىڭ 21-كۈنى يىجىيا پەن تېخنىكا شىركىتى (一加科技) بېيجىڭدا يىجىيا 一加手机5 نى رەسمىي ئېلان قىلدى. 6+64GB نەشرىنىڭ باھاسى 2999 يۈەن، 8+128GB نىڭ باھاسى 3499 يۈەن.




سەپلىمە جەھەتتە، بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، LPDDR4x تۆۋەن قۇۋۋەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچ، كەينىگە 20 مىليون پىكسېل(F2.6)ۋە 16 مىليون پىكسېل(F1.7)قوش كامېرا سەپلەنگەن. ئالدىغا 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن. ئىككى ھەسسە زىيانسىز فوكۇس تەڭشەشنى قوللايدۇ.
بۇ يانفونغا 5.5 دىيۇم 1080P ئېنىقلىقتىكى OLED ئېكران سەپلەنگەن. DCI-P3 نى قوللايدۇ.


ئالەم كېزەر 4G تورنى قوللايدۇ. تۇرمۇشتىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. 3300mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن. كۆكچىش 5.0 نى قوللايدۇ. 4A تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
سىرتقى لايىھە جەھەتتىن يىجىيا 5 نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى iPhone 7 Plus گە ئىنتايىن ئوخشايدۇ.

يىجىيا ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ياقتۇردىغان جۇڭگو يانفونىبولغان. بۇ قېتىم يىجىيا 5 ئېلان قىلىنىپ رەسىم سېتىلىپ بولغۇچە ئالدىن زاكاس مىقدارى 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 13:17:09

كامېرا جەھەتتە شىياۋمى 6 دىن ئۈستۈن تۇرامدۇ نىمە ؟

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 13:48:34

تىلفۇنغو بۇلدىكەن ،پۇلى بولمايدىكەن……

对你的眼里_我 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 13:51:26

ئىشقىلىپ ئوپپونىڭ r11دىن نوچىكەن ،ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق يانفۇن ئېلىش توغرا كىلىپ قالسا مەن يەنىلا شياۋمى 6نى ئالىمەن

18129112121 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 14:20:58

پوپ قويىدىكەن.

XaTuR007 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 17:07:26

سىز كامىرانىڭ پىكسىلىغا قارىۋالماڭ مەن شاۋمىي 6ئېلىشتا شۇنداق ئىككىلەنگەن ئالما6s پىلوستىنمۇ سۈزۈك تاتىپ قويدى رەسىمگە قالغىنىنى ئىشلەتكەندە بىلىسىز

مەجىنۇن يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 19:32:28

1+تېلىفونى بولدىكەن باھاسىمۇ،

akbulut يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 21:51:55

باتارىيىسى كىچىككەن

گۈللە يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 23:34:30

يىجىيا… بۇ تىلفۇننى بەك ماختاپ كەتتىھەتتا چەتئەللىكلەرمۇ ،بېرتۇتۇپ باقساق بولغىدەكبۇتىلفۇننى …

hiyal810 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-22 23:57:51

دۆلىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان يانفۇنلار ئىچىدە باھاسى خېلى مۇۋاپىق يانفۇن بوپتۇ.

RIXTA0998 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-23 00:44:08

باتارىيەبىرمەسلەدىسە

ئۇيغۇرr يوللانغان ۋاقتى 2017-6-23 03:15:09

ۋاھ شاۋمى 6 دىنمۇ نوچىكەن ماۋۇ ،شاۋمى ئالتە ئالغانلا پۇشايمان قىلامۇ ئەمدى .   تېخى OLED ئېكران ئىشلىتىپتۇ دەيدۇ .

15352580258 يوللانغان ۋاقتى 2017-6-23 08:13:33

ھەممە يىرى بولىدىكەن كاساپەت لىكىن باتارىيىسى بولمايدىكەن

xawkiy يوللانغان ۋاقتى 2017-6-26 11:24:43

ئالدىرماي بىر نىمە دەڭلار ئىشلىتىپ باققانلار بىر نىمە دەپ باقسا بولامدىكى

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2017-6-28 02:04:36

مەن بايا 128 جىلىقتىن بىرنى تالىشىپ ئالدىم. تېلېفون قولۇمغا تەگكەندە ۋاقتىم چىقسا ئالىپقا ئازراق بىر نەرسە يېزىپ باقىمەن.
بەت: [1] 2
: يىجىيا 5 OnePlus رەسمىي ئېلان قىلىندى